نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

پوۋېست: قارا يۈرەك - 9 (داۋامى بار)

پوۋېست: قارا يۈرەك - 9 (داۋامى بار)

ۋاقتى: 2015-03-03 ئاۋاتلىقى: 4557 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قارا يۈرەك (9) 
( پوۋېست )
ئاپتورى: سەمەت مۇھەممەد رامىزان
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
9
   يېشىل لىباس بىلەن ئورالغان قۇمتاش كەنتى ماي ئېيى كىرىشى بىلەن تېخىمۇ ئىللىشقا باشلىدى. ئەتراپتىكى باغ - ۋارانلاردىن يېقىنلاپ قالغان يازنىڭ شەپىسى كېلەتتى. سەھەر ئۇپۇقى ئوتقاشتەك قىزىرىپ، مەھەللە – كوي ئاستا - ئاستا يورۇشقا باشلىغان، باراقسان ئۆسكەن دەرەخلەرنىڭ پىنھانلىرىدا تۈنەپ چىققان قۇشلارنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى ئەمدىلا باشلانغان چاغ. مەھەللە مەسچىتىدىن يانغان جامائەت ئاخىرقى باھار پەسلىگە خاس ئارام بەخىشلىك سالقىن ھاۋادىن ھوزۇرلانغىنىچە گۇڭۇر - مۇڭۇر بولۇشۇپ ئۆيلىرىگە قاراپ مېڭىشقان ئىدى. تۇيۇقسىز كەنت كومىتېت قورۇسى ئىچىدىكى سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا ئورنىتىلغان يۇقىرى بېسىملىق كاناي ياڭراپ كەتتى. كانايدىن چىقىۋاتقان غاراڭ - غۇرۇڭ ئاۋاز سەھەرنىڭ يېقىملىق كۈيلىرىنى يۇتۇپ كەتتى. 
   — قۇمتاش كەنتىدىكى بارلىق ئەزالار، دىققەت! قۇمتاش كەنتىدىكى چوڭ - كىچىك، پىششىق - توڭ ھەممەيلەن گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! يېزىلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئالدىمىزدىكى ئىككى – ئۈچ كۈن ئىچىدە كەنتىمىزنىڭ قۇشقاچ ئۇۋىسى ياساش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ، ھە... تەكشۈرىدۇ! شۇڭا ھازىرغىچە قۇشقاچ ئۇۋىسى ياساپ بولالمىغان، ياسىغان بولسىمۇ جايىغا ياسىمىغان ئائىلىلەر بۈگۈندىن قالماي، ھە... بۈگۈندىن قالماي! قۇشقاچ ئۇۋىسىنى پۈتتۈرىمىز، ھە... پۈتتۈرىمىز!
   يۇقىرى بېسىملىق كانايدىن كۈندە دېگۈدەك ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان مۇشۇنداق قوپال، يېقىمسىز، سەت گەپلەرنى ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغانلار ئاڭلايدىغان بولسا ياقىلىرىنى تۇتۇپ ھەيران قېلىشقان بولار ئىدى. لېكىن بۇ مەھەللىلىكلەر تولا ئاڭلاپ كۆنۈپ قالغان بولسا كېرەك، ھېچكىممۇ ھەيران قالمىدى. كۆپ قىسىملار قىلىشىۋاتقان پاراڭلىرىنى توختىتىپ كېتىۋاتقان جايىدىلا جىم تۇرۇپ كانايدىن چىقىۋاتقان ‹‹چىرايلىق›› ئاۋازغا قۇلاق سالسا، يەنە بىر قىسىملار بىزار بولغاندەك پەرۋامۇ قىلماي كېتىۋېرىشتى.
   — ھاي، ھاي، جامائەت، خەپشۈك! تىنچ تۇرۇپ كانايغا قۇلاق سېلىڭلار، ساۋۇت مۇدىر يوليورۇق بېرىۋاتىدۇ، ئاڭلاپ باقايلى قانداق يېڭى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىكىن؟ - دېدى مەھەللە مەسچىتىگە يېڭىدىن ئىماملىققا بەلگىلەنگەن تۇردى قارى ياغاق يۈزلىرىنىڭ ئۇ يەر – بۇ يېرىگە ئۆسۈپ چىققان ئۆچكە ساقىلىنى سىيلاپ تۇرۇپ . كانايدىن ساۋۇت ساختىنىڭ قوپال ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى. 
   — قۇشقاچ ئۇۋىسىنى تېخنىكلارغا ياساتماي ئۆزى ياسىۋالغان، بەلگىلەنگەن جايغا ياسىمىغان پېتىر قۇلاقلار ئاڭلاپ تۇرۇش! ئۆزۈڭ بىلگەنچە ياسىۋالغان ئۇۋىلىرىڭ بىردەك چېقىپ تاشلىنىدۇ، ھە... چېقىپ تاشلىنىدۇ! ھازىرغىچە ئۇيقۇڭنى ئېچىشماي ئوسۇرۇپ يېتىۋاتقانلار ئۇيقۇڭنى ئېچىش، ھە.. ئۇيقۇڭنى ئېچىش! كەنتىمىزنىڭ تېخنىك كادىرىنى تېپىپ قۇشقاچ ئۇۋىسىنى قايتىدىن ياسىتىپ بولۇش ، ھە... ياسىتىپ بولۇش! كىمىكى بۈگۈندىن كېيىن قالسا 300 يۈەن جەرىمانە تۆلەيدۇ، ھە... جەرىمانە تۆلەيدۇ! 
   — قانداق گەپ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ ئەمدى؟ تېخنىكلار ياسىماي ئۆزى ياسىۋالغان قۇشقاچ ئۇۋىلىرى چېقىلىدۇ دەيدا، مىڭ بىر جاپادا قىلغان ئەمگىكىمىز بىكار بولامدۇ ئەمدى؟ تېخنىكلارمۇ ئۇۋىنى كېسەكتىن ياسايدىغۇ شۇ، - دېدى بىرى غۇدۇراپ.
   — لېكىن ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان ئۇۋىغا پۇل تۆلىمەيسىلەر، تېخنىكلار ياسىغانغا 100 يۈەن تۆلەيدىغان گەپ، تېخنىكلارمۇ پۇل تاپمىسا بولمايدۇ - دە؟ - دېدى يۇقىرىقى مەھەللىلىك سالى مەزىن تەنە ئارىلاش.
   — قىرىق تال كېسەك بىلەن بىر سائەتتىلا پۈتتۈرۈپ بولىدىغان قۇشقاچ ئۇۋىسى ئۈچۈن 100 يۈەن ئالامدىكەن؟ - ھەيران بولۇپ سورىدى بىرسى.
   — شۇنداق بولمايچۇ، ئۇ دېگەن رېھىم چۇخەي ئالاھىدە كاللا قاتتۇرۇپ قۇيغان يۇقىرى ‹‹تېخنىكىلىق›› كېسەك ئۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇشقاچ ئۇۋىسىنى كۈندە ياساپ يۈرمىگەندىكىن، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسا بولمايدۇ - دە!
   — ھەي، مۇشۇ قۇشقاچ دېگەنمۇ تېخنىك ياسىغان ئۇۋا بىلەن ئۆزىمىز ياسىغان ئۇۋىنى بىلىۋالامدىغاندۇ؟ ئۆزۈڭ ياسىۋالغان ئۇۋىغا قۇشقاچ ئۇۋىلىمايدۇ دەيدا تېخى!
   — نېمىگە شۇنچە تالاشقۇلۇق ئەمدى، تەشكىل نېمە دېسە شۇنى قىلغۇلۇققۇ، ئۇنى – بۇنى دېگەننىڭ قانچىلىك پايدىسى بار، چاق دېگەننى چېقىپ، كىمنى بەلگىلىسە شۇنىڭغا ياساتساقلا بولدىغۇ، - دېدى تۇردى ئىمام نەسىھەت قىلغاندەك.
   — شۇنداق قىلساققۇ تازا بولاتتى، ئىمام ئاخۇنۇم. لېكىنزە كىچىككىنە ئىشقا 100 يۈەن بېرىسەن دېسە بۇ پۇلنى قانداق قىلىمىزا؟...
   ئۇ ئۇنى دەپ، بۇ بۇنى دەپ بىردەملىك تالاش - تارتىشتىن كېيىن جامائەت تارقىلىپ، بىر – بىرلەپ ئۆيلىرىگە كىرىپ كېتىشتى.
   كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە بىردىن ئىككىدىن تالا - تۈزگە چىقىشقان قۇمتاشلىقلار بىر دەسسەپ – ئىككى دەسسەپ، ئەتىگەندىلا ئۇۋا ياساشنى باشلىۋەتكەن تۇردى ئىمامنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلدى. 
   — مۇشۇ ئۇۋا دېگەننى چوقۇم سىلە ياسىشىڭلار كېرەكمىكەن رېھىم بالا؟ - سورىدى دەرۋازا ئۈستىدە ھە دەپ ئۇۋا ياساۋاتقان رېھىم چۇخەيدىن پەستە تۇرغانلاردىن بىرسى.
   — ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ - دە، خېلى تەستە ئۆگىنىپ كەلگەن ھۈنەر بۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېزىلىق ھۆكۈمەتمۇ شۇنداق بەلگىلىگەن تۇرسا، - دېدى رېھىم چۇخەي پەستە تۇرغانلارغا مەغرۇرانە قاراپ قويۇپ.
   — نېمىسى تەس بۇ ئىشنىڭ، كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇپمۇ قىلىۋېتىمىز بۇنچىلىك ئىشنى، چوڭاملارمۇ شېرىك دەڭلار بۇ ئىشقا؟ - دېدى تامچى ئۇستامنىڭ كەينىدە ئىشلەپ يۈرگىنىگە خېلى يىللار بولغان تۇرسۇن سۇۋاق، - ئۆي سالغاندىنغۇ تەس ئەمەستۇ؟ بولدى، مەن يەنىلا ئۆزۈملا ياسىۋالاي باشلىقلارغا يارىغۇدەك قىلىپ.
   — بولماسمىكىن، ئۇۋا ياساشنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق تېخنىكا تەلىپى بار دەيمەن، - دېدى رېھىم چۇخەي سىرلىقلاشتۇرۇپ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىشنىڭ ھېچقانداق مۇرەككەپلىكى يوق، ئۆزىمۇ قولىنىڭ ئۇچىدىلا ھاپىلا - شاپىلا پۈتتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ۋەزىپە ئورۇنلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن 100 يۈەن پۇلنى ئوڭايلا تېپىپ چۆنتىكىنى توملاۋاتاتتى.
   — ۋۇي، ھەممىڭلار بۇ يەرگە يىغىلىۋېلىپ گەپ تالاشقىلى تۇرۇپسىلەرغۇ ئۆز ئىشلىرىڭلارنى قىلماي. رېھىم تېخنىكنىڭ قولى بىكار بولغىچە تەييارلىق قىلىپ تەق بولۇپ تۇرۇشساڭلار بولمامدۇ؟ - دېدى يەردىن ئۈنگەندەكلا پەيدا بولغان ساۋۇت ساختا يىغىلىۋالغانلارغا قاراپ، - بۇ يەردە قوزۇقتەك دىڭگىيىپ تۇرغانغا ئىش پۈتمەيدۇ - دە؟
   — ئۇغۇ شۇنداق ساۋۇت سېكرىتار، ئەمدى يانچۇقىمىز سەل بوشراق تۇرىدۇ، شۇڭا رېھىم تېخنىكنىڭكىگە ئوخشىتىپ ئۆزىمىزلا ياسىۋالايلىمىكىن دەپ...
   — قەتئىي بولمايدۇ! يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، بىزنىڭ كەنتنىڭ قۇشقاچ ئۇۋىلىرىنى چوقۇم رېھىم تېخنىك ئۆز قولى بىلەن ياساپ چىقىشى كېرەك. ئۇنداق بولماي تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولۇپ قالسا كىم مەسئۇل بولىدۇ؟! - دېدى ساۋۇت ساختا گەپنىڭ بېلىگە تېپىپ. ئۇنىڭ چىرايى قارىداپ كەتتى. ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى سەزگەن بىرنەچچەيلەن جىم بولۇپ قېلىشتى.
   — ھە، بارات چوڭ، سىلىمۇ تېخى تۇتۇش قىلماپسىلەرغۇ ئاداش، سىياسەتنى بىلىپ تۇرۇپ قانداق بولغىنى بۇ ئەمدى؟ - ساۋۇت ساختا ئاۋازىنى سەل سىيلىقلاشتۇرۇپ سورىدى يولنىڭ نېرىقى قېشىدا ئولتۇرۇپ تاماكا ئوراۋاتقان بارات چوڭغا يۈزلىنىپ.
   — ياساپ بولدۇم سېكرىتار، خېلى كېلىشتۈرۈپ ياسىدىم. بېرىپ كۆرۈپ باقىمىزمۇ - يا؟ - دېدى باياتىننىڭياقى گەپكە ئارىلاشماي ئولتۇرغان بارات چوڭ ئورنىدىن تۇرۇۋېتىپ.
   — مەن كۆرمەيمەنغۇ ئەمىسە؟ قەيەرگە ياسىدىڭلار ئۇۋىنى؟
   — ھە، مۇنداق ئىش: ئۈلۈشكۈن مۇئاۋىن يېزا باشلىقى يارمۇھەممەت مەھەللە ئارىلاپ كەپتىكەن، ئۇ ‹‹قۇشقاچ دېگەن ياۋا جانىۋار، دائىم ئادەم ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، كۆزگە يېقىن يەردىن ئۈركۈيدىغان گەپ، شۇڭا قۇشقاچ ئۇۋىسى دېگەننى كۆزدىن يىراق، ئادەم كۆپ بارمايدىغان پىنھانراق جايلارغا ياسىغان ياخشى›› دېۋىدى ئويلاپ كۆرسەم راست، شۇڭا ئۇۋىنى بېغىمىزنىڭ نېرىقى بۇلۇڭىدىكى تاشلاندۇق سامانلىقنىڭ ئۈستىگە ياساپ قويدۇم. قېرى ئۈجمىنىڭ سايىسى ئوبدان چۈشىدىغان، ئۇۋا سېلىشقىلا مۇۋاپىق جاي ئۇ.
   — نېمە دېدىڭلار؟ قۇشقاچنى ياۋا قۇش دېدىڭلارما؟ كىم دەيدۇ قۇشقاچنى ياۋا دەپ، ياۋا قۇش دېگەن چۆل - جەزىرە، جاڭگاللاردا بولمامدۇ، ھويلىمىزدىكى دەرەخلەرگە قونۇپ، توخۇلىرىمىزدىن دان تالىشىپ، ئەتراپىمىزدا بەھۇزۇر ئۇچۇشۇپ يۈرگەن قۇشقاچلار قانداقلارچە ياۋا قۇش بولىدۇ؟ قۇرۇق گەپنى قويۇپ قۇشقاچ ئۇۋىسىنى باشقىلارغا ئوخشاش دەرۋازاڭلارنىڭ بېشىغا، يول تەرەپكە توغرىلاپ دەرھال ياسىتىڭلار.
   — قايناپ كەتمەڭلار سېكرىتار، ئويلاپ باقمامسىلەر، قۇشقاچ دېگەن سېپى ئۆزىدىن ياۋا قۇشقۇ، ئادەمنىڭ قارىسىنى كۆرسىمۇ ئۈركۈيدىغان قۇشقاچقا ئۈچيۈز ئاتمىش كۈن ئادەملەر غىچىرلىتىپ ئېچىپ - يېپىپ كىرىپ - چىقىپ تۇرىدىغان دەرۋازىنىڭ بېشىغا، يەنە كېلىپ يول تەرەپكە توغرىلاپ ئۇۋا ياساپ بەرسەك، قۇشقاچ كىرىپ ئۇۋا تۇتارمۇ؟
   — نېمىشقا ئۇۋا تۇتمايدىكەن، قۇشقاچ دېگەن تۆشۈكلا بولسا ئۇۋا تۇتىۋېرىدۇ. مەن بىلەن تالاشماي، دېگەن يەرگە ئۇۋا ياسىتىڭلار، بولامدۇ؟ - دېدى تەئەددى بىلەن ساۋۇت ساختا. بارات چوڭنىڭ ئاچچىقتىن چىرايى تاتىرىپ، كۆزلىرى چەكچىيىپ، كالپۇكلىرى تىترەپ كەتتى. 
   — بولدى قىلىڭلار، ئارتۇقچە تالاشماڭلار بارات چوڭ، سېكرىتارنىڭ دېگىنى بويىچە ئۇۋا ياسىمامسىلەر، قۇشقاچ ئۆزى كىرمىسە، بىز تۇتۇپ سولاپ قويارمىز – يا، - دېدى بىرسى ئۈنلۈك ئاۋازدا.
   — ياكى بولمىسا ئۇۋا ئەتراپىنى سىم تور بىلەن ئوراپ، شەھەرگە كىرىپ خەنزۇ بازىرىدىن رەڭلىك قۇشقاچتىن بىر نەچچە جۈپتىن سېتىۋېلىپ كېلىپ سولاپ باقارمىز، - دېدى يەنە بىرسى ھېجايغىنىچە.
   — شاتۇتى باقساقمۇ بولامدۇ، سېكرىتار؟ - ۋاقىرىدى بىر يىگىت كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ بىر ئۇيانغا، بىر بۇيانغا ئالاق - جالاق قاراۋاتقان ساۋۇت ساختىغا قاراپ.
   — بولدى، ۋالاقشىشما! كىمىڭنى مازاق قىلىشىسەن، ھە؟! بۇ مېنىڭ ئىشىمما؟ بىلىپ قويۇش، بۇ يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، سىياسى ۋەزىپە! شۇڭا چوقۇم ۋەزىپىنى ئورۇنلاش لازىم، بولمىسا جەرىمانە تۆلەيدىغان گەپ! - ئوتى ئۇلۇغ كەلگەن قازاندەكلا قايناپ كەتتى ساۋۇت ساختا، - ئاۋۇ باغنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا، ھاجەتخانىنىڭ ئۈستىلىرىگە ياسالغان، ئىزدەپ كىرمىسە كۆرگىلى بولمايدىغان ئۇۋىلارنى دەرھال چېقىۋېتىش. 
   — شۇنداق ئەپلىك جايغا مىڭ بىر جاپادا ياسىغان قۇشقاچ ئۇۋىسىنى چېقىۋېتەمدۇق؟ بولدى، مەن ئۇنىمۇ چاقمايمەن، دەرۋازا بېشىغا يەنە بىرنى سالدۇرۇپ قويساملا بولمىدىمۇ، - دېدى قويۇق ئۆسكەن بۇرۇتى قارامتۇل چىرايىغا خوپ ياراشقان، گەۋدىلىك، تەتۈر ئۇستىخان يىگىت قەھرلىك قاراپ.
   — ‹‹زىيالى، قىلغان ئىشى خىيالى›› دەپ، مەن نېمە دەۋاتىمەن، سەن نېمە دەۋاتىسەن ئاداش، ئۇنى چېقىۋەتمىسەڭ قۇشقاچ شۇ يەرگە ئۇۋا تۇتۇۋېلىپ، دەرۋازا بېشىدىكى ئۇۋا قۇرۇق قالمامدۇ. يەنە دەپ قوياي ئۇۋا ئىچىگە ئاز – تولىدىن چاۋا -چاتقال سېلىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قېلىشما، ھەر بىر تۆشۈك ئېغىزىغا قۇشقاچ پوقىدىن چېچىپ قويۇش! ئۇۋىغا قۇشقاچ كىرمىسە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكىلى بولمايدىغان گەپ.
   — بىزنىڭ مەقسىتىمىز قۇشقاچقا ئۇۋا ياساپ قۇشقاچنىڭ كۆپىيىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشمۇ ياكى ۋەزىپە ئورۇنلاپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتىۋېلىشمۇ؟ مەن چاقمايمەن دېدىم، چاقمايمەن، - يىگىتنىڭ ئۆتى تاشقان ئىدى.
   — ھاي بالام، بولدى ئۇنداق دېمە، سېكرىتار دېگەن كەنتىمىزنىڭ چوڭى، ئۆز كىشىمىز، بىزگە يامانلىق ئويلىمايدۇ، ماڭ بېرىپ سېكرىتارنىڭ دېگىنى بويىچە قىل، - دېدى چىرايىدىن قان تەپچىرەپ تۇرىدىغان، ساقال - بۇرۇتىنى رەتلىك ياسىتىۋالغان، شالاڭ چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان، كۆپنى كۆرگەن كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان، ئېگىز بويلۇق بوۋاي يىگىتنىڭ دۈمبىسىدىن ئىتتىرىپ. بوۋاي ئەسلى ‹‹شۇ كەمگىچە سېكرىتارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەنلەردىن زىيان تارتمىغىنى يوق، ‹ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن، ئەرباب سالۇر ھەر باپ بىلەن› دېگەن گەپ بارغۇ›› دېمەكچى بولۇۋىدى، يەنە بىر كۈتۈلمىگەن ئاۋارىچىلىقنىڭ چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىچىگە يۇتىۋەتتى. ئۇ ‹‹پوققا چالما ئاتسا، يۈزگە چاچرايدۇ›› غانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.
   تالاش – تارتىش بىر ئاز بېسىقىپ، توپلىشىۋالغان كىشىلەر بىردىن – يېرىمدىن ئۆز ئىشلىرىغا مېڭىشقا تەمشىلىۋاتقاندا، يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرەپتىن قۇيۇندەك كەلگەن قارا رەڭلىك بىر سانتانا تۇردى قارى ئىمامنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ يولنىڭ چېتىگىرەك توختىدى. 
   — ھە، ساۋۇت سېكرىتار، سىلىمۇ بۇ يەردىكەنسىلەر - دە، كەنت ئىشخانىسىدا بىرمۇ ئادەم يوققۇ؟ - دېدى ماشىنىدىن چۈشكەن يېزا باشلىقى دولقۇن سالام – سائەتنىمۇ ئۇنتۇپ سوغۇق بىر تەرىزدە. كىشىلەر ئۇنىڭ قىش ئاسمىنىدەكلا تۈرۈلگەن چىرايىغا قاراپ سەل ھەيران بولۇشتى. ئۇنىڭ چىرايىدىن ئاللاقانداقتۇر بىر خىل خاپىلىق ئالامىتى چىقىپ تۇراتتى.
   — خوش، يېزا باشلىقى، تىنچ كەپلا، بۈگۈن كەنت كادىرلىرى ھەممىمىز بۆلۈنۈپ، مەھەللىمۇ – مەھەللە تەكشۈرۈپ، قۇشقاچ ئۇۋىسى ياساپ بولالمىغان قاشاڭلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتىمىز شۇ، لېكىن بەزى بىر قاشاڭ، گەدەنكەشلەر قاش قاڭتۇرۇپ...
   — نېمە! قاش قاڭتۇرۇپ؟ قانداق گەپكەن ئۇ قاش قاڭتۇردى دېگەن؟ تېگى ئۆزۈڭلار بوش، كەنتتىكىلەر نېمە ئىش قىلىسىلەر قاش قاڭتۇرغانلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلماي...
   — بىزمۇ شۇ جەرىمانە قويايلى دېيىشكەن، بىراق شۇ يانچۇقىدا پۇلى بولمىغاندىكىن بېزىرىپ تۇرۇۋالسا، ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولماسمىكىن دەپ...
   — قويۇڭلار ئۇنداق ئوسۇرۇق گېپىڭلارنى. يانچۇقىدا پۇلى بولمىسا ئېغىلىدا مېلى بار، مېلى بولمىسا تېرىيدىغان يېرىغۇ باردۇ؟ مۇشۇنداق قىلىپ يۈرسەڭلار ۋەزىپىنى قانداق ئورۇنلايسىلەر، تەكشۈرۈشتىن قانداق ئۆتىسىلەر؟ ئايلىنىپ كۆرۈپ باقتىم، خېلى كۆپ ئائىلىلەر ئۇۋىنى تېخىچە ياساپ بولالماپتۇ.
   — ياساشنىغۇ ياسىغان، لېكىن دەرۋازا بېشىغا، يول بويى تەرەپكە ياسىماي، بېغىنىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغا، ئادەم كۆرمەيدىغان پىنھان جايلارغا ياساپ قويۇپتۇ ئەمەسمۇ بەزى پىتىر قۇلاقلار.
   — بىز يىغىندا قۇشقاچ ئۇۋىسىنى چوقۇم ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ دەرۋازا بېشىنىڭ چوڭ يولغا قارايدىغان تەرىپىگە، كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان يېرىگە سېلىشى، تەكشۈرگىلى كەلگەنلەر پاپىدادىن چۈشمىسىمۇ يولدا كېتىۋېتىپ ئوچۇق كۆرەلەيدىغان بولۇشى، ئۇۋىنى چوقۇم بەلگىلەنگەن تېخنىكلار سېلىشى كېرەك دەپ ئېنىق ئورۇنلاشتۇرغانغۇ، سىلەر چۈشەندۈرمىدىڭلارما؟
   — چۈشەندۈرمەمدىغان، كانىيىمىز يىرتىلغۇدەك ۋارقىراپ چۈشەندۈردۇق.
   — ھەي قاراڭلار، بىز سېكرىتار بىلەن ئېيتىشقىنىمىز بىلەن ئەسلىدە سۇ باشتىنلا لاي ئىكەن ئەمەسمۇ، مانا يېزا باشلىقىمۇ ئۇۋىنى يولدا كېتىۋېتىپ بىمالال كۆرگىلى بولىدىغان ئوچۇق - يورۇق يەرگە ياساش كېرەك، چوقۇم بەلگىلىگەن تېخنىكلار ياساش كېرەك دەيدىغۇ، رېھىم چۇخەي راستىنلا چوڭاملار بىلەن شېرىك ئوخشايدۇ جۇمۇ؟ - دېيىشتى ئەتراپتىكىلەر بىر - بىرسىگە كۇسۇرلىشىپ.
   — ھەممىسىنىڭ گېپى بىر، مەقسىتى شۇ ۋەزىپە ئورۇنلاش، مۇكاپات ئېلىش، رېھىم چۇخەي تاپقان پۇلغا شېرىك بولۇشقۇ تايىنلىق، - دېدى بىرسى پەس ئاۋازدا.
   — ھەي، ھەي قاراڭلار، بۈگۈن يېزا باشلىقىنىڭ ئەلپازى يامان تۇرىدۇ، ناھىيەنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن تەنقىد ئاڭلىدىمۇ – نېمە؟
   — ناتايىن، باشلىق دېگەننىڭ مىجەزىنى بىلمەيدىكەنسىلەر جۇمۇ، ئۇلار بارغۇ، كېچىسى خوتۇنى بىلەن رەنجىشىپ قالسىمۇ، دەردىنى ئەتىسى قول ئاستىدىكىلەردىن ئالىدىغان خەق.
   — كىم بىلىدۇ، بەلكىم تۈنۈگۈن كەچ رەڭلىك سورۇندا جىقراق ئويناپ قويغان بولسا مەستلىكىدىن يېشىلەلمەيۋاتامدۇ تېخى، باشلانغۇچنىڭ خانىملىرىنى ئالامەت دەيدۇ ھازىر، - ئەتراپتىن پىخىلدىغان كۈلكە ئاڭلاندى.
   — ھەر قايسىلىرىمىز گەپ بولسا ئوچۇق دېيىشەيلى ھە، ئوچۇق دېيىشەيلى! ھۆپۈپتەك كۇس ئوسۇرۇشۇپ، گېپىڭلارنى تېشىڭلارغا چىقىرالماي بويۇڭلاردا قالمىسۇن ھە، بويۇڭلاردا قالمىسۇن! - ساۋۇت ساختا بىردە ئەتراپتىكىلەرگە، بىردە ئۆزىگە مىختەك قادىلىپ تۇرغان يېزا باشلىقىغا قاراپ گېپىنىڭ ئاخىرىنى تاپالماي قالدى.
   — بولدى، دەيدىغاننى دەپ بولغاندىكىن تولا ئەزمەڭلارنى ئەزمەي، مەن بىلەن مېڭىڭلار، باشقا مەھەللىلەرنىمۇ كۆرۈپ كېلەيلى، بۈگۈن كەچكىچە ئۇۋىنى پۈتتۈرەلمىگەنلەر بىلەن ئەتە ھېساب - كىتاب قىلىشىمىز.
   ئۇلار يەنە بىرمۇنچە ۋالاقلىغاندىن كېيىن كىملەردىندۇر بىزار بولغاندەك ئېغىر پۇشۇلداشقىنىچە ماشىنىغا چىقىپ مەھەللىنىڭ غەرب تەرىپىگە قاراپ يول ئالدى.
   ‹‹خۇدا كۆڭلۈڭلارغا ئىنساپ بەرگەي ئىلاھىم، پەيلىڭلارنى يامان قىلمىغايسىلەر، بىزدەك يۇۋاش - يۇمشاق بەندىلەرنىڭ پىكىر - تەلەپلىرىنى ئويلىشىپمۇ باقارسىلەر ئىلاھىم!›› دېدى بوۋاي ئىچىدە توپا - چاڭ توزۇتۇپ كەتكەن پىكاپنىڭ ئارقىسىدىن قارىغانچە غۇدۇراپ.
   — ئەزالارنىڭ يېنىدا قاتتىقراق تېگىپ قويدۇم، سا سېكرىتار. شۇنداق قىلمىساق ھەيۋەڭلار ئاقماي قالىدۇ، سېلىنىڭ گېپىڭلارنى گەپ قىلىش ئۈچۈنلا شۇنداق قىلدىم، رەنجىمەيدىغانسىلەر؟ - دېدى يېزا باشلىقى يۈزىگە باشقىدىن كۈلكە يۈگۈرتۈپ ئارقىدا ئولتۇرغان ساۋۇت ساختىغا قىيا بۇرۇلۇپ.
   — يوقسۇ، يېزا باشلىقى، تازا جايىدا بولدى، ئۇ گەدەنكەشلەرگە ئاز –تولا ئۆزىنى كۆرسىتىپ ھەيۋە قىلىپ قويمىسىمۇ بولمايدۇ دېسىلە.
   — خوش، ئۆز گېپىمىزگە كېلەيلى، مەن ئەسلى سىلە دېگەن ھېلىقى ياغاچلارنى كۆرۈپ كېلەي دەپ كەلگەن.
   — خوش، ئوبدان. ئەمىسە ئالدىمىزدىكى يول ئېغىزىغا بارغاندا سولغا بۇرۇلايلى، - دېدى ساۋۇت ساختا نېمىدىندۇر خىجىل بولغاندەك بېشىنى تاتلاپ تۇرۇپ، - لېكىنزە مەن تېخى تېرەكلەرگە بەلگە قىلىپ ئۈلگۈرمىگەن ئىدىم، ھازىرلا بېرىپ ئۆزلىرىگە يارىغانغا بەلگە قىلىپ قويايلى بولمىسا.
   — نېمە ئۇ بەلگە قىلىپ قويايلى دېگەن، ياغاچنى ئەتىلا كەسمىسەك بولمايدۇ. مەن سىلىگە دېگەن مۇسا ھاكىم بىلەن توختى مۇدىر ناھىيە بازىرىنىڭ چېتىگىرەك يانداشتۇرۇپ قورۇ - جاي سېلىۋاتىدۇ دەپ، ھازىر ياغاچ چىقارغىدەك بوپتۇ، ئەتە ياغاچ كېسىدىغانلا كېلىپ ئۆينىڭ ئۆلچىمى بويىچە كەسمەكچى، سىلە ھە - ھۇ دېيىشىپ بېرىڭلار، كېسىپ پارىلاپ بولغاندىن كېيىن ماشىنا كېلىدۇ، سىلە كۈچ تەشكىللەپ بېسىشىپ بەرسەڭلارلا بولىدۇ.
   — ھە، توختايلى، توختايلى، مۇشۇ يەر شۇ، - دېدى ساۋۇت ساختا گەپنى بۆلۈپ. ماشىنا يولنىڭ قىرىغا توختىدى.
   — مانا يولنىڭ ئىككى چېتىدىكى مۇشۇ تېرەكلەردىن كەسسەك بولىدۇ، - دېدى تەكشى يوغىناپ ئاسمان بىلەن بوي تالاشقان، تۈپتۈز كەتكەن يولغا قويۇق سايە تاشلاپ تۇرغان سۇۋادان تېرەكلەرنى كۆرسىتىپ.
   — تازا كېسىمگە كەپتۇ مانا، ماڭىمۇ ئازراق ياغاچ لازىم جۇمۇ، سەمىڭلىدە بولسۇن.
   — ئوبدان، ئوبدان، ياغاچ دېگەن سىلىدىن ئايلانسۇن، ئۇنىمۇ ئەتە كەستۈرۈپ قويامدىم؟
   — ياق، ياق. ھە راست، ئۆتكەندە قانچە ئائىلىگە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش پىلانى تۈزگەن ئىدىڭلار؟
   — 20 ئائىلىگە يېزا باشلىقى، ھەر بىر ئائىلىگە 20 تۈپتىن ياغاچ بېرىمىز دەپ 400 تۈپ ياغاچنى كېسىشكە ئورمان پونكىتىدىن ئىجازەتنامە ئېلىپ تەييار قىلىپ بولغان.
   — بىر ئائىلىگە 15 تۈپ ياغاچ بەرسەڭلار يېتەمدۇ؟
   — يېتىپ ئېشىپ قالىدۇ، يېزا باشلىقى.
   — ياخشى، ئۇنداق بولسا 20 ئائىلىگە 15 تۈپتىن ھېسابلاپ 300 تۈپنى تارقىتىپ بېرىڭلار، قالغان 100 تۈپنىڭ 40 تۈپى مۇسا ھاكىمغا، 40 تۈپى توختى مۇدىرغا بولسۇن، 20 تۈپنى ماڭا قالدۇرۇپ قويۇڭلار. ھېساباتىنى ئۆزۈڭلار مۇۋاپىق توغرىلاپ قويارسىلەر، مۇشۇنداق قىلساق سىلىنىڭچە...؟
   — مۇشۇنداق قىلايلى، ھېساباتىنى ‹‹يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى ياردەم مەبلىغى›› ھېساباتىدا چانمىغۇدەك بىر تەرەپ قىلىۋەتسەك ھېچ ئىش چىقمايدۇ، خاتىرجەم بولسىلا، يېزا باشلىقى.
   — تەۋەيىڭلاردا ئۆي سېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان شەھەرلىكلەردىن يىغىۋالغان ‹‹پارچە - پۇرات›› پۇللاردىن قانچىلىك بار؟
   — ئىككى يىلدىن بېرى يىغىۋالغان پۇل 8000 كويدىن كۆپرەك، تېخى بىر تىيىننىمۇ ئىشلىتىپ باقمىدۇق.
   — ياخشى، كىيدۈرۈشكە بولىدىغان قالپاقلارنىڭ ھەممىسىنى كىيدۈرۈپ، ئالىدىغان پۇلنى يەنە ئازراق كۆپەيتىڭلار، بۇ يىل يىل ئاخىرىدا شۈي سېكرىتار ئىچكىرىگە ساياھەتكە بارماقچى، قاراپ تۇرساڭلارمۇ بولماس.
   — چاتاق يوق، يېزا باشلىقى، دېگەنلىرىدەك قىلىمەن.
   — سىلىنىڭ شۇ يېرىڭلارنى دەيمەن ئەمەسمۇ؟ ئاددى ئادەم ئەمەس جۇمۇ سىلە، كىشىنىڭ ئاچقان يېرىگە بارىسىلە - دە! ئىشلار شۇنداق بولسۇن ئەمىسە، چۈش بولايمۇ دەپ قاپتۇ، بىر يەرگە بېرىپ توخۇ شورپىسىدىن تېتىپ كۆرمەيمىزمۇ؟
   — مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ تۇرغان يېزا باشلىقى، ھويلىدا سىلى ئۈچۈنلا ئاتاپ بېقىپ قويغان ئىككى تال خوراز بار ئىدى، تازا سەمرىدى، غاچ - غۇچلا شۇنى...
   — ياق، ياق، بۈگۈن مەن مېھمان قىلىمەن، شۇ تاپتا ئوي مەھەللىدىكى بىرسى ئۆيىدە بىزنى ساقلاۋاتىدۇ، قېنى ماڭايلى ئەمىسە.
(داۋامى بار)
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
   ئەسكەرتىش: مەزكۇر پوۋېستنى ئاپتورنىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى