نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

يەرشارىغا ئوخشايدىغان پېلانېتا بايقالدى

يەرشارىغا ئوخشايدىغان پېلانېتا بايقالدى

ۋاقتى: 2015-07-24 ئاۋاتلىقى: 4318 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) يەرشارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان پېلانېتانى بايقىغانلىقىنى جاكارلىدى


بۇ سۈرەتتىكىسى 23-ئىيۇل ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) ئېلان قىلغان ئۈنۈم خەرىتىسىدە كۆرسىتىلگەن يەرشارى (سولدا) ۋە قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى چوڭ-كىچىكلىكى يەرشارى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان تۇنجى پېلانېتا ـــ ‹‹كېپلېر–452b››.

    شىنخۇا تورى، لوس ئانژېلېس، 23-ئىيۇل تېلېگراممىسى، توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى: شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 23-ئىيۇل، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) سىنلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاسترونوملارنىڭ كېپلېر ئالەم تېلېسكوپى ئارقىلىق خابىتابول زوننىسىدا قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى چوڭ-كىچىكلىكى يەرشارى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان، قۇياشقا ئوخشاش كېتىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇزنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى پېلانېتانى بايقىغانلىقىنى دەللىلىگەن.

    بۇ ‹‹كېپلېر–452b›› دەپ نام بېرىلگەن پېلانېتا يەرشارىدىن % 60 چوڭ، ئايلىنىش دەۋرى 385 كۈن بولۇپ، يەرشارىنىڭ ئايلىنىش دەۋرىدىن پەقەت % 5 لا ئۇزۇن. يەنە دەۋرىي ئايلىنىۋاتقان تۇرغۇن يۇلتۇزمۇ قۇياشقا ئوخشاپ كېتىدىكەن، ‹‹يېشى›› 6 مىليارد ياش بولۇپ، قۇياشنىڭ ‹‹يېشى››دىن 1 مىليارد 500 مىليون يىل چوڭ، ئۇنىڭ تېمپېراتورىسى قۇياشقا ئوخشاپ كېتىدىكەن، ماسسىسى قۇياشتىن % 4 چوڭ، دىيامېتىرى قۇياشتىن % 10 چوڭ، يورۇقلۇقى قۇياشتىن % 20 كۈچلۈك ئىكەن.

   يېڭىدىن بايقالغان پېلانېتېا ‹‹كېپلېر–452b››نىڭ يەرشارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1400 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمىدە بولۇپ، خابىتابول زوننىسىغا جايلاشقان. خابىتابول زوننىسىنىڭ تېمپېراتورا شارائىتى مۇۋاپىق بولۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىن سىرتقى يۈزىدە ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان سۇيۇق ھالەتتىكى سۇ بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. نۆۋەتتە ‹‹كېپلېر–452b››نىڭ مۇقىم ھالەتتىكى پېلانېتا ئىكەنلىكىنى دەللىلىگىلى بولماسلىقىدىن، سۇ ياكى ئاتموسفرا بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، بۇ تۇرغۇن يۇلتۇز شەك-شۈبھىسىزكى، يەرشارى بىلەن ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سىستېمىنىڭ سىرتىدىكى پېلانېتادىن ئىبارەت.


   شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان كېپلېر ئالەم تېلېسكوپىنىڭ يېڭى بايقىشى خابىتابول زوننىسىدا ھەرقايسى ئۆزلىرىنىڭ تۇرغۇن يۇلتۇزىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان، دىيامېتىرى يەرشارى دىيامېتىرىنىڭ بىر ياكى ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىغان سىستېمىنىڭ سىرتىدىكى پېلانېتادىن جەمئىي 12 سى بارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ‹‹كېپلېر– 452b››نىڭ مەۋجۇتلۇقى دەلىللەنگەن. بۇ پېلانېتالار تۇرغۇن يۇلتۇزلارنى ئايلانغاندا، قۇياش بىلەن چوڭ-كىچىكلىكى ۋە تېمپېراتورىسى يېقىن كېلىدىغان پېلانېتادىن توققۇزى بار ئىكەن.

   ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA)نىڭ شۇ كۈندىكى باياناتىدا، بۇ 12 كىچىك پېلانېتانىڭ بايقىلىشىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ‹‹يەنە بىر يەرشارى›› ئىزدەش يولىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىنغان.

   كېپلېر ئالەم تېلېسكوپى بايقىغان يەرشارى بىلەن ھەجمى ئوخشاپ كېتىدىغان، خابىتابول زوننىسىغا جايلاشقان پېلانېتانىڭ پەقەت ‹‹كېپلېر–452b›› بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇلتۇر، ئاسترونوملار كېيلېر ئالەم تېلېسكوپىدىن پايدىلىنىپ ھەجمى يەرشارى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان، خابىتابول زوننىسىغا جايلاشقان پېلانېتا ـــ ‹‹كېپلېر–186f››نى بايقىغان. بىراق، ئۇ پېلانېتانىڭ ئايلىنىۋاتقىنى قىزىل پەتەك يۇلتۇز، يەنە كېلىپ قۇياشقا ئوخشاش تۇرغۇن يۇلتۇز بولمىغاچقا، ئاسترونوملار ئۇنى پەقەت يەرشارىنىڭ ‹‹نەۋرە ئىنىسى››، ئەمما ‹‹قوشكېزەك ئىنىسى›› ئەمەس دەپ قارىغان.


   23-ئىيۇل، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) يەنە كېپلېر ئالەم تېلېسكوپى بايقىغان سىستېمىنىڭ سىرتىدىكى ‹‹گۇمانلىق›› پېلانېتادىن 521 نى بايقىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بايقىغان بۇ تۈردىكى پېلانېتانىڭ سانىنىڭ 4696 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۈگۈنگىچە، ئىنسانلار تاپقان سىستېمىنىڭ سىرتىدىكى پېلانېتانىڭ ئومۇمىي سانى 1900 دىن ئېشىپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كېپلېر ئالەم تېلېسكوپى دەلىللىگەنلىرىدىن 1030 ى بار.

   600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان كېپلېر ئالەم تېلېسكوپى 2009-يىلى 3-ئايدا بوشلۇققا قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، دۇنيادىكى تۇنجى مەخسۇس قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى پېلانېتالارنى ئىزدەيدىغان ئالەم ئۈسكۈنىسىدىن ئىبارەت. 2013-يىلى كېپلېر ئالەم تېلېسكوپىنىڭ ئىنكاس چاقىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن براك قىلىنغان، ئەمما ئالىملارنىڭ تىرىشچانلىقىدا بۇ تېلېسكوپ قايتىدىن ئوڭشاپ ئىشلىتىلگەن.

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى



بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى