دۇنيادىكى ھاقارەت مەنىسىدىكى 10 خىل قول ئىشارىسى
-
دۇنيادىكى ھاقارەت مەنىسىدىكى 10 خىل قول ئىشارىسى
ۋاقتى: 2015-11-27 ئاۋاتلىقى: 6473 قېتىميانفوندا كۆرۈش
دۇنيادىكى 10 چوڭ ھاقارەت مەنىسىدىكى قول ئىشارىسى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
سىز نېمىشقا ئوتتۇرا بارمىقىڭىزنى تىكلەش ئارقىلىق غەزىپىڭىزنى ئىپادىلەيسىز؟ ئوتتۇرا بارماقنى كۆزەينەكنىڭ قىسقۇچى شەكلىگە كەلتۈرۈپ باشقىلارنى ھاقارەتلىگىلى بولامدۇ؟ بۈگۈن كۆپچىلىككە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھاقارەت مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان قول ئىشارىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ئوتتۇرا بارماق ھەققىدە بىز بۇ يەردە توختالمايمىز.
10. كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئوتتۇرا بارماقىنى بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىدە ھەرىكەتلەندۈرۈش.
مەنىسى: مېنىڭچە سەن ئىشەنچسىزكەنسەن.ئىشلىتىلىدىغان رايون: ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىبۇ خىل قول ئىشارىسىدىن پايدىلىنىپ قارشى تەرەپنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنى بىلىپ قالغانلىقىنى، قارشى تەرەپنىڭ كېيىن دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.
9. ئالدى بىلەكنى كۆتۈرۈپ، تۇيۇقسىزلار جەينىكىنى چىقىرىش
مەنىسى: سەن بەك بېخىلكەنسەن.ئىشلىتىدىغان رايونلار: مېكسىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىبىز يۈرەكنى سۆيگۈگە سىمۋول قىلىمىز، خۇددى شۇنىڭدەك لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدا جەينەك ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ بېخىللىقىنى سۈپەتلەيدۇ. مېكسىكىدا جەينەك ئارقىلىق بېخىللىقنى سۈپەتلەيدىغان ئىشلار كۆپ ئۇچرايدۇ، مېكسىكىنىڭ بېخىللىرىنى «muy codo» دەپ ئاتايدۇ. بۇ سۆز جەينەكنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ناۋادا سىزنىڭ دوستىڭىز ھەر قېتىم تاماق يەپ پۇل تۆلىمىسە، سىز ئۇنى بۇ خىل قول ئىشارىسى بىلەن ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىشلەتكەندە جەينەك بىلەن شىرەنىڭ ئاستىنى نوقۇپ قويسىڭىز، بەك ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
8. مۇشتۇمنى تۈگۈپ، ئاندىن باش بارماقنى چىقىرىپ، ئۇدۇل چىشىنىڭ ئۈستىگە قويۇش.
مەنىسى: سەن ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئەبلەخئىشلىتىدىغان رايونلار: ھىندىستان، پاكىستانناۋادا سىزنىڭ يېنىڭىزدا بىرەر ھىندىستانلىق ياكى پاكىستانلىق سىزنىڭ ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرگەن بولسا، يۇقىرىدقىدەك قول ئىشارىسىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ خىل قول ئىشارىسىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ھىندىستان بىلەن پاكسىتاندا كەڭ تارقالغان. ئىشلەتكەندە «ئۆتۈپ بارە» دېگەن سۆزنى قوشۇپ ئىشلىتىش كېرەك.
7. ئىككى بىلەكنى بىر بۇلۇڭ ھالىتىگە ئەكىلىپ، پەسكە چۈشۈرۈپ، ئىككى قولنىڭ بارماقلىرىنى تەگكۈزۈش
مەنىسى: سەن بىلەن كارىم يوق.ئىشلىتىدىغان رايون: گرېتسىيەبۇ قول ئىشارىسىنىڭ خەنزۇ تىلىدا «مەن ئۇنىڭ ئىسمىنى گەندىگە يېزىپ قويدۇم» دېگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن خاپا بولغانلىقنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ئېتىبارغا ئالغان-ئالمىغانلىقى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. بۇ قول ئىشارىسى قىز-ئوغۇل دەپ ئايرىلمايدۇ، ئاياللارمۇ ئوخشاشلا ئىشلىتۋېرىدۇ.
6. بېگىز بارماق بىلەن چىمچىلاق بارماقنى چىقىرىپ، قالغان ئۈچ بارماقنى يۇمۇۋېلىش
مەنىسى: خوتۇنۇڭ سېنى يۇمشاقباش قىلىۋېتىپتۇ.ئىشلىتىدىغان رايونلار: بالتىق دېڭىزى، بىرازىلىيە، كولومبىيە، ئىتالىيە، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيەقېرىنداشلىرىنىڭ خوتۇنلىرىنىڭ يولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا، ئۇنى ئىپادىلەش تولىمۇ تەسكە توختايدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەردە بۇ مەسىلىنى ناھايىتى ئاددىيلا ھەل قىلغان بولۇپ، پەقەت شۇ كىشىنىڭ ئالدىدا بېگىز بارماق بىلەن چىمچىلاق بارماقنى چىقىرىپ، قالغان ئۈچ بارماقنى يۇمۇۋالسىلا كۇپايە. بەلكىم بۇنىڭدىن ئىچىڭىز سىقىلىشى مۇمكىن. بىراق بۇ ناخشا كېچىلىكلىرىدىكى چولپانلار ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان «يالماۋۇز كورنېرى» قول ئىشارىسى ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىلىسى بىر خىل قول ئىشارىسى، پەقەت مەنىسى ئوخشىمايدۇ.
5. سول قولنى يۇمۇپ ئوڭ بىلەككە قويۇپ، ئوڭ بىلەك بىلەن سول بىلەكنى 90 گىرادوسقا توغرىلاش
مەنىسى: غالجىرئىشلىتىدىغان رايون: ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكىلەر بۇ خىل قول ئىشارىسى ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ساراڭلىقىنى سۈپەتلەيدۇ. ئۇلار ئىككى بىلەكنى ئۇ خىل ھالەتتە قىلىش ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ كاللىسىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ناھايىتى ئىكەنلىكىنى سۈپەتلەيدۇ.
4. سول قولىنىڭ بېگىز بارمىقىنى ئوڭ قولىنىڭ بەش بارمىقىنىڭ ئۇچىغا تەگكۈزۈش
مەنىسى: سېنىڭ بەش داداڭ بار ياكى ئاناڭ بىر جالاپئىشلىتىدىغان رايون: ئەرەب دۆلەتلىرى، كارپ دېڭىز رايونىبۇ ئەرەب دۆلەتلىرى خەلقىنىڭ ئەڭ ھاقارەتلىك قول ئىشارىسى بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ئانىسىنىڭ دۇرۇس ئايال ئەمەسلىكىنى سۈپەتلەيدۇ. بۇ ئەرەب دۆلەتلىرى ئەڭ ھار ئالىدىغان ئىش بولۇپ، بۇنداق ھاقارەت بەزىدە ھەتتا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىمۇ سادىر قىلىپ قويىدۇ.
3. ئوڭ بىلىكىنى چىقىرىپ، بەش بارمىقىنى يوغان ئېچىش
مەنىسى: ئۆلگۈرئىشلىتىدىغان رايونلار: گرېتسىيە، ئافرىقا، پاكسىتانبۇ خىل قول ئىشارىسى ئادەتتە «Moutza» دېيىلىدىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مۇرەككەپ قول ئىشارىلىرىنىڭ بىرى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل قول ئىشارىسى قەدىمدىكى ۋىزانتىيەدىن كەلگەن بولۇپ، شۇ چاغدىكى بارلىق جىنايەتچىلەر ئېشەككە تەتۈر مىنگۈزۈپ سازايى قىلىنىدىكەن، پۇقرالار جىنايەتچىلار ئەيىبلەش ئۈچۈن، گەندە، تاش دېگەنلەرنى ئۇلارغا قارىتىپ ئاتىدىكەن. گەرچە بۇ خىل ئادەت ئاللىبۇرۇنلا يوقاپ كەتكەن بولسىمۇ،ئەمما بۇ خىل قول ئىشارىسى ساقلىنىپ قالغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ مەنىسىمۇ ئۆزگىرىپ، جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان بولغان.
2. قولىنى پېشانىسىگە قويۇش
مەنىسى: ساراڭمۇ سەن؟
ئىشلىتىدىغان رايون: بىرازىلىيەبۇ خىل قول ئىشارىسىنى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كىشىلەر بىر-بىرىنى مازاق قىلغان ئىشلىتىدىغان بولۇپ، قولنى پېشانىگە قويۇشتىن باشقا يەنە، قارشى تەرەپنىڭ ئالدىدا بولسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
1. ئېڭەكنى يەڭگىل سىلاپ قويۇش
مەنىسى: تىللاشئىشلتىدىغان رايونلار: بېلگىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيەنىڭ شىمالى، تۇنىسفىرانسىيەدە ئېڭەكنى ئاستا سىلاشنى «ساقال» دەپ ئاتايدۇ. بۇ خىل ھەرىكەت باشقىلارنىڭ ھاقارەتلەش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى فىرانسىيەلىكلەر ساقالنى ئەرلەرنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى دەپ قارايدۇ، شۇڭا بۇ خىل قول ئىشارىسى جىنسىي ئەزالىرىدىن ماختىنىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇمۇ مۇتلەق ئەمەس.Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
دۇنيادىكى گۈزەل يانارتاغ مەنزىلىرى
2015-05-08 13:07:514053بىل گايتسنىڭ 100 جۈملە رىغبەت سۆزى (2)
2015-10-05 17:58:504958ماتېماتىكىلىق مۇھەببەت (قىزىقارلىق)
2015-05-08 12:56:183955پاكىستاننىڭ بىر ئەۋلاد كىنو خانىشى — شەبنەم
2016-02-08 13:23:235174ما يۈننىڭ گېرمانىيەدە سۆزلىگەن نۇتۇقى
2015-04-02 18:46:254761مەشھۇر كومېدىيە چولپىنى چارلېز چاپلىننىڭ نادىر ن
2016-07-15 13:26:291384ئىران نېفىت دېڭىزىنى بېسىپ يېتىپمۇ، نېمىشقا نامر
2016-02-09 15:23:025231پوۋېست: قارا يۈرەك - 4 (داۋامى بار)
2015-03-03 17:17:124018
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-