نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بىل گايتسنىڭ 100 جۈملە رىغبەت سۆزى (2)

بىل گايتسنىڭ 100 جۈملە رىغبەت سۆزى (2)

ۋاقتى: 2015-10-05 ئاۋاتلىقى: 5429 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

   

بىل گايتسنىڭ 100 جۈملە ئىلھامبەخش سۆزى (2)

تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
(شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ تەرجىمانى، مۇھەررىر، مۇخبىر)


   51. مەلۇم بىرەيلەننى ماختاشتا، ئەڭ ياخشىسى ئاق قەغەزگە قارا سىياھتا يېزىڭ، بىرەرسىنى ئەيىبلەشتە، تېلېفوندا ئايىبلەڭ، ھېچقانداق ئىز قالمايدۇ.

   52. تېز تاماقخانىدا ئىشلەش نومۇس قىلغۇدەك ئىش ئەمەس، سىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭىزنىڭ ھامبۇرگ بولكىسى پىشۇرۇشتىكى ئوخشىمىغان كۆرقاراشلىرىنىڭ ئزى پۇرسەتتۇر.
   53. كوللېتىپ ھەمكارلىق روھى كەمچىل بولغانلىقتىن مەغلۇب بولغان سودا-سانائەت كارخانىلىرى باشقا سەۋەبلەر بىلەن مەغلۇب بولغان كارخانىلاردىنمۇ كۆپ.
   54. ناۋادا ئىشلىرىڭىز يۈرۈشمىسە، ئۇ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ خاتالىقى ئەمەس، شۇڭا ئۆزىڭىز سادىر قىلغان خاتالىقلارغا غودوڭشىماڭ، خاتالىق ئىچىدىن ئۆگىنىڭ.
   55. بىر كارخانىنى ياخشى باشقۇرۇشتا، يۇقىرى-تۆۋەننىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ئادىل بىرتەرەپ قىلىپ، كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەرقايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېگىشلىك قىممەتكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك، ئەمما ئەۋزەل ئەمگەك ئىش ھەققى مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش كېرەك، ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىدىكى ئىللىقلىق ۋە خۇشاللىقمۇ ئوخشاش كارخانا باشقۇرۇشتىكى چوڭ ئىشلاردۇر.
   56. خوجايىننىڭ قول ئاستىدىكى خادىملىرىنى باشقۇرۇشقا ماھىر ياكى ماھىر ئەمەسلىكىگە ئۇنىڭ خادىملىرىغا بەرگەن تەمىناتلىرىدىن ھۆكۈم چىقارغىلى بولىدۇ. 
   57. مەكتەپتە بەلكىم يەڭگۈچى-يېڭىلگۈچى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھاياتلىقتا بۇ بالدۇرلۇق قىلىدۇ. مەكتەپ سىزگە توختىماي توغرا جاۋابىنى تاپىدىغان بەرسىمۇ، ھاياتلىقتىكى ئىشلار بۇنىڭغا تامامەن ئوخشىمايدۇ.
   58. بىزنىڭ بۇ يەردە، خادىمنىڭ ئورنى ۋە تۆھپىسىنى گەۋدىلەندۈرۈشىمىز ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تۆھپىسى ئۈچۈندۇر. ئۇ نەتىجە قازانغانىكەن، كۆپچىلىك ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتسا، ھۆرمەتلىسە، ئۈلگە قىلسا، ئۇ مەمنۇن بولىدۇ. بىز دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارغا مۇھتاج.
   59. ھاياتلىقتا تەتىل يوق، ئۇنىڭدا ئوقۇش تۈزۈمىمۇ يوق، سىزگە ئۆزىڭىزنى تېپىۋېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىممۇ چىقماسلىقى مۇمكىن، بۇنى پەقەت ئۆزىڭىز قىلىشىڭىز كېرەك.
   60. قالاقلىق ـــ نومۇس.
   61. كومپيۇتېر ساھەسىدە، تېخنىكا بىلەن قوللىنىشنىڭ تەرەققىياتى بەكلا تېز بولغاچقا، تېخنىكا ئىگىلەش تەسكە توختايدىغان بولۇپ كەتتى. بەزىلەر مەلۇم خىل تېخنىكىنى ئىگىلىۋېلىپلا، مەلۇم خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىپلا مەڭگۈ راھەت كۆرىدىغاندەك، ھەممە ئىشلىرى خەيرلىك بولىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ، بۇ بەك خەتەرلىك ئەھۋال.
   62. تېلېۋىزۇردا كۆرسىتىلىۋاتقان نەرسىلەر ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس. ھەقىقىي تۇرمۇش ھەربىر كىشىنىڭ قەھۋەخانىدىن خىزمەتكە بارغان ھالىتىدە ئەكس ئېتىدۇ.
   63. باشقۇرغۇچىلاردا ھەرقانداق چاغدا، ھەرقانداق ئەھۋالدا خادىملارغا بۇرچ تۇيغۇسى ئاتا قىلالايدىغان روھ بولۇشى كېرەك.
   64. ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىش، كىمدىن ئۆگىنىش ۋە نېمىنى ئۆگىنىشنى بىلىش بىل گايتس ئەپەندى ۋە مىكروسوفت شىركىتىنىڭ توختىماي مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى مۇھىم ساۋاق.
   65. ھەر كۈنى 10 مىنۇت كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈڭ. ھەركۈنى 10 مىنۇتتىن ھېسابلىغاندا، 20 يىلدىن كېيىن، بىلىمىڭىز چوقۇمكى ئويلىمىغان دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ. پەقەت سىز ياخشى نەرسىلەرنە ئوقۇغان بولسىڭىزلا.
   66. مەن تولىمۇ تەلەيلىك، ياش ۋاقتىمدىلا قىزىقىشىمنى بايقىۋالدىم، بۇ قىزىقىشىم تا بۈگۈنگىچە مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ كەلمەكتە.
   67. كىتابقا ئامراق بولسىڭىز ياخشى، كەلگۈسىدە سىزنىڭ خىزمىتىڭىزگە پايدىسى تېگىشى مۇمكىن.
   68. مەغلۇبىيەتتىن خالى بولماق تەس، ئەمما پەقەت ئاخىرغىچە چىڭ تۇرغاندىلا، ئويلىمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
   69. بىز ئالدىرىماي مەغلۇب بولۇشنى ئەمەس، تېزلىكتە مەغلۇب بولۇشنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك، ھەرگىزمۇ مەغلۇب بولماسلىقنى قوبۇل قىلماسلىقىمىز كېرەك. ناۋادا بەزىلەر ئەزەلدىن خاتالىق سادىر قىلمىسا، ئۇنىڭ تازا تىرىشمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مەغلۇبىيەتنىڭ نەتىجىسى باشقا ئېھتىماللىقلارنى سىناپ بېقىشتىن ئىبارەت.
   70. زور مۇۋەپپەقىيەتلەر كۈچمە ئەمەس، ئەۋرىشىملىككە تايىنىپ قولغا كەلگەن. جەمئىيەتتىكى رىقابەتلەر ھەمىشە سەۋرچانلىقنىڭ رىقابىتى بولۇپ، ئىرادىلىك، قەيسەر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ھەمىشە ئاخىرغىچە كۈلەلەيدۇ.
   71. ۋاقىت باشقۇرۇش پەقەت ئۆزى خۇشال بولۇشلا ئەمەس، بەلكى ھەممەيلەننىڭ خۇشال بولۇشىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە، ۋاقىت بىلەن تەڭ يۈگۈرەلىگەندە ھەممەيلەن غالىبلاردىن بۇلالىشى مۇمكىن. پەقەت مۇسابىقىگە قاتناشمىغانلارلا، مەغلۇبىيەتچىلەردۇر.
   72. مېنىڭ خىزمىتىم ئەمەلىيەتتە بىر مەيدان مۇسابىقە، مەن ئىشلاردا جىددىي نۇقتىغا كەلگەندە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتلانغاندەك تۇيغۇدا بولۇشنى ياخشى كۆرىمەن. بۇ چاغدا، ئادەم ھەمىشە نورمال سەۋىيەدىن ھالقىپ كېتىدۇ.
   73. ياخشى ئادەت ئاساسلىقى ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىنى چەكلىشىگە بېقىنىدۇ ياكى تايىنىۋالغۇچىنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسىنى ئىنكار قىلىدۇ.
   74. گەپ-سۆزلەر سەمىمىي بولسىلا، بىر ياخشى رەھبەر خالىغانچە، قالايمىقان مۇكاپاتلاپ يۈرمەيدۇ. مەن خادىملىرىمغا بەرگەن ۋەدەمگە تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىمەن.
   75. ھەر كۈنى سەھەردە ئويغىنىپلا، شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمىتىم ۋە ئېچىۋاتقان تېخنىكامنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇشىغا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلىساملا، چەكسىز ھاياجانلىنىپ كېتىمەن.
   76. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ھېچقانداق مەخپىيىتى يوق، ئۇلار پەقەت دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلاشقان، خالاس.
   77. سىز تىرىشىپ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەۋاتقاندا، سىز ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشقا مىسىلسىز تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولىسىز.
   78. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىلدىكى ئاساسلىق كۆزقاراش: ناۋادا رەقەملەشكەن ئالەقە ھەقسىز بولسا، قانداق ئەھۋال كۆرۈلەر؟ جاۋاب شۇكى، بىز ئۆگىنىش، مال سېتىۋېلىش، ئىجتىمائىي ئالاقە، سودا ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇسۇللار پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. بىز يۇمشاق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال ئۆلچىمىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىدە غايەت زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
   79. ھەربىر ئۈچ يىلدا كارخانا چوقۇم ئۆز كەسپىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك كەسكىن باھالاش كېرەك، بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم.
   80. سىز ئابونتلارنىڭ تەلىپىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، سىز قانداق قىلغاندا مەھسۇلاتلىرىڭىزنى ئابونتلارنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشىڭىز ھەمدە ئابونتلارغا ياردەم بېرىشىڭىز كېرەك.
   81. ئابونتلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇش ـــ كارخانىنىڭ مۇلازىمەت ئۆلچىمىدە ئىنتايىن مۇھىم.
   82. بوستانلىقتىكى ئۇششاق ئوت-چۆپ بولغاندىن دۆڭلۈكتىكى دۇب دەرىخى بولغان ياخشىراق، چۈنكى ئۇششاق ئوت-چۆپلەرنىڭ قىلچە خاسلىقى يوق، ئەمما دۇب دەرىخى مەردانە ھالدا كۆكرىكىنى كېرىپ تۇرىدۇ.
  83. پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا غايەت زور تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقتىمۇ كىشىلەر بۇ خىل دەۋر ئۆزگىرىشىگە توختىماي ماسلىشىدۇ، شۇڭا كەلگۈسىنى ساقلاپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك.
   84. گەرچە ھەرىكەتلىنىش كىشلەر رازى بولغۇدەك نەتىجە بەرمىسىمۇ، ئەمما ھەرىكەت قىلماسلىقمۇ كىشىنى نارازى قىلىدىغان نەتىجە بېرىدۇ، خالاس.
   85. مىكروسوفت شىركىتى ۋەيران بولىدىغانغا پەقەت 18 ئايلا قالدى. ئۇنىڭ مەنىسى مۇنداق: ناۋادا كارخانا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ ئىلگىرىلەشكە ئامالسىز قالسا، ئېھتىمال بىر يىلدىن كېيىنلا ۋەيران بولۇشى مۇمكىن. كارخانا مانا شۇنداق بولىدۇ، ئادەم مانا شۇنداق بولىدۇ.
   86. ھەرقانداق چاغدا، ئادەم مېڭىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىشلىتىپ بولالمايدۇ، شۇڭا، ئەتراپقا نەزەر سالغاندىلا مېڭىڭىزدىن تولۇق پايدىلىنالايسىز.
   87. بىۋاسىتە سېزىمنىڭ كەسپىڭىزنى بايقىشىڭىزغا پايدىسى بار، كەسىپ تاللاش بەئەينى ئۆي سالغانغا ئوخشايدۇ، ناۋادا كەسپىڭىزنى ھەقىقەتەن توغرا تاللىسىڭىز، ئۆز مەھسۇلاتلىرىڭىزنىمۇ ياخشى كۆرىسىز.
   88. ئەڭ قورقۇنچلۇق دۈشمەن دەل ئېتىقادسىزلىق.
   89. ئامەت بىر خىل ئامىل، لېكىن مېنىڭچە ئەڭ مۇھىم ئامىل يەنىلا بىزنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىمىز ۋە يۈكسەك كۆزىتىش ئىقتىدارىمىز. مەن ئەزەلدىن بۇ دۇنيانى دۇربۇن بىلەن كۆزىتىپ كەپتىكەنمەن. 
   90. بىر ئۇتۇق قازانغا سودىگەر ئەتىدىن كەچكىچە جاپا تارتىۋەرمەسلىكى، ئەتراپتىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا، پايدىسىز ئامىللارنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ. سودىدا قايناق ھېسسىيات بولۇشى، ئەمما باشقۇرۇشتا تېخىمۇ دانا بولۇش كېرەك، شۇڭا سودىگەر ئۆز ھېسسىياتى بويىچە ئىش قىلىش، يەڭگىلتەكلىك قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.
   91. بىر شىركەت قۇرۇش بەئەينى بىر بىنا سالغانغا ئوخشايدۇ، قۇرۇلۇش لايىھەسى بولمىسا، قۇرۇلۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغىلى بولمايدۇ،  كىممۇ لايىھەسىز ھالدا قۇرۇلۇش قىلالىسۇن؟ قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىش دېمەك بىر كارخانا پىلانى تۈزۈپ چىقىش دېمەكتۇر.
   92. كۆپ ساندىكى شېرىكلەرنىڭ ھەممىسى ئەللىكتە ئەللىك نىسبەت بويىچە تەقسىملەش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، بۇ ئەڭ چاتاق ئۇسۇل، چۈنكى ھەمىشە بەزىلەردە قارار قىلىش ئىقتىدارى بولسىلا بولدى. شىركەت پايدا ئېلىشقا باشلىسىلا، توقۇنۇشلارمۇ كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، شېرىكلەرنىڭ پىكرىمۇ بىر يەردىن چىقمايدۇ، بولۇپمۇ مەسىلە پۇلغا بېرىپ تاقاشقاندا، ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىدۇ.
   93. پىلانلاشقا قانچە كۆپ ۋاقتىڭىز كەتسە، خىزمەتلەرنى تاماملاشقان شۇنچە ئاز ۋاقىت كېتىدۇ.
   94. پاراسەتسىز ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىنكاسلارغا سەزگۈر بولمىسا، شىركىتىنى راۋاج تاپقۇزمىقى تەسكە توختايدۇ.
   95. كوللېكتىپ روھنى كۈچەيتىشنى ھەربىر شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى چوقۇم بىلىشى كېرەك، پەقەت كۈچلۈك كوللېكتىپ بولغاندىلا بازار دولقۇنلىرىدا پۇت دەسسەپ تۇرغىلى، شىركەتنى زورايتقىلى بولىدۇ. كۈچلۈك كوللېكتىپ بولمىغاندا، يېڭى باشقۇرغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى قانداقمۇ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلىسۇن؟
   96. سىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، ئاتا-ئانىڭىز ھازىرقىدەك بۇنداق ئەمەس ئىدى، ئۇلار سىزگە پۇل غەملەش، كىر-قاتلىرىڭىزنى يۇيۇش، تاپا-تەنىلىرىڭىزنى ئاڭلاش مۈشكۈلچىلىكىدە قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىڭ. 
   97. ئەزمىلىك بىر خىل يۇقۇملۇق نەرسە، ئۇ پۈتۈن شىركەتنى يۇقۇملاندۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىككىلەندۈرۈپ، ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرىدۇ، ھەتتا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ.
   98. شىركىتىمىزنىڭ ھەرقايسى رايون، ھەرقايسى تۈردىكى مەھسۇلاتلىرى ۋە ھەرقايسى ئابونتلار توپىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى چۈشىنىش مەندەك بۇ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىغا نىسبەتەن ئىنتايىن  مۇھىم. مېنىڭچە بىر تىجارەتچىدە كەم بولسا بولمايدىغان شەرت بولۇشى كېرەك، ئۇ دەل تىجارەتكە بولغان قىزىقىشتىن ئىبارەت.
   99. يېڭىلىق يارىتىش چوڭ شىركەتكە ئايلىنىشنىڭ بىردىنبىر يولى.
   100. تىرىشىپ ئىزدىنىش روھى بىر ئادەمنىڭ ئۈستۈنلۈك بەلگىسى ۋە غەلىبىسىنىڭ ئالامىتى.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى