نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بۇ يۇمۇرلارغا كۈلسەك بولارمۇ؟

بۇ يۇمۇرلارغا كۈلسەك بولارمۇ؟

ۋاقتى: 2015-03-11 ئاۋاتلىقى: 4081 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يۇمۇرلار
مەنبەسى: نىدائىي يانبىلوگى
بۇ كىم
   ئىنتايىن كەم سۆز بىر ئادەم توي قىلىپ بىر قىز پەرزەنت كۆرۈپتۇ. قىزى ئون ياشقا كىرگۈچە بۇ ئادەم قىزى بىلەن تۈزۈك گەپلىشىپ باقماپتۇ.
   بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلمىگەن قىز ئاخىرى چىداپ تۇرالماي ئاپىسىدىن:
   — ئاپا كۈندە بىز بىلەن بىللە تاماق يەيدىغان بۇ ئادەم كىم بولىدۇ؟ – دەپ سوراپتۇ.
 
ئاغزىڭنى تارت
   مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەتلىشىش مەنئى قىلىنغان ئىكەن. بىر كۈنى ئاخشىمى سىياسىي يېتەكچى چارلاپ مەيدانغا كەلگەندە، ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ھە دەپ سۆيۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ‹‹ئاغزىڭنى تارت!›› دەپ ۋارقىراپتۇ.
 
مەستنىڭ راست گېپى
   خاررى كۈندە كەچتە تالاغا چىقىپ غىققىدە ھاراق ئىچىۋالىدىكەن – دە، ئۆيگە كەلسە، خوتۇنى رويستىن تىل ئىشىتىدىكەن. بىر كۈنى رويسنىڭ دوستى ئۇنىڭغا: ‹‹سەن ئۇنداق ئۇرۇشقاندىن كۆرە، ئېرىڭ مەست ئۆيگە كىرسە، ئۇنى مۇلايىملىق بىلەن سۆيۈپ قويۇپ، چىرايلىق گەپلەرنى قىلساڭ، ئۇ ئۆزگىرىپ قېلىشى مۇمكىن›› دەپتۇ.
   شۇ كۈنى كەچتە خاررى غەرق مەست ئۆيگە قايتىپتۇ. رويس ئۇنى تىللىماي، يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ باش – كۆزىنى سىلاپ، نۇرغۇن چىرايلىق گەپلەرنى قىپتۇ. ئاندىن  مۇلايىملىق بىلەن:
   — كەچ بولۇپ كەتتى، كىرىپ ئۇخلايلى، – دەپتۇ.
   خاررى دەرھال:
   — بوپتۇلا ئۇخلىساق ئۇخلايلى، ھامىنى ئۆيگە بارساممۇ بىر مەيدان جېدەل بار، – دەپتۇ.
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىي
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى