نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

2000 يىللىق نىكاھتىن بۇرۇنقى كېلىشىم بايقالدى

2000 يىللىق نىكاھتىن بۇرۇنقى كېلىشىم بايقالدى

ۋاقتى: 2015-08-14 ئاۋاتلىقى: 4573 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مىسىردا 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە نىكاھتىن بۇرۇنقى كېلىشىم بايقالدى



بۇ سۈرەتتىكىسى نىكاھتىن بۇرۇنقى كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىدا ئايان بولۇشىچە، ناۋادا نىكاھ بۇزۇلسا، ئايال كېيىن ھەر يىلى 1.2 تەڭگە ۋە 36 خالتا ئاشلىققا ئېرىشەلەيدۇ.
   خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى، توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى: ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 2015-يىلى 13-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق مەدەنىيىتى تەتقىقات ئورنى تەتقىق قىلىۋاتقان بىر پارچە قەدىمكى مىسىرنىڭ نىكاھتىن بۇرۇنقى كېلىشىمدە ئاشكارىلىغان. بۇ قەدىمكى دۆلەت تۈزۈمىدە، ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ قانۇن-تۈزۈم ھوقۇقىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. 
   بۇ تويدىن بۇرۇنقى كېلىشىمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.4 مېتىر بولۇپ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 365-يىلى ئىمزالانغان، ئاممىباب يېزىق (مىسىر تېز يازما شەكلى)تا يېزىلغان.

   قەدىمكى مىسىرلىقلار ئۆزلىرىنىڭ قانۇنى ھوقۇق-مەنپەئەتىگە خېلى ئەھمىيەت بەرگەن. نىكاھ قەدىمكى مىسىر جەمئىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. بىر قىسىم تارىخچىلار مىسىرلىقلارنى نىكاھقا ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 


   بۇ نىكاھتىن بۇرۇنقى كېلىشىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.4 مېتىر كېلىدىغنا بولۇپ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 365-يىلى ئىمزالانغان.

   بۇ نىكاھتىن بۇرۇنقى كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن، ناۋادا نىكاھ بۇزۇلسا، ئايال كېيىن ھەر يىلى 1.2 تەڭگە ۋە 36 خالتا ئاشلىققا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن.

   ئىگىلىنىشىچە، ئەينى چاغدىكى ئاياللار قۇل، چاكار، ئۆي ھايۋانلىرى قاتارلىق خۇسۇسىي مۈلۈكلىرىنى باشقۇرالايدىكەن، ئىگە بولالايدىكەن ياكى ساتالايدىكەن. ئۇلارنىڭ يەنە شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بار بولۇپ، توي قىلىش ياكى ئاجرىشىش كېلىشىمى ئىمزالىسا بولىدىكەن. 


بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى