نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئىران نېفىت دېڭىزىنى بېسىپ يېتىپمۇ، نېمىشقا نامرات؟

ئىران نېفىت دېڭىزىنى بېسىپ يېتىپمۇ، نېمىشقا نامرات؟

ۋاقتى: 2016-02-09 ئاۋاتلىقى: 5780 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىران نېفىت دېڭىزىنى بېسىپ يېتىپمۇ، نېمىشقا نامرات؟


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


پارس قولتۇقىدا بىر-بىرىگە بېقىشىپ تۇرىدىغان ئىككى نېفىت چوڭ دۆلىتىنىڭ بىرىنىڭ نېمىشقا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 24000 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن باي دۆلەتكە ئايلاندى، يەنە بىرى كىشى بېشى كىرىمى 5400 دوللار ئەتراپىدا بولغان ئادەتتىكى دۆلەت بولۇپ قالدى؟ ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بايلىق تەبىئىي تالانتى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى جەھەتتە ھېچقانداق چوڭ پەرقلەر بولمىسىمۇ، نېمىشقا بۇنچىۋالا زور ئىقتىسادىي پەرقلەر مەۋجۇت بولىدۇ؟ بىز بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبسىتان، ئىراننىڭ نېفىت سودىسىنىڭ قايسى ئىشلاردا گەۋدىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئىراننىڭ نېمىشقا نېفىت دېڭىزىدا يېتىپ تۇرۇپمۇ، پۇل تاپالمايدىغانلىقىغا نەزەر سېلىپ باقايلى!


يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئىككى چوڭ دۆلەت ___ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران ئاشكارا پۇت تېپىشىشكە باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا شەرقنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتتى. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ <<قېرىنداشلىرى>>مۇ ئارقا-ئارقىدىن <<ئاكىسى>>غا ئەگىشىپ ئىراننىڭ يۈزىگە <<كاچاتلاش>>قا باشلىدى. شۇنداقتىمۇ ساقلانغىلى بولمايدىغان دىنىي ۋە يەرلىك سىياسىي ماجرالاردىن باشقا، خام نېفىتمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ماجرالاشتۇرۇپ قويۇۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. نېمىشقا؟ ئىراندا نېفىت بولغىنى بىلەن سېتىپ چىقىرالمايدۇ. چوقۇم نېفىت سېتىپ كۆپ پۇل تاپىدىغان قوشنىسىدەك ئىش قىلىشى كېرەك. ھەممىسى نېفىت چوڭ دۆلەتلىرى، لېكىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كىشىلەرگە بەرگەن تەسىرى باي، پاراۋان، باياشات دۆلەت، سەئۇدى ئەرەبىستان تىلغا ئېلىنسا، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ تۇنجى بولۇپ كۆز ئالدىغا كېلىدىغىنى يەرلىك بايلار، ساناقسىز نېفىت بايلىقى، مەككە مەسچىتى قاتارلىقلار كېلىدۇ.


ئەمما ئىران نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە نامراتمۇ ئەمەس، بايمۇ ئەمەس، مۇشۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىدىكى بىر دۆلەت. يەنە ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرى تاپقان ئىنتايىن ئۇزۇن يادرو ئەسلىھەلىرى، سانسىزلىغان نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقلىرى، خۇمار كۆزلۈك ئىران قىزلىرى، ئىران زەپەر گۈلى قاتارلىقلار كۆز ئالدىغا كېلىشى مۇمكىن.
ھەقىقەت مانا مۇشۇنداق رەھىمسىز، ئىككى دۆلەتتە نۇرغۇن نېفىت بولسىمۇ، ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت سېتىپ بايلىققا تىقىلىپ كېتىۋاتقاندا، ئىران پەقەت كىشىنىڭ ئانچە نەزىرى چۈشمەيدىغان ئوتتۇراھال كىرىملىك دۆلەتكە، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ نامرات دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى. 2014-يىلى ئىراننىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 425 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، كىشى بېشى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 5443 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتكە تەئەللۇق بولغان. ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 2014-يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 746 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 24157 دوللار بولۇپ، ئىراننىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ تۆت ھەسسىسىدىن كۆپرەككە باراۋەر كەلگەن.


بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: دۇنيا بانكىسى


غايەت زور كىرىم پەرقىگە قارىتا، ئىران: <<قايىل ئەمەسمەن، بىز نېمىشقا سەندىن شۇنچىۋالا نامرات،سانلىق مەلۇماتىڭنى چىقار، سېلىشتۇرۇپ چىقىمىز>> دەپ چوقان سېلىشى مۇمكىن. ماقۇل، سانلىق مەلۇمات دېگەن مانا، بىز ئەمدى نېفىت-تەبىئىي گاز زاپىسى سودا نۇقتىسىدىن ئىراننىڭ نېمىشقا سەئۇدى ئەرەبىستان نامرات ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.
ھەر ئىككىلىسى نېفىت دېڭىزىدىكى چوڭ دۆلەتلەر
دۇنيادىكى خام نېفىت زاپىسى تەرتىپىدە سەئۇدى ئەرەبىستان 2-ئورۇندا، ئىران 4-ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما تەبىئىي گاز زاپىسى تەرتىپىدە ئىران 1-ئورۇندا، سەئۇدى ئەرەبىستان 6-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھەقىقەتەنمۇ نېفىت دېڭىزى، گازلىقى بار، زاپىسىمۇ ياندىكى دۆلەتلەرنىڭ كۆزىنى قىزارتىدۇ.
ئالدى بىلەن بىز ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت-تەبىئىي گازنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىدىن ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان چېگرىسى ئىچىدىكى سان-ساناقسىز نېفىتلىك ۋە گازلىققا نەزەر سېلىپ باقايلى!


ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت-تەبىئىي گازنىڭ تارقىلىش خەرىتىسى


سەئۇدى ئەرەبىستاننى ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق <<باي دۆلەت>> دېيىشكە بولىدۇ، خام نېفىت زاپىسى پۈتۈن دۇنيا خام نېفىت ئېشىندى قازغىلى بولىدىغان زاپىسىنىڭ % 16 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرىدۇ، يەنە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە نېفىت ئېكسپورت دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ. (1-جەدۋەلگە قاراڭ.)


دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىتلىك، گازلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇقلۇق نېفىتلىكى __ غەۋەر نېفىتلىكى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئۈستى نېفىتلىكى ___ سافانىيا نېفىتلىكى سەئۇدى ئەرەبىستان چېگرىسى ئىچىدە.
سەئۇدى ئەرەبسىتاندىكى غەۋەر نېفىتلىكى تىلغا ئېلىنسا، ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ قازسا-قازسا تۈگىمەيدىغان نېفىتلىك دېيىشكە بولىدۇ. چارلاپ تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، غەۋەر مەيدانىدىكى نېفىتلىكتىكى تېخى قېزىلمىغان خام نېفىت زالىسى 75 مىليارد تۇڭغا يېتىدىكەن. مۇنداق ھېسابلىساق، ناۋادا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆلچەملىك بىر سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگە 60020 گاللون ماي سىغسا، غەۋەر مەيدانىدىكى نېفىتلىكنىڭ زاپىسى بىلەن مۇشۇنداق كۆلچەكتىن تۆت مىليون 770 مىڭنى توشقۇزغىلى بولىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا بار بولغان 80 دىن ئارتۇق نېفىت، گازلىقنىڭ ئىچىدە توققۇز چوڭ نېفىتلىكنىڭ خام نېفىت زاپىسى بۇ دۆلەتتىكى خام نېفىتنىڭ % 50 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما مەھسۇلات مىقدارىدىن قارىغاندا، پەقەت غەۋەر نېفىتلىكىدىكى خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن سەئۇدى ئەرەبىستان خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ % 50 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. (2-جەدۋەلگە قاراڭ.)


سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىشىدا، تەخمىنەن % 65 تىن % 70 كىچە يېنىك خام نېفىتنى ئاساس قىلغان، قالغانلىرى ئوتتۇراھال خام نېفىت ياكى ئېغىر خام نېفىتتىن ئىبارەت. ئادەتتە، يېنىك خام نېفىت مەھسۇلاتلىرى قۇرۇقلۇقتىكى نېفىتلىكتىن كېلىدۇ، ئەمما ئوتتۇراھال خام نېفىت ياكى ئېغىر نېفىت ئاساسلىقى دېڭىز ئۈستى نېفىتلىكىدىن كېلىدۇ.
ئىرانمۇ بۇ جەھەتتە ئاجىز ئەمەس، خام نېفىت زاپىسى پۈتۈن دۇنيا خام نېفىت ئېشىندى قازغىلى بولىدىغان زاپىسىنىڭ % 9.3 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، دۇنيادا 4-ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا تەبىئىي گاز مىقدارىمۇ ئىنتايىن كۆپ. 2014-يىلى ئىراننىڭ تەبىئىي گاز ئېشىندى قازغىلى بولىدىغان زاپىسى 34 تىرىليون كۇب مېتىرغا يەتكەن. بۇ پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ % 18.2 نى ئىگىلەپ، دۇنيادا 1-ئۇرۇندا تۇرغان. (3-جەدۋەلگە قاراڭ.)


ئىران بىلەن قاتار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گازلىق ___ جەنۇبىي پارس (شىمالىي گاس كوندېنسېت) گازلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ، ئېشىندى قازغىلى بولىدىغان زاپىسى 34 تىرىليون 95 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ گازلىق پۈتۈن دۇنيا تەبىئىي گاز ئېشىندى قازغىلى بولىدىغان زاپىسىنىڭ % 19 نى ئىگىلەيدۇ.

نېفىت-تەبىئىي گاز چوڭ دۆلىتىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى نېفىت بىلەنلا ئۆتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەتنىڭ بىر قېتىملىق ئېنېرگىيە ئىستېمال قۇرۇلمىسىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ، پەقەت خام نېفىت بىلەن تەبىئىي گازنى ئېلىپ ئېيتساق، تاش كۆمۈر، يادرو ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەلەر يوق دېيەرلىك. (4-جەدۋەلگە قاراڭ.) گەرچە ئىران يېقىنقى ئىككى يىلدا قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرسىمۇ، ئەمما نېفىت-تەبىئىي گازنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدىكى ئورنى يەنىلا تەۋرىنىپ قالغىنى يوق.


4-جەدۋەل

بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ نېفىتتىن كىرگەن كىرىمى ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ، بۇ ئاساسلىقى جازا چارىلىرىنىڭ كاساپىتى.
ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا مۇشۇنچىۋالا كۆپ نېفىت بار، نېفىت بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى تۇرۇپ، نېمىشقا كىرىمدە بۇنداق غايەت زور پەرق كۆرۈلىدۇ؟ ئاددىيسى سودا نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە ئاساسلىقى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي جازا چارىلىرىنىڭ كاساپىتىدىن بولغان.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى تەخمىنەن 4 مىليارد توننا بولۇپ، ئاساسلىقى ئاسىيا قىتئەسىگە ساتىدۇ. سېلىشتۇرساق، 2014-يىلى ئىراننىڭ خەلقئارا سودا مىقدارى پەقەت 800 مىليون توننا بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بەشتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. (5-جەدۋەلگە قاراڭ.)


5-جەدۋەل


سېتىپ چىقىرالمىغانىكەن، تەبىئىي ھالدا ئىشلەپچىقىرىش كېمىيدۇ، ئىشلەپچىقىرىش كېمەيگەنىكەن، سودا مىقدارىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ، ئىران بۇ خىل يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىشتىن خېلى يىراق تۇرۇپ كەلدى. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۇنيا ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ % 12 نى ئىگىلەيدىغان چوڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىشقا سېلىشتۇرغاندا، ئىراننىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئاران دۇنيا مەھسۇلات مىقدارىنىڭ % 2 نىلا ئىگىلەيدۇ. لېكىن 2004-يىلىدىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى % 8.6 ئاشقان، ئىراننىڭ % 19 تۆۋەنلەپ كەتكەن.
ياۋروپا-ئامېرىكا ئىرانغا ئىشىكنى ئېتىۋەتكەندە، يەنە خام نېفىتنى سېتىپ چىقىرالمىغان ئىرانغا نىسبەتەن بۇ ئانچە چوڭ باش قاتۇرغۇدەكمۇ ئىش ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئىراننىڭ كۆلىمى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان تەبىئىي گازلىقلىرى بار-دە. يەنە كېلىپ تەبىئىي گاز زاپىسى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭكىدىن بىر ھەسسىدەك كۆپ.
مەھسۇلات مىقدارى ئاشمىسا پايدىسى يوق، مەسىلە ئىرانغا ئېچىلغان ئىشىك ئېتىۋېتىلگەننىڭ ئۈستىگە، يەنە ئىراننىڭ كاللىسىنى بىراۋلارنىڭ ئىشىككە قىستاپ تۇرۇۋالغانلىقىدا. ئىران خام نېفىتنى سېتىپ چىقىرالمىغانىكەن، تەبىئىي گازنىمۇ چىقىرالمايدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گازلىقتىن ئىران بىلەن تەڭ بەھرىلىنىپ كېلىۋاتقان قاتارمۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سويۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سودا دۆلىتى بولۇپ، تەبىئىي گاز خەلقئارا سودا سوممىسى ئىراننىڭكىدىن 31 ھەسسە يۇقىرى. تەبىئىي گاز بازارلىرىدا، قاتار گۆش يېسە، ئىران پەقەت شورپىسىنىلا ئىچەلەيدۇ. . تەبىئىي گاز زاپىسى ئەڭ مول بولغان دۆلەت ئېكسپورتتا پۇل تاپالمىسا، ئىراننىڭ ئەلۋەتتە ئىچى پۇشىدۇ-دە.

ئىراننىڭ نېفىتى ئاخىرى سېتىپ چىقىرىلدى.
2014-يىلى 12-ئايدا 12 يىلغا سوزۇلغان ئىران يادرو قورال تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشىنى تەكشۈرۈشتە ئاخىرىدا ھېچنېمە بايقالمىدى. 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ئىران يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى، ئىران يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتىن ۋاز كەچتى، غەرب دۆلەتلىرى ئىرانغا قاراتقان ئىقتىسادىي جازانى ئەمەلدىن قالدۇردى. كانادا خان جەمەتى بانكىسىنىڭ ئانالىزچىسى خېلىم كروفتنىڭ دېيىشىچە، ئىران ئۇلارنىڭ ئاتوم قازىنىنى چېقىۋەتكەندىن كېيىن، ئەركىن نېفىت سودىسى قىلسا بولىدىكەن.
2016-يىلى 15-يانۋار ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىران ئۇلارنىڭ <<ئاراق>> يادرو ئاتوم قازىنىنى چېقىۋەتكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، 17-يانۋار ئىران كېلىشىمدىكى بارلىق مەزمۇنلارني تاماملايدىكەن. خەلقئارا نېفىت بازىرىغا ئىران يەنە قايتىپ كەلدى.
ئۇنداقتا ئىران مەھسۇلاتىنى قانچىلىك ئاشۇرالايدىغاندۇ؟ ئىران نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مەنسۇر موئازمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جازا چارىلىرى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئىراننىڭ خام نېفىت ئېكسپورتى بىر ھەسسە قاتلىنىپ، ھازىرقى كۈنىگە بىر مىليون 200 مىڭ تۇڭدىن كۈنىگە ئىككى مىليون 300 مىڭ تۇڭغا يەتكەن. يەنە بىر مۇئاۋىن مىنىستىر جاۋادىنىڭ مۆلچەرىچە، جازا چارىلىرى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ھەر كۈنى 500 مىڭ تۇڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئالتە ئايدىكى ئېشىش ھەجىمى بىر مىليون تۇڭ نېفىتقا يېتىدىكەن. مەيلى قايتىش سۈرئىتى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىراننىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ خام نېفىت بىلەن تەمىنلەش ۋەزىيىتىگە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغىنى ئېنىق. ئىران ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى توققۇز ئايدىن بۇيان، ئىران بىر مىليارد لېتىر خام نېفىت ئېكسپورت قىلغان.


ئەمما، ماي باھاسى تۆۋەنلەپ كەتتى. گەرچە بەزىلەر ئىران پەقەت ئۆزىنىڭ بازىرىنىلا تەمىنلەشكە ماس كېلىدۇ، دېيىشسىمۇ، بۇ ھەرگىزمۇ خام نېفىت بازىرىغا زىيان سالىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ئەمما ماي باھاسى ئومۇمىي دائىرىدە 30 دوللارلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر جان-جەھلى بىلەن مەھسۇلات كۆپەيتىدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدى. ئېكسپورت قىلىش ھەقىقەتەنمۇ بىر ياخشى ئىشمۇ ئەمەس. خەلقئارا خام نېفىت تەمىنلەيدىغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۆڭلى ئاساسەن <<ئازار يېدى>> نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ كەمچىل بولۇشى، شۇنداقلا ئىراننىڭ تەمىنلەشنى ئاشۇرۇشقا تەرەددۇتلىنىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋالدا، ماي باھاسى بەلكىم يەنىمۇ چۈشۈشى مۇمكىن.
بۇ يەردە مۇنداق بىر گەپنى قىستۇرۇپ قويۇش كېرەككى، ماي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىمۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئادەتتىن تاشقىرى نېفىت-تەبىئىي گاز ئېچىشىغا روشەن تەسىر كۆرستىشى مۇمكىن، چۈنكى ئېچىش تەننەرخى يۇقىرى، سلانېتس يېغى، سلانېتس گازى، مايلىق قۇم تاش قاتارلىقلارنى قېزىش چەكلەنگەن.


ئىران ماي ساتسا، جۇڭگو مەنپەئەتلىنىدۇ.
كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە قايتىپ كەلسەك، ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خان نېفىت بازىرىدىكى رىقابىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى باردۇ؟ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بەك يېقىن بولغانلىقىدىنمۇيا؟ ئىران خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرماقچىمۇ؟ ئاۋۋال جۇڭگو نېفىت-خىمىيە گۇرۇھى شىركىتى بىلەن جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتىگە قانداق قارايدىغانلىقىڭلارنى سوراپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاشكارىلانغان ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئىران يېڭىدىن قۇرغان نېفىتلىكنىڭ يېرىمىدا جۇڭگونىڭ بۇ ئىككى شىركىتى ئېچىۋاتىدۇ. (9-جەدۋەلگە قاراڭ.)

ئىران خام نېفىت ئېكسپورتىنى ئاشۇرماقچىمۇ؟ جۇڭگو ئالامدۇ-ئالمامدۇ؟ ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئاخبارات مەھكىمىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2014-يىلى جۇڭگو نېفىتىنىڭ ساپ ئىمپورت مىقدارى ئامېرىكىدىن ئېشىپ،دۇنيادا 1-ئورۇنغا ئۆتكەن.
جۇڭگو ئاساسلىق ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستان بولۇپ، % 16 نى ئىگىلەيدۇ، ئەمما ئىران 6-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، پەقەت % 9 نى ئىگىلەيدۇ.
مەيلى ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان قانداقلا جېدەللەشسۇن، جۇڭگوغا زىيىنى تەگمەيدۇ. جۇڭگو نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى چوڭ دۆلەت بولۇپ، دۇنيا ماي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىمۇ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق. نۆۋەتتىكى خەلقئارا خام نېفىت بازىرى يەنىلا سېتىۋالغۇچى تەرەپ بازىرى بولماقتا، سېتىۋالغۇچى تەرەپ سودىدا پايدىلىق ئورۇندىكى بازار ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە. مەيلى سەئۇدى ئەرەبىستان ياكى ئىران بولسۇن، پەقەت جۇڭگو نېفىت سېتىۋېلىشنى تەلىپ قىلسىلا، نېفىت سېتىشتا قوشۇمچە شەرتلەرنى سۆزلىشىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، جۇڭگو ئاللىبۇرۇن قىسمەن قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن نېفىت بازىرىنىڭ تەۋرىنىشىگە تاقابىل تۇرۇپ كەلمەكتە. ناۋادا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران جېدەللىشىپ، ماي باھاسى ئۆرلەپ كەتسە، جۇڭگو تاقابىل تۇرالايدۇ؛ ناۋادا جېدەللەشمىسە، ماي باھاسى بىر مەھەل داۋاملىق چۈشىدۇ، گەرچە تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى تەييار مايغا <<پول باھاسى>> بېكىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، خەلقئارا ماي باھاسى يەنە قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئادەتتىكى ئىستېمالچىلار بىلەن ئانچە چوڭ ئالاقىسى بولمايدۇ.


ماقالىدىكى ئۆلچەم بىرلىكى:
بىر تۇڭ نېفىت 0.159 كۇب مېتىرغا تەڭ؛ بىر توننا نېفىت 7.33 تۇڭغا تەڭ.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى