نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

نورۇز بايرىمى ھەققىدە چۈشەنچە

نورۇز بايرىمى ھەققىدە چۈشەنچە

ۋاقتى: 2015-03-15 ئاۋاتلىقى: 5208 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نورۇز بايرىمى ھەققىدە چۈشەنچە

    نورۇز ـــ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قۇتلۇق، ئەڭ چوڭ، ئەڭ زور تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان قەدىمكى يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، شەمسىيە (قۇياش) كالېندارى بويىچە يىل ئاخىرلىشىپ يېڭى يىل كىرگەن كۈنى، مىلادىيە كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 
    ‹‹نورۇز›› ئۇيغۇرچە ‹‹يېڭى كۈن›› يەنى ‹‹يىل يېڭىلانغان كۈن›› دېگەن سۆز. تارىختا پارسلار (ئىرانىيلار) بىلەن بولغان دىنىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قۇيۇقلىشىشى بىلەن كېلىپ چىققان ‹‹پارس تىلى قىزغىنلىقى›› نىڭ ئارقىسىدا تىلىمىزدىكى ‹‹يېڭى كۈن›› دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئورنىدا پارسچە ‹‹نەۋرۇز›› سۆزى قوللىنىدىغان بولغان. ‹‹نەۋرۇز›› ئىستېمال جەريانىدا تەدرىجىي تاۋۇش ئۆزگىرىشى يۈز بېرىشى بىلەن ‹‹نورۇز›› شەكلىگە كەلگەن. 
    يېڭى يىل ئۆتكۈزۈش ئادىتى بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى سۈپىتىدە دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگەندەك ئومۇملۇققا ئىگە بىر ئادەت. مەلۇمكى، ھەر قانداق بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى ئەزەلدىنلا ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ۋە تارقىلىشتىن خالىي بولغان ئەمەس. ئەمما ئۇنىڭ مەلۇم بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشىدا ئادەت بولۇپ شەكىللىنىش تارىخىي جەريانىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى ياكى قىسمەن ئوخشاپ كېتىدىغان ئامىللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقتى، شەكلى، مەزمۇنىمۇ ھەرخىل بولىدۇ ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس پىسخولوگىيەلىك پائالىيەت شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئەجدادلىرىمىز بولسا، يېڭى يىلنى مىلادى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۆتكۈزۈپ ئادەتلەنگەن.
    مەلۇمكى، ئەجدادلىرىمىز دۇنيادىكى قەدىمكى تارىخىي رايونلارنىڭ بىر بولغان ۋەتىنىمىز جۇڭگونىڭ شىمالىي ۋە غەربىي شىمالىي قىسمىدا ياشىغان. ئۇرۇق، قەبىلە – ئايماقلار بويىچە ئۇزۇن بىر مۇددەت ئوۋچىلىق، كۆچمەنچىلىك، قوشۇمچە قىسمەن دېھقانچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان. بۇ جۇغراپىيەۋى شارائىتى مۇرەككەپ، قىشلىقى قار –مۇز دۇنياسىغا ئايلىنىدىغان رايونلاردىن بولغاچقا، ئەجدادلىرىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا كۆڭۈلسىز جۇت – زىمىستان قىشتىن ئۆتۈپ، كۆڭۈللۈك باھار پەسلىگە ئۇلىشىش ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. ئۇلار تەكرار ئەمەلىيىتىدە 3- ئاينىڭ 22- كۈنىنى كۈن بىلەن تۈننىڭ تەڭلىشىپ يىل – پەسىلدە، جۈملىدىن پۈتۈن كائىناتتىكى شەيئىلەردە يېڭى باشلىنىش بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. دېمەك، باھار پەسلىگە ئۇلىشىپ جېنى ياشارغان ئەجدادلىرىمىز قايتىدىن ئوۋغا چىقىش، مال – ۋارانلىرىنى يايلاققا كۆچۈرۈش، تېرىلغۇ قىلىش ئالدىدا ھەممە ئىش – ئوقىتىگە ئوڭۇشلۇق، بەرىكەت، تۇرمۇشىغا باياشاتلىق تىلەپ (ھەرخىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق) بۇ ھاياتى بەخش ئەتكەن باھارنىڭ باشلانغان كۈنىنى تەنتەنە قىلىپ ئادەتلەنگەن. مۇناسىۋەتلىك تارىخىي خاتىرىلەر ۋە خەلق ئىچىدىكى رىۋايەتلەرمۇ ‹‹نورۇز›› نىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمىمىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
    تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن تارىخشۇناس خۇيلىن ‹‹مۇزىكا تەپسىرى›› دېگەن ئەسىرىدە ‹‹نورۇز بايرىمى›› توغرىسىدا توختىلىپ، بايرام ۋاقتىدا ‹‹ئارغىماق ئۇسسۇلى››، ‹‹سالما تاشلاش ئۇسسۇلى››، ‹‹سۇمۇز ئۇسسۇلى›› قاتارلىق نىقابلىق ئويۇنلار ئوينىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇددا ئالىمى قەشقەرلىك ئۇيلاننىڭ (762- 820) ‹‹نوم سۆزلۈكلىرىنىڭ شەرھى›› دېگەن ئەسىرىدە ‹‹سۇمۇز›› غەربىي  يۇرت ئۇيغۇرلىرىنىڭ سۆزى دەپ شەرھلەنگەن. شاڭدا ئەپەندىنىڭ ‹‹تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي دىيار ۋە چاڭئەن مەدەنىيىتى›› دېگەن ئەسىرىدە ‹‹نورۇز›› پائالىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا ‹‹سۇمۇز›› ئەسلى ‹‹غۇر (胡语) تىلى›› دەپ قەيت قىلىنغان.روشەنكى بۇ ئىككى ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ‹‹يەرلىك تىل›› ۋە ‹‹غۇر تىلى›› ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسىتىدۇ. لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە 90 ياشتىن ھالقىغان پېشقەدەم مۇنەججىملەرنىڭ بوۋىلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىنى رىۋايەت قىلىشىچە لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا بۇرۇنقى زامانلاردا ‹‹يىل›› (رىۋايەت قىلغۇچى ‹‹ئىل›› تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) دېگەن مەرەم بولغانىكەن. بۇ مەرەم ھەر يىلى دەريالاردا كۆمەل (مۇز پارچىلىرى) كەتكەن كۈنلەردە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. گەرچە بۇ رىۋايەتتە ۋاقىت ئۇقۇمى ئېنىق بولمىسىمۇ، ‹‹كۆمەل كەتكەن›› دە دېگەن ئىبارىدىن ئۇنىڭ باھار يېتىپ كەلگەندە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.
    تامامەن ئوۋچى، كۆچمەن قوۋملارنىڭ تۇرمۇشى، پىسخولوگىيەلىك پائالىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇ ئويۇنلارنىڭ ‹‹سومۇز ئويۇنى›› دەپ ئاتىلىشىدىن ئەجدادلىرىمىز سۇنى باھارغا، مۇزنى زىمىستان قىشقا سىمۋول قىلىپ ئويناش ئارقىلىق باھارنى قارشى ئېلىش ئادىتىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى تارىختىن بۇرۇنلا شەكىللىنىپ، داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ‹‹نورۇز›› پائالىيەتلىرى گەرچە بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە ئەينەن يېتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەممە ئۇ ئويۇنلاردىكى باھار مۇناسىۋىتى بىلەن كىشىلەردە پەيدا بولىدىغان مەنىۋى خشاللىق قاتارلىق ئىجتىمائىي مەزمۇنلار ۋە دەبدەبىلىك، جۇشقۇن پائالىيەتلەر يەنىلا بىزنىڭ دەۋرىمىزگە داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇ تۆۋەندىكى نورۇز قوشاقلىرى ۋە پائالىيەتلىرىدە تولۇق ئىپادىلەنگەن:
نورۇز كەلدى جاھانغا، باھار بولۇر كۈندۇر بۈگۈن،
دەرەخلەرگە سۇ يۈگۈرۈپ، بىخ ئۇرار كۈندۇر بۈگۈن.
دېھقانلار قوش ھەيدەپ، ئۇرۇق سالۇر كۈندۇر بۈگۈن،
ئىش بېشى سائەت كۈنى، ئامبار تولار كۈندۇر بۈگۈن.
كەلدى نورۇز يىل باشى، كەتتى كۆڭۈل چىركىنى،
نورۇز دىبان كېلۇلەر خاتۇنلارنىڭ تۈركىنى،
گۈللەر قىسىپ قىز – ئوغۇل، قاچۇر كۆڭۈل مۈلكىنى.
شاتىۋاندا تون كىيىپ، جۇۋا – تۇماقنى تاشلىدۇق،
كوكۇلچىلىكتە ئولتۇرۇپ، نەغمە – ناۋا باشلىدۇق.
بەيگە – ئوغلاق ئالىپ مەشرەپ قىلۇر كۈندۇر بۈگۈن،
قايغۇ – ھەسرەتلەر كېتىپ يايراشۇر كۈندۇر بۈگۈن.
كەلدى نورۇز يىل باشى ئەلدە تاماشا ئارىلاش،
بولدىلا راھەت جاھان، يوق بولدى جاپا ئارىلاش،
كوچىدا قىلدى گاداي، شاھلار تاماشا ئارىلاش،
 ئوينىدى پوڭزەك ئوغۇل، لەگلەكنى قىزلار ئارىلاش،
بارچە خۇشلۇق يېتىپ كەلدى تاماشالار كۆپ بۈگۈن.
    بۇ قوشاقلاردا باھاردىن ئىبارەت يىل، پەسىل، كۈندە يېڭىلىنىش باشلىنىپ كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەرگە ھاياتىي بەخش بۇ كۈننىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن تەبىئەتتىكى ئوۇغىنىش، كىشىلەردە پەيدا بولغان زور مەنىۋى خشاللىق ۋە دەبدەبىلىك، جۇشقۇن ئىجتىمائىي كەيپىيات كۈيلەنگەن.
نورۇز كەلدى يىل باشى، يوقتۇر ئانىڭ تەڭدىشى،
نورۇز كۈنىدىن ئىپتىدا قىلسا ئىشى،
ھېچ زايا كەتمەس، ئۇشبۇ كۈن قىلغان ئىشى،
مۇرادى ھاسىل بولۇپ مەقسىتىگە يېتەر كىشى،
ھەممە ئىشنىڭ ئەۋزىلى، غايەت مۇبارەكتۇر بۈگۈن.
كەلدى نورۇز يىت سېلىڭ، سويغان قوينىڭ يېغىدا،
مېھمانلارنى چاقىرىڭ، ئولتۇرغۇزۇڭ ئايۋاندا.
نازۇ – نېمەتلەر تولدۇرۇڭ، مېھمانلارنىڭ ئالدىغا،
ئاشلىرىڭ ئوبدان بولۇر، ئىش ئىپتىدا كۈندۇر بۈگۈن.
كەلدى نورۇز يىل باشى، كۆپ سائادەتتۇر بۈگۈن،
نورۇز قىلماق كۆپكە ئادەتتۇر بۈگۈن،
تەجرىبە قىلساڭ ئەگەر، كۆپ ئالامەتتۇر بۈگۈن.
ئۆيدىن – ئۆيگە ھېيتلىشىپ مېھمان بولۇر كۈندۇر بۈگۈن.
    بۇ قوشاقلاردا ‹‹نورۇز›› نىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ‹‹ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈن، ياخشى سائەتتە باشلانغان ئىش راۋاج تاپىدۇ››، ‹‹يىل قانداق باشلانسا، شۇنداق ئاخىرلىشىدۇ›› دېگەن ئەقىدىسىنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكى، بۇ كۈننى نەدەقەر ئۇلۇغلاپ خۇشال – خۇرام قارشى ئالىدىغانلىقى ۋە ئەجدادلىرىمىزدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مېھماندوست ئادەت گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
    ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ‹‹نورۇز بايرىمى›› نى ئۆتكۈزۈش بويىچە دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئادەت –قائىدىلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
    تەييارلىق كۆرۈش: نورۇزنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن يۇرت – مەھەللە بويىچە چوڭ تازىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەربىر ئائىلە ئۆي، تام – تورۇس، ھويلا – ئاراملىرىنى سىيرىپ- سۈپۈرۈپ، كىگىز – بىساتلىرىنى قېقىپ، كىر – قاتلىرىنى يۇيىدۇ. كىشىلەر يۇيۇنۇپ، تارىنىپ، چاچلىرىنى ئالدۇرۇپ، ساقال – بۇرۇتلىرىنى ياسىتىپ، پاكىزە كىيىنىدۇ. بولۇپمۇ ياش جۇۋان – چوكان، ئوغۇل – قىزلار، ئۆسمۈلەر مەخسۇس يېڭى ئۈستىباش ھازىرلايدۇ. كوچا – يوللار پاكىز تازىلىنىپ گۈزەل مۇھىت يارىتىلىدۇ. بۇ نورۇز قوشاقلىرىدا مۇنداق كۈيلەنگەن:
كىگىزلەرنى قېقىشتۇرۇپ، ئۆيلەرنى قىلغىن يورۇق،
بۇلۇڭلاردا قالمىسۇن پايتما ئەسكى چورۇق،
بولسۇن مۇھىت پاكىز، ئەخلەت – چاۋادىن ئەسەر يوق،
 كەلسە مېھمانلار كۆرۈپ، كۆڭۈللىرى بولسۇن ئوچۇق،
بەھۇزۇر كەيىپ سۈرۈپ، يايرىسۇن مېھمان بۇ كۈن.
    بۇندىن باشقا ‹‹نورۇز ئېشى›› نىڭ ئامادىلىرى تەقلىنىدۇ ۋە ‹‹نورۇز سۈيى›› (ھەپتە سالام سۈيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھازىرلىنىدۇ. ‹‹نورۇز ئېشى›› بۇرۇن بۇغداي، قوناق، ئارپا، نۇقۇت، گۈرۈچ، ماش، تېرىقتىن ئىبارەت يەتتە خىل دان بىلەن جىگدە قوشۇپ ئېتىلىدىكەن. كېيىنچە بۇغداي كۈجىسى ئېتىلىدىغان بولغان. شۇنىڭدەك ‹‹نورۇز سۈيى›› چىلان، جىگدە، شاپتۇل قېقى (ئومۇمەن مېۋە قاقلىرىدىن بىر خىل قاق سېلىنىدۇ)، گۆش، قوينىڭ چوقىسى، سامساق، سىركە قاتارلىق يەتتە خىل نەرسىنىڭ چىلانمىسىدىن ھازىرلىنىدۇ. يەنە خەلق ئىچىدىكى سەنئەتكارلار، داستانچىلار، مەدداھلار، چەۋەندازلار، پوڭزەكچىلەر، دارۋازلار... ئۆز ماھرەتلىرىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلىق كۆرۈشىدۇ.
    بايرام پائالىيىتى: نورۇز پائالىيىتى ھەرقايسى جايلاردا شاد – خۇراملىق ئاساس قىلنغان ھەرخىل شەكىللەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ. كۆپىنچە بىر يۇرت ياكى بىر مەھەللىنى ئاساس قىلغان ھالدا كۆپچىلىك شۇ جايدىكى سەيلىگاھ ياكى ھاۋالىق جايلارغا بېرىپ جاي تۇتۇپ، سورۇن تۈزۈپ نورۇز پائالىيىتىنى باشلايدۇ. نورۇز پائالىيىتى .ەتىدىن كەچكىچە، بەزى قايلاردا بىر نەچچە كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ.
    نورۇز كۈنى ئالدى بىلەن مەھەللە ئىچىدە ھېيتلاش پائالاىيىت ئېلىپ بېرىلىدۇ. كىشىلەر بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ ئۆيمۇ – ئۆي يۈرۈپ ھېيتلاپ، ‹‹نورۇز سۈيى›› ئىچىشىپ ئۆزئارا مۇبارەكلىشىدۇ. ئاندىن كېيىن پۈتۈن يۇرت – مەھەللە خەلقى، يارىيا، كۆتەك ھارۋا، مەپىلەر ياكى كۆچكەن قوشقا ئوخشاش قازان – قۇمۇچ، كىگىز – بىساتلاردى تارتىپ ئېلىپ چىقىپ چېدىر – سايىۋەن، كەپە- ساتمىلارنى تىكلەيدۇ. ئاشپەز، ناۋاي، قاسساپ، سودىگەر – يايمىچى قاتارلىق ئوقەتچىلەرمۇ چىقىپ دۇكان – يايما ئېچىپ بۇ سەھرايى دالاغا ئاۋاتچىلىق بەخش ئېتىدۇ. ‹‹نورۇز خادىملىرى›› بىر چەتتە داش قازانلارنى ئېسىپ ‹‹نورۇز ئېشى›› ھازىرلاش بىلەن شۇغۇللانسا، نورۇز سەيلىسىگە چىققان ئائىلىلەرمۇ ئۆز كەپە – ساتمىلىرىدا قازان – قۇمۇچلىرىنى ئېسىپ قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە نورۇزغا ئاتاپ خالىغان بىر تاماقنى ئېتىش بىلەن بەنت بولىدۇ.
    ‹‹نورۇز ئېشى›› تەييار بولۇشىغا بىر جاكا بىلەن نورۇز مۇراسىمى باشلىنىدۇ: كۆپچىلىك ئوتتۇرىدىكى بوشلۇقتا چەمبەرسىمان كەڭ سورۇن ھاسىل قىلىپ، دەرىجە، مەرتىۋە ئايرىماي، نۆۋىتى كەلگەن يەردىن ئورۇن تۇتۇپ ئولتۇرىدۇ. سورۇننىڭ بىر چېتىدىن ئىشىك ئورنىدا مەلۇم كەڭلىكتە بوشلۇق قالدۇرۇلىدۇ. سورۇن تۈزۈلۈپ بولۇشىغا شۇ ‹‹ئىشىك›› ئارقىلىق چىنە، چۆچەك – ھېجىرلاردا نورۇز ئېشى تارتىلىدۇ. كۆپچىلىك نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەگكۈزۈپ بولۇشى بىلەن ئائىلىلەر بويىچە نوتۇزغا ئاتاپ ئېتىلگەن غىزا – تائاملار ئارقا – ئارقىدىن ئېلىپ كېلىنىپ بىر ياقىدىن كۆپچىلىك ئالدىغا قويۇلىدۇ. بۇ غىزا – تائاملارنىڭ ئېسىل ياكى ئاددىي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كىمنىڭ ئالدىغا قانداق خىلدىكىسى توغرا كەلسە، شۇ قويۇلىدۇ. ھەرقانداق ئادەم تاللىمايدۇ ۋە تاللىماسلىق شەرت. تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن ئادەت بويىچە كۆپچىلىك بىردەك قول كۆتۈرۈپ، سۇ – يامغۇرنىڭ موللۇقىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا بەرىكەت، نەرخ – ھاۋاغا ئەرزانلىق تىلەپ دۇئا قىلىدۇ ۋە ئىشلەپچىقرىشقا ئائىت پاراڭ – مۇزاكىرىلەر بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مۇراسىم ئاخىرلىشىپ ‹‹نورۇز چېيى›› ۋە ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى باشلىنىدۇ.
    نورۇز چېيى: بۇ ئەمەلىيەتتە نورۇز مۇناسىۋىتى بولىدىغان ئۆزئارا مېھماندارچىلىق چېيى بولۇپ، ئۇرۇق – تۇغقان، ئەل – ئاغىنە، قۇلۇم – قوشنا، تونۇش – بىلىشلەر ئۆزئار ساتما – كەپىلىرىنى ئارىلاپ ئايرىم – ئايرىم ھالدا مېھمان بولۇشىدۇ. قۇدىلىشىش، سودا – سېتىق، نەرخ – ھاۋا ۋە شۇ يىل قىلماقچى بولغان ئىشلىرى ئۈستىدە پاراڭلىشىدۇ.
    كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى: كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ھەرخىل ئويۇن تۈرلىرى بويىچە ئايرىم – ئايرىم سورۇندا ئېلىپ بېرىلىدۇ:
    ئەلنەغمىچىلەر ھەرخىل چالغۇلارنى تەڭكەش قىلىپ نورۇز قوشاقلىرى، ئون ئىككى مۇقام كۈي – غەزەللىرى ۋە ھەرخىل مەزمۇندىكى يۈرۈشلەشكەن خەلق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ، سەھرايى – دالانى بايرام خۇشاللىقىغا چۆمدۈرىدۇ. مۇقام مەرغۇللىرى، سەنەم كۈيلىرى ئورۇندالغاندا توپ ئىچىدىن چوڭ – كىچىك، قېرى – ياش، ئەر – ئايال ئىختىيارسىز بەس – بەستە ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. تاماشىبىنلار ئۆز خاھىشى بويىچە ئۇسسۇلچىلارنىڭ بېشىدىن قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆرۈپ ئەلنەغمىچىلەرنىڭ ئالدىغا تاشلايدۇ. بۇ تاماشىبىنلارنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغۇچىلار بىلەن ئەلنەغمىچىلەرگە بىلدۈرگەن تەشەككۈرى بولۇپ، ئادەتتە ‹‹چۆرۈمە›› دەپ ئاتىلىدۇ.
    داستانچىلار ئۆزىگە خاس قىزىقارلىق قىياپەت –ھەرىكەت ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشقان ئاھاڭ – تەلەپپۇزدا ‹‹مىڭبىر كېچە››، ‹‹كەمەك ھەييار››، ‹‹چاھار دەرۋىش›› قاتارلىق داستان – ھېكايەتلەرنى سۆزلىسە، توپ ئىچىدە ئولتۇرغان شاگىرتلىرى ئارىلاپ دوست تارتىپ كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغانلار، بالىلار ناھايىتى قىزىقىپ ئاڭلايدۇ. ھەربىر داستان، ھېكايە ئاخىرلاشقاندا ئاڭلىغۇچىلار ئۆز خاھىشى بويىچە داستانچىلارغا پۇل ئىئانە قىلىدۇ.
    چېلىشچىلار سورۇنىدا يۇرت – مەھەللىلەردىن كەلگەن چېلىشچى ئەزىمەتلەر بىر – بىرىگە قارشى نۆۋەت بىلەن مەيدانغا چۈشۈپ كۈچ – ماھارەتلىرىنى نامايەن قىلىدۇ. ئۇتۇپ چىققانلارغا ‹‹كۈچتۈڭگۈر›› دەپ ئاتاق بېرىلىدۇ.
    دارۋازلار تەخمىنەن 40 ـــ 50 مېتىر ئوزۇنلۇقتا، 20 ـــ 30 مېتىر ئېگىزلىكتە تارتىلغان ئارغامچا ئۈستىدە، پەستە چېلىنىۋاتقان ناغرا – سۇناينىڭ رېتىملىق ئاۋازىغا كەلتۈرۈپ گاھ يالىڭاياغ، گاھ پۇتىغا تۈنىكە تەخسە تېڭىپ، گاھ قولىغا تەڭكەش ئېلىپ ئالدى – ئارقىسىغا مېڭىش، ئولتۇرۇپ قوپۇش، موللاق ئېتىش، تاختا پەرىگە چىقىش، چىغرىق ئۇچۇشتەك كىشىنى چۆچۈتۈتىدىغان خەتەرلىك، قىيىن ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلاپ تاماشىبىنلارنى مەپتۇن قىلىدۇ.
    ئوۋچى، پالۋان – مەرگەنلەر:
‹‹نورۇز كەلدى جاھانغا، ئوۋ قىلغىلى چىقارمىز،
قايغۇ باسقان كۆڭۈلنى تاغدا يۈرۈپ ئاچارمىز،
جىرغىلاردا ئاڭ ئاتىپ بۇغا – كىيىك ئاشارمىز،
تېرىسىنى تاسما قىلىپ، مۈڭگۈزىنى ساتارمىز،
قول –پۇتىنىڭ پاچىقى قامچىغا دەستە بۈگۈن››.
دېگەن ئوۋچىلارنىڭ نورۇز قوشىقىنى ئېيتىپ، قونداقلىق مىلتىقلىرىنى ئېسىپ، تايغانلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ جىلغا ئورمانلارغا قاراپ ئات سالىدۇ.
     ئوغلاقچى، بەيگىچىلەر ئايرىم كەڭتاشا مەيداندا ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايەن قىلىدۇ.
     ياش ئوغۇل – قىزلار، ئۆسمۈرلەر ھەتتا ياش قۇرامىغا يېتىپ قالغانلارمۇ قاتنىشىدۇ. بىر چەتتە ‹‹سارغايدى - پىشتى›› ساداسى ئىچىدە چاقپەلەك ئۇچۇشسا (بەزىلەر قورقۇنچ بېسىپ ‹‹ۋاي›› دەپ سالىدۇ. بۇ چاغدا تاماشىبىنلار ‹‹ۋاي، سارغايدى - پىشتى›› دەپ ۋارقىرىشىپ قىزىقچىلىق قىلىشىدۇ. شۇڭا بۇ ئويۇن ‹‹سارغايدى – پىشتى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، بىر يەردە لەگلەك ئۇچۇرۇشىدۇ. بەزىلىرى ھەرخىل پوڭزەك (توپ) ئويۇنلىرىنى ئوينىسا، بەزىلىرى بولۇپمۇ دەرەخ ئاستىلىرىغا ئىلەڭگۈچ سېلىپ ئېگىز، ئۇزاق ئۇچۇش ۋە دەرەخ شاخلىرىدىكى بىخ سۈرۈپ چىقىشقا باشلىغان يۇمران يۇپۇرماقلارنى چىشلەپ ئۈزۈۋېتىش بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ بۇ قەدىمىي ئەنئەنىۋى بايرىمىنى ئۆزىگە خاس پىسخولوگىيەلىك پائالىيەتلىرى ئارقىلىق شاد – خۇرام، باياشاد ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. 
     بۇنىڭدىن باشقا بەزى  جايلاردا مەسىلەن، قەشقەرنىڭ ئوپال رايونىدا بۇ قۇتلۇق بايرام كۈنى ئىلىم – مەرىپەت تەرغىباتى ۋە كىشىلەرنىڭ پەم – پاراسىتىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئىلمىي پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈپ كېلىنگەن.
     ⅩⅣ ئەسىرگىچە ئوپالدىكى ‹‹نورۇز بۇلاق›› كاتتا نورۇز سەيلىگاھى بولۇپ كەلگەن. بۇ بۇلاق شۇ جايدىكى ‹‹ھەزرىتى موللام مازىرى›› (1982- يىلىدىن كېيىن ئۇنىڭ مەشھۇر ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەقبەرىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى) يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، ⅩⅣ ئەسىردىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا ھەر يىلى نورۇز پائالىيىتى شۇ بۇلاق بويىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنگەن. شۇڭا بۇ بۇلاق ‹‹نورۇز بۇلاق›› دەپ ئاتالغانىكەن. بۇ يەردە شۇ بۇلاق قاتارىدا يەنە ‹‹زەر (ئالتۇن) بۇلاق››، ‹‹چەشمە زۇلال بۇلاق›› (مەقبەرە ئالدىدىكى ‹‹ھاي – ھاي تېرەك›› تۈۋىدە)، ‹‹مارجان بۇلاق›› دەپ ئاتىلىدىغان بۇلاقلارمۇ بار.
     قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئوپالدا تۇرۇشلۇق خادىمى ئابلا سېقى (ساقى) نىڭ توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا بايان قىلىشىچە ⅩⅣ ئەسىرگىچىلىك ئۆتكۈزۈپ كېلىنگەن نورۇز سەيلىسىدە شېئىر – نەزمە مۇسابىقىس ئاساس قىلىنغان ھالدا خەلققە ئاپەت كەلتۈرىدىغان جىن – شاياتۇنلارنى قوغلاش مەقسەت قىلىنغان قەدىمكى ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىمىز ‹‹سۇ چېچىش ئويۇنى››، ئەقىللىق بولۇشقا جورۇلىدىغان ‹‹بۇلاق نېنىنى يېيىش ئويۇنى››، ‹‹تۇمارلىق ئېلىغ ئويۇنى›› قاتارلىق ئويۇنلاردىن باشقا چېلىشىش، بەيگە، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق ئويۇنلار ئوينىلىپ كېلىنگەن. بۇ پائالىيەتلەر تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن:
    شېئىر – نەزمە مۇسابىقىسى: بۇ مۇسابىقە يۇرت – يۇرتلاردىن نورۇز سەيلىسىگە كەلگەن داڭلىق ئۆلىما، داموللا، مۇدەررىسلەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۇلارنىڭ شاگىرت – تالىپلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مۇسابىقە بىر – بىرىگە شېئىر – نەزمە بېغىشلاش شەكلىدە بولۇپ، ئا تەرەپ ئۆز شېئىر – نەزمىسىنىڭ بېشىنى شەرتلىك بىر ھەرپ بىلەن باشلاپ ئىسمىنىڭ ئاخىرقى ھەرىپى بىلەن چۈشۈرۈلۈشى يەنى ئۆز ئىسمىنىڭ باش ھەرىپى بىلەن باشلاپ ب تەرەپنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرقى ھەرىپى بىلەن چۈشۈرۈشى شەرت قىلىنىدىكەن. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا باھالاش بولۇپ، نەتىجىسى ئەلالىرى تاللىنىپ، ئۇنۋان بېرىلىش بىلەن جايلارغا دىنىي ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىكەن.
    سۇ چېچىش ئويۇنى: بۇ ئويۇن يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەقسەتتە سەيلىگە كەلگەن بارلىق چوڭ – كىچىك، ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدا   بۇلاق ئېقىمى بويلاپ بىر – بىرىگە سۇ چېچىش شەكلىدە ئوينىلىدىكەن.
بۇلاق نېنى يېيىش ئويۇنى: گىرۋىكىگە چۆرۈلدۈرۈپ خادىيەتلىك سۆزلەر ئويۇلغان مەخسۇس بىر نەچچە نان ھازىرلىنىپ ئۆلىمالار تەرىپىدىن بۇلاق بېشىغا تاشلىنىدىكەن. ياشلار، تالىپلار بۇلاق ئېقىمىنى بويلاپ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ، سۈزۈۋېلىپ، تالىشىپ يەيدىكەن. ھازىرقى شىرمان ناننىڭ گۈلى شۇنىڭدىن قالغانلىقى مەلۇم.
    تۇمارلىق ئېلىش: مۇسابىقىدە باھالانغان شېئىر – نەزمىلەر يېزىلغان قەغەزلەر ئۈچ بۇرجەك قىلىپ قاتلىنىپ ئۆلىمالار تەرىپىدىن بۇلاق بېشىغا تاشلىنىدىكەن. سەيلىگە كەلگەن باشقا ياشلار ئۇلاردىن ئۇدۇم ئېلىش مەقسىتىدە بۇلاق ئېقىمى بويلاپ تالىشىپ، سۈزۈۋېلىپ، دوپپىلىرى ئۈستىگە ئېلىپ قويۇپ، كېيىن رەختتىن ئۈچ بۇرجەك قاپچۇق تىكىپ، تۇمار قىلىپ بويۇنلىرىغا ئېسىۋالىدىكەن. ئۇيغۇرلاردىكى تۇمار ئېسىش ئادىتى شۇنىڭدىن كەلگەنلىكى مەلۇم. ئەممە ‹‹تۇمار›› كېيىنكى دەۋرلەردە خوجىلار، ئىشانلار تەرىپىدىن خۇراپىيلاشتۇرۇۋېتىلگەن.
    يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان بۇ نورۇز پائالىيەتلىرى ⅩⅣ ئەسىردىلا ئىجرادىن قالغان بولسىمۇ، ئۇ پائالىيەتلەردە گەۋدىلەندۈرۈلگەن خەلقىمىزدىكى ئىلىم – مەرىپەتكە ئىنتىلىش ئادىتى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن خەلق ئىچىدىكى مەشرەپ ئويۇنلىرى، مەشرەپتە شېئىر – نەزمە، تېپىشماق ئېيتىشتەك شەكىللەر ئارقىلىق داۋاملىشىپ كەلگەن.
دېمەك، ‹‹نورۇز بايرىمى›› ئەنە شۇنداق ئۇزۇن تارىخ، چوڭقۇر ئىجتىمائىي تەسىر ۋە كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولغاچقا، يەكلىمىچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئىسلام دىنى ئومۇملاشقاندىن كېيىنمۇ 30- يىللارنىڭ ئاخىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. شىنجاڭدا مىللىتارىست شىڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن نورۇز بايرىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئورۇنۇپ، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان 12- ئاپرېل كۈنىنى ‹‹بايرام›› سۈپىتىدە خاتىرلەشنى بېكىتتى. بۇنىڭ نورۇز بايرىمى تەدرىجىي ئومۇمىيۈزلۈك تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈشتىن قالغان بولسىمۇ، خەلق ئىچىدە غەيرىي رەسمىي يۇسۇندا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى. ئازادلىقتىن كېيىن، بولۇپمۇ زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە 3- ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ توغرا ئىزچىللاشتۇرۇشى بىلەن باشقا قېرىنداش مىللەرنىڭمۇ بەزى ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى قاترىدا ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمىنى شاد – خۇرام ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ھازىر بۇ بايرامنى بەختىيار، يېڭى دەۋرىمىزنى، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىقنى كۈيلەش مەزمۇن قىلىنغان داغدۇغىلىق ئەدەبىيات – سەنئەت كېچىلىكى شەكلىدە ئۆتكۈزمەكتە. 
ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللانىڭ ‹‹ئۇيغۇر ئېتنۇگراپىيەسى›› ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. 
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىي
مەنبەسى: نىدائىي يانبىلوگى

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى