يۇمۇر: مۇئەللىمنىڭ دوختۇرنى داۋالىشى
-
يۇمۇر: مۇئەللىمنىڭ دوختۇرنى داۋالىشى
ۋاقتى: 2015-03-26 ئاۋاتلىقى: 4102 قېتىميانفوندا كۆرۈش
مۇئەللىمنىڭ دوختۇرنى داۋالىشىبىر مۇئەللىم كۈنىنى ئالالماي دوختۇرلۇق قىلىپ جېنىنى باقماقچى بولۇپ، شىپاخانىدىن بىرنى ئېچىۋاپتۇ. شىپاخانىنىڭ ئالدىغا «كېسەلنى ساقايتالىسام ئۈچ يۈز كوي ئالىمەن، ساقايتالمىسام مىڭ كوي بېرىمەن» دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. بىر دوختۇر بۇنى كۆرۈپ، «توختا، يالغان كېسەل بولۇپ پۇلىنى بىر قويمايمەنمۇ» دەپ ئويلاپ، شىپاخانىغا كىرىپتۇ: دوختۇر:— نەچچە كۈن بولدى قاراڭ، تەم سەزگۈم پەقەت يوق، ھەر قانداق نەرسە يېسەم تېتىمايدۇ. مۇئەللىم:— سېستىرا! بەشىنچى نومۇرلۇق دورىدىن ئېلىپ، بىمارنىڭ تىلىغا ئۈچ تامچە تېمىتىڭ!دورا تېمىتىلغاندىن كېيىن ...دوختۇر:— ۋۇ ئاناڭنى، نەدە دورا بۇ، بېنزىن ئىكەنغۇ!!! مۇئەللىم:— ئۈنۈم دېگەن شۇ-دە، ساقايدىڭىز مانا، — دەپتۇ. دوختۇر گەپ قىلالماي ئۈچ يۈز كوي تۆلەپ كېتىپ قاپتۇ. نەچچە كۈن ئۆتۈپتۇ، قورساق كۆپۈكىگە چىدىمىغان دوختۇر يەنە كىرىپتۇ. دوختۇر:— ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىم بەك ناچارلىشىپ كەتتى، ھېلى بولغان ئىش، ھېلى يادىمدا يوق.مۇئەللىم: سېسترا! بەشىنچى نومۇرلۇق دورىدىن ئۈچ تامچە، — دېيىشىگە، دوختۇر سەكرەپ تۇرۇپ كېتىپ:— ماڭا يەنە بېنزىن بەرمەكچىمۇ، — دەپتۇ مۇئەللىم:— مۇبارەك بولسۇن، ئەسلىمىڭىز ئەسلىگە كەلدى. قېنى ئۈچ يۈز سومنى تاراققىدە ھە ...بۇ ئەلەمگە چىدىمىغان دوختۇر نەچچە كۈندىن كېيىن يەنە كەپتۇ. دوختۇر:— مېنىڭ كۆزۈم روشەن كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدى، بىر داۋالىسىڭىز، — دەپتۇ. مۇئەللىم:— كۆزنى داۋالىيالمايمەن، مانا ئېلىڭ، مىڭ سوم، — دەپتۇ. دوختۇر خۇشاللىقىدا پۇلنى ئېلىپ ساناپلا:— ھۇ ئالدامچى، بەش يۈز كوينى مىڭ كوي دەپ بېرىۋاتىسىنا، سەن مېنى يەنە ئالدىماقچىما، — دەپتۇ. مۇئەللىم:— كاتتا تەبرىكلەر بولسۇن، كۆزىڭىزمۇ ساقىيىپ قالدى مانا. داۋالاش ھەققىنى بېرىۋىتەمسىز...مەنبەسى: ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
نىدائىي: سەرسان ھەرپ
2015-02-09 10:18:084464ھېرودوت ۋە ئۇنىڭ ‹‹تارىخ›› ناملىق ئەسىرى
2015-08-18 13:08:405125ئېينشتېيننىڭ نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى نۇتۇقى
2015-07-15 17:23:554808ئۇيغۇر ئويما خەت سەنئىتى توغرىسىدا
2015-02-04 15:33:014598بىل گايتسنىڭ ستانفوردتىكى ئېسىل نۇتۇقى
2015-11-16 23:24:01123812016-يىللىق ئىقتىسادتىكى بەش چوڭ ئېھتىماللىق
2016-01-01 21:42:494766تەرجىمە ھېكايە: ياخشىلىققا ياخشىلىق
2015-10-08 16:10:514728قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى مۇبارەك ساڭا
2015-02-04 18:37:014376
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-