نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

تەرجىمە ھېكايە: ياخشىلىققا ياخشىلىق

تەرجىمە ھېكايە: ياخشىلىققا ياخشىلىق

ۋاقتى: 2015-10-08 ئاۋاتلىقى: 5152 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياخشىلىققا ياخشىلىق 



   

   جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شەرقىدىكى بىر  چەت بازاردا بىر جۈپ قاراتەنلىك  ئەر-خۇتۇن ياشايدىكەن. ئەرنىڭ ئىسمى جورجى، ئايالنىڭ ئىسمى خەيلىن ئىكەن. جورجى دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئىشلىگەچكە، ھەركۈنى سەھەر  چىقىپ كېتىپ، كەچ قايتپ كېلىدىكەن. خەيلىن ئېغىرئاياغ بولغاچقا ئۆيدە ئولتۇرىدىكەن.بىركۈنى جورجى پىكاپنى ھەيدەپ يولغا چىقىپتۇ. يولدا تۇيۇقسىز يانفونى سايراپ كېتىپتۇ.

   — جورجى تېز قايتىپ كېلىڭ، قورسىقىم ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ، — دەپتۇ خەيلىن.
   بىر نەچچە كۈن بۇرۇن خەيلىن دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەندە، دوختۇر ئۇنىڭ بالدۇر تۇغۇپ قۇيۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانىكەن.
   جورجى دەرھال ئۆيگە قايتىپتۇ. ئۇ  ئەمدىلا مېڭىشغا قارا تەنلىك بىرەيلەن تۇيۇقسىز ئۇنىڭ پىكاپىنى توسۇپ: «ئەپەندىم، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئوغلۇمنى قۇتقۇزۇۋالسىڭىز!» دەپتۇ. ئەسلىدە خوتۇن-بالىلىرىنى ئېلىپ ئوينىغىلى چىققان ئەندۇنىنىڭ پىكاپى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، توققۇز ياشلىق ئوغلى ئېغىر يارىلانغانىكەن، جورجى قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي قاپتۇ، چۈنكى ئەندۇنىغا ياردەم قىلمىسا، بالا قانسىراپ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن بولۇپ كەتسە، خەيلىننىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالاتتى. ئەندۇنىنىڭ يىغىسى جورجىنى تەسىرلەندۈرۈپتۇ. جورجى ئۇنىڭ بىلەن مېڭىپتۇ. ئەندۇنى ئۇنى ئوغلىنىڭ يېنىغا باشلاپ بېرىپتۇ، بالا قانغا مىلىنىپ ياتاتتى. ئۇلار دوختۇرخانىغا چېپىپتۇ. جورجى يولدا خوتۇنىغا تېلېفۇن بېرىپتۇ، خەيلىننىڭ نالىلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېزىپتۇ.
   دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقتىن، ئەندۇنىنىڭ بالىسى خەۋپتىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ.جورجى جىددىيلىشىپ خوتۇنىغا تېلېفۇن بېرىپتۇ، بىراق تېلېفۇن ئېلىنماپتۇ، جورجىنىڭ كۆزىدىن ياش قۇيۇلۇپتۇ. جورجى ئۆيىگە قاراپ چېپىپتۇ، ئەندۇنى بالىسىنى دوختۇرغا تاپشۇرۇپ، جورجى بىلەن بىللە يولغا چىقىپتۇ، ئۇلار ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە، بىر بوۋاقنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. ئۇلارئۆيگە كىرگەندە، خەيلىن كارۋاتتا ئۈستىگە ئاپپاق يوتقان يېپىنغىنىچە ئۇخلاۋاتاتتى،كارۋاتتىكى يۆگەكتە بۇ دۇنياغا ئەمدىلا كۆز ئاچقان بىر بوۋاق يىغلاۋاتاتتى، كارۋاتنىڭ يېنىدا بىر ئايال ئولتۇراتتى. جورجى ھەم ھەيران بوپتۇ، ھەم خۇشال بوپتۇ. ئەندۇنى تۇيۇقسىز يۈگۈرۈپ بېرىپ ھېلقى ئايالنى چىڭ قۇچاقلاپ:
«قەدىرلىكىم، بالىمىزنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇۋېلىندى، ئۇ خەۋپتىن قۇتۇلدى» دەپتۇ.
   ئەسلىدە ئەندۇنىنىڭ خوتۇنى ئوغلىنى قۇتقۇزۇش كويىدا ئاپتوموبىل ئىزدەپ، جورجىنىڭ ئۆيى ئالدىدىن ئۆتۈپ قالغان   ھەمدە خەيلىننىڭ ئېچىنىشلىق نالىسىنى ئاڭلاپ، ئۆيگە كىرگەن، ئاندىن ئەھۋالنىڭ چاتاق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، خەيلۇننى تۇغدۇرۇش قارارىغا كەلگەنىكەن.
   — شۇ ۋاقىتتا مەن ناھايىتى تەستە بۇ قارارنى چىقاردىم، — دەپتۇ ئەندۇننىڭ خوتۇنى، — مەن ئاۋال خەيلىننى تۇغدۇرۇش ياكى ئوغلۇمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاپتوموبىل ئىزدەشتىن قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەي قالدىم، ئاخىرىدا كۆز ئالدىمدىكى ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشنى قارارقىلدىم.
   جورجى ئۇيقۇغا كەتكەن خەيلىنگە تىكىلىپتۇ، ئارقىدىنلا بوۋىقىغا قاراپ، كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياش ئاققۇزۇپتۇ……

گۈلباھار مىجىت تەرجىمىسى
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى