نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

جۇڭگو ئىنتېرنېت كەسپىنىڭ 22 يىللىق مۇساپىسى

جۇڭگو ئىنتېرنېت كەسپىنىڭ 22 يىللىق مۇساپىسى

ۋاقتى: 2016-03-31 ئاۋاتلىقى: 1960 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جۇڭگو ئىنتېرنېت كەسپىنىڭ 22 يىللىق مۇساپىسىگە نەزەر


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


1994-يىلى، جۇڭگودا تۇنجى www مۇلازىمىتىرى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكا تەتقىقات ئورنىدا قۇرۇلۇپ، سىستېما بىر 486PC كومپيۇتېرىغا قاچىلىنىپ، 24 سائەتلىك خىزمەتكە كىرىشكەن.

1995-يىلى، پوچتا-تېلېگراف مىنىستىرلىقى جەمئىيەتكە ئىنتېرنېت ئۇلاش كەسپىنى ئاچقان.

1996-يىلى، جۇڭگودا تۇنجى تورخانا ـــ ‹‹قەھۋە بوشلۇقى›› ئېچىلغان.

1998-يىلى، سوخۇ تورى قۇرۇلغان.

1999-يىلى، OICQ بارلىققا كەلگەن، كېيىنچە نامى QQ غا ئۆزگەرتىلگەن.

2000-يىلى، بەيدۇ تورى قۇرۇلغان، كېيىنچە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ خەنزۇ تىلىدىكى ئىزدەش موتورىغا ئايلانغان.

2003-يىلى، ‹‹تاۋباۋ›› تورى قۇرۇلۇپ، ئېلېكتىرونلۇق ئىقتىساد دەۋرى باشلانغان.

2008-يىلى، جۇڭگودىكى تورداشلار سانى 253 مىليونغا يېتىپ، دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرغان.

2011-يىلى، مىكروبىلوگ مودا بولۇشقا باشلىغان. بۇنىڭدا پەقەت 140 خەتلىك مەزمۇننى يوللىغىلى بولىدىغان بولۇپ، تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى، يانفون تور ئابونتلىرىنىڭ سانى 420 مىليونغا يېتىپ، كومپيۇتېر ئابونتلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.

2013-يىلى، قالدۇقداننىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن دۆلەت ئىچى ئىنتېرنېت پۇل مۇئامىلە كەسپى باشلانغان.

2016-يىلى، ‹‹مېيتۇەن›› ۋە ‹‹داجوڭ›› تېڭشۈن ۋە ئەلى بابانىڭ تۈرتكىسىدە بىرلەشكەن، بۇ ھال بەيدۇ، ئەلى بابا، تېڭشۈننىڭ جۇڭگونىڭ ئىنتېرنېت كەسپىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن.


بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى