نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

دۇنيادىكى 10 چوڭ سىرلىق مۈلۈكدار جەمەت (1)

دۇنيادىكى 10 چوڭ سىرلىق مۈلۈكدار جەمەت (1)

ۋاقتى: 2016-06-13 ئاۋاتلىقى: 5217 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنيادىكى 10 چوڭ سىرلىق مۈلۈكدار جەمەت (1)


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا، دۇنيا بويىچە ئەڭ پۇلدار شۇنداق 10 چوڭ جەمەت ئۆتكەن بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ بايلىقى تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە، بەزىلىرى ئاللىبۇرۇن تارىخ سەھىپىسىدىن چۈشۈپ قالدى. بۇ 10 چوڭ جەمەت تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.


بىرىنچى، دۇپونت جەمەتى

دۇپونت جەمەتى ئامېرىكىدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن چوڭ جەمەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <<فوربېس>> ژۇرنىلىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى مۆلچەرىگە قارىغاندا، ئەينى چاغدا بۇ جەمەتنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بايلىقى بار ئىكەن. ئەمما كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، 1982-يىلى <<فوربېس>> ژۇرنىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان 400 باينىڭ رەت تەرتىپىدە، بۇ جەمەتنىڭ ئەزالىرى جەمئىي 28 ئورۇننى ئىگىلەپ، ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ % 7 نى ئىگىلىگەن، بۇ يىل دۇپونت شىركىتى قۇرۇلغىنىغا توپتوغرا 180 يىل بولدى.

دۇپونت جەمەتىنىڭ بەرپاچىسى ئىرېنې دۇپونت فىرانسىيەدىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بولۇپ، مىلتىق دورىسى ياساش بىلەن بېيىپ كەتكەن. جەمەتنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد ۋارىسى شىركەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ھوقۇق-مەنپەئەت تالىشىش، بۆلۈنۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىپ باقمىغان، ئۇلار بىر تەرەپتىن داۋاملىق شىركەتنىڭ كەسپىنى پۇختا كېڭەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن سانى كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان كېيىنكى ئەۋلادلارنى كۈچەپ تەربىيەلىگەن.

20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، دۇپونت جەمەتىدىن <<ئۈچ چوڭ ماگنات>> چىققان. ئۇلار قايتىدىن ئىگىلىك تىكلەپ، جەمەتىنىڭ ئىگىلىكىنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن گۈللىنىش باسقۇچىغا ئېلىپ كىرگەن.

بۇ جەمەتنىڭ جەمەت بايلىقى ئىككىنچى ھاياتلىقى بولۇپ، ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىشىمۇ ئىنتايىن ئالاھىدە. ئۈچىنچى ئەۋلاد ئىچىدە، جەمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاز دېگەندىمۇ 10 جۈپ نەۋرە نىكاھلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ يېقىن تۇغقانلارنىڭ نىكاھلىنىشى ئەڭ كۆپ جەمەت بولۇپ قالغان.

دۇپونت جەمەتى دۇپونت شىركىتىنى كونترول قىلىپ 1973-يىلىغا كەلگەندىلا ئۆزگىرىش بولغان، دۇپونت جەمەتىنىڭ 11-ئەۋلاد رەھبىرى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، دۇپونت شىركىتى تارىختىكى تۇنجى جەمەتكە تەۋە بولمىغان رەھبەرنى كۈتۈۋالغان.

ئەينى چاغدىكى دۇپونت شىركىتى ئاللىبۇرۇن نوقۇل ھالدا مىلتىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەت بولۇشتىن قېلىپ، قۇرۇلمىدا ئۆزگىرىش ياساپ خىمىيە شىركىتىگە ئايلانغان دۇپونت شىركىتى زور مىقدارىدىكى كەسپىي ۋە باشقۇرۇش خادىملىرىغا ئېھتىياجلىق بولغان، جەمەتنىڭ كونتروللۇقى پايدىسىز بولۇشتىن زامانىۋى باشقۇرۇش تۈزۈمىدىكى دۆلەت ھالقىغان كارخانىغا ئايلانغان.

ھازىرقى دۇپونت شىركىتى 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مۈلۈككە ئىگە چوڭ تىپتىكى خىمىيە شىركىتى بولۇپ قالدى، دۇپونت جەمەتى گەرچە ھازىر دۇپونت شىركىتىگە رەھبەرلىك قىلمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۇلارنىڭ شىركەتنىڭ مۇدىرىيەت ئورنىدا بىر كىشىلىك ئورنى بار، جەمەتنىڭ ئاساسلىق فوندى جەمئىيىتى ___ لوڭۋۇد فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئېرېسسېل دۇپونت ھازىر شىركەتنىڭ تەپتىشلىك ۋە تېخنىكا ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى بولۇپ تۇرماقتا.


ئىككىنچى، روتسچىلد جەمەتى

روتسچىلد جەمەتى 19-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە گېرمانىيەدە بېيىشقا باشلىغان، بۇ جەمەتنىڭ بەرپاچىسى مايېر روتسچىلد دېگەن كىشى. ئۇ ئۆزىنىڭ بەش ئوغلى بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فىرانكفورت، لوندون، پارىژ، ۋېينا، ناپلېس قاتارلىق ياۋروپادىكى داڭلىق شەھەرلەردە بانكا ئاچقان، سودىسى تازا گۈللەنگەندە، ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەر ئۇلارنىڭ جەمەتىدىن قەرز ئالغان.


روتسچىلد جەمەتىنىڭ يېقىن تۇغقانلارنىڭ نىكاھلىنىش ئەنئەنىسى 150 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان. يېقىن تۇغقانلار نىكاھلىنىش ئارقىلىق روتسچىلد جەمەتىنىڭ قان سىستېمىسىنىڭ ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، بۇ سىرلىق جەمەت ئاخىرى يېقىن تۇغقانلار نىكاھلىنىش ئەنئەنىسىدىن ۋاز كەچكەن.

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، روتسچىلد جەمەتى بايرىقى ئاستىدىكى كارخانىلار يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالماس بىلەن تەمىنلەش شىركىتى، دۇنيادىكى ئەڭ ئاساسلىق قىزىل ھاراق بىلەن تەمىنلەش شىركىتى بولۇپ تۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن دۇنيانى % 70 تۆمۈر رودىسى سودىسىنى ئىگىلەيدىغان ئىسپانىيە رىيوتىنتو شىركىتى، بىرازىلىيە ۋالې شىركىتى، ئاۋسترالىيە BHP شىركىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ روتسچىلد جەمەتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار. 2008-يىلىدىكى دۇنيا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدا، روتسچىلد جەمەتىنىڭ بايلىقى ھېچقانداق خېيىم-خەتەرگە ئۇچرىمىغان. بۇ ھال سودا ساھەسىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان.

<<پۇل ئۇرۇشى>> ناملىق كىتابتا ئىلگىرى بۇ ساداقەتمەن يەھۇدىيلار جەمەتىنىڭ ھازىرقى بايلىقىنىڭ 50 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان، بىراق روتسچىلد جەمەتى بۇنى ئىنكار قىلغان. روتسچىلد جەمەتىنىڭ بايلىقىنىڭ بۇنچىۋالا كۆپلۈكىگە ھەممەيلەن ئىشەنگەن.


ئۈچىنچى، ئوناسسىس جەمەتى

ئوناسسىس جەمەتىنى گرېتسىيە <<كېمە پادىشاھى>> ئوناسسىس بەرپا قىلغان، ئۇ تاماكا سودىسىدىن تەرەققىي قىلىپ دۇنيا كېمە ساھەسىگە يۈرۈش قىلغان.

ئوناسسىسنىڭ ئىگىلىك تىكلەش سەرگۈزەشتىلىرىنى بىر رىۋايەت دېيىشكىمۇ، شۇنداقلا بىر تەۋەككۈلچىلىك مۇساپىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ غايەت زور مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ رومانتىك تارىخى كىشىنى جەلپ قىلىدۇ، <<رومانتىك كېمە پادىشاھى>> دېگەن نامىدىن كۆرە <<گرېتسىيە جەڭ ئىلاھى>> دېگەن نامى تېخىمۇ مەشھۇر بولۇپ، ئۇنى ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭىنىڭ خانىمى جەكۇلىن كېننىدى بىلەن بولغان بىر مەزگىللىك نىكاھ تارىخى ھەممەيلەن ھەۋەس بىلەن سۆزلەيدىغان ئىشقا ئايلانغان.

ئۇنىڭ داڭلىق ئايال يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى مارىيا كاراس بىلەن بولغان مۇھەببىتىمۇ كىشىلەر بىلىدىغان قىزىق نۇقتىلىق ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ، كۆپ قېتىم تاراتقۇلاردىمۇ مۇنازىرە قوزغىغان. تا بۈگۈنگە قەدەر، ئۇ مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن غايەت زور ئىگىلىك يەنىلا يۈرۈشۈۋاتقان بولۇپ، ئوناسسىسنىڭ نامى دۇنيا كېمىسازلىق تارىخىغا يېزىلغان.

ئاتىنا ئوناسسىس پېشقەدەم كېمە پادىشاھى ئوناسسىسنىڭ بىردىنبىر خانىشى بولۇپ، ئاتىنا ئۆزىنىڭ فامىلىسىدىن ئىزچىل بىئارام بولۇپ كەلگەن، ئۇ باشتىن-ئاخىر پۈتۈن جەمەتنىڭ <<ئوناسسىس ئەپسۇنى>>دىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغان. ئاتىنا مۇنداق دېگەن: <<مەن ئوناسسىس دېگەن فامىلىنى ئۇنتۇپ كەتمەكچىمەن، چۈنكى بۇ فامىلە بىزنىڭ بۇ جەمەتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسى.>>


تۆتىنچى، روكېفېللېر جەمەتى

يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان ئامېرىكا تارىخى ھەققىدە گەپ بولۇنسا، كىشىلەر روكېفېللېر دېگەن بىر جەمەتنىڭ ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتى، روكېفېللېر فوندى جەمئىيىتى، چاس بانكىسى، روكېفېللېر مەركىزى، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلارنى تىلغا ئالماي تۇرالمايدۇ، يەنە بۈگۈنكى ئامېرىكىنى ئېغىر جاراھەتلەندۈرگەن <<11-سېنتەبىر>> ۋەقەسىدىكى قوشماق مۇنارمۇ بار.

روكېفېللېر بۇ مۈلۈكدار جەمەتنىڭ بەرپاچىسى، ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى مىلياردېر، يەنە ئامېرىكا نېفىت پادىشاھى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئاچقان نېفىت خانىدانلىقى ئامېرىكىدا 85 يىلدىن ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن. ئۇنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد كىچىك روكېفېللېر جەمەتىنىڭ ئىشلىرىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسلىق زېھنىنى چوڭ روكېفېللېر قالدۇرۇپ كەتكەن خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاراتقان.

20-ئەسىرنىڭ كۆپ قىسىم مەزگىلىدە، روكېفېللېر دېگەن ئىسىم <<ئامېرىكىنىڭ بايلىقى ۋە كۈچى>> دېگەن سۆز بىلەن مەنىداش بولۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ جەمەت ئامېرىكىدا مىسىلسىز ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلگەن. <<ئۈچ ئەۋلادتىن ئاشالماسلىق>>تىن ئىبارەت پولاتتەك قانۇنىيەت بار، بىراق روكېفېللېر جەمەتى بەرپا قىلىنغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ئالتە ئەۋلاد دەۋر سۈرۈپ، جەمەت ھەممىلا يەردە شەرەپ قۇچۇپ كەلگەن بولۇپ، تاكى بۈگۈنگىچە يەنىلا ئامېرىكا بايلىرىنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ كەلمەكتە.

روكېفېللېر جەمەتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاتىنىڭ ئىشلىرىنىڭ بالا ۋارىسلىق قىلىش، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. روكېفېللېر جەمەتى بىر ئىنتايىن ياخشى ئۈلگە ___ ئاساسلىقى جەمەت يىغىلىشى ۋە دائىملىق ئالاقىگە تايىنىشتىن ئىبارەت.


بەشىنچى، IBM ۋاتسون جەمەتى

ۋاتسون جەمەتى دۇنياغا داڭلىق كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال شىركىتى IBM نى قۇرۇپ چىققان. بۇ باي جەمەتنىڭ بەرپاچىسى توماس ۋاتسون بولۇپ، ئۇ يېزىدىن قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ، مال ساتقۇچىلىق قىلىپ يۈرۈپ IBM دىن ئىبارەت بۇ دەسلەپتىكى تارازا، قاسساپ پىچىقى ۋە تۆشۈك تېشىش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان كىچىك شىركەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنياددا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يۇمشاق دېتال شىركىتىگە ئايلاندۇرغان.

ۋاتسون 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كارخانىچىنىڭ بىرى. ئۇ دۇنياغا <<ئويلىنىش>> دېگەن بىر سۆزنى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن. 40-يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چوڭ ۋاتسون شىركەتنى كومپيۇتېر ساھەسىگە باشلاپ كىرىپ، <<كومپيۇتېر ئاتىسى>> دەپ ئاتالغان.

IBM شىركىتىنى كومپيۇتېر ساھەسىگە باشلاپ كىرگىنى چوڭ ئوغۇل، يەنى كىچىك ۋاتسون. 1956-يىلى ئاتىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ باش ئىجرائىيە ئەمەلدار بولغاندىن كېيىن، ئۇ شىركەتكە رەھبەرلىك قىلىپ مىسلىي كۆرۈلمىگەن ئۇزاق مەزگىللىك، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان شىددەت بىلەن ئېشىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالغان. ئۇ ياراتقان IBM شىركىتى ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى گۈللەنگەن مەزگىللىرىدە كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىلىرىگە ئايلانغان، كىشىلەر ھەر قېتىم ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە <<تەشكىللىگۈچىلەر>> تېمىسى ھەققىدە توختالغاندا، ئۇلار ھامان بۇ شىركەتنى تىلغا ئالىدۇ.

1974-يىلى، ياشىنىپ قالغان كىچىك ۋاتسون IBM شىركىتىدىن رەسمىي ئايرىلغان ھەمدە ۋارىسى گارىغا مۇنداق دېگەن: <<100 كۈن ئىچىدە مەن بۇ بىناغا قايتا قەدەم باسمايمەن.>> كىچىك ۋاتسون گېپىدە تۇرىدىغان بولۇپ، 1993-يىلىغىچە بولغان 20 يىلدەك ۋاقىتتا شىركەتنىڭ ئىشلىرىغا قىلچە ئارىلاشمىغان. كىچىك ۋاتسوننىڭ خىزمەتتىن چېكىنىپ تىنچ ياشىشى ۋە قېرىنداش ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ ۋاپات بولۇپ كېتىشى بىلەن، ۋاتسون جەمەتى پەيدىنپەي يوقىلىشقا يۈزلەنگەن.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى