كۈسەن مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان ساپال ئىدىش
-
كۈسەن مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان ساپال ئىدىش
ۋاقتى: 2015-03-05 ئاۋاتلىقى: 4509 قېتىميانفوندا كۆرۈش
توقسۇ ناھىيەسىدىكى كۇسەن مەدىنىيەت مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان ساپال ئىدىش
مۇھەممەد تۇراپ
توقسۇ ناھىيەلىك كۈسەن مەدەنىيەت مۇزىيدا ساقلىنىۋاتقان ساپال ئىدىشبۈگۈنكى كۈندە توقسۇ ناھىيەلىك كۈسەن مەدەنىيەت مۇزېيىدا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەئەللۇق ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى بىردانە ساپال ئىدىش ساقلانماقتا . بۇ ساپال ئىدىش ناھايىتى ئەتىۋارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقى بولۇپ ، بۇ ساپال ئىدىشنى 20 ــ ئەسىرنىڭ 80 ــ يىللىرىدا توقسۇ ناھىيەسىدىكى بىر دېھقان ناھىيەدىكى قىزىلشەھەر قەدىمىي شەھىرىدىن تېپىۋېلىپ ، ناھىيەدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.بۇ ساپال ئىدىش يېشىل سىر بىلەن سىرلانغان ، ئاغزىنىڭ دىئامېتىرى 19 سانتىمېتىر ، ئېگىزلىگى 42 سانتىمېتىر ، ئاستىنىڭ دىئامېتىرى 15 سانتىمىتىر كېلىدۇ . ئىدىشنىڭ ئاغزى بىلەن مۈرە قىسمىغىچە بولغان دائىرىدە ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك ئۈچ دانە قۇلاق بولۇپ ، قۇلاقنىڭ ئاستىدا ئۈزۈم يوپۇرمىقى ۋە بىرئادەمنىڭ يۈز قىسمى نەقىشلەنگەن . بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىدارىسىدىكى مۇتەخەسىسلەر تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى دەپ بېكىتىلدى . بۇساپال ئىدىشنىڭ شەكلى چوڭ بولۇپ ، ھۈنەر ــ سەنئىتى ، ياسىلىش ئۇسلۇبى ۋە زىننەتلىنىش شەكلىدىن قارىغاندا شىنجاڭدا كەمدىن ــ كەم تېپىلىدىغان بىردىن بىر ئېسىل قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە خاس مەدەنىيەت يادىكارلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.2005 ــ يىل31 ــ دېكابىر توقسۇ ناھىيەسىنىڭ تەكلىپى بىلەن توقسۇ ناھىيەسىگە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشكە كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسىسسى جاڭ پىڭ قاتارلىق11 كىشىدىن تەركىپ تاپقان قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىزلىرنى تەكشۈرۈش گورۇپپىسى توڭگۇز باش قەدىمىي شەھەر خارابىلىقىنىڭ يېنىدىكى تاشتۇر تۇراسىدىن زور مىقداردىكى ساپال پارچىلىرى ۋە 15 گېكتار دائىرىسىدىكى ئۈزۈمزارلىقنى بايقىغان ، بۇ ئۈزۈمزارلىقتىن 20 نەچچە تال قۇرۇپ كەتكەن ئۈزۈم شېخىنى تاپقان بولۇپ ، بۇ شاخلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە شاخ ئىكەنلىكى ، ئۈزۈمزارلىقنىڭ بىر مىڭ 400 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ، جۇڭگودا بايقالغان ساقلىنىشى مۇكەممەل بولغان قەدىمكى زامان ئۈزۈمزارلىق خارابىسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن . توقسۇ ناھىيەسىدە ھازىرغىچە تېرىلىۋاتقان سايۋا ئۈزۈم سورتى بىلەن بۇ ئۈزۈمزارلىقتىكى ئۈزۈم شېخى ناھايىتى ئوخشىشىپ كەتكەن بولغاچقا ، مۇتەخەسىسلەر ئۇلار قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە ئىكەن دەپ يەكۈن چىقاردى . توقسۇ ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دەيدۇ: كۈسەن بەگلىكى دەۋرىدە كۇچا ناھىيەسى كۈسەن خانى تۇرىدىغان جاي ، شايار ناھىيەسى كۈسەن بەگلىكىنىڭ ئاشلىق ئىسكىلاتى ، باي ناھىيەسى كۈسەن خانىنىڭ ئوۋچىلىق مەيدانى ، توقسۇ ناھىيەسى كۈسەن بەگلىگىنىڭ مېۋىلىك بېغى بولغان . كۈسەن بەگلىكى دەۋرىدە ئۈزۈم ئۆستۈرۈشتىكى مەقسەت ئۈزۈمدىن ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەشتىن ئىبارەت. ‹‹ كونا تاڭنامە. غەربى يۇرت تەزكىرىسى ›› دە كۈسەن بەگلىگىدە ئۈزۈم ھارىقى ئىشلىنىدۇ ، بايلارنىڭ ئۆيىدە بىرقانچە يۈز كۇپ ھاراق ساقلىنىدۇ ، دېگەن خاتىرىلەر بار. كۈسەن تام رەسىملىردە ھاراق ئىشلەشكە دائىر سۈرەتلەر بار بولۇپ ، بۇنىڭدىن كۈسەن بەگلىگىنىڭ ئۈزۈمدىن ھاراق ئىشلەشكە ماھىر ئىكەنلىگىنى كۈرىۋالغىلى بۇلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، توقسۇ ، شايار ، كۇچا ناھىيەلىردىن ئىلگىر ــ كېيىن زور مىقداردىكى چوڭ ساپال ئىدىشلەر تېپىلغان بولۇپ ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ چوڭ ساپال ئىدىشلەرنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارىنىڭ ئاشلىق ۋە ھاراق ساقلاش ئىكەنلىگى ئىسپاتلانغان . مۇتەخەسىس جاڭ پېڭ ئەپەندى ساپال ئىدىش تېپىلغان توقسۇ ناھىيەسىدىكى قىزىل شەھەر قەدىمكى شەھىرنىڭ كۈسەن بەگلىكىنىڭ مۇھىم سىياسى ۋە ئىقتىسادى مەركىزى ئىكەنلىكى ، قىزىل شەھەر قەدىمىي شەھىرى بىلەن توڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئارىلىقىنىڭ 10نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى ، توڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرى ئەتراپىدىن قەدىمكى ئۈزۈمزارلىقنىڭ تېپىلىشى ۋە قىزىل شەھەر قەدىمكى شەھىرىدىن ساپال ئىدىشنىڭ تېپىلىشى ، توقسۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كۈسەن بەگلىكىدە مۇھىم ئىستىراتىگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە ھەربىي ئىشلار ، سىياسى ئىشلار ۋە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەركىزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن.دېمەك ، توقسۇ ناھىيەسىدىكى كۈسەن مەدەنىيەت مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان ساپال ئىدىش توقسۇنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دېھقانچىلىق ، كۇلالچىلىق ، باغۋەنچىلىك ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەتىۋارلىق مەدىنىيەت يادىكارلىقى ھېسابلىنىدۇ.تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىيمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
تارىختىكى ‹‹ئولىمپىك›› خاتىرە پۇللىرى
2015-02-12 10:53:584510شىنجاڭلىقلار 3000 يىللار بۇرۇن ئىشتان كىيىشكە ب
2016-06-23 21:46:161784تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئورنىغا تۇرپان شەھىرى تەسىس ق
2015-04-13 15:00:173366داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (18)
2015-03-01 22:40:493395پاكىستان كىنوچىلىقىدىكى ئۆمۈرلۈك تۆھپىكار — ناد
2016-01-31 19:34:5516605كوچىلاردىكى ساختا مەسچىتكە پۇل يىغقۇچىلار
2015-06-04 15:33:404638داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (24)
2015-03-01 22:55:133505ھىندىستان «كىنو تاماشىبىنلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 70-يىل
2016-02-14 00:02:574731
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-