دۇنيادىكى تۇنجى دۆلەت بايرىقىغا نەزەر
-
دۇنيادىكى تۇنجى دۆلەت بايرىقىغا نەزەر
ۋاقتى: 2016-06-29 ئاۋاتلىقى: 1980 قېتىميانفوندا كۆرۈش
دۇنيادىكى 800 يىل بۇرۇنقى تۇنجى دۆلەت بايرىقىغا نەزەر
توخنىياز ئىسمائىل نىدائى تەرجىمىسى
دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى دۆلەت بايرىقى شىمالىي ياۋروپادىكى پاراۋان دۆلەت ___ دانىيەدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت بايرىقى 1219-يىلى بارلىققا كەلگەن. بۇ بايراق توغرىسىدا يەنە بىر رىۋايەت تارقالغان.
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپا پاپاسى يۈكسەك ھوقۇققا ئىگە بولۇپ، ھەتتا نوپۇزى جەھەتتىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىرىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىكەن، بۇ بىر دىنىي ھوقۇق سىياسىي ھوقۇقتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان دەۋر ئىكەن.
1219-يىلى، ئېستونىيەدىكى پادىشاھ رىم پاپاسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان، شۇنداق قىلىپ پاپا دانىيە پادىشاھى ۋالدېمارنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇق قىلغان. ئېستونىيە بورودىكى بىر دېڭىز دۆلىتى بولۇپ، رۇسىيەگە يېقىن كېلەتتى، ئىلگىرى يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرى ئىكەن. ئىلگىرى ئېيىپ ئۆتكەندەك، ئۇ چاغلاردا دىنىي ھوقۇق سىياسىي ھوقۇقتىن ئۈستۈن تۇرغان، شۇڭا دانىيە پادىشاھى ئامالسىز بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، قوشۇننى باشلاپ ئېستونىيەگە يۈرۈش قىلغان.
جەڭ ئەمدىلا باشلىنىشىغىلا، دانىيە قوشۇنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق جەڭ قىلىپ، ئېستونىيە قوشۇنىغا قوغلاپ زەربە بەرگەن. بىراق كېيىن تۇيۇقسىز ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇپ، ئېستونىيە قوشۇنى قايتىدىن جانلىنىپ، دانىيە قوشۇنىغا شىددەتلىك زەربە بېرىشكە باشلايدۇ ھەمدە ئۇلارنى ھالاكەت گىردابىغا ئاپىرىپ قويغان.
مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، پاپا ئەۋەتكەن ئارخىئېپىسكوپ ئۆزى يالغۇز بىر تۆپىلىككە چىقىپ، تىلاۋەت قىلىشقا باشلىغان. بەلكىم ئۇنىڭ تىلاۋىتى تەڭرىنى تەسىرلەندۈردىمۇ، ئىشقىلىپ تۇيۇقسىز ئاسماندىن بىر ئاق رەڭلىك كىرسىت شەكلى چۈشۈرۈلگەن قىزىل بايراق چۈشۈپ، دانىيە قوشۇنى ئارىسىدا لەپىلدەشكە باشلىغان.
بۇنىڭ بىلەن دانىيە لەشكەرلىرى ئېتىلىپ بېرىپ بايراقنى تۇتۇۋېلىپ، «بىز غەلىبە قىلىمىز» دەپ ۋارقىرىغان.
دەرۋەقە دانىيە قوشۇنى تۇيۇقسىز ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، بىر ئادەم بىر نەچچە ئېستونىيە لەشكىرى بىلەن تۇتۇشۇشقا باشلىغان. مۆجىزە يۈز بېرىپ، دانىيە قوشۇنى تولۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېستونىيە قوشۇنىنى تولۇق مەغلۇب قىلغان. بۇ كۈنى دەل 1219-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىكەن.
شۇنداق قىلىپ، بۇ بايراقنىڭ نامى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تارقىلىپ كەلگەن، شۇنداقلا بارا-بارا دانىيەنىڭ مىللىي سىمۋولىغا ئايلانغان.
تا بۈگۈنگىچە، دانىيەدە ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلەت بايرىمى كۈنى تەبرىكلىنىدۇ، بۇ كۈن يەنە ۋالدېمار كۈنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ما يۈننىڭ ‹‹ئىنتېرنېت + پارچە سېتىش››تىكى نۇتۇقى
2015-12-02 01:00:169232دەھشەت قىزىق يۇمۇرلار
2015-03-11 19:44:253954ما يۈن: 10 خىل كىشى شېرىكلىشىشكە ئەڭ ماس كېلىدۇ
2015-03-05 12:20:413970ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىملىرىدىن __ تۇماق
2015-04-25 19:41:406056ھىندىستان فىلىملىرىدىكى مەڭگۈلۈك چولپان __ ئامرى
2015-12-25 15:11:477287بەدەل ئارت قەدىمىي تۇرى
2015-03-05 17:58:474303خالمۇرات غوپۇر خەلقئارالىق ئاكادېمىك بولدى
2015-04-24 16:35:4939392016-يىللىق ئىقتىسادتىكى بەش چوڭ ئېھتىماللىق
2016-01-01 21:42:495197
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-