خالمۇرات غوپۇر خەلقئارالىق ئاكادېمىك بولدى
-
خالمۇرات غوپۇر خەلقئارالىق ئاكادېمىك بولدى
ۋاقتى: 2015-04-24 ئاۋاتلىقى: 3658 قېتىميانفوندا كۆرۈش
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى خالمۇرات غوپۇر خەلقئارا ئالىي مائارىپ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولدى
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى خەۋىرى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى خالمۇرات غوپۇر مۇرەككەپ كېسەللىكلەرنى جۇڭيى-غەرب-ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىشتەك يېڭى ساھەنى ئېچىپ، ئېلىمىز ۋە ئەتراپتىكى ئەللەرنىڭ ئەنئەنىۋىي تېبابەتچىلىكىنى تېببىي ئىلىم-پەن بىلەن بىرلەشتۈرۈش تەتقىقاتى ۋە مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، يېقىندا خەلقئارا ئالىي مائارىپ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە سايلىنىپ، ئېلىمىزدىن چىققان ئاكادېمىكلەر گۇ چاۋخاۋ، جاۋ داپېڭلاردىن كېيىن 12-بولۇپ مەزكۇر كاتتا شەرەپكە ئېرىشكەن ئالىم بولۇپ قالدى.
ئۇ مەزكۇر شەرەپكە ئېرىشىشتىن ئاۋۋال، سانكىت پېتىربورگ پاۋلوۋ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورلۇق شەرىپىگە، موسكۋا پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھاياتلىق ئىلمىي پەخرىي پىروفېسسورلۇق شەرىپىگە نائىل بولغان؛ ئېستونىيە بالتىق دېڭىزى ئەنئەنىۋىي تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي جەمئىيەت باشلىقى بولۇپ سايلانغان؛ يېقىندا ئامېرىكا، رۇسىيەلەردە ئىنگلىزچە ۋە رۇسچە نەشر قىلغان «زىققا كېسەللىكى ئىلمىي»، «شاڭخەنلۈن-رۇسچە شەرھىيەسى»، «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى خىلىت نەزەرىيەسى ۋە داۋالاش ئىلمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى خەلقئارادا ناھايىتى ياخشى تەسىر قوزغىغان ئىدى.پىروفېسسور خالمۇرات غوپۇر جۇڭگو ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزئارا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇتۇش كېلىشىمى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئېلىمىز بويىچە تۇنجى بولۇپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكۈچىدۇر. ئۇ ھازىر ئېلىمىز ۋە ئەتراپتىكى ئەللەردە بىرقەدەر زور تەسىرگە ئىگە تېببىي مۇتەخەسسىس-ئالىم. ئۇ ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، گېرمانىيە ۋە جۇڭگو شياڭگاڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا بېرىپ، 200 قېتىمدىن ئارتۇق كېسەل داۋالاش، لېكسىيە سۆزلەش ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇشلاردا بولدى. ھازىرغىچە، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىكلەردىن بولۇپ 24 نەپەر پوست دوكتور، 47 نەپەر دوكتور، 117 نەپەر خەلقئارالىق ئاسپىرانت تەربىيەلىدى؛ 20 دىن ئارتۇق دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى؛ مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش مۇكاپاتى قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ئەسىرىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە نەشر قىلدۇردى، ئېلان قىلغان SCI ئىلمىي ماقالىسى 80 پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئىلمىي ماقالىلىرى 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايونلاردىكى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىلدى.پىروفېسسور خالمۇرات غوپۇر ئېلىمىزدىكى تۇنجى دۆلەتلىك جۇڭيى-ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى كىلىنىكىلىق تەتقىقات بازىسىنى بەرپا قىلغۇچى، تۇنجى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ جۇڭيى-ئۇيغۇر-غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش تەتقىقاتى بويىچە ئۆلكە-مىنىستىرلىق بىرلىشىپ قۇرىدىغان نۇقتىلىق تەجرىبىخانا ۋە «چاڭجياڭ ئالىمى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى پىلانى» غا كىرگەن يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى قۇرغۇچى، تۇنجى بولۇپ شىنجاڭدىن چىققان «مەملىكەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلار ئىلىم-پەن فوندى» غا ئېرىشكۈچى.
پىروفېسسور خالمۇرات غوپۇر ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن 22 يىلدىن بۇيان، بارلىقىنى تېببىي تەتقىقات، تېببىي مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ناھايىتى زور نەتىجىلەرنى ياراتتى ھەم كاتتا شان-شەرەپلەرگە ئېرىشتى. باشقىلار ھەر قېتىم ئۇنىڭ قازانغان شان-شەرەپلىرىنى پەخىرلىنىش ئىچىدە تىلغا ئېلىپ تەرىپلەشكىنىدە، ئۇ: « ئۇلۇغ ۋەتىنىم بولغاچقىلا مۇشۇنداق شان-زەپەرلەرنى قۇچالىدىم. مەن چوقۇم ياراتقان نەتىجە-ئۇتۇقلىرىم ئارقىلىق ۋەتىنىمگە جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەك» دەيدۇ.Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرى
2015-03-09 12:23:114817نىدائىي: ما يۈننىڭ 10 جۈملە ئىلھامبەخش سۆزى
2015-07-02 18:38:134492گۇما ناھىيەسىگە ئىئانە قىلىش ئۇسۇلى ئېلان قىلىند
2015-07-06 18:16:283627‹‹بۆرە تۇتېمى››دىكى ھېكمەتلەردىن ئۈزۈندىلەر
2015-07-04 15:54:504419ئامېرىكا پارلامېنتىدا كىملەر نۇتۇق سۆزلىيەلەيدۇ؟
2016-06-27 13:17:171071‹‹ۋۇ سوڭ›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە جۇ يەنپ
2015-02-27 15:46:423215قەشقەر كوناشەھەردىكى گۈزەل مەنزىرىلەر
2015-08-04 17:23:424166پۇلدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى كىم يازغان؟
2015-05-01 17:14:064714
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-