نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

نىدائىي: ما يۈننىڭ 10 جۈملە ئىلھامبەخش سۆزى

نىدائىي: ما يۈننىڭ 10 جۈملە ئىلھامبەخش سۆزى

ۋاقتى: 2015-07-02 ئاۋاتلىقى: 4490 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەلى بابا گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى، داڭلىق كارخانىچى، ناتىق ما يۈننىڭ كىشىگە ئىلھام بېرىدىغان 10 جۈملە مەشھۇر سۆزى



توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


   بىرىنچى، ئادەم بېسىمغا ئۇچرىغاندا ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ.
   ھەربىر ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارى بولىدۇ، خۇشال ياشاپ، قايغۇ بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇڭا بېسىمغا ئۇچرىغاندا، بەك ئازابلىنىپ كەتمەڭ، بەلكى بۇ تۇرمۇشنىڭ كىچىككىنە سىنىقىدۇر، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، مەجبۇرلىنىش بولغاچقىلا ئەزىمەتلەر لياڭشەنگە توپلانغان، دەۋر قەھرىماننى يارىتىدۇ، كەمبەغەللەر تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، ئادەم پەقەت بېسىمغا ئۇچرىغاندىلا ئاندىن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ.
   ئىككىنچى، ناۋادا سىز ئاددىي بولسىڭىز، دۇنيامۇ سىزگە ئاددىي تۇيۇلىدۇ.
   ئاددىي تۇرمۇشلا بەختلىك بولىدۇ، ئادەم ھەمىشە خۇشال يۈرۈشتە كەڭ قورساق بولۇشى، نېمىلا ئىش بولسا مۇرەككەپ ئويلىۋالماسلىقى كېرەك، يۈرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ كەتكەندە، ئادەم ھەممىدىن نارازى بولىدۇ. قەرەللىك ھالدا ئەسلىمىلىرىڭىزنى تازىلاپ تۇرۇڭ، سىزنى بىزار قىلىدىغان ئادەملەر ۋە ئىشلارنى ئەسلىمىلىرىڭىزدىن چىقىرىۋېتىڭ. ھايات قىسقا، بايلىقنىڭ ئورنى ھامان قوشۇمچە بولىدۇ، ئۇنى تۇغۇلغاندا ئېلىپ كەلمىگەن، ئۆلگەندىمۇ ئېلىپ كېتەلمەيمىز، ئاددىي-ساددا تۇرمۇش ئادەتتە بىز دەۋاتقان خۇشال تۇرمۇشنىڭ ئۆزىدۇر.
   ئۈچىنچى، ھاياتلىقتا رېپېتىتسىيە يوق، ھەربىر كۈن نەق مەيدان كۆرۈنۈش.
   بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، ناۋادا ھاياتلىقنى بىر مەيدان ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇققا ئوخشىسا، ئوينىيالمىساق، قايتىدىن تاللىغىلى بولسا، ئۇ چاغدا تۇرمۇشتا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولار؟ كەتكەن ۋاقىتنى قايتۇرۇۋالغىلى، كۈنلەرنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا ھەربىر سېكونت ۋاقىتنىمۇ قەدىرلەش، ئاتا-ئانىلارغا ۋاپادار بولۇش، بالىلارغا كۆيۈنۈش، جۆرىسىگە كۆيۈمچان بولۇش، دوستلىرىغا مېھرىبان بولۇش كېرەك. 
   تۆتىنچى، تالانت بەئەينى ھامىلدار بولغانغا ئوخشايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانچە كىشىلەر ھامان بىلىدۇ.
   ئادەم ھەرگىزمۇ ئۆزىگە تەمەننا قويماسلىقى، يەرشارى بىرەرىمىزدىن ئايرىلىپ قالسىمۇ، ئوخشاشلا ئايلىنىۋېرىدۇ، قەدىمدىن ھازىرغىچە، ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان، مەنمەنچى كىشىلەر ياخشى ئاقىۋەت كۆرگەن ئەمەس. شۇڭا قانچىلىك ئىقتىدارلىق بولسىڭىزمۇ، چوقۇم كەمتەر، سەمىمىي بولۇڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىڭ، ئالتۇن نەدىلا بولسۇن، ھامان پارقىرايدۇ.
   بەشىنچى، ئىلگىرى سىرداشلار كۆپ ئىدى، ھازىر ئازىيىپ كەتتى.
   دوستسىز ھايات تولىمۇ زېرىكىشلىك ھاياتتۇر، ئەمما تۇرمۇشتىكى ئالدىراشچىلىقلار تۈپەيلىدىن ئالاقە ئازىيىپ بارىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ھېسسىياتىمۇ سۇسلىشىپ بارىدۇ. شۇڭا، ۋاقىت چىقىرىپ، دوستلار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇش كېرەك. دوستلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ياردەم بېرىش، ياردەم بېرەلمىگەندىمۇ تەسەللىي بېرىش كېرەك. 
   ئالتىنچى، ھاياتلىقتا خاتا يۆنىلىشتىن توختاشمۇ، بىر خىل ئىلگىرىلەشتۇر.
   ئادەمنىڭ ئۆز كەمچىلىكىنى ئۆزگەرتىشى تولىمۇ تەس، ئادەم ھەمىشە ئۆز خاتالىقلىرىنى تەستە بايقايدۇ. بەزىدە خاتالاشقانلىقىنى ئېنىق بىلسىمۇ، توختاپ قالغۇسى كەلمەي، خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزۈۋېرىدۇ. توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ پىرىنسىپىڭىزدا چىڭ تۇرۇشىڭىز كېرەك، بىر مەھەللىك خۇشاللىق ئۈچۈن ئازابلىق بەدەللەرنى تۆلىمەڭ، خاتالاشقانلىقىڭىزنى بايقىغان سامان توختاپ قېلىڭ. 
   يەتتىنچى، ھاياتلىقتا ئىككى چوڭ تىراگېدىيە بولىدۇ: بىرى، قاتتىق مەيۈسلىنىش، بىرى، قاتتىق كۆرەڭلەپ كېتىش.
   ھازىرقى كىشىلەر بەكمۇ ئاجىزدەكلا بىلىنىدۇ، گېزىتلەردە كۈندە دېگۈدەك نۇرغۇنلىغان داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئەسەبىيلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنىپ تۇرىدۇ، بۇ ئادەملەر چوقۇمكى بىر خىل ئەسەبىيلىكتىن يەنە بىر خىل ئەسەبىيلىككە يول ئالغۇچىلاردۇر. بەك كۆرەڭلەپ كەتكەنلىكتىن، بەزىلەر ئۆزىنى كەم-كۇتسىزدەك، ھېچنېمىسى كەم ئەمەستەك ھېس قىلىدۇ، ناۋادا ئۇلار ئازراقلا مۈشكۈلاتقا يولۇقسا، ئۆزىنى قاتتىق كەمسىتىدۇ، ھەتتا ياشاشقا بولغان ئىرادىسىنى يوقىتىپلا قويىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ توغرا ئورنىنى تېپىشتا تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقلاردىن بەھرىمەن بولۇش كېرەك. 
   سەككىزىنچى، ھاياتلىق مۇھەببەت دېمەكتۇر، مۇھەببەتنى كەتكۈزۈپ قويغانلىق ھاياتنىمۇ ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكتۇر.
   مۇھەببەت دېگەن نېمە؟ بۇنىڭدا ئادەم نېمە دېيىشنى بىلمەيلا قالىدۇ، ئەس-ھوشىنى يوقىتىپلا قويىدۇ، مۇھەببەتكە يۈزلەنگەندە قەيسەررەك بولۇپ، ئۆز سۆيگۈسىنى يۈرەكلىك ئىپادىلىشى كېرەك، چۈنكى، ‹‹جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس›› دېگەن گەپ بار. ئادەم ھامان قېرىيدۇ، ئاغرىيدۇ، ئۆلىدۇ، قانداقلا قىلساق، شۇ ئۆمۈر ئۆتۈۋېرىدۇ، مۇھەببەتنى كەتكۈزۈپ قويساق، ھاياتلىقتىكى گۈزەللىكلەردىنمۇ بەھرىمەن بولالمايمىز.
   توققۇزىنچى، پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا
   ھازىرقى جەمئىيەتتە كىشىلەر بارغانچە بايلىق ۋە مەرتىۋىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ كەتتى، بارغانسېرى مۇھەببەتنىڭمۇ ئانچە ئەھمىيىتى قالمايۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋاللاردىن بىز ‹‹پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا››، يەنى پۇل بولسىلا خوتۇن دېگەن تەييار، دېگەن گەپكە ئىشىنىشكە مەجبۇر بولىمىز، بۇ گەپ دەل ھازىرقى مۇھەببەتكە بولغان ئەڭ ياخشى تەسۋىرلەش بولسا كېرەك. 

   ئونىنچى، ئۇتۇق قازىنىشتا دوستۇڭ بولسۇن، تېخىمۇ زور ئۇتۇق قازىنىشتا رىقابەتچىڭ بولسۇن.

   رىقابەت بولغاندىلا تەرەققىيات بولىدۇ، چۈنكى رىقابەتچىمىزلا مەۋجۇتلا بولىدىكەن، يېڭىلگىنىمىزگە تەن بەرمەيدىغان ئىرادىلا بولىدىكەن، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلالايمىز. شۇڭا، بەزىدە رىقابەتچىمىزنىڭ كۈچى دوستىمىزنىڭ كۈچىدىن زور بولىدۇ. دۇنيادا مەڭگۈلۈك دۈشمەن يوق، ئەمما مەڭگۈلۈك دوست بار، بەزىدە دۈشمەنمۇ دوستقا ئايلىنالايدۇ.



بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى