‹‹دانالار خەزىنىسى››دىن دۇردانىلەر (3)
-
‹‹دانالار خەزىنىسى››دىن دۇردانىلەر (3)
ۋاقتى: 2015-07-22 ئاۋاتلىقى: 4758 قېتىميانفوندا كۆرۈش
‹‹دانالار خەزىنىسى››دىن دۇردانىلەر
ئەدەپكەمتەرلىكتىن كېلەر ئىززەتۇ ئېكرام،كىبىرلىكتىن يامان بولار ياخشى نام.— ناسىر خسراۋپەرىشان بولۇشنى خالىمىساڭ دىل،پەرىشان ھاللارنى ئۇنتۇمىغىن، بىل.— سەئىدىي شېرازىيدوستلار ئەيىبىنى كۆرۈپ قالساڭ گەر،ياخشى ئەمەس ئۇنى باشقىچە ئېيتماق.ئاقىۋەتنى ئويلاپ ئىش قىلغۇچى دەر:‹‹ئەيىب ئېچىشتىن ياخشى ئەيىبنى ياپماق››.— ئابدۇراخمان جامىيقامىتىدىن نە پايدا دىتى بولمىسا،گۈل رەڭگىدىن نە پەيدا ھىدى بولمىسا.— بەدرىددىن ھىلالىيسۆز ئەينى ساۋابلىقىنى بىلمىگۈچە سۆزلىمە،ئاڭا ساز جاۋابلىقىنى بىلمىگۈچە سۆزلىمە.كامالۇ پازىلدىن بى بەھرە بولساڭ،ئاغزىڭنى چىڭ يۇمغىن، يىغقىن تىلىڭنى.ئادەمنىڭ ئۆز تىلى قىلار شەرمەندە،مېغىزسىز ياڭاقنىڭ يېنىكتۇر ۋەزنى.— سەئىدىي شېرازىيدەممۇ دەم سۆزلىسەڭ، پىكىرسىز، ئاڭسىز.نەيدىن يەل چىقاردىڭ ھېچبىر ئاھاڭسىز.قىسقا سۆزلەش، قارىغىن ياخشى ھالدۇر.كۆپ سۆزلەش ھەمىشە دىلغا مالالدۇر.خالايىق ئاغزىنى ياپماقتىن ھامان،دېڭىز ئۈستىگە كۆۋرۈك ياسىماق ئاسان.— خۇسراۋ دېھلىۋىيسۆزگە لەۋ ئاچساڭ، ھېكمەت بىلەن ئاچ،ئەقىلسىز ۋات – ۋات سەپسەتىدىن قاچ.ھېكمەت دەپ بىلسۇن ۋۇجۇدۇڭ قۇلاق،بولمىسا ياخشىسى سۆزلىمە بىراق.— ئابدۇراخمان جامىيدانالار سۆزىنى ئەستە تۇتمىساڭ،ئەڭ نادان سەندۇرسەن، ئۇققىن ئۇقمىساڭ.سۆزگە لەۋ تەۋرەتسە ئەقىللىق ئىنسان،خوپ ئويلاپ، قۇلاققا قۇيۇپ ئال شۇئان.پەندى نەسىھەتتىن كىم ئۆرىدى يۈز،زەخمىتى مىڭ بولار پۇشايمانى يۈز.— ئوبۇلقاسىم پىردەۋىسى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (22)
2015-03-01 22:49:113479نىدائىي تەرجىمىسى: مەڭگۈلۈك ماندېلا
2015-02-27 16:01:583472داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (15)
2015-03-01 22:33:303853ئۇيغۇرلاردا تىل پەرھىزلىرى
2015-02-05 11:31:134097تۇيۇق ۋە كارىز دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتى
2015-03-18 00:38:324535نىدائىي: ما يۈن ياشلارغا شۇنداق دەيدۇ
2015-08-25 11:05:433926دۇنيادىكى نادىر مىكروھېكايىلەر (1)
2015-02-05 17:12:533496ھىتلېرنىڭ 100 جۈملە مەشھۇر سۆزى (2)
2015-09-21 13:21:524591
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-