نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (22)

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (22)

ۋاقتى: 2015-03-01 ئاۋاتلىقى: 3478 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گۆھەر ئارىلى (رومان ـــ 22)
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
روبېرت لوئىس ستىۋېنسون (ئەنگلىيە)
Robert Louis Stevenson
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان
 مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
ئالتىنچى بۆلۈم كېمىنى قايتا قولغا ئېلىش
بىرىنچى باب گوئىننىڭ قولۋىقى
 
   دېڭىز قاراقچىلىرى قايتا كەلمىدى، مىلتىق ئاۋازلىرىمۇ توختىدى. بىز يارىدارلارنى تەپسىلىي تەكشۈردۇق. گەرچە تالا خەتەرلىك بولسىمۇ ئۆينىڭ تېشىدا تاماق قىلىشقا تۇتۇش قىلدۇق. مەن سىرتتا تۇرۇپ ئۆينىڭ ئىچىدىن ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان نالە-پەريادلارنى ئاڭلاپ قالاتتىم.
   بۇ قېتىمقى جەڭدە ئىككى تەرەپتىن سەككىز ئادەم يارىلانغان ھەم ئۆلگەن ئىدى. بىز تەرەپتىن جويىس قازا قىلدى، خونتېر بىلەن كاپىتان يارىدار بولدى. خونتېرنىڭ يارىسى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساقمۇ ئۇنى ھوشىغا كەلتۈرەلمىدۇق. خونتېرنىڭ قوۋۇرغا سۆڭىكى ئۈزۈلگەن، يەرگە يېقىلغاندىن كېيىن يەنە باش سۆڭىكى يارىلانغان ئىكەن. ئۇ ئاخىرى كېچىدە جان ئۈزدى.
   كاپىتاننىڭ يارىسى ئېغىر بولسىمۇ مەسىلە چوڭ ئەمەس ئىدى. ئۇ يوبو ئاندىرىسوندىن بىر پاي ئوق يېگەن بولۇپ، ئوق ئۇنىڭ ئۆپكىسىنى يارىلاندۇرغان بولسىمۇ ئەھۋالى خېلى ياخشى ئىدى. ئۇنىڭ پاچىقىغىمۇ بىر پاي ئوق تەگكەن بولۇپ، پەقەت يۇمشاق توقۇلمىلارلا زەخىملەنگەن ئىكەن. دوختۇر كاپىتاننى بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ ‹‹بىرنەچچە ھەپتىدىن كېيىن ياخشى بولۇپ كېتىدۇ››، دېدى. ئەمما كاپىتان ماڭالمايتتى، قاتىققراق ھەرىكەتمۇ قىلالمايتتى، ھەتتا ئۇزۇنراق گەپ قىلسىمۇ بولمايتتى.
   قالايمىقانچىلىقتا مېنىڭ بارمىقىم يارىلاندى. دوختۇر لىۋېس بىر چاپلىما چاپلاپ قويدى ھەم مەسىلىنىڭ چوڭ ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ترېلاۋنىي ئەپەندىم بىلەن دوختۇر كاپىتاننىڭ يېنىغا بېرىپ كېيىنكى قەدەمدە قانداق قىلىشنى مەسلىھەتلەشتى. ھايال بولمايلا دوختۇر شىلەپىسى بىلەن تاپانچىسىنى ئېلىپ، ئەگرى قىلىچنى يېنىغا ئېسىپ شىمال تەرەپتىكى قاشادىن ئارتىلىپ ئۆتۈپ ناھايىتى تېزلا ئورمانلىقتا غايىپ بولدى.
   گراي ئىككىمىز ئۆينىڭ بۇلىڭىدا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشكەنلىكىدىن خەۋەرسىز قالدۇق. دوختۇرنىڭ ھەرىكىتى گراينى قاتتىق ھەيران قالدۇردى. ئۇ دوختۇرنىڭ نېمە قىلغىلى چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتى، بۇنداق قىلىش قاراملىق قىلغانلىق دەپ قارايتتى. مېنىڭچە ئۇ چوقۇم بىن گوئىننى ئىزدەپ ماڭدى. ئىشتىن كېيىن پەرىزىمنىڭ توغرىلىقىنى بىلدىم.
   ئۆيدە تۇرۇۋېرىپ بۇرۇقتۇرمىچىلىقتىن جېنىمىز چىقايلا دەپ قالدى. قاشا ئىچىدىكى قۇم قۇياش نۇرىدا ۋالىلداپ قىزىپ كېتىۋاتاتتى. دوختۇرنىڭ سىرتقا چىقىپ دەرەخ ئاستىدا سايىدىۋالىدىغانلىقىنى ئويلاپ ھەۋىسىم كەلدى. ئۆينىڭ ئەتراپى ھەممىلا يەر قان بولۇپ بىرنەچچە جەسەت يەردە ياتاتتى. بۇ مەنزىرە ھەم ئادەمنى بىئارام قىلاتتى، ھەم ۋەھىمىگە سالاتتى.
   مەن ئۆي ئىچىدىكى قان داغلىرىنى تازىلاش ھەم قاچا-قۇچىلارنى رەتلەش بىلەن بولدۇم. ھەممىلا يەر جەسەت ۋە قان بىلەن تولغان بۇنداق يەردىن بارغانسېرى بىزار بولۇشقا باشلىدىم. ئاخىرى دوختۇرغا ئوخشاش سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. باشقىلار دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چاپىنىمنىڭ يانچۇقىغا قۇرۇق بولكا قاچىلاپ ئىككى دانە تاپانچا، بىر تۇڭ مىلتىق دورىسى ۋە ئازراق ئوق ئېلىپ تولۇق قوراللانغاندىن كېيىن يولغا چىقىشقا تەييارلاندىم.
   مەن ھېلىقى ئاق تاشنىڭ يېنىغا بېرىپ بېن گوئىن ئېيتقان قولۋاقنىڭ شۇ يەردە بار-يوقلۇقىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇم. كاپىتاننىڭ سىرتقا چىقىشىمغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە ئۇلار دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ غىپلا قىلىپ سىرتقا ماڭماقچى بولدۇم.
   ئاخىرى پۇرسەت كەلدى. ترېلاۋنىي ئەپەندىم بىلەن گراي ئىككىسى كاپىتاننىڭ تېڭىقىنى ئوڭشاۋاتقان پەيتىدىن پايدىلىنىپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ سىرتقا چىقتىم ھەم قاشادىن ئۆتۈپ ئورمانلىق ئىچىگە ئۆزۈمنى ئاتتىم.
   بۇ مېنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئەخمىقانە ئىش قىلىشىم، شۇنداقلا ئەڭ چوڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشىم ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۆيدە پەقەت ئىككىلا ئادەم قالغان بولۇپ ئۇلار يارىلانغان كاپىتاننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا بولمايتتى. بەختكە يارىشا بۇ قېتىم بالىلارچە قىلغان ھەرىكىتىم كۆپچىلىكنى يەنە بىر قېتىم قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.
   مەن كىچىك ئارالنىڭ شەرق تەرىپىگە قاراپ يۈگۈردۈم. كېمىدىكىلەرنىڭ بايقاپ قالماسلىقى ئۈچۈن دوقمۇشنىڭ دېڭىزغا يۈزلەنگەن تەرىپىدىن ماڭدىم. بۇ چاغدا ۋاقىت چۈشتىن ئۆتكەن بولۇپ، ھاۋا يەنىلا شۇنداق ئىسسىق ئىدى. مەن ئورماننى كېسىپ ئۆتۈپ كەڭ يەرگە كەلدىم. يېنىك قەدەم بىلەن دېڭىز قىرغىقىغا قاراپ ماڭدىم ھەم قويۇق ئورماننىڭ دالدىسىدا دوقمۇشنىڭ يان باغرىغا ئېھتىيات بىلەن ياماشتىم.
   مەن كەينىمنى دېڭىزغا قىلىپ ئالدىمدىكى كېمىگە يۈزلەندىم. دېڭىز يۈزى ناھايىتى تىپتنچ بولۇپ ‹‹گىسپانولا›› ناملىق كېمە ئەينەكتەك دېڭىز يۈزىدە توختاقلىق تۇراتتى. ماچتىسىدىكى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ قارا بايرىقى كۆزگە ئوچۇق كۆرۈنەتتى. ‹‹گىسپانولا››نىڭ يېنىدا يەنە بىر كىچىك قولۋاق توختىتىلغان بولۇپ، سىلۋېر كېمىنىڭ قۇيرۇقىدا تۇراتتى. يەنە ئىككى ئادەم كېمە بېقىنىدا يانچە تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى قىزىل رەڭلىك پۇسما كىيىۋالغان بولۇپ، بۇ دەل چۈشتىن بۇرۇن قاشادىن ئۆتۈپ بىزگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغان ئادەم ئىدى. ئارىلىق بەك يىراق بولغاچقا ئۇلارنىڭ نېمە توغرۇلۇق سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. تۇيۇقسىز، كېمىدىن ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرگىدەك بىر غەيرىي ئاۋاز چىقتى. بىراق، مەن ناھايىتى تېزلا بۇ ئاۋازنىڭ ‹‹كاپىتان فلىنت››نىڭ شاتوت قۇشى ئىكەنلىكىنى يادىمغا ئالدىم.
   بىردەمدىن كېيىن قېيىق كېمىدىن يىراقلاپ قىرغاققا قاراپ ماڭدى. ھېلقى قىزىل بۆكلۈك كىشى ھەمراھلىرى بىلەن كېمە بۆلۈمچىسىگە كىرىپ كەتتى.
   قۇياش تاغ كەينىگە مۆكتى. ئۇزاققا قالمايلا تۇمان كۆتۈرۈلۈپ كۈن بارغانسېرى قارايغىلى تۇردى. مەن يەر بېغىرلاپ ئۆمىلەپ ئالغا ئىلگىرىلىگەچكە خېلى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن ھېلىقى ئاق رەڭلىك قىيا تاشنىڭ يېنىغا باردىم. قىيا تاشنىڭ دەل ئۇدۇلىدىكى قويۇق ئورمانلىق چىم ئۆسۈپ كەتكەن كىچىك بىر ئازگالنى يوشۇرۇپ تۇراتتى. ئازگالنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆچكە تېرىسىدىن ياسالغان بىر چېدىر بار ئىدى.
   مەن ئازگالغا يۈگۈرۈپ چۈشۈپ چىدىرنىڭ بۇرجىكىنى قايرىپ كىچىك قولۋاقنى كۆردۈم. بۇ ناھايىتى ئاددىي، تولىمۇ قوپال ياسالغان قولۋاق ئىدى. قولۋاق گەۋدىسى تۈكلىرى ئىچىگە قاراپ تۇرىدىغان ئۆچكە تېرىسى بىلەن قاپلانغان، بىر جۈپ پالاق سەپلەنگەن ئىدى. قولۋاق ناھايىتى كىچىك بولۇپ مەنمۇ ئىچىدە ئولتۇرسام قىسىلىپ قالاتتىم. ئەمما بۇنى يەنە ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى دېيىشكە بولاتتى. چۈنكى يېنىك، يۆتكەشكە ئەپلىك ئىدى.
   قولۋاقنى تاپقاندىن كېيىن كاللامدا تۇيۇقسىز قاپ يۈرەكلىك بىلەن قىلىنغان بىر خىيال پەيدا بولدى. مەن قولۋاقنى ھەيدەپ بېرىپ تۈن قاراڭغۇسىدىن پايدىلىنىپ ‹‹گىسپانولا››نىڭ ئارقېنىنى كېسىپ ئۈزۈۋەتمەكچى بولدۇم. شۇنداق بولغاندا كېمە دېڭىز تاشقىنىدا لەيلەپ كېلىپ تېيىز سۇدا توختاپ قالاتتى. دېڭىز قاراقچىلىرى چۈشتىن بۇرۇنقى ھۇجۇمدا بۇرنىغا يېگەندىن كېيىن، كېمىنى ھەيدەپ قېچىپ كەتمەكچى بولغان بولۇشى ئېھتىمال. ناۋادا مەن ئۇلارنىڭ قېچىشىنى توسۇپ قالالىسام بەك ياخشى بولاتتى.
   مەن بىرەر قۇر كۆزەتكەندىن كېيىن چوڭ كېمىنىڭ يېنىدا قېيىق يوقلۇقىنى بايقىدىم. دېمەك، چوڭ خەتەرمۇ يوقتەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر تۇمان مەزگىلى بولغاچقا، ھاۋامۇ بارغانسېرى قارىيىشقا باشلىدى. بۇ دەل پىلانىمنى ئورۇنلايدىغان ياخشى پۇرسەت ئىدى.
   مەن قاراڭغۇ چۈشۈشىنى ساقلىغاچ ئولتۇرۇپ يانچۇقۇمدىن قۇرۇق بولكىنى چىقىرىپ تويغۇدەك يېيىشكە باشلىدىم.
   ئۇزاققا قالمايلا ئەتراپقا قاراڭغۇلۇق يېيىلدى. يىراقتىن ئىككى يەردە يورۇقلۇق كۆرۈنەتتى، بىر يەردە دېڭىز قاراقچىلىرى قىرغاقتا ئوتنى ئايلىنىپ ھاراق ئىچىپ يايراۋاتاتتى، يەنە بىرى كېمىدە بولۇپ، نۇر كېمىنىڭ بۆلۈمچىسىدىن چىقىۋاتاتتى.
   بىردەمدىن كېيىن مەن ئۆزۈمنى دەڭسىۋېلىپ كىچىك قولۋاقنى كۆتۈرۈپ قىرغاققا قاراپ ماڭدىم. دېڭىز سۈيىنى بىر نەچچە قېتىم كەچكەندىن كېيىن قولۋاقنى ئاستا سۇغا قويدۇم.
داۋامى بار
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
  ئەسكەرتىش: مەزكۇر روماننى تەرجىماننىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى