نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

نىدائىي تەرجىمىسى: مەڭگۈلۈك ماندېلا

نىدائىي تەرجىمىسى: مەڭگۈلۈك ماندېلا

ۋاقتى: 2015-02-27 ئاۋاتلىقى: 3494 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەڭگۈلۈك ماندېلا
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى

    ئۇ مەرد، سېخىي بولۇپ، تۇغما رەھبەرلىك سالاپىتى بار ئىدى، ئۇ ئەسلىدە قەبىلىنىڭ تەخت ۋارىسى ئىدى. 
ئۇ تولىمۇ مەردانە ئىدى، جەنۇبىي ئافرىقا ئىرقىي بېسىم ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شارائىتتا، نېگىرلارنى ھەقسىز ياكى تۆۋەن باھادا قانۇنىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە ئاقلىغۇچى ئادۋوكات تەكلىپ قىلالمىغىنى ئۈچۈن، ئىلگىرى ھەر تەرەپتىن يېتىشكەن ئادۋوكات بولغانىدى. 
    ئۇ باتۇر، يۈرەكلىك ئىدى، ئازاب-ئوقۇبەتلىك قاچقۇنلۇق تۇرمۇشىدا ئۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىدىن ئازراقمۇ تەۋرىنىپ قالماي، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىكنى قوغلىشىش ئارزۇسىدا تېخىمۇ چىڭ تۇرغان. ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ‹‹تېرورچى ئۇنسۇر››دىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ھۆرمەتلەيدىغان ئەزىز مېھمانغا، ھەتتا دۇنياۋى تەسىرگە ئۇلۇغ شەخسكە ئايلانغان. 
    ئۇ تولىمۇ ئاقكۆڭۈل ئىدى، 27 يىللىق تۈرمە ھاياتىدا ئۇنىڭ قەلبىدە ئۆچمەنلىك ئۇرۇقلىرى بىخ سۈرمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇ تېخىمۇ ئەپۇچان ۋە كەڭ قورساق بولغان. ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈزۈمى بىتچىت بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كۈرەش قىلغان سەپداشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يېڭى جەنۇبىي ئافرىقا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىرلىرى بولغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى تۈرمە ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەنلەر، يەنە بەزىلىرى ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاق تەنلىكلەر تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر. ئىرقىي ئىناقلىق ۋە دۆلەتنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ئۇ باشقىلارنى ئۆچ ئالماسلىققا، ئەكسىچە ئۇلارنى كەڭ قورساق ۋە ئەپۇچان بولۇشقا ئۈندەيدۇ. 
    ئۇ دەل جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى، رىۋايەتسىمان سىياسىيون نىلسون ماندېلا. 
    ماندېلا دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر سىياسىيونلارنىڭ بىرى. ئۇ جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىپ، كۆپ ئىرق ئىناق ياشايدىغان دېموكراتىك ھاكىمىيەتنى قۇرۇپ چىققان. ماندېلانىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگەتكەنلىكى، شۇنداقلا جەنۇبىي ئافرىقىدا دېموكراتىك ھاكىمىيەت قۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن تۆھپىسىنى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن نوبېل كومىتېتى 1993-يىلى ئۇنىڭغا ‹‹نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى››نى بەرگەن. 
    ماندېلا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى نېگىر زۇڭتۇڭى. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتۇقىدا مۇنداق دېگەن: ‹‹ھەممەيلەننى ئادىللىقتىن، تىنچلىقتىن بەھىرلەندۈرىمەن، ھەممەيلەننى خىزمەت، بولكا، سۇ ۋە تۇزدىن بەھىرلەندۈرىمەن!››
    ماندېلا دۇنيا بالىلار ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ماندېلا فوندى جەمئىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ-مەدەنىيەت تەشكىلاتى ۋە ھامبۇرگ جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە ‹‹ئافرىقا بالىلار مەكتىپىگە ياردەم بېرىش›› خەلقئارا ھەرىكىتىنى قوزغايدۇ، ئۇنىڭ مەقسىتى ئافرىقىدىكى بالىلارغا شارائىتى ياخشى مەكتەپ قۇرۇپ بېرىش، بولۇپمۇ قىزلار ۋە يېتىم بالىلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش ئىدى. ماندېلانىڭ قارىشىچە، مائارىپ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات مەنزىلىگە بارىدىغان يولدۇر. 
    ماندېلا باشتىن-ئاخىر خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەيدىز كېسىلىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشقا ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا غەمخورلۇق قىلشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. 2000-يىلى، ئۇ 13-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەيدىز قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ نۇتۇقىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ‹‹بىز سۈكۈت قىلىۋالماي، سېسىق نام ۋە ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، پۈتۈن خەلقنىڭ ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە قاتنىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇھتاج. بۇ خىل قورقۇنچلىق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار قەلبىدە بۇ خىل خورلۇقنىڭ ئىزناسىنى قالدۇرۇشقا ئەمەس، بەلكى مېھرىبانلىققا مۇھتاج.››
    ماندېلا دۇنيادىكى نامراتلارنىڭ مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە مۇراجىئەت قىلىدۇ. 2005-يىلى، لوندون ترافالجار مەيدانىدا نەچچە مىڭلىغان كىشىگە ‹‹نامراتلىققا خاتىمە بېرەيلى!›› دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، نامراتلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىش خۇددى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرغاندەكلا مۇھىم ئىدى. 
    ماندېلا جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنىڭ ماندېلاسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيا خەلقىنىڭمۇ ماندېلاسى، ئۇنىڭ ‹‹تىنچلىق، ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات›› ھەققىدىكى ئىدىيەلىرى دۇنيادىكى ھەربىر دۆلەتنىڭ، ھەر بىر مىللەتنىڭ ۋە ھەربىر رايوننىڭ قوللىنىشىغا تامامەن ماس كېلىدۇ. ماندېلانىڭ ئىدىيەلىرى ئۇنىڭ ھاياتىدا دۇنياغا قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك مەنىۋى مىراسى ھېسابلىنىدۇ. 
    ماندېلانىڭ بىزگە ۋە دۇنياغا بولغان تەسىرى ھەقىقەتەن زور، ئەمما ئاز بىر قىسىم ئادەملەرلا ئۇنى ھەقىقىي چۈشىنىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ئۇنىڭ ھەربىر گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. ماندېلانىڭ تۈرلۈك ئۇلۇغ ئىدىيەلىرى ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق كونكرېت ھەرىكەتلىرىدىن كەلگەن. ماندېلانىڭ سوتتىكى سۆزلىرىدىن، ھەرخىل سورۇنلاردىكى نۇتۇقلىرى ۋە ماقالىلىرىدىن ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس كىشىلىك پەزىلىتىنى ۋە ئۇنىڭ يېڭى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تەسەۋۋۇرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 
    پۈتۈن ئۆمرىنى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى نېگىرلارنىڭ ئازادلىقى ۋە ئىرقىي باراۋەرلىك ئۈچۈن بېغىشلىغان بۇ ئۇلۇغ جەڭچىنى خاتىرىلەش، ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئىدىيەلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئۇنىڭ قىممەتلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىش يۈزىسىدىن بىز ماندېلانىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى ئەڭ نادىر ۋەكىل خاراكتېرلىك نۇتۇقلىرىنى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم مەشھۇر سۆزلىرىنى كۆپچىلىككە تەقدىم قىلىشنى لايىق تاپتۇق. بۇ نۇتۇقلارنىڭ مەزمۇنى ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش، باراۋەرلىك، بالىلار تەربىيەسى، ئەيدىز ۋە ساغلاملىق، نامراتلىقنى چۆرۈپ تاشلاش ۋە يەر شارىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ كەلگۈسى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. 
    ماندېلا گەرچە بىزدىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە نەمۇنىلىك رولى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشلارنى ئەخلاق ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. 
    تارىخ ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرسىمۇ، لېكىن نىلسون ماندېلادەك بۇ ئۇلۇغ شەخس دۇنيا خەلقىنىڭ قەلبىدە ئەبەدىي ياشايدۇ. 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى تەرجىماننىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، سالونچىلارنىڭ ئۆز مەيلىچە ئىشلىتىشىگە قەتئىي رۇخسەت يوق.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى