نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

جۇڭگونىڭ قەغەز پۇللىرىدىكى ‹‹ئەڭ››لەر

جۇڭگونىڭ قەغەز پۇللىرىدىكى ‹‹ئەڭ››لەر

ۋاقتى: 2015-05-01 ئاۋاتلىقى: 4487 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جۇڭگونىڭ قەغەز پۇللىرىدىكى ‹‹ئەڭ››لەر 

مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى

مۇھەررىرى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىي

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى 


    بىرىنچى، دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى قەغەز پۇلنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى
    دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى پۇل جۇڭگونىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەن ۋۇدىنىڭ يۈەنشۇ يىلى (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 119-يىلى) تارقاتقان ئاق بۇغا تېرىسى پۇلىدىن ئىبارەت. ئۇ ئاق بۇغا تېرىسىنى پۇل بىرلىكى قىلىپ، تېرىنى رەڭلىك سۈرەت بىلەن بېزىگەن بىر خىل پۇل، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى قەغەز پۇل خاراكتېرىگە ئىگە پۇل بولۇپ، جۇڭگو ۋە دۇنيا قەغەز پۇللىرىنىڭ پېشىۋاسى دەپ ئاتالغان. يەنە ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئالتۇندىن (كۈمۈش، سىنىك بىرىكمە ئالتۇن)دىن يۇمىلاق شەكىلدىكى ئەجدىھا، چاسا شەكىللىك ئات، ئېلىپىس شەكىللىك تاشپاقا قۇيۇلۇپ تارقىتىلغان (ھەر بىرىنىڭ پۇل قىممىتى بار) بولۇپ، بۇ ئېلىمىزدە قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇلنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
     ئىككىنچى، جۇڭگودىكى ئەڭ بۇرۇنقى قەغەز پۇل
     جۇڭگودىكى ئەڭ بۇرۇنقى قەغەز پۇل ـــ سۇڭ سۇلالىسىنىڭ جېنزوڭ خان دەۋرى (998-1022-يىللار)دە چېڭدۇدىكى باي سودىگەرلەر بېسىپ تارقاتقان ‹‹جياۋزى›› ناملىق قەغەز پۇللاردىن ئىبارەت. جاۋزى پۇلىدا قىممىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر خىل بەلگە بولۇپ، ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا يوشۇرۇن مەخپىي نومۇرغا ئىگە. ئۇ ئوخشاش بىر رەڭلىك قەغەزدىن ياسالغان بولۇپ، پۇلغا ‹‹ياغاچ ئادەم، دۇكانغا رەنە قويىدۇ›› دېگەندەك خەتلەر بېسىلىپ قىزىل ۋە قارا سىياھ ئىشلىتىلگەن. جياۋزى ناملىق قەغەز پۇللار ئەڭ دەسلەپتە چەكنىڭ رولىنى ئوينىغان بولۇپ، نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇلغان ھەم نەق پۇلنى ‹‹جياۋزى›› ناملىق قەغەز پۇلغا ئالماشتۇرغىلى بولغان. كېيىن شەخسلەرنىڭ كۆچمە مەبلىغى يېتىشمىگەنلىكتىن، قىممىتى بويىچە ئالماشتۇرغىلى بولمىغان، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تېخمۇ بولمىغان. جياۋزى ناملىق قەغەز پۇللارنىڭ ساقلىنىپ قالمىغانلىقى جۇڭگونىڭ يىغىپ ساقلاش ساھەسىدىكى بىر چوڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولۇپ قالغان.
    ئۈچىنچى، جۇڭگودا ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان ئەڭ بۇرۇنقى قەغەز پۇل
    1982-يىلى ئېلىمىز ھۆكۈمىتى ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھىرىنىڭ شەرقىي ئەتراپىدىكى لياۋ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت بەيتا مۇنارىنى رېمونت قىلغاندا، بۇ مۇنارنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىنىڭ ئايۋانىدىكى توپىدىن خەنزۇچە ‹‹جۇڭتۇڭ يۈەنباۋ›› دېگەن خەتلىك بىر ۋاراق قەغەز پۇل چىققان بولۇپ، بۇ قەغەز پۇل 10 مىسقاللىق قەغەز پۇلدىن ئىبارەت. بۇ قەغەز پۇلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 16.4 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 9.3 سانتىمېتىر بولۇپ، ئوڭ يۈزىنىڭ يۇقىرى، ئاستى ۋە تەتۈر يۈزىنىڭ يۇقىرى قىسمىغا قىزىل سۇرۇقلۇق ھۆكۈمەت تامغىسى بېسىلغان. 1260-يىلى يۈەن سۇلالىسى خەنزۇچە ‹‹جۇڭتۇڭ باۋساۋ›› خەتلىك قەغەز پۇلنى ئوبوروت قىلغان بولۇپ، 1269-يىلدىن باشلاپ باسىبا ئىجاد قىلغان موڭغۇللارنىڭ يېڭى يېزىقى ئىشلىتىلگەن. بۇ پۇلدا باسىبا يېزىقى يوق بولغاچقا، ئۇ 1260-يىلدىن 1269-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تارقىتىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت پۇللاردىن بۇرۇن تارقىتىلغان دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا 10 مىسقاللىق ‹‹جۇڭتۇڭ باۋساۋ›› خەتلىك قەغەز پۇل ئېلىمىزدە ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئەڭ بۇرۇنقى قەغەز پۇل، شۇنداقلا بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى پۇل ھېسابلىنىدۇ.
    تۆتىنچى، جۇڭگودىكى ئېنى ئەڭ كىچىك قەغەز پۇل
    چىڭ سۇلالىسى شۈەنتوڭنىڭ تۇنجى يىلى (1909-يىلى) جېجياڭ ئۆلكىسى ئەسلىدىكى سەرراپخانىنىڭ ئىسمىنى جېجياڭ بانكىسىغا ئۆزگەرتكەن بولۇپ، مىنگونىڭ تۇنجى يىلى (1912-يىلى) جۇڭخۇا مىنگو جېجياڭ بانكىسىغا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، بۇ بانكا ئەسلىدە ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ سودىگەرلەر باشقۇرغان بانكا ئىدى. مىنگونىڭ 4-يىلى (1915-يىلى) جېجياڭ يەرلىك ئوقەتچىلىك بانكىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ 12-يىلى (1923-يىلى) ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەر ئايرىپ باشقۇرۇپ، ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىدا تىجارەت قىلىدىغان بولغان، سودىگەرلەر بانكىسى جېجياڭ ئوقەتچىلىك بانكىسىغا، ھۆكۈمەتنىڭ بانكسى جېجياڭ يەرلىك بانكىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. كېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى پارچە پۇلنىڭ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، سوممىسى بىر پۇڭلۇق قەغەز پۇل تارقىتىلغان. بۇ خىل قەغەز پۇلنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران بەش مىللىمېتىر، كەڭلىكى 2.5 مىللىمېتىر كېلىدۇ. شۇڭا بۇ قەغەز پۇل ئېلىمىزدە ئېنى ئەڭ كىچىك قەغەز پۇل دەپ قارالماقتا.
    بەشىنچى، جۇڭگودىكى ئېنى ئەڭ چوڭ قەغەز پۇل
    مىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندا يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى قەغەز پۇل بېسىش ئۇسۇلىغا تەقلىد قىلىپ قەغەز پۇل بېسىپ تارقىتىپ ئوبوروت قىلىشنى يولغا قويغان، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي يارماق بىلەن قەغەز پۇلنى بىللە ئىشلىتىشنى يولغا قويۇپ، قەغەز پۇلنى ئاساسىي پۇل، يارماقنى قوشۇمچە پۇل قىلغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ قەغەز پۇللىرى تەيزۇ خاننىڭ خۇڭۋۇ 8-يىلى (1375-يىلى) تارقىتىلغان بولۇپ، تۆت ئەتراپىغا ئەجدىھا نەقىشلىك رىشاتكا بار بولۇپ، ئۈستىگە خەنزۇچە ‹‹دامىڭ تۇڭشىڭ باۋساۋ›› دېگەن خەت، گۈللۈك رىشاتكىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ‹‹دامىڭ باۋساۋ خەتلىك پۇل يۇرتىمىزدا ئوبوروت قىلىنىدۇ›› دېگەن خەت، ئوتتۇرسىغا قەدىمكى پۇلنىڭ كۆرۈنۈشى، ئاستىغا ‹‹قارا دىۋاندا بېسىلغان كۈمۈش پۇل بىلەن بىللە ئوبوروت قىلىنىدۇ، يالغاندىن ياسىغانلارنىڭ كاللىسى ئېلىنىدۇ، قولغا ئېلىنغانلاردىن 250 سەر كۈمۈش تۆلىتىۋېلىنىدۇ›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن. خۇڭۋۇنىڭ 13-يىلى قارا دىۋان ئەمەلدىن قېلىپ ئالتە قىسىم تەسىس قىلىنىپ، پۇل چىقىرىش نوپۇس پىرقىسى، پۇل قۇيۇشنى باشقۇرۇش پىرقىسى قۇرۇلغان. شۇڭا قەغەز پۇلدىكى قارا دىۋان نوپۇس پىرقىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. دامىڭ باۋساۋ خەتلىك پۇللار 100 مىسقال، 200 مىسقال، 300 مىسقال، 400 مىسقال، 500 مىسقال ۋە 600 مىسقال دەپ ئالتا تۈرگە بۆلۈنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە قەغەز پۇلنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 34 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 22 سانتىمېتىر كېلىدۇ. بۇ ئېلىمىزدىكى ئېنى ئەڭ چوڭ بولغان قەغەز پۇل، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئېنى ئەڭ چوڭ بولغان قەغەز پۇل ھېسابلىنىدۇ.
    ئالتىنچى، ئەڭ بۇرۇنقى قەغەز پۇل
    1948-يىلى 1-دىكاربىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى شىمالىي جۇڭگو خەلق ھۆكۈمىتى 4-نومۇرلۇق ئېلاننى جاكالىغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئازاد بولۇشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، شەندۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە سەنشى-گەنسۇ، نىڭشا-شەنشى قاتارلىق ئىككى چېگرا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق شىمالىي جۇڭگو بانكىسى، بېيخەي بانكىسى، غەربىي شىمال دېھقانلار بانكىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ ‹‹جۇڭگو خەلق بانكىسى›› دەپ ئاتالغان. ئەسلىدىكى شىمالىي جۇڭگو خەلق بانكىسى ‹‹باش بانكا›› قىلىنغان. جۇڭگو خەلق بانكىسى قۇرۇلغان كۈنى خەلق پۇلى تارقىتىلغان. بىرىنچى تۈركۈم خەلق پۇلىنىڭ پۇل ئەۋرىشكىسىدىكى كۆرۈنۈشنى ئەينى ۋاقىتتىكى شەنشى، چاخار، خېبېي چېگرا رايۇنلۇق باسما ئىدارىسىدىكى ۋاڭ يىجيۇ قاتارلىقلار ئازاد رايونلۇق ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشنىڭ كۆرۈنۈشىگە ئاساسەن لايىھەلەپ ئويغان ۋە باسقان. بىرىنچى تۈركۈمدە تارقىتىلغان خەلق پۇلىنىڭ سوممىسى 50 يۈەن بولۇپ، ئېنى 132 × 68 مىللىمېتىر، ئوڭ يۈزىدىكى نەقىش سۇس كۆك رەڭدە بولۇپ، چۆرىسى قىزىل قوناق رەڭلىك، كۆرۈنۈشى قارا رەڭلىك بولۇپ، ئوتتۇرسىدىكى جىيەك سۇس بىنەپشە رەڭلىك. پۇلنىڭ دەل يۇقىرى تەرىپىگە شىمالىي جۇڭگو خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دوڭ بىۋۇ يازغان ‹‹جۇڭگو خەلق بانكىسى›› دېگەن خەت، ئوتتۇرسىغا 50 يۈەن دېگەن رەقەم، ئاستى تەرىپىگە ‹‹جوڭخۇا مىنگونىڭ 37-يىلى›› دېگەن خەتلەر بار، سول تەرىپىدە سۇ ئامبىرى، ئوڭ تەرىپىدە كۆمۈر كاننىڭ كۆرۈنۈشى بېسىلغان. تەتۈر يۈزىنىڭ ئاستىدىكى نەقىش سۇس چاي رەڭگىدە بولۇپ، چۆرىسى قېنىق چاي رەڭگىدە بولۇپ، دەل ئوتتۇرسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە ‹‹جوڭگو خەلق بانكىسى ۋە 50 يۈەن›› دېگەن خەت بېسىلغان.
    يەتتىنچى، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ سوممىلىق قەغەز پۇل
    گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك بانكىسى 1949-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى 6 مىليارد دوللارلىق قەغەز پۇل تارقاتقان بولۇپ، بۇ پۇل جوڭگودىكى ئەڭ چوڭ سوممىلىق قەغەز پۇل ھېسابلىنىدۇ. گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە جەمئىيەت داۋالغۇپ، ئىقتىساد كاساتلاشقان. پۇل پاخاللىقىنىڭ پاسسىپ ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، قورچاق ھۆكۈمەت ‹‹100 مىڭ دوللار››، ‹‹بىر مىليون دوللار››، ‹‹10مىليون دوللار›› قاتارلىق چوڭ سوممىلىق قەغەز پۇللارنى ئارقا-ئارقىدىن تارقاتقان. بۇ پۇللار 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە 14 قېتىم خەزىنىدىن چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ سوممىسى 4 مىليون 800 مىڭ ۋاراق، جەمئىي 28800 تىرلىيون دوللار بولغان.
     سەككىزىنچى، ئوبوروت بولۇش ۋاقتى ئەڭ قىسقا قەغەز پۇل
     جۇڭگودا ئوبوروت بولۇش ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولغان قەغەز پۇل گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 1948-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېلان قىلىپ تارقاتقان ‹‹جىنيۈەنجەن›› ناملىق قەغەز پۇلدىن ئىبارەت. بۇ پۇل بازاردا ئاران 9 ئاي ئوبروت قىلىنغان. جىنيۈەنجەن ناملىق قەغەز پۇلنىڭ ھەر يۈەن تەركىبىدىكى ساپ ئالتۇن 0.22217 گىرام بولۇپ، فابى پۇل بىلەن بولغان نىسبىتى 3 مىليون دوللار بولغان ھەمدە 2 مىليارد دوللارلىق ئەڭ يۇقىرى چەكلىمە سومما تارقىتىشنى بەلگىلىگەن.
     توققۇزىنچى، ئەڭ بۇرۇن ماۋ زېدۇڭنىڭ باش سۈرىتى بېسىلغان قەغەز پۇل
     ئەڭ بۇرۇن ماۋ زېدۇڭنىڭ باش سۈرىتى بېسىلغان قەغەز پۇل ئازاد رايون سوۋېت-جۇڭگو رايونلۇق ئىنقىلابىي بازا 1944-يىلى تارقاتقان جاڭخۇەي بانكىسىنىڭ بەش يۈەنلىك پۇلى بولۇپ، ئېنى 127×67 مىللىمېتىر كېلىدۇ، بۇ پۇل 1944-، 1945-يىللىرى سوۋېت-جۇڭگو رايونىدىكى ھەر قايسى ناھىيەلەردە ئوبوروت قىلىنغان. 
     ئونىنچى، ئوبوروت بولۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان قەغەز پۇل
     جۇڭگودا ئوبوروت بولۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان قەغەز پۇل مىڭ سۇلالىسى تەيزۇ خاننىڭ خۇڭۋۇ 8-يىلى (1375-يىلى) تارقىتىلغان خەنزۇچە ‹‹دامىڭ تۇڭشىڭ باۋساۋ›› خەتلىك قەغەز پۇلدىن ئىبارەت. بۇ پۇللارنىڭ سوممىسى 100 مىسقال، 200 مىسقال، 300 مىسقال، 400 مىسقال، 500 مىسقال ۋە بىر يارماق قاتارلىق ئالتە خىل بولۇپ، خۇڭۋۇنىڭ 22-يىلى (1389-يىلى) 10 مىسقاللىقتىن 50 مىسقاللىققىچە بەش خىل كىچىك قەغەز پۇل قوشۇپ تارقىتىلغان. ‹‹دامىڭ تۇڭشىڭ باۋساۋ›› خەتلىك قەغەز پۇل 100 يىلدىن كۆپرەك ئوبوروت قىلىنغان.
     ئون بىرىنچى، ئوبوروت بولۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان خەلق پۇلى
     1955-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگو خەلق بانكىسى تارقاتقان جۇڭگو خەلق بانكىسىىڭ ئىككىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىدىن جەمئىي 13 خىل تارقىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1953-يىللىق نەشردىكى 10 خىل پۇل، 1956-يىللىق نەشردىكى ئىككى خىل قەغەز پۇل، 1953-يىللىق نەشردىكى بىر پۇڭلۇق، ئىككى پۇڭلۇق، بەش پۇڭلۇق خەلق پۇلى ھازىرغىچە ئېلىمىزدە ئوبوروت بولۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن خەلق پۇلى بولۇپ، بۇ پۇللار ھازىرغىچە ئوبوروت قىلىنىۋاتىدۇ.
     ئون ئىككىنچى، ئەڭ ئاۋال ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بېسىلغان خەلق پۇلى
     1951-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى تارقىتىلغان 5000 دوللارلىق قەغەز پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىگە موڭغۇل ئۆيىنىڭ كۆرۈنۈشى، نەقىش ۋە يېزىق چۈشۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو خەلق بانكىسى تارقاتقان خەلق پۇلىغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ زاڭزۇ، ئۇيغۇر ۋە جۇاڭزۇ يېزىقى كۆپەيتىلىپ بېسىلغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىلەت خەلقىنىڭ باراۋەر ۋە ئىتتىپاق ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن.
     ئون ئۈچىنچى ، ئەڭ بۇرۇنقى يالتىراق خەلق پۇلى
     يالتىراق پۇل 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئاۋستىرالىيەدىن كەلگەن. بۇ پۇل ئەنئەنىۋى قەغەزدا بېسىلغان بولماستىن، بەلكى تالاسىز يۇقىرى ئېلمېنىتلىق بىرىكمە ماددىلار (بىر خىل سۈزۈك يالتىراق پىليونكا)دىن ياسالغان بولۇپ، بۇ پۇل بېسىشتىكى بىر تۈرلۈك زور ئىسلاھات ھېسابلىنىدۇ. يېڭى مىڭ يىلنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، يېڭى ئەسىر يېتىپ كېلىش ئالدىدا جۇڭگو خەلق بانكىسى 2000-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى يېڭى ئەسىرنى كۈتۈۋېلىش ناملىق 100 يۈەنلىك خاتىرە پۇلدىن بىر يۈرۈش (بىر ۋاراق) تارقاتقان. پۇلغا بېيجىڭنىڭ بېيخەيدىكى توققۇز ئەجدىھا قورغىنىدىكى سولدىن سانىغاندا ئۈچىنچى ئەجدىھا ۋە جۇڭخۇا ئەسىر بىناسىنىڭ ئاساسىي كۆرۈنۈشى چۈشۈرۈلگەن. بۇ ئېلىمىزدە تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان يالتىراق پۇل بولۇپ، بۇ پۇل تارقىتىشتىكى بىر قېتىملىق يېڭى سىناق ھېسابلىنىدۇ .

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى