دالتۇ قەدىمكى شەھىرى خارابىسى
-
دالتۇ قەدىمكى شەھىرى خارابىسى
ۋاقتى: 2015-03-06 ئاۋاتلىقى: 3987 قېتىميانفوندا كۆرۈش
دالتۇ قەدىمكى شەھىرى خارابىسىمۇھەممەد تۇراپ
دالتۇ قەدىمكى شەھىرى خارابىسىنىڭ كۆرۈنۈشىدالتۇ قەدىمكى شەھىرى خارابىسى بورتالا شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 37 كىلومېتىر كېلىدىغان شارېبې كەنتى (破城子村)نىڭ شىمالىي ئۇچىدا بولۇپ، بورتالا دەرياسى بىلەن داخېيەنزە دەرياسىىنىڭ كېسىشكەن يېرىدىكى سېرىق توپىلىق دۆڭلۈككە جايلاشقان. بۇ قەدىمكى شەھەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئارقىلىق، بۇ شەھەرنىڭ غەربىي لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدە بىنا قىلىنغانلىقى، يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى ۋە مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە خارابىلىققا ئايلانغانلىقى ئىسپاتلانغان بولۇپ، ھازىر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى قىلىپ ئېلان قىلىنغان.1983-يىلى شارېبې كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى دالتۇ قەدىمكى شەھىرى خارابىسى ئىچىدە توپا قازغاندا بىر دانە كۈل رەڭ ساپال ئىدىشنى بايقىغان بولۇپ، ئىدىشنىڭ ئىچىدىن نۇرغۇن كۈمۈش پۇل چىققان ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرش تارماقلىرى 30 نەچچە دانە كۈمۈش پۇلنىڭ پارچىسىنى يىغىۋالغان. 1987-يىلى كەنت ئاھالىلىرى قەدىمكى شەھەرنى كولىغاندا 10 دانە زىخچە ئالتۇننى بايقىغان بولۇپ، ئەڭ چوڭ بىر دانە زىخچە ئالتۇنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 21 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 54.7 گىرام كەلگەن. 1987-يىلى 15-ماي دالتۇ قەدىمكى شەھەر خارابىسىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر دېھقان كېسەك قۇيۇش ئۈچۈن ھويلىسىنى كولىغاندا 80 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتىن بىر ئەر-ئايالنىڭ بىرلىكتە دەپنە قىلىنغان جەسىتىنى بايقىغان. جەسەت بىلەن بىللە قوشۇپ كۆمۈلگەن بۇيۇملار ئىچىدە بىر جۈپ ئالتۇن ھالقا، 36 دانە ئالتۇن پۇل، 23 دانە كۈمۈش پۇل، 50 دانە مىس پۇل بار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ بىر دانا ئالتۇن پۇل ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلىنىۋاتىدۇ. دالتۇ قەدىمكى شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدىن يەنە بىر دانە ئالتۇن پۇل تېپىلغاندىن باشقا يەنە زور مىقداردىكى كۈل رەڭ ساپال قاچىلار تېپىلغان بولۇپ، ساپال قاچىلارغا ئەرەپچە خەتلەر چۈشۈرۈلگەن. 36 دانە ئالتۇن پۇلنىڭ ئىچىدە مۇكەممەل ساقلانغان 20 دانە ئالتۇن پۇل ۋە نابۇت بولغان 16 دانە ئالتۇن پۇل چىققان. مۇكەممەل ساقلانغان 20 دانە ئالتۇن پۇلنى ئىنچىكە كۈزەتسەك، پەقەت ئىككى دانە پۇلنىڭ ئوخشاش، قالغانلىرىنىڭ شەكلى ۋە خەتلىرىنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مۇكەممەل ساقلانغان 20 دانە ئالتۇن پۇلنىڭ ئىچىدىكى تۆت دانە ئالتۇن پۇلنىڭ گىرۋەكلىرى كېسىۋېتىلگەن بولسىمۇ خەتلىرى خېلى ئوچۇق، نابۇت بولغان 16 دانە ئالتۇن پۇلنىڭ خەتلىرىنى ئېنىق ئوقۇغىلى بولمايدۇ.1990-يىلى دالتۇ قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن بىر قېتىمدا 3.95 كىلوگىرام ئېغىرلىقتا 1649 دانە مىس پۇل بايقالغان. 1990-يىلى 3-ئايدا بىر دېھقان دالتۇ قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن تۆت دانە فار-فۇر چىنىنى بايقىغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ چىنىنى تەكشۈرۈپ ئادەتتىكى چىنە ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. ھازىر بۇ چىنىلەر بورتالا ئوبلاستلىق مۇزېيدا ساقلىنىۋاتىدۇ. 1991-يىلى 7-ئايدا بىر دېھقان دالتۇ قەدىمكى شەھەر خارابىسى سېپىلىنىڭ سىرتىدىن يەر ئاستىغا 40 سانتىمېتىر كېلىدىغان جايدىكى گەمىدە ساقلىنىۋاتقان 121 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى 71 دانە پولاتنى بايقىغان. بۇنىڭدىن بۇ قەدىمكى شەھەردە پولات تاۋلاش ئىشلىرىنىڭ غايەت زور كۆلەمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.دالتۇ قەدىمكى شەھىرى خارابىلىقى ئۈستىدە گەرچە رەسمىي ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئېلىپ بېرىلمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ شەھەر خارابىلىقىدىن قېزىۋېلىنغان سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت فار-فۇر قاچا، چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئالتۇن پۇللىرى، كۈمۈش پۇللىرى، مىس پۇللىرى، مىس ئەينەك، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت يامبۇ، ئالتۇن بىلەيزۈك، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت ئەينەك ۋە تۈرلۈك ساپال بۇيۇم قاتارلىق قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن بۇ شەھەرگە ئىسلام دىنىنىڭ كەڭ-كۆلەمدە تارقالغانلىقى، شەھەرنىڭ ئاۋات، گۈللەنگەن شەھەر ئىكەنلىكى، شەھەرنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى، پۇل مۇئامىلىسى، ساپالچىلىقىنىڭ ناھايىتى راۋاجلانغانلىقى، بازارنىڭ ئاۋات، سودا-سېتىق ئىشلىرىنىڭ راۋان ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.دالتۇ قەدىمكى شەھىرى خارابىلىقىدىن قېزىۋېلىنغان چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرىنى 18 تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بۇ پۇللارنىڭ ئوڭ يۈزىگە «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللانىڭ ئەلچىسى، ئالىيجانابلىق ئاللانىڭ دوستى»، «ئاللاغا مەدھىيە، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغاي››، «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللانىڭ ئەلچىسى، ئاللاھ دىننىڭ قوغدىغۇچىسى، ئالمالىختا سوقتۇرۇلدى» دېگەن ئەرەبچە خەتلەر، تەتۈر يۈزىگە «ئەڭ چوڭ ئىمام، ئاللادىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللا بىردىنبىر، ھەممىدىن ئەلا، ئاللاھ دىننىڭ قوغدىغۇچىسى، ئېتىقادچىلارنىڭ يول باشلىغۇچىسى»، «ئادىللىق ئەڭ ئۇلۇغ»، «دىن ۋە دۇنيادىكى ئۇلۇغ ئالىيجاناپ پادىشاھقا سادىق بولىمىز»، «ئەڭ ئۇلۇغ، ئادىل، ئالمالىختا سوقتۇرۇلدى» دېگەن ئەرەبچە خەت چۈشۈرۈلگەن. پۇللارنىڭ دىيامېتىرى، قېلىنلىقى، ئېغىرلىقى بىردەك ئەمەس. ئالتۇن پۇللارنىڭ كۆپ قىسمىدا «ئالمالىختا سوقتۇرۇلدى» دېگەن ئەرەبچە خەتلەر كۆپ بولغاچقا، بۇ پۇللارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئالمالىختا قۇيۇلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھازىرقى تەتقىقاتچىلار كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىش ئارقىلىق، بۇ پۇللارنى چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە (1269-يىلدىن 14-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 30-يىللىرىدا) قۇيۇلغان دېگەن يەكۈننى چىقاردى.دالتۇ قەدىمكى شەھىرى خارابىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، كۆلىمى ۋە شەھەرنىڭ ئىچىدىكى تۇپراقنى فوسفۇرلۇق ئوغۇت ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىدىن، بۇ شەھەرنىڭ ئەينى زاماندا باي ۋە گۈللەنگەن شەھەر ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگىلى بولىدۇ.مۇھەررىرى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىيمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، نىدائىي يانبىلوگىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
مەن ‹‹شېرىن چۈش››تە نېمە دېمەكچىتىم؟
2015-04-17 17:10:254130‹‹بۆرە تۇتېمى››دىكى ھېكمەتلەردىن ئۈزۈندىلەر
2015-07-04 15:54:504437مايكول جېكسوننىڭ سەنئەت ھاياتىدىكى ئومۇمىي كىرىم
2015-12-19 18:08:058123داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (18)
2015-03-01 22:40:4933772016-يىللىق ئىقتىسادتىكى بەش چوڭ ئېھتىماللىق
2016-01-01 21:42:494737دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2016-يىللىق سالام يوللىدى
2015-12-31 22:52:503795ئامىرخان مۇنازىرە پاتقىقىغا پېتىپ قالدى
2015-11-27 18:54:288191ماجاڭنى چەت ئەللەرگە يۈزلەندۈرەيلى
2015-03-11 15:05:593989
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-