نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

مايكول جېكسوننىڭ سەنئەت ھاياتىدىكى ئومۇمىي كىرىمى

مايكول جېكسوننىڭ سەنئەت ھاياتىدىكى ئومۇمىي كىرىمى

ۋاقتى: 2015-12-19 ئاۋاتلىقى: 8836 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مايكول جېكسوننىڭ سەنئەت ھاياتىدىكى ئومۇمىي كىرىمى


تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي



دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسون 1958-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكا ھىندىيانا ئىشتاتى گارى شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ناخشىچى، مۇزىكا ۋە تېكىست ئىجادىيەتچىسى، ئۇسسۇلچى، ئارتىس، خەير-ساخاۋەتچى، مۇزىكانت. ئۇ ئۆزىنىڭ شۆھرىتىن پايدىلىنىپ، نېگىزلىك بۇرۇلۇش ياسىغان، بۇ <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتابنىڭ يادرولۇق نۇقتىئىنەزىرى بولۇپ، تۇنجى قېتىم بۇ مودا ناخشا شاھىنىڭ سودا قىممىتىگە بولغان بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قورامىغا يەتكەندىن كېيىنكى مۇستەقىل سەنئەت ساياتىدا 1 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پۇل تاپقان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 2 مىليارد دوللارغا باراۋەر كەلگەن. بۇ ماقالىدە مايكول جېكسوننىڭ 1979-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە بولغان كەسپىي ھاياتىدىكى كىرىمى ئېنىق سان-سىفىرلار بىلەن بايان قىلىنىدۇ.


1979-يىلى، مايكول جېكسون 4 مىليون دوللار كىرىم قىلغان. بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 13 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<تامنىڭ سىرتىدا>> ناملىق مەخسۇس پىلاستىنكىسى، <<تەقدىر>> ناملىق سەييارە ناخشا كېچىلىكى، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


1980يىلى، مايكول جېكسون 9 مىليون دوللار كىرىم قىلغان. بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 26 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<تامنىڭ سىرتىدا>> ناملىق مەخسۇس پىلاستىنكىسى، <<تەقدىر>> ناملىق سەييارە ناخشا كېچىلىكى، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


1981-يىلى، مايكول جېكسون 5 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 13 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<تەقدىر>> ناملىق سەييارە ناخشا كېچىلىكى، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


1982-يىلى، مايكول جېكسون 6 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 15 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<تىترەش>> ناملىق مەخسۇس پىلاستىنكىسى، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


1983-يىلى، مايكول جېكسون 43 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 101 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<تىترەش>> ناملىق مەخسۇس پىلاستىنكىسى، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


1984-يىلى، مايكول جېكسون 91 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 205 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<تىترەش>> ناملىق مەخسۇس پىلاستىنكىسى، كىيىم-كېچەكلەر ۋە <<پىپسى كولا>>نىڭ ئوبراز ۋاكالەتچىلىكى، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


1985-يىلى، مايكول جېكسون 37 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 80 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<تىترەش>> ناملىق مەخسۇس پىلاستىنكىسى، كىيىم-كېچەكلەر، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


1986-يىلى، مايكول جېكسون 2 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 43 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: < كاپىتان>> ناملىق مەخسۇس پىلاستىنكىسى،ATV، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


1987-يىلى، مايكول جېكسون 67 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 138 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<ئەسكى>> ناملىق مەخسۇس پىلاستىنكىسى، <<ئەسكى>> ناملىق سەييارە ناخشا كېچىلىكى، <<پىپسى كولا>>نىڭ ئوبراز ۋاكالەتچىلىكى، مەھسۇلات سېتىش،ATV، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


1988-يىلى، مايكول جېكسون 125 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 247 مىليون دوللار باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<ئەسكى>> ناملىق مەخسۇس پىلاستىنكىسى، <<ئەسكى>> ناملىق سەييارە ناخشا كېچىلىكى، مەھسۇلات سېتىش، ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالى، <<ئاي شارىغا قەدەم باسقۇچى>> ناملىق فىلىم، HBO ھەمكارلىق كېلىشىمى، ATV، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


1989-يىلى، مايكول جېكسون 37 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 70 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<ئەسكى>> ناملىق سەييارە ناخشا كېچىلىكى، مەھسۇلات سېتىش، LA Gear تەنھەرىكەت ئايىغى بىلەن بولغان ھەمكارلىق كېلىشىمى ، <<ئاي شارىغا قەدەم باسقۇچى>> ناملىق ئېلېكترونلۇق ئويۇن، ATV، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


1990-يىلى، مايكول جېكسون 34 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 61 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<پىپسى كولا>>نىڭ ئوبراز ۋاكالەتچىلىكى، ATV، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


1991-يىلى، مايكول جېكسون 35 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 60 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<خەتەر>> ناملىق مەخسۇس پىلاستىنكىسى ، <<كولومبىيە>> كىنو شىركىتىنىڭ فىلىم ئىشلەش كېلىشىمى، ATV، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


1992-يىلى، مايكول جېكسون 64 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 107 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<خەتەر>> ناملىق مەخسۇس پىلاستىنكىسى، <<خەتەر>> ناملىق سەييارە ناخشا كېچىلىكى، تاۋار سودىسى، ATV، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


1993-يىلى، مايكول جېكسون 34 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 55 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<خەتەر>> ناملىق سەييارە ناخشا كېچىلىكى، تاۋار سودىسى، ATV، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


1994-يىلى، مايكول جېكسون 19 مىليون اوللار كىرىم قىلغان. بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 30 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: ATV، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


1995-يىلى، مايكول جېكسون 118 مىليون دوللار كىرىم قىلغان،بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 181 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<سونى>> بىلەن ATV نىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق بىرلەشتۈرۈلۈشى، <<تارىخ>> ناملىق مەخسۇس پىلاستىنكىسى، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


1996-يىلى، مايكول جېكسون 71 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 106 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<سونى>> بىلەن ATV نىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق بىرلەشتۈرۈلۈشى، <<تارىخ>> ناملىق سەييارە ناخشا كېچىلىكى، تاۋار سودىسى، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


1997-يىلى، مايكول جېكسون 42 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 61 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<سونى>> بىلەن ATV نىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق بىرلەشتۈرۈلۈشى، <<تارىخ>> ناملىق سەييارە ناخشا كېچىلىكى، تاۋار سودىسى، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


1998-يىلى، مايكول جېكسون 18 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 26 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<سونى>> بىلەن ATV نىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق بىرلەشتۈرۈلۈشى، <<تارىخ>> ناملىق سەييارە ناخشا كېچىلىكى، تاۋار سودىسى، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


1999-يىلى، مايكول جېكسون 17 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 24 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<سونى>> بىلەن ATV نىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق بىرلەشتۈرۈلۈشى، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


2000-يىلى، مايكول جېكسون 18 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 24 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<سونى>> بىلەن ATV نىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق بىرلەشتۈرۈلۈشى، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


2001-يىلى، مايكول جېكسون 34 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 45 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<تەڭداشسىز>> ناملىق مەخسۇس پىلاستىنكىسى، <<سونى>> بىلەن ATV نىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق بىرلەشتۈرۈلۈشى، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


2002-يىلى، مايكول جېكسون 19 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 25 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<سونى>> بىلەن ATV نىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق بىرلەشتۈرۈلۈشى، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


2003-يىلى، مايكول جېكسون 21 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 27 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<بىردىنبىر>> ناملىق مەخسۇس پىلاستىنكىسى، <<سونى>> بىلەن ATV نىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق بىرلەشتۈرۈلۈشى، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


2004-يىلى، مايكول جېكسون 20 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 25 مىليون دوللار باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<مايكول جېكسون تاللانما ناخشىلىرى>> ناملىق پىلاستىنكا، <<سونى>> بىلەن ATV نىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق بىرلەشتۈرۈلۈشى، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


2005-يىلى، مايكول جېكسون 23 مىليون دوللار كىرىم قىلغان،بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 28 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: Two Seas شىركىتىنىڭ ناخشا پىلاستىنكىسى ھەمكارلىقى، <<سونى>> بىلەن ATV نىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق بىرلەشتۈرۈلۈشى، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


2006-يىلى، مايكول جېكسون 19 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن، 22 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<سونى>> بىلەن ATV نىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق بىرلەشتۈرۈلۈشى، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


2007-يىلى، مايكول جېكسون 18 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 20 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<سونى>> بىلەن ATV نىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق بىرلەشتۈرۈلۈشى، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


2008-يىلى، مايكول جېكسون 13 مىليون دوللار كىرىم قىلغان، بۇ پۇللار پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن 14 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان.

ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى: <<تىترەش>> ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى، <<سونى>> بىلەن ATV نىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق بىرلەشتۈرۈلۈشى، ناخشا-مۇزىكا ئاۋازغا ئېلىش، ناخشا-مۇزىكا نەشر ھوقۇقى خىراجىتى.

سان-سىفىرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتاب.


2009-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، مايكول جېكسون 51 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىگە نەچچە ئايلا قالغاندا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. ئەسلىدە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ <<مانا مۇشۇنداق>> ناملىق سەييارە ناخشا كېچىلىكى لوندوندا باشلانماقچى بولغانىدى. مۇشۇ چاغقىچە، مايكول جېكسون ئۆزىنىڭ كەسپىي ناخشىچىلىق ھاياتىدا 1 مىليارد 100 مىليون دوللار كىرىم قىلغان بولۇپ، پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن، بۈگۈنكى 1 مىليارد 900 مىليون دوللارغا باراۋەر بولغان. ئەمما بۇ مودا ناخشا شاھىنىڭ سودا قىممىتى ئۇنىڭ ۋاپاتى بىلەن يوقاپ كەتكىنى يوق.

مايكول جېكسون ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىنكى بەش يىلدا، يەنە 700 مىليون دوللار كىرىمگە ئېرىشتى، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدا قالدۇرۇپ كەتكەن بايلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ مىراسلىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىمزالىغان يېڭى كېلىشىمگە مەنسۇب بولغان. پۇل پاخاللىقى تەڭشەلگەندىن كېيىن، مايكول جېكسون 1979-يىلىدىن بۇيان جەمئىي 3 مىليارد دوللارغا يېقىن كىرىم قىلغان.

بۇ سان-سىفىرلارنى <<مايكول جېكسون شىركىتى>> ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى زاك ئوماللېي گرىنبۇرگ تەخمىنەن ھېسابلاپ چىققان بولۇپ، ئۇ ئىككى يىلدەك ۋاقىتتا ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئەربابنى زىيارەت قىلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە مايكول جېكسوننىڭ ۋاكالەتچىلىرى بىلەن ئادۋوكاتلىرىمۇ بار.



بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى