نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

شەرق مەدەنىيىتىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت - دەشتئاتا

شەرق مەدەنىيىتىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت - دەشتئاتا

ۋاقتى: 2016-02-07 ئاۋاتلىقى: 3029 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شەرق مەدەنىيىتىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت ___ دەشتئاتا شەھىرى


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى




دەشتئاتا (دۈنخۇاڭ) گەنسۇ ئۆلكىسى جيۇچۈەن شەھىرىگە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ، خېشى كارېدورىنىڭ ئەڭ غەربىگە جايلاشقان. جايلاشقان ئورنى گەنسۇ، چىڭخەي، شىنجاڭ ئۈچ ئۆلكىنىڭ كېسىشكەن ئورنىدا. دەشتئاتانىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 3.12 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي نوپۇسى 180 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن شەھەر دېھقانچىلىقىنى ئاساس، ساياھەت، مۇلازىمەت كەسپىنى قوشۇمچە قىلىدۇ. دەشتئاتا ئىلگىرىكى مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەتلىرى بىلەن جاھانغا مەشھۇر. دەشتئاتا قەدىمكى جۇڭگونىڭ غەربىي يۇرت، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش لىنىيەسى ___ يىپەك يولىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىلگىرى بۇ جايدا سودا پائالىيەتلىرى ئىنتايىن گۈللەنگەنىدى.

دەشتئاتا يەنە <<دەشئاتا تاغ غارلىرى>>، <<دەشتئاتا تام رەسىملىرى>> بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولۇپ، دۇنيا مىراسى موگاۋ غارى ۋە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەددىچىن سېپىلى چېگرا يونى يۈگۇەنمېن قورولى، ياڭگۇەن قورولىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى بولغان.

دەشتئاتا شەھىرى جيۇچۈەن شەھىرىنىڭ قارىمىقىدا بولۇپ، قارىمىقىدا يەتتە بازار، ئىككى يېزا بار بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 200 مىڭ نەپەر ئەتراپىدا بولۇپ، شەھەرلەشتۈرۈش نىسبىتى % 57 كە يېتىدۇ. ئومۇمىي نوپۇسىدا خەنزۇلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، خۇيزۇ، مانجۇ، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، مياۋزۇ، موڭغۇل، تۇزۇ، قازاق، دوڭشياڭزۇ، يۇغۇر قاتارلىق 27 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ نوپۇسى % 2.2 نى ئىگىلەيدۇ.



بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى