نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

پوۋېست: قارا يۈرەك - 3 (داۋامى بار)

پوۋېست: قارا يۈرەك - 3 (داۋامى بار)

ۋاقتى: 2015-03-03 ئاۋاتلىقى: 4054 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قارا يۈرەك (3) 
( پوۋېست )
ئاپتورى: سەمەت مۇھەممەد رامىزان
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

   ناھىيە چۈشۈرگەن سايلامغا يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يېزا، بازارلىق نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلام خىزمىتىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىنى بىر قۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىزىغا سېلىپ قويۇپلا قايتىپ كەتتى. بىر نەچچە كۈنلۈك پاتپاراقچىلىقتىن كېيىن يېزا ئورگىنى سەل تىنچلىنىپ قالغاندەك بولدى. لېكىن، يېزا باشلىقى دولقۇن تېخى خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى قانچە ئويلاپمۇ ئاخىرىغا چىقىرىپ بولالمايدىغان، ھەم شېرىن ھەم ئازابلىق، بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان خىياللار بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىردە ئۆزىنىڭ شېرىن خىياللىرىدىن خۇش بولسا، يەنە بىردە سايلام رىقابەتچىسى — يېزىنىڭ پەن - تېخنىكىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى يارمۇھەممەتنىڭ بىلىم دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، مۇھىمى ئۇنىڭ دېھقانلار نەزەرىدىكى بۈيۈك ئوبرازى كۆز ئالدىغا كېلىشى بىلەنلا، شېرىن خىياللىرى بەربات بولۇپ، بىرى گال پىچاق بىلەن يۈرىكىنى تىلغاندەك ئازابلىنىپ كېتەتتى. 
   بۈگۈن چۈشتە ئۇ ئۆيىگە كەيپىياتى ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە ناچار ھالدا كىرىپ كەلدى.
   — يەنە نېمە بولدى سىزگە؟ ئىلگىرىلەردە شۇنداق خۇشخۇي، كۈلۈپلا كىرەتتىڭىز ئۆيگە، ئۇنداق قىشنىڭ بۇلۇتلۇق ئاسمىنىدەك تۈرۈلۈۋالماي، قېنى بىر كۈلۈڭە، مەن خۇش بولاي، كۈلكە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، دەيدىكەن، - دېدى ئايالى قورۇق چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن تېخى ياشلىق چېچەكلىرىنى يوقاتمىغان ئاقپىشماق چىرايىنى سۈزۈشتۈرۈپ، - مەن سىزنى ئۆيگە دائىملا كۈلۈپ كىرسىكەن دەپ تىلەيمەن، ئائىلىنىڭ خۇشاللىقىمۇ شۇغۇ!
   — بولدى، بولدى ئۇ گېپىڭلىنى قويۇڭلا، مەن نېمە كويدا، سىلە نېمە ئويدا، - دېدى دولقۇن قوپاللا. ئۇنىڭ قاتتىق سوغۇقتا تېخىمۇ قارىداپ كەتكەن يۈزى بىر خىل سىرلىق تۈسكە كىردى، كۆز قۇيرۇقلىرىدا باشقىدىنلا ئىرماش - چىرماش سىزىقلار پەيدا بولۇپ، يۈزى كونا تېرىدەكلا قورۇلۇپ كەتتى، - بىلەمسىلە، مانا ئەمدى خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا بىر كۈچلۈك رەقىپ قىستىلىپ كىردى، ئالدىمىزدىكى سايلامدا مېنىڭ بۇ كەڭ زېمىندىكى نام – ئەمىلىم بىراقلا يەر بىلەن يەكسان بولۇپ، قەدىرسىز غازاڭلاردەك ئەخلەت ئازگىلىغا مەھكۇم بولارمىكىن، دەپ ئەنسىرەيمەن.
   — ئۇنچىۋالا قايغۇرۇپمۇ كەتمەڭ، دوست - دۈشمەنلەرنىڭ كۈتكىنىدەكمۇ بولۇپ كەتمەس، سىز پايپېتەك بولۇپ خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقان چوڭلىرىمىزمۇ قاراپ تۇرماس، ناۋادا شۇنداق بولغاندىمۇ، ھۆكۈمەت ئەسكى چاپاننى تاشلىغاندەكلا تاشلىۋەتمەس، - ئايال ئېرىنىڭ كۆڭلىگە يارىشا شۇنداق دېگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ روھىي – كەيپىياتى ئېرىنىڭكىدىنمۇ ئوسال ئىدى. ئۇنىڭ كۈنلىرىمۇ ‹‹ئىچىدە روزا تۇتۇپ، تېشىدا ھېيت ئويناپ›› ئۆتۈۋاتاتتى. ئەلۋەتتە، ئېرى يېزا باشلىقلىقىدىن قالسا، توي – تۆكۈن، ئولتۇرۇش، قاتار چايلاردا ‹‹ۋاي خانىم، ئالسىلا، باقسىلا... ئاستىلىرىغا كۆرپە سېلىپ بېرەي... شۇنداق ئېسىل رەخت چىقىپتىكەن، ئوخشاش قىلىپ بىر قۇردىن كىيەيلى دېگەن...›› دەيدىغانلارنىڭ شۇ كۈن كەلگەندە كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ يۈزىدىن - يۈزىگە كۇسۇرلىشىپ ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئۇ بىلىدۇ. مانا بۇ شۇنداق جاھان.
   گەرچە يېزا باشلىقى دولقۇن يېقىندىن بۇيان يۇقىرى - تۆۋەن قاتراپ، بىرلىرىگە يادەك ئېگىلىپ، بىرلىرىگە يېلىنىپ - يالۋۇرۇپ، بىرلىرىگە ئۆي - زېمىن، ياغاچ - تاش، باغ – ۋاران، مال - چارۋا ۋەدە قىلىپ، يەنە بىرلىرىگە ھىجىيىپ يۈرۈپ ... ئىشقىلىپ تۈرلۈك - تۈمەن ۋاستىلەر بىلەن يېزا باشلىقىلىق نامزاتىنى يەنە بىر نۆۋەت قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما سايلام رىقابەتچىسى يارمۇھەممەتنى ھەقىقەتەن سەل چاغلىسا بولمايتتى. 
   راست، يارمۇھەممەت مۇئاۋىن يېزا باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن بىلىملىك، قابىليەتلىكلىكى، ھەققانىيلىقى، ئەمەلىيەتچانلىقى ھەم دېھقانپەرۋەرلىكى بىلەن دېھقانلارغا بەكلا ياراپ كەتتى. ئۇنىڭ قۇمدۆۋە يېزىسىدىكى تەسىرى دولقۇننىڭكىدىن كۈچلۈكرەك ئىدى. يېزا باشلىقىنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىۋاتقىنىمۇ دەل قانداق قىلىپ مۇشۇنداق كۈچلۈك سايلام رىقابەتچىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ‹‹ئالتۇن تاج›› نى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى ئىدى. ئۇ شۇنچە باش قاتتۇرسىمۇ، ئەمما كۆڭۈلنى سۆيۈندۈرگىدەك بىرەر چارە - تەدبىرنىڭ تېپىلمىغانلىقىدىن تىت - تىت بولاتتى. 
   — قېنى تامىقىڭىزنى ئىسسىقىدا يەۋېلىڭ، تۈزۈكرەك تاماق يېمىگىنىڭىزگىمۇ نەچچە كۈنلەر بولدى، نېمىلا بولمىسۇن تاماقنى ياخشى يېيىشىڭىز كېرەك – دە؟، - ئايالى گۆش ۋە سەۋزىسىنى كۆپرەك قىلىپ، ئوخشىتىپ ئەتكەن پولودىن بىر تەخسە ئۇسۇپ ئېرىنىڭ ئالدىغا قويدى. لېكىن، پولونىڭ مەززىلىك پۇرىقى دولقۇننىڭ ئىشتىيىنى ئاچالمىدى. ئۇنىڭ گېلىدىن بىر نەرسە ئۆتىدىغاندەك قىلمايتتى. شۇنداق بولسىمۇ ئايالىنىڭ زورى بىلەن پولودىن بىر – ئىككى كاپام ئېلىپلا بولدى قىلدى.
   دولقۇننىڭ بۇرۇندىن قانداقلا شارائىتتا بولمىسۇن، مەيلى ئىشخانىسىدا بولامدۇ، ئېتىز - دالىلاردا بولامدۇ، ئىشقىلىپ چۈش بولغان ھامان بىرەر ئەپلىك جاينى تېپىپ بىردەم بولسىمۇ ئۇخلاپ، كۆزىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىۋالىدىغان ئادىتى بار ئىدى. لېكىن، مۇشۇ بىرنەچچە كۈندىن بېرى چۈشتىلا ئەمەس، كېچىسىمۇ تازا ياخشى ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدى. بۈگۈنمۇ ئىش ۋاقتى توشماستىنلا ئىشخانىسىغا كەلدى. تېخى يېقىندىلا يېڭىلاپ، زىننەتلەپ ئۈلگۈرگەن كەڭ، ئازادە ئىشخانىسىدا توختىماستىن ئۇياق - بۇياققا مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ باش بارماقتەك توملۇقتا يۆگىۋالغان ئاچچىق موخۇركىنى كۈچەپ - كۈچەپ شورايتتى. شۇ تەرىزدە قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى، ئۆزىگىمۇ نامەلۇم، بىردىنلا نېمىنىدۇر ئېسىگە ئالغاندەك، ئازاپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان بوز كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلدى، دەقىقە ۋاقىت جىملىقتىن كېيىن ئىشخانا ئىشىكىدىن بېشىنى چىقىرىپ، غاراڭ - غۇرۇڭ ئاۋازدا ۋاقىرىدى:
   — تۇرسۇن رەئىس! ھاي، تۇرسۇن رەئىس! دەرھال ئىشخانامغا كىرىڭ!
   — مانا، مانا ھازىر، - دېگىنىچە پاكار بويلۇق، قارىماققا توشقۇزۇپ يەل ئۇرۇلغان ۋاسكىتبولنى ئەسلىتىدىغان، دوغىلاق كەلگەن، قۇمدۆۋە يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسى تۇرسۇن كەكلىكتەكلا يورغىلاپ دولقۇننىڭ ھوزۇرىدا ھازىر بولدى.
   — خوش يېزا باشلىقى، بىرەر تاپشۇرۇقلىرى بارمىكىن؟
   — قاراڭ رەئىس، - ئەتەي ‹‹سىز›› لەپ باشلىدى يېزا باشلىقى ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، - شۇ تاپتا كۆڭلۈم بەك يېرىم، كۆڭلۈم تارتىپ بىرەر - يېرىمدەم پاراڭلىشايلى دېدىم.
   — ئوبدان، ئوبدان... - دېدى تۇرسۇن رەئىس يېزا باشلىقىنىڭ خوتەننىڭ مەشۇتىدەك يۇمشاق، سوزۇلۇپ چىققان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق ھېس قىلىپ. ئۇ ئىلگىرى قېرى تۆگىنىڭ كالپۇكلىرىدەك ساڭگىلاپ تۇرىدىغان توم، قوپال لەۋلەر ئارىسىدىن مۇشۇنداق يۇمشاق ئاۋاز چىققانلىقىنى ئەسلا ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى.
   — كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام، بىز بىر نەچچە يىلدىن بېرى بىر - بىرىمىزگە ھەمدەم بولۇپ، قوللىشىپ، ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىشلەپ كەپتىكەنمىز، بىر - بىرىمىزگە مېھرىمىز چۈشۈپ قاپتىكەن، مانا ئەمدى نۆۋەتتىكى سايلامدا ‹‹ياخشى كۈننىڭ يامىنى›› بولۇپ قالارمىكىن، دەپ ئەنسىرەپلا يۈرۋاتىمەن. ئېيتىڭا، سىزنىڭچە مەن ئاشۇ سېرىق تۈكنىڭ ئالدىدا بەل قويۇۋەتسەم بولامدۇ؟ ناۋادا بۇ نۆۋەت سايلىنالماي قالسام، دوست - دۈشمەنلىرىمىز ھېلىقى يېرىدە كۈلمەمدۇ؟ ئاڭلىسام، ناھىيىدە ئۇ سېرىق تۈكنىڭ گېپىنى قىلىدىغانلارمۇ خېلى بارمىش، سىزنىڭچە مەن قانداقراق چارە - تەدبىر قوللانسام بولار؟ بىر مەسلىھەت كۆرسەتمەمسىز قېنى؟، - تېخى بىر – ئىككى ئاينىڭ ئالدىدىلا يولۋاستەك سۈر - ھەيۋىسى بىلەن ئالەمنى مالەم قىلغان ‹‹يەرلىك خاقان›› نىڭ مانا ئەمدى يېتىم قوزىدەكلا يۇۋاشلاپ قالغىنىدىن ھەيران بولغان تۇرسۇن رەئىس بىر – ئىككى ئېغىز تەسەللىي بەرمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
   — ھەرگىز ئەنسىرىمىسىلە يېزا باشلىقى، ئۆزلىرىنىڭمۇ يۇقىرى - تۆۋەندىكى يانتاياقلىرى كۈچلۈك، يېزىمىزدىمۇ تاغدەك ئىناۋەتلىرى بار، بۇ نۆۋەتلىك سايلامدىمۇ شەكسىز سىلى غەلىبە قىلىدىلا، بۇ ئاياقتىكى قېتىقتەكلا ھەممىمىزگە ئايان، ئارتۇقچە خىياللاردا بولمىسىلا.
   — دېگىنىڭىز كەلگەي ئىلاھىم، ئۇ چاغدا سىزمۇ مۇشۇ ئورۇندا تۇرىۋەرمەيسىز - دە، ھەمدەم بولۇپ قاۋۇل شوتا بولۇپ بېرىمەن سىزگە...
   — رەھمەت، رەھمەت!
   — قاراڭ رەئىس، كۆڭلۈمگە بىر ئىش كېلىۋاتىدۇ، سىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئىشخانىڭىزغا چىقىپ، يېزىمىزنىڭ بۇ نۆۋەتلىك نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىغا قاتنىشىدىغان 39 نەپەر قۇرۇلتاي ۋەكىلىنىڭ ئارخىپىنى ئېلىپ كىرىڭ، تەپسىلىي بىر كۆرۈپ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسىنى بىلىپ باقاي دەيمەن.
   — يېزا باشلىقى بۇ، بۇ... بۇنداق قىلساق قانداق بولار؟ سايلام بەلگىلىمىسىگە...
   — ھەي، نېمانچە دۇدۇقلايسىز؟ بولدى، بۈگۈنچە قويۇپ تۇرۇڭ ئۇ بەلگىلىمە - پەلگىلىمىلىرىڭىزنى، مەنمۇ سىزنى ئورىغا ئىتتىرىپ يۈرمەيمەن، پەقەت ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسىنى كۆرۈپ چىقساملا بولدى، سىزمۇ يېنىمدا تۇرىسىز، بىرلىكتە كۆرىمىز ئەمەسمۇ؟ قېنى بولۇڭ!
   تۇرسۇن رەئىس ھايالشىمايلا بىر قۇچاق ئارخىپ خالتىسىنى كۆتۈرۈپ كىردى. دولقۇن ئىشخانا ئىشىكىنى مەھكەم تاقاپ ئارخىپلارنى بىر - بىرلەپ تەپسىلىي كۆرۈشكە باشلىدى.
   — ماۋۇ ھامۇت تاش دېگىنىمىز ھېلىقى ئاقبوز كەنتىدىكى...
   — دەل شۇ، ئەسلىرىدە بار ئىكەن، ئاقبوز كەنتىنىڭ سابىق مۇدىرى، تېخى ئۆتكەن يىلىلا ئورنىغا مەخمۇتجان مۇدىر بولدى، لېكىن ھامۇتاخۇن يەنىلا سىلى قول تىقىپ ھەل قىلىپ بەرگەن ھېلىقى ‹‹چاھار باغ›› نىڭ راھىتىنى سۈرۈپ يۈرۈۋاتىدۇ.
   — سىزنىڭچە ئۇ كىشىنىڭ ماڭا بولغان قارىشى قانداقراقتۇ؟ - دولقۇن ناۋادا ئۇ ئۆتكەن يىلىدىكى ھامۇت مۇدىرنىڭ ئورنىغا مەخمۇتجاننى مۇدىر قىلىشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى بىر قىسىم خۇپىيانە ئىشلارنى بىلىپ قالغان بولسا، دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالمايۋاتاتتى.
   — خاتىرجەم بولسىلا يېزا باشلىقى، بىلىشىمچە ھامۇت ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل ئادەم، سىلىنىڭ شاپائەتلىرى بىلەنلا ‹‹چاھار باغ›› نىڭ راھىتىنى سۈرۈۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماس، چوقۇم سىلىگە بېلەت تاشلىشىدا گەپ يوق.
   — شۇنى بىلسىلا بولاتتىغۇ، ئۇ ئەبگا؟ لېكىن... - دەپ توختاپ قالدى دولقۇن، ئۇ ‹‹ئەينى چاغدا مەن باغنى قايتۇرۇۋېلىشقا باھانە تاپالماي، يىللىق تاپشۇرىدىغان ھۆددە ھەققىنى مەقسەتلىك نەچچە ھەسسە كۆپەيتىۋەتتىم - دە؟›› دېمەكچى بولدى – يۇ، ئېغىزىدىن چىقىرالمىدى، - ھە، مۇنداق بولسۇن، سىز مۇۋاپىق پەيتتە ئۇ كىشىگە ياخشى تەرىپىمنى قىلىپ، بەزى ئىشلارنى سەمىگە سېلىپ قويۇڭ، بۇنىڭدىن كېيىن باغنى يەنە داۋاملىق ھۆددىگە ئالامدىكەن – يوق، ئۇقۇپ بېقىڭ، ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا مېنىڭ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇڭ.
   — بولىدۇ، بولىدۇ، چوقۇم شۇنداق قىلىمەن، خاتىرجەم بولسىلا، - دېدى تۇرسۇن رەئىس ئىپادە بىلدۈرۈپ، لېكىن كۆڭلىدە ‹‹ئېشىكىم كۆۋرۈكتىن ئۆتتى، توقۇمى نەزىر›› بولىدىغۇ ئاخىر، دېگەننى ئويلىدى.
   — ماۋۇ زىياۋۇدۇن دېگىنىنى ھېچ ئېسىمگە ئالالمايمەنغۇ؟
   — ھە، تۆۋەنكى شورمەھەللىدىن، دېھقانچىلىق تېخنىكى، ئالدىنقى يىلى سىلىنىڭ ئويتېتىردىكى ‹‹بېھىش باغ›› لىرىنى چاتاپ - پۇتاپ رەتلەپ بەرگەن قارامۇتۇق يىگىت شۇ، شۇ يىلى باغ ئالامەت ئوخشىغان ئىدى - ھە؟ ئۇ يىگىت سىلىنى بەك چوڭ بىلىدۇ.
   — ھە، ئېسىمگە كەلدى. ئېيتىپ قويۇڭ، مېنىڭ ئۇ يىگىتنى بۇرۇنلا شورمەھەللە كەنتىنىڭ پەن - تېخنىكىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا قويۇش پىلانىم بار ئىدى، بۇ نۆۋەت... - يېزا باشلىقى گېپىنىڭ ئاخىرىنى چىقارمايلا تۇرسۇن رەئىسكە قارىدى. تۇرسۇن رەئىس ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى دەرھال چۈشەندى.
   — خاتىرجەم بولسىلا، ئۇ خېلى گەپ ئۇقىدىغان يىگىت.
   — ماۋۇ نۇسرەت ساۋۇت دېگىنىمىز؟...
   — بۇ چوكان شۇ يارمۇھەممەتنىڭ ئىنىسىنىڭ ئايالى، يۇقىرىقى قۇمتاش كەنتىدىن، - رەئىسنىڭ گېپى تۈگىمەيلا يېزا باشلىقىنىڭ يۈرىكى خۇددى بىرسى يىڭنە سانجىغاندەك چىملا قىلىپ قالدى. ياۋۇز دۈشمەنگە دۇچ كەلگەندەك ئەندىكىپ كەتتى.
   — تەپسىلىيرەك سۆزلەڭ، - دېدى يېزا باشلىقى سەل ئېسىگە كېلىپ ۋە قولىغا قەلەم ئالدى، - ئۇ كىمنىڭ قىزى بولىدۇ؟ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى باردۇ؟
   — ئۇنتۇپ قاپتىلا - دە؟ ئۇ ھېلىقى ساۋۇت ساختىنىڭ ئۇسسۇلچى قىزى ئەمەسمۇ، - دېدى رەئىس قانداقتۇر بىر ئىشتىن بىشارەت بەرگەندەك غەلىتىلا ھىجىيىپ. دولقۇن بىر – بىرلەپ خاتىرىلىۋالدى.
   — ماۋۇ بارات چوڭ دېگىنى ھېلىقى؟...
   — ھە، ئۇمۇ يۇقىرىقى قۇمتاش كەنتىدىن، تازا بىر جاھىل مۇتتەھەم، ئۆتكەن يىلى تازا كېلىشتۈرۈپ ئەدىپىنى بەرگەنتىلىغۇ ئۇ گۇينىڭ...
   — قانداقسىگە ۋەكىل بولۇپ قالدى، ئۇ قارا قورساق! - دەقىقە ئىچىدە دولقۇننىڭ ئېسىگە ئۆتكەن يىلقى سوراقسىز سۇ ئېچىۋېلىش ماجىراسىدا، ئۆزىنىڭ داۋۇت مىراپنىڭ بىر ئېغىز گېپى بويىچىلا ئۇنىڭغا 1000 يۈەن جەرىمانە قويغانلىقى، ساۋۇت ساختىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان ‹‹ئادىمىگەرچىلىك›› لىرىنىمۇ قوبۇل قىلماي چۆرۈۋېتىپ، ئاخىرى يەنە ساقچىخانىنىڭ ئۇنى 15 كۈنلۈك توختىتىپ قويۇشىغا سەۋەپ بولغانلىقى كەلدى - دە، يۈزى يەنە بىر قېتىم غەلىتىلا تاتىرىپ كەتتى. ئۇنىمۇ خاتىرىسىگە ئېلىپ قويدى.
   — ماۋۇ جۈمە سادىق دېگىنى باغچا كەنتتىكى بورداقچى شۇمۇ؟
   — شۇنداق. ئۇ يارمۇھەممەتكە شىرەم تۇغقان كېلىدىغۇ دەيمەن...
   — شۇنداقمۇ؟ مەن تونۇيدىغان ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بارمىدۇ؟
   — ساۋۇت ساختىنىڭ ئايالىنىڭ سىڭلىسىنىڭ يولدىشى.
   — بىلدىم، ماۋۇ ...
   — ماۋۇ ...
   دولقۇن ئىككى سائەتتىن كۆپراق ۋاقىت قادىلىپ ئولتۇرۇپ، ۋەكىللەر ئارخىپىنى ئاخىرى كۆرۈپ بولدى. تۇرسۇن رەئىس چىقىپ كەتكەندىن كېيىن خاتىرىسىگە يېزىۋالغانلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتى. كۆڭلىدە ئۇياققا تاسقاپ، بۇياققا تاسقاپ ۋەكىللەرنىڭ يېرىمىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بېلەت تاشلايدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان بولسىمۇ، يەنە يېرىمىنى يارمۇھەممەتكە بېلەت تاشلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ساۋۇت ساختىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، يېقىن - يورۇقلىرىدىنلا تۆت ۋەكىل بار ئىدى. ئۇنىڭ بېشى تاشتەك قاتتى. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ يەنىلا يېزىلىق پارتكوم سېكرىتارى شياۋ دۇغا يېلىنىپ – يالۋۇرۇپ ئۇنىڭ يېقىنلىرىدىن بىرقانچىنى، ساۋۇت ساختا ئارقىلىق شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تۆت ۋەكىلنى قولغا كەلتۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆردى. ئۇخلىسىمۇ ھوقۇق - مەرتىۋىلا چۈشەيدىغان مۇشۇنداق ئەمەلپەرەسلەر كۆپىنچە ھاللاردا قۇللارچە خۇشامەت پاتقىقىدىن ھەرگىز قۇتۇلالمايدىكەن. ئۇ بۇ نۆۋەت چوقۇم بىر ئاماللارنى قىلىپ دۇ سېكرىتار بىلەن ساۋۇت ساختىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانمىسا زادىلا بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ‹‹دۇ سېكرىتارغۇ ماڭا ئەزەلدىن يامان كۆزدە قاراپ كەلمىدى، شۇنداقتىمۇ... ھە راست پات يېقىندا ئۇنىڭ ئايالى بېيجىڭغا ئۆگىنىشكە ماڭغۇدەك، شۇ باھانىدا ئۇنىڭغا بەش – ئون مىڭ يۈەن ‹يوللۇق› تۇتۇپ بىر ئىش قىلارمەن. لېكىن ساۋۇت ساختىنىڭ پۇلى بار، يېزا بويىچە نامى بار باي بولدى، شۇڭا ئۇ ھازىر ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايراق قېلىۋاتىدۇ، ئۇنى قانداق قىلىپ ئەيۋەشكە كەلتۈرگىلى بولار - ھە؟›› ئويلىغانسىرى دولقۇننىڭ خىياللىرى چىگىشلىشىپ كەتتى. ‹‹توغرا ئۇ باي بولغان بىلەن ئاچكۆز، پۇلغا تويمايدۇ، ئابرويپەرەس، شۇڭا...››
   يېزىلىق سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش پونكىتىغا يېڭىدىن باشلىق بولۇپ كەلگەن ساۋاقدىشى دىلشات ئېسىگە كېلىشى بىلەن دولقۇننىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولغاندەك بولۇپ، چىرايى سەل - پەل ئېچىلدى. ئۇ شۇ ھامان تېلېفوننى قولىغا ئالدى.
(داۋامى بار)
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
   ئەسكەرتىش: مەزكۇر پوۋېستنى ئاپتورنىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى