دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ئايال ئالىملار
-
دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ئايال ئالىملار
ۋاقتى: 2015-11-25 ئاۋاتلىقى: 6626 قېتىميانفوندا كۆرۈش
دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ئايال ئالىملار
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
تۆۋەندىكى ئاياللار دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى زور ئوينىغان ئاياللار. بىز بۇ ماقالىدا بۇ قالتىس ئاياللار بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
يېقىندا دۇنياغا كەلگەنلىكىگە 101 يىل بولغان ھەيدى لامار ئىلىم-پەن تارىخىدىكى ساھىبجامال ئالىم، شۇنداقلا دۇنيا كىنوچىلىق تارىخىدىكى داڭلىق ئايال چولپانلارنىڭ بىرى. ئۇ زامانىۋى سىمسىز ئالاقىلىشىش ئۆزىكى پاتېنتلىق FHSS تېخنىكىسىنىڭ تۇنجى كەشپىياتچىسى، CDMQ، Wi-Fi قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنى ئاساس قىلغان. 2014-يىلى ھەيدى ئامېرىكا كەشپىياتچىلار سارىيىغا تاللانغان.
رەيدى ئامېرىكىدىكى تۇنجى ئالەم بوشلۇقىغا چىققان ئايال، شۇنداقلا بۈگۈنگىچە ئالەم بوشلۇقىغا چىققان ئەڭ ياش ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەمجىنس ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن فىزىكا ئالىمى، مائارىپچى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى.
ۋىرگىنىيە ئاپگار، ئامېرىكىلىق دوختۇر، ئۇ ناركولوگىيە ۋە تېراتولوگىيە ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئالىم بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمىنىڭ بەرپاچىسى. ئاپگارنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا نومۇر قويۇشى دۇنيادا ئەڭ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلگەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى باھالاش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ ئۇسۇل بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئازايتقان.جېنى كۇكى ۋرىگت كۆزگە كۆرۈنگەن ئۆسمە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، تاشقى كېسەللەر دوختۇرى بولۇپ، خىمىيەلىك داۋالاشتىكى تۆھپىسى زور. ئۇ كاربامىل پتېرىندىن پايدىلىنىپ سۈت بېزى راكى ۋە تېرە راكىغا قارشى تۇرۇشنىڭ باشلامچىسى.رىتا لېۋى مونتالچىنى، ئۇ داڭلىق نېرۋا بىيولوگىيەسى ئالىمى، 1986-يىلى ئامېرىكىلىق ئالىم ستانلېي كوخېن بىلەن بىرلىكتە <<نېرۋا ئۆسۈش فاكتورى>> ۋە <<سىرتقى تېرە ئۆسۈش فاكتورى>>نى بايقاپ، بىرلىكتە <<نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتى>>غا ئېرىشكەن، ئۇ تارىختا ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى.
ئاۋگۇستا ئادا كىم خانىم، ئۇ ئەنگلىيەلىك مەشھۇر شائىر بايروننىڭ قىزى، ماتېماتىكا ئالىمى. كومپيۇتېر پىروگراممىسىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ، دەۋرىيلىنىش ۋە تارماق پىروگرامما ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1842-يىلى، ئۇ تارىختىكى تۇنجى كومپيۇتېر پىروگراممىسىنى يېزىپ چىققان.ۋۇ جيەنشيوڭ، جياڭسۇنىڭ سۇجوۋدىن، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق، يادرو فىزىكا ئالىمى، <<شەرقنىڭ كيۇرى خانىمى>>، بېتا يىمىرىلىش تەتقىقات ساھەسىدىكى تۆھپىسى ئىنتايىن زور. 1958-يىلى ئۇ ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، 1975-يىلى ئامېرىكا فىزىكا جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى ئايال باشلىقى بولۇپ، شۇ يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى فورد ئۇنىڭغا ئاق سارايدا ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئالىي ئىلمىي شەرەپ ___ دۆلەتلىك ئىلىم ئوردېنى بەرگەن.ئېممى نوتېر گېرمانىيەلىك ماتېماتىكا ئالىمى بولۇپ، گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېت شەھىرى ___ ئېرلانگېردىكى بىر يەھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتىسى ماكسىم نوتېر تونۇلغان ماتېماتىكا ئالىمى ئىدى. ئۇ پاۋېل ئالېكساندىروۋ، ئالبېرت ئېينشتېين، جېن دىيۇدوننې، خېرمان ۋېيل، نوربېرت ۋىنېرلار تەرىپىدىن ماتېماتىكا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم ئايال دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ چەمبەر، ساھە ۋە ئالگېبرا بولغان نەزەرىيەنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتكەن. فىزىكا ئىلمى جەھەتتە، نوتېر سىممېترىيە بىلەن ساقلىنىش قانۇنى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىق شەرھىيەلەپ بەرگەن. ئۇ يەنە <<ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسىنىڭ ئانىسى>> دەپ تەرىپلەنگەن.رۇت روگان بېنېرىتو ئامېرىكىلىق فىزىكا-خىمىيە ئالىمى بولۇپ، توقۇمىچىلىق سانائىتىگە قوشقان تۆھپىسى زور، ئۇ پۈرلىشىشكە قارشى تۇرۇشچان پاختا تالاسىنى كەشىپ قىلغان.لىيىن ئالېكساندىر ئامېرىكىلىق بىيولوگىيە ئالىمى بولۇپ، ئۇ ھۈجەيرە مەنبەسى تەتقىقاتىنى باشلاپ بەرگەن، يەنە بىللە ياشاش نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەقىقىي يادرولۇق جانلىقلارنىڭ مەنبەسىگە ئالاقىدار نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ ھازىر بۈگۈنكى زامان بىيولوگىيەسىدە ئومۇملىشىپ قوبۇل قىلىنغان ئىچكى ئورتاق ياشاش تەلىماتىنىڭ ئاساسلىق ئوتتۇرىغا قويغۇچىسى.باربارا مېكلىنتوك ئىرسىيەت ئىلمى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تۇنجى مۇستەقىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئايال ئالىم، شۇنداقلا دۇنيادىكى 3-بولۇپ مۇستەقىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئايال ئالىم ھېسابلىنىدۇ.ئېلسيې ۋىددوۋسون ئەنگلىيەلىك ئوزۇقشۇناس، ئوزۇقلۇق ئىلمىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يېمەكلىك نورمىلىق تەمىنلەش تۈرىگە مەسئۇل بولغان ۋە يېتەكچىلىك قىلغان.ئەلسى خامىلتون ئامېرىكا سانائەت مېدىتسىناسى ساھەسىدىكى باشلامچى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلەنگەن تۇنجى ئايال. ئۇ توكىكولوگىيە (زەھەرشۇناسلىق) ساھەسىدىكى باشلامچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، كەسپىي كېسەللەر، سانائەت ئېغىر مېتاللىرى ۋە خىمىيەلىك ماتېرىياللارنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلغان.ئەلىسى كاتېرىن ئېۋانس ئامېرىكىلىق كۆزگە كۆرۈنگەن مىكروبىيولوگىيە ئالىمى بولۇپ، بويىدىن ئاجراپ كېتىش تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ برۇتسېللا كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايقاپ، كالا سۈتىنىڭ ساقلىنىشىغا نىسبەتەن غايەت زور تۆھپە قوشقان.گراس مۇرراي خوپپېر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ برىگادا گېنېرالى ۋە كومپيۇتېر ئالىمى بولۇپ، دۇنيادا ئەڭ بۇرۇنقى بىر تۈركۈم شەكىل لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ بىرى. ئۇ زامانىۋى تۇنجى تەرجىمە ۋە تەھرىرلىك ئۈسكۈنىسى A-0 سىستېمىسىنى ئىجا قىلغان، شۇنداقلا يەنە سودا ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېر پىروگرامما تىلى <>نى ئىجاد قىلىپ، << COBOLئانىسى>> دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان. مارى كاتلېت ئەنگلىيەلىك ماتېماتىكا ئالىمى بولۇپ، ئۇ خائۇس نەزەرىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغۇچىسى.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
دۇنيادىكى 10 چوڭ سىرلىق مۈلۈكدار جەمەت (2)
2016-06-23 00:55:341627ما يۈن: بەش خىل ئادەم بىلەن ھەمكارلاشماڭلار
2015-03-05 12:18:484978ئىسھاقبېك مونۇنوفنىڭ تەرجىمىھالى
2015-05-03 23:21:264380تۈرمىدە يېتىشكەن ناتىق
2015-03-02 12:46:494353ئافغانىستاندىكى ئۇسسۇلچى ئوغۇللارنىڭ مۇشەققەتلىك
2016-01-08 15:21:336245پۇتىننىڭ 2015-يىللىق پاراتتىكى نۇتۇقى
2015-11-04 19:07:599621مۇھەممەد رەھىم: تىللىسا (شېئىر)
2015-02-04 21:23:104354داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (13)
2015-03-01 21:12:003534
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-