نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

دۇنيادىكى 10 چوڭ سىرلىق مۈلۈكدار جەمەت (2)

دۇنيادىكى 10 چوڭ سىرلىق مۈلۈكدار جەمەت (2)

ۋاقتى: 2016-06-23 ئاۋاتلىقى: 2614 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


دۇنيادىكى 10 چوڭ سىرلىق مۈلۈكدار جەمەت (2)


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا، دۇنيا بويىچە ئەڭ پۇلدار شۇنداق 10 چوڭ جەمەت ئۆتكەن بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ بايلىقى تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە، بەزىلىرى ئاللىبۇرۇن تارىخ سەھىپىسىدىن چۈشۈپ قالدى. بۇ 10 چوڭ جەمەت تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.



ئالتىنچى، گالۋىن جەمەتى

بۇ باي جەمەتنىڭ ئامېرىكىدىكى تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. بۇ جەمەتنىڭ بەرپاچىسى پائۇل گالۋىن قوناق ئېتىلدۇرمىسى سېتىش بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ، موتورولا شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بولغان، بۇ جەمەتنىڭ شۆھرىتى تا بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.

پائۇل گالۋىن، ئۇ موتورولا ئاتىسى. 1926-يىلى ئۇ گالۋىن ياساش شىركىتىنى قۇرغان بولۇپ، بۇ شىركەت بۈگۈنكى موتورولا شىركىتىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىي ھېسابلىنىدۇ. 1930-يىلى، بۇ شىركەت دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان ئاددىي رادىيونى ئىشلەپچىقارغان. موتورولا دەل مۇشۇ رادىيونىڭ ئىسمى. «موتور» ئاپتوموبىلنىڭ موتورىنى كۆرسىتىدۇ، «رولا» ئاپتوموبىلنىڭ رادىيوسى تارتقاتقان ئاۋازنى كۆرسىتىدۇ.

1947-يىلى، پائۇل گالۋىن بۇ شىركەتنىڭ نامىنى «موتورولا شىركىتى»گە ئۆزگەرتكەن ھەمدە كۆپ خىل رادىيو مەھسۇلاتلىرىغا «موتورولا» دېگەن ماركىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، رادىيو مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىيات يۆنىلىشى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ قارار تولىمۇ يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە بولۇپ، كېيىنچە شىركەتنى دۆلەت ھالقىغان شىركەتكە ئايلاندۇرۇپ، دۇنياۋى شان-شۆھرەت قازانغان.

گالۋىن ئۆزىنىڭ بايلىقىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىنى تەربىيەلەشكە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ يالغۇز ئوغلى بوب گالۋىننى دائىم يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭ كارخانا ساھەسىگە كىرىشىنى چىن قەلبىدىن ئۈمىد قىلغان، ئۇ ئوغلىغا سورىغان كارخانىغا ئالاقىدار ھەرقانداق سوئاللارغا ئېرىنمەي جاۋاب بەرگەن.

پائۇل گالۋىن يەنە 3-ئەۋلاد بايلىق ۋارىسىنى تەربىيەلەيدۇ، بوب گالۋىن ئۆزىنىڭ ئوغلى كرىس گالۋىننى ئېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان گالۋىننى يوقلىغىلى بارغاندا، ئۇ نەۋرىسىنىڭ نەتىجىسىدىن بەكلا ھاياجانلىنىدۇ.

دەسلەپكى قۇرۇلغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا، موتورولا شىركىتى نۇرغۇن «تۇنجى»لارنى ياراتقان: 1940-يىلى، موتورولا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرىگە تۇنجى قولدا ئېلىپ يۈرىدىغان سىمسىز سۆزلەشكۈچنى ياساپ بەرگەن؛ 1944-يىلى، گالۋىن ياساش شىركىتى تاكسىلارغا تۇنجى رادىيولۇق سۆزلىشىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ بەرگەن؛ 1982-يىلى، ئاپتوموبىلدا ئىشلىتىلىدىغان، ئاۋازى سىرتقا چىقىدىغان تۇنجى تېلېفوننى، 1984-يىلى، ھەرە كۆنىكى شەكىللىك قاتلىنىدىغان يانفوننى ياساپ چىققان؛ 1996-يىلى، پۈتۈنلەي خەنزۇ يېزىقىدىكى يانفوننى ياساپ چىققان.......


يەتتىنچى، فورد جەمەتى

فورد ئاپتوموبىل شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ بىرى. ھېنرى فورد بۇ شىركەتنى 1903-يىلى قۇرغان بولۇپ، ئۇ بىر ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان، كەسىپ دائىرىسى ئېلېكترون، ئاۋىياتسىيە، پولات-تۆمۈر ۋە ھەربىي سانائەت قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك، دۆلەت ھالقىغان مونوپۇل سانائەت گۇرۇھى ھېسابلىنىدۇ.

1980-يىلى، فورد شىركىتى دۇنيا بويىچە تۇنجى ئادەتتىكى پۇقرالار ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىل ___ T شەكىللىك ئاپتوموبىلنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئاپتوموبىل سانائىتى ئىنقىلابى رەسمىي باشلىنىدۇ. 1913-يىلى، فورد ئاپتوموبىل شىركىتى يەنە دۇنيادىكى تۇنجى ئۈزلۈكسىز مەشغۇلات لىنىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن T شەكىللىك ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇمىي سانى 15 مىليونغا يېتىپ، مىسلىي كۆرۈلمىگەن نەتىجە يارىتىدۇ. فورد ئەپەندى بۇ سەۋەبلىك «دۇنياغا چاق ئورناتقان كىشى» دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان.

1914-يىلى، ھېنرى ئىشچىلارنىڭ سەككىز سائەتلىك ئىش ھەققىگە ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدە بەش دوللاردىن مائاش بېرىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ئەينى چاغدا، ئىشچىلار ئادەتتە توققۇز سائەت ئىشلەيدىغان بولۇپ، مائاشى ئارانلا 2.34 دوللار ئىدى. «ۋال كوچىسى گېزىتى» ئۇنى «ئىقتىسادىي مەھبۇس» دەپ ئەيىبلەپ، «فوردزىم»نى تەنقىدلەش خاھىشى ھەممىلا يەردە ئاشكارىلىنىپ تۇرغان. ئەمما ھېنرى ئىشچىلارنىڭ پاراۋانلىقىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرغان، كېيىن ھەتتا ئىشچىلارنىڭ كۈنلۈك ئىش ھەققىنى 10 دوللارغا ئۆستۈرگەن. بۇ خىل ئەھۋال ئامېرىكا ئىشچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن.

فورد جەمەتى ئامېرىكىدىكى ئەڭ نامدار جەمەت ئىدى. فورد جەمەتىنىڭ ئەزالىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قېتىم مۇۋاپىق ئىزباسار كەم بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە، 4-ئەۋلاد مۈلۈكدار بىل فورد قىيىن ئەھۋالدا ئىشنى قولىغا ئېلىپ، جەمەتىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن.

فورد ئاپتوموبىلىنىڭ بەلگىسىگە فورد دېگەن خەت ئىشلىتىلگەن. بەرپاچىسى ھېنرى فورد كىچىك ھايۋانلارنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ماركا لايىھەلىگۈچى فورد دېگەن خەتنى بىر بۆجەننىڭ شەكلىدە لايىھەلىگەن.


سەككىزىنچى، ماركس جەمەتى

ماركس جەمەتى ئەنگلىيەدە بىر مەھەل شۆھرەت قازانغان باي جەمەت. بۇ باي جەمەت ئاساسلىقى كىيىم-كېچەك ۋە يېمەكلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ساچېر خانىم كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ جەمەت شىركىتى ___ ماركس سپەنسېر شىركىتىدىن سېتىۋالغان.

بۇ شىركەتنىڭ بەرپاچىسى ماركس بەش فوندستېرلىڭ بىلەن ئىش باشلىغان. ئەمما ماركس ۋاپات بولغاندا، ئۇنىڭ ئوغلى سىمون ئاران 19 ياشتا بولغاچقا، چۋېن شىركەتنىڭ باش مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.

جەمەت كارخانىسىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، سىمون يەھۇدىي سودىگەر ئېسلېي بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن، ئىككىيلەن ئۆزئارا قارشى تەرەپنىڭ سىڭلىسى بىلەن توي قىلىپ، جەمەتىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرغان. ئىككىيلەن چۋېن بىلەن مۇدىرىيەتنىڭ رەئىسلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش كۈرىشى قىلىپ، ئاخىرىدا ھوقۇقنى تارتىۋالغان.


توققۇزىنچى، دىسنېي جەمەتى

دىسنېي جەمەتى دۇنيادىكى ھەممەيلەن دېگۈدەك بىلىدىغان باي جەمەت، بۇ جەمەتنىڭ بەرپاچىلىرى ۋالتېر دىسنېي ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى لويى دىسنېي بولۇپ، «گۈرۈچ چاشقان» دېگەن كارتون فىلىم ئارقىلىق دۇنياغا تونۇلغان ھەمدە بىر يۈرۈش كارتون فىلىملەرنى روياپقا چىقارغان. ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن يەنە «دىسنېي دۇنيا شادلىق باغچىسى»نى بىرلىكتە پىلانلىغان.

ۋالتېرنىڭ كاللىسى ئۆتكۈر ۋە ئىجادىيەت تالانتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇ سەھنە ئالدىدا خىزمەت قىلىدۇ؛ لويى شىركەتنى يۈرۈشتۈرۈشتىك ياخشى ياردەمچى بولۇپ، پەردە ئارقىسىدىكى مالىيە ئىشلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، شىركەت مالىيەسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. لويى شۆھرەتپەرەسلىكتىن نېرى تۇرۇپ، 42 يىللىق كەسپىي ھاياتىدا ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەيدۇ، شۇنداق بولغاچقا كېيىنچە كىشىلەر ئۇنىڭ دىسنېي شىركىتىگە قوشقان غايەت زور تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ كەتكىلى تاس قالىدۇ.

ۋالتېر بىلەن لويى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شىركەت سەركىسىز قالغان پادىدەك قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىدۇ. 80-يىللارغا كەلگەندە، دىسنېي شادلىق باغچىسى بارا-بارا يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ، «چاشقان بىلەن ئۆردەك»نىمۇ كىشىلەر ئاساسەن ئۇنتۇپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن شىركەتتە بىر مەيدان مۇدىرىيەت ئۇرۇشى پارتلايدۇ. 1984-يىلى، دىسنېي شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتى نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىگەندىن كېيىن، پۇل مۇئامىلە ماگناتى سائۇل ستېينبېرگ يامان نىيەتتە سېتىۋالماقچى بولغانلىقىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.

بۇ قېتىملىق بوران-چاپقۇندىن كېيىن، دىسنېي شىركىتى داۋاملىق مۇستەقىل سەنئەت ئۇسلۇبى ۋە ئورنىنى ساقلاپ قېلىپ، تارىختىكى بىردىنبىر پۇل مۇئامىلە كاپىتالى گۇرۇھ سودىسى قىلمىغان ھوللىۋود چوڭ كىنو شىركىتىگە ئايلانغان.


ئونىنچى، مورگان جەمەتى

مورگان مالىيە گۇرۇھى ۋېكتورىيە دەۋرىدىن باشلاپلا ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىغان، ئامېرىكا، ھەتتا دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا 200 نەچچە يىل دەۋران سۈرگەن بولۇپ، تۆمۈر يول، پولات-تۆمۈر، تېلېفون، ئېلېكتىر كۈچى، بانكا، سۇغۇرتا قاتارلىق نۇرغۇن ساھەرلەردە گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان. مورگان مالىيە گۇرۇھىنىڭ تارىخى ئامېرىكا، ھەتتا دۇنيانىڭ مورگان مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان دەۋردىكى پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات تارىخىدۇر.

مورگان جەمەتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋال كوچىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى. مورگان جەمەتى ياراتقان «مورگانلاشقان تىجارەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى»تا بۈگۈنگىچە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە ھەمدە ۋال كوچىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. بۇ تىجارەت ئىدىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەسى كاپىتالىزمنىڭ گۆدەكلىكتىن نەۋقىرانلىققا مېڭىشتىكى پۈتۈن جەرياننى بېسىپ ئۆتكەن.

20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىگە كەلگەندە، مورگان جەمەتى دۇنيادىكى قەرز بەرگۈچىگە ئايلانغان، يەنە «ۋال كوچىسىنىڭ ناپالېئونى» دەپ ئاتالغان.

بۈگۈنكى كۈندە، مونوپۇلىيە دەۋرى ئاياغلىشىپ، دۇنيانىڭ سودا ھوقۇقى ئوخشىمىغان ئورگانلارغا تارقىتىۋېتىلدى. بىراق، مورگاننىڭ رىقابەتلىشىشتىكى ۋاسىتىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى