نىدائىي: ئاۋدرېي خېپبۇننىڭ تاتلىق سۆزلىرىدىن
-
نىدائىي: ئاۋدرېي خېپبۇننىڭ تاتلىق سۆزلىرىدىن
ۋاقتى: 2015-08-25 ئاۋاتلىقى: 6397 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بېلگىيەلىك مەشھۇر كىنو چولپىنى ئاۋدرېي خېپبۇننىڭ تاتلىق سۆزلىرىدىن
توخنىياز ئسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى(شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ تەرجىمانى، مۇھەررىر)
ئاۋدرېي خېپبۇن 1929-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى بېلگىيەنىڭ بريۇسسېلدا تۇغۇلغان، ئەنگلىيە كىنو ۋە ئۇسسۇل مۇنبىرىدە قالتىس نام چىقارغان ئارتىس. 1948-يىلى، ئۇ ‹‹گوللاندىيەدىكى يەتتە دەرس›› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە رول ئېلىپ، كىنو ساھەسىگە قەدەم بېسىپ، بىراقلا نام چىقارغان. 1954-يىلى، خېپبۇن ‹‹رىمدىكى دەم ئېلىش›› ناملىق فىلىمدە تۇنجى قېتىم ئايال باش پېرسۇناژنىڭ رولىنى ئالغان ھەمدە ئوسكار ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش رولچى مۇپاكاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇن فىلىملەردە رول ئالغان ھەمدە نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. 1999-يىلى، ئۇ ئامېرىكا كىنوچىلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ‹‹يۈز يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئايال ئارتىس››نىڭ ئۈچىنچىسى بولۇپ باھالانغان.كېيىنكى يىللاردا خېپبۇن خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ دوستلۇق ئەلچىلىكىگە تەيىنلىنىپ، 3-دۇنيا ئاياللىرى ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.1993-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاۋدرېي خېپبۇن سازاڭسىمان ئۆسۈكچە راكى بىلەن 63 يېشىدا ۋاپات بولغان.
تۆۋەندە ئۇنىڭ بىر قىسىم مەشھۇر سۆزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.ياخشىلىق بىردىنبىر ئۆڭمەس گۈزەللىك.ئادەم دېگەن ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئىلگىرىلىيەلىشى، ئەسلىمىلەر قوينىدىن كەلگۈسىگە يول ئالالىشى، كېسەللىكتىن ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىشى، بىلىمسىزلىكتىن مەدەنىيەت سەپىرىگە ئاتلىنالىشى، ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئىچىدىن ئۆزىنى باتۇرلارچە قۇتقۇزۇپ چىقالىشى، توختىماستىن ئۆز-ئۆزىدىن ھالقىپ چۈشۈشى ھەمدە ئىمكانىيىتى بولسىلا باشقىلارغا ياردەم بېرەلىشى كېرەك.ئاياللارنىڭ سېھرىي كۈچى تاشقى قىياپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئاياللارنىڭ قەلب ئالىمىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا، ئۇنىڭ ئاتا قىلغانلىرىدا ۋە قىزغىنلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.بىر ئايالنىڭ گۈزەللىكى يىللارسېرى ئېشىپ بارىدۇ.ناۋادا دۇنيا ئەتىلا ۋەيران بولىدىغان بولسا، مەن ئاشۇ بەختلىك سەرگۈزەشتىلىرىمنى ۋە خۇشاللىق مىنۇتلىرىمنى ئەسلىگەن بولاتتىم، ھەرگىزمۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىم، بويۇمدىن ئاجراپ كەتكىنى ياكى ئاتامنىڭ كەلمەسكە كەتكىنىدىن ۋايىم يېمىگەن بولاتتىم. ئۇلارنى خۇشال پەيتلەردە ئەسلىسەكلا كۇپايە.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ناۋادا سىز ھەرقانداق چاغدا بىر قولنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولغاندا، سىز بىلەكلىرىڭىزنىڭ ئۇچىدىنلا ئۇ قولنى تاپالايسىز.چوڭ بولغانسېرى سىز ئىككى قولىڭىزدىن پەقەت بىرىنىڭلا ئۆزىڭىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بايقايسىز.ئەڭ مۇھىمى تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش، خۇشال ياشاش، مەن تىرنىقىمنى ياساشقا، ياسىنىشقا ئامراق. مەن خۇشال قىزلارنىڭ تېخىمۇ چىرايلىقلىشىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.مەن ھەبىر كۈننىڭ يېڭى بىر كۈن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.مەن مۆجىزىگە ئىشىنىمەن.
سەمىمىيلىكنى سۆزلەيدىغان چىرايلىق ئېغىزىڭىز بولسۇن!باشقىلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرىدىغان ئوماق كۆزلىرىڭىز بولسۇن!يەۋاتقانلىرىڭىزنى ئاچ قالغانلارغا ئۆتۈنەلەيدىغان ساغلام بەدىنىڭىز بولسۇن!يوللاردا قەدەملىرىڭىز باشقىلارغا ئۈلگە بولسۇن!
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ماجاڭنى چەت ئەللەرگە يۈزلەندۈرەيلى
2015-03-11 15:05:594223پاكىستاننىڭ بىر ئەۋلاد كىنو خانىشى — شەبنەم
2016-02-08 13:23:235605توقسۇ ناھىيە تۈزتۇرا خارابىسى
2015-02-11 18:12:503517داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (16)
2015-03-01 22:36:113696قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقلىرىنى كۆرۈپ باقايلى
2015-03-06 16:12:434947چىرايلىق ئالەم بوشلۇقى سۈرەتلىرى
2015-04-24 16:19:413795داۋېنچى بىلەن موناللىزا
2015-02-11 18:22:114017ئامېرىكىنىڭ كونا پاسوندىكى ماشىنىلىرى
2015-03-31 12:21:484065
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-