جۇڭگو ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى كەمتەر سەككىز كارخانىچى
-
جۇڭگو ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى كەمتەر سەككىز كارخانىچى
ۋاقتى: 2016-07-25 ئاۋاتلىقى: 1665 قېتىميانفوندا كۆرۈش
جۇڭگو ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى كەمتەر سەككىز كارخانىچى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
1. سەي چوڭشىن: «ئەلى بابا» گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. نۇرغۇن كىشىلەر سەي چوڭشىننىڭ «ئەلى بابا»غا ئاتا قىلغان تۆھپىسى ما يۈندىن قېلىشمايدۇ، دېيىشىدۇ. يالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرلۇقىنى تاماملىغان بۇ كىشىدا ما يۈنگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە مالىيە ۋە قانۇن كەسپىي ئىقتىدارى بار، شۇنداقلا «ئەلى بابا» گۇرۇھىدا ما يۈندىن كېيىنلا تۇرىدىغان 2-نومۇرلۇق شەخس ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ما يۈن پۈتۈن خەلقنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مەبۇدىسىگە ئايلاندى، بىراق سەي چوڭشىننى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ.
2. جاڭ خۇڭجياڭ: «جىنشەن» يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى. جاڭ خۇڭجياڭ ئىلگىرى «مىكروسوفت» شىركىتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تەرەققىيات گۇرۇھىنىڭ باش تېخنىكا ئەمەلدارى، «مىكروسوفت» شىركىتى ئاسىيا قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. «جىنشەن» يۇمشاق دېتالى بايرىقى ئاستىدا جىنشەن تورى، جىنشەن ئىشخانا دېتاللىرى، شىشەنجۈ، جىنشەن بۇلۇتى قاتارلىقلار بار، WPS، يىلپىز تازىلاش ئۇستىسى، جىنشەن لۇغىتى قاتارلىقلارنىمۇ ئۇ كونترول قىلىدۇ. ئەمما ئۇ پەقەت تونۇلمىغان بولۇپ، كىشىلەر ھەتتا ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان.
3. جۇاڭ جېنچاۋ: «نەگە بارىسىز» تورىنىڭ باش دىرېكتورى. «نەگە بارىسىز تورى» ئەينى چاغدا «بەيدۇ» تورىغا تەۋە چاغدا بولسۇن، مەيلى «نەگە بارىسىز» تورىنىڭ پېيى بازارغا سېلىغاندا بولسۇن، مەيلى «نەگە بارىسىز» تورى «شيېچېڭ» تورى بىلەن بىرلەشكەندە بولسۇن، بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جۇاڭ جېنچاۋ جامائەتچىلىككە ناھايىتى ئاز كۆرۈنگەن.
4. لى بىن: «يىچې» تورىنىڭ باش دىرېكتورى. «يىچې» تورى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ بۇرۇن پېيى بازارغا سېلىىنغان ئاپتوموبىل تورى، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدە «ئاپتوموبىل ئائىلىسى»دىن كېيىن تۇرىدىغان 2-چوڭ ئاپتوموبىل تور بېكىتى بولۇپ، تەسىر كۈچى ئىنتايىن زور. ئەمما باش دىرېكتورى لى بىن گەرچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىختىساس ئىگىسى بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەر ئۇنى ئاساسەن بىلمەيدۇ.
5. ياڭ خاۋتوڭ: «گەنجى» تورىنىڭ باش دىرېكتورى. «گەنجى» تورىنىڭ ئىلگىرىكى رىقابەتچىسى، «توڭچېڭ» تورىنىڭ 58 ياشلىق باش دىرېكتورى ياۋ جىنبو پو ئاتىدىغان دېيىشكە بولىدۇ، تۈرلۈك تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ۋە زىيارەتلەردە بەك كۆپ قاتناشقان، بىراق «گەنجى» تورىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ خاۋتوڭ ئىنتايىن كەمتەر.
6. يۈ دۈندې: «شۈنيۇ» تورىنىڭ باش دىرېكتورى. «شۈنيۇ» تورىنىڭ نوپۇزى ئىنتايىن يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما باش دىرېكتورىنى كىشىلەر ئاساسەن بىلمەيدۇ.
7. لياڭ جيەنجاڭ: دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ «شيېچېڭ» مېھمانخانا، ئايروپىلان بېلىتى تورىنىڭ باش دىرېكتورى بولۇپ، بۇ تورنىڭ ئابونتلىرى ئىنتايىن كۆپ. لياڭ جيەنجاڭ بۇ تورنىڭ باش دىرېكتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنە ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتۇرى ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «گۇاڭخۇا» باشقۇرۇش ئىلمى ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ۋە ئۇنىڭ نەزەرىيەلىرىنى بىلمەيدۇ.
8. چىن جى: «ئاپتوموبىل ئائىلىسى» تور بېتىنىڭ باش دىرېكتورى. ئۇ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشى بولۇپ، نەچچە يۈز مىليون يۈەنلىك بايلىقى بار. ئۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل تورىنىڭ باش دىرېكتورى بولسىمۇ، دېگەندەك تونۇلمىغان. ناۋادا يېقىنقى مەزگىللەردە «ئامانلىق» ھاۋالىسى بىلەن «ئاپتوموبىل ئائىلىسى» قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالمىغان بولسا، چىن جى تېخىمۇ كەمتەر پېتى يۈرۈۋەرگەن بولاتتى.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
دۇنيادىكى 16 چوڭ ھەقسىز مۇزېيغا نەزەر
2015-05-22 12:02:074459‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى››نىڭ تارىخى
2015-04-15 18:16:045203قۇتلۇق نورۇزنىڭ رەسمىيەتلىرى
2015-03-15 22:32:4245072000 يىل بۇرۇن مودا بولغان قاتلاق يوپكا
2015-04-24 17:59:393935بەش چوڭ پىتنە-ئىغۋانىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى
2015-11-27 02:18:044909قايسى دۆلەت كىشىلىرى يالغان سۆزلەشكە ئامراق؟
2015-11-27 02:13:214901دۇنياۋى يەتتە باينىڭ مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە ئېيتقا
2015-11-27 02:09:115821كىم جوڭئۇننىڭ دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىكى نۇتۇقى
2015-04-27 13:12:334053
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-