‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى››نىڭ تارىخى
-
‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى››نىڭ تارىخى
ۋاقتى: 2015-04-15 ئاۋاتلىقى: 5275 قېتىميانفوندا كۆرۈش
‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى››نىڭ قانداق كۈن ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
كىتاب — ئىنسانىيەت ئەقىل–پاراسىتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى. دۇنيانىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت، تارىخ، ئىلىم–پەن، تېخنىكا، مائارىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىك، ھەربىي ئىشلار، ئالەم ئىشلىرى ۋە باشقا نۇرغۇن ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى كىتابتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ۋاستە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۈگۈنكىدەك مىسىلسىز گۈللەنگەن ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرەلىگەن. كىتابتا ئىنسانىيەتنىڭ شانلىق تارىخى ۋە گۈزەل ئۆتمۈشى خاتىرلەنگەن ھەم كەلگۈسى ھەققىدە تەسەۋۋۇرلار بېرىلگەن.ھەر يىلى 4–ئاينىڭ 23–كۈنى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى ھەم دۇنيا نەشر ھوقۇقى كۈنى. بۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ كۈننى خاتىرىلەيدۇ.ئۇنداقتا بۇ كۈن قانداق كېلىپ چىققان؟ 1995–يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم–پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى 23–ئاپرېلنى ‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى ۋە نەشر ھوقۇقى كۈنى›› قىلىپ بېكىتىپ، كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇش، نەشرىيات ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا دەۋەت قىلغان.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم–پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 23–ئاپرېلنى ‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى›› قىلىپ بېكىتىش ئىلھامى ئەسلىدە بىر گۈزەل رىۋايەتتىن كەلگەن. 23–ئاپرېلدا، ئىسپانىيەلىك مەشھۇر ئەدىب سېرۋانتىسنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن كۈنى، شۇنداقلا ئىسپانىيە كاتالان(Catalan)رايونىنىڭ سان جورج (Dia de Sant Jordi) بايرىمى كۈنى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ كۈنى جورج ئىسىملىك بىر پالۋان ئەجدىھانى ئۆلتۈرۈپ مەلىكىنى قۇتقۇزۇۋالغانىكەن، مەلىكە بۇ پالۋانغا بولغان رەھمىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىر كىتاب سوۋغا قىلغانىكەن. بۇ كىتاب بىلىم بىلەن كۈچ–قۇۋۋەتكە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى، كاتالان رايونىدىكى قىز–ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ يىگىتلىرى ۋە ئەرلىرىگە بىر كىتاب سوۋغا قىلىشنى قىلىدىكەن، ئەرلەر ئۇلارغا بىر تال ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىدىكەن. بۇ كۈنى يەنە ئەنگلىيەلىك دۇنياغا مەشھۇر يازغۇچى شېكىسپىر، ئامېرىكىلىق يازغۇچى ۋىلادىمىر نابوكوۋ (Vladimir Nabokov)، فرانسىيەلىك يازغۇچىسى موررىس دېروئېن (Morris • Derouen)، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىسلاندىيەلىك يازغۇچى لاكسنېس قاتارلىق داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ توغۇلغان كۈنى.شۇڭا، بۇ كۈننى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى قىلىپ بېكىتىشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ كىتاب ئوقۇش كۈنى ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ كۈننى تەبرىكلەيدۇ.بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش بايرىمىجۇڭگوجۇڭگودا دۆلەتلىك بىلىم قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 2000–يىلى، ھە يىلى 12–ئاينى ‹‹ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش ئېيى›› قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، نەچچە يىلدىن بۇيان، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى مول، سەرخىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.ئىسپانىيە كاتالان رايونىئىسپانىيە كاتالان رايونىنىڭ مۇنداق بىر ئەنئەنىسى بولۇپ، بۇ يەردە ھەر يىلى 23–ئاپرېل تۈرلۈك شەكىللەردىكى چوڭ–كچىك كىتاب بەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىكەن. كوچىلاردا نۇرغۇن كىتاب يايمىلىرى بولۇپ، ئىنتايىن قىزىپ كېتىدىكەن. كىشىلەر ھەر قانداق بىر كىتاب سېتىۋالسا بىر قىزىل گۈلگە ئېرىشىدىكەن. شۇڭلاشقا دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىدە، كوچىلاردا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۈل كۆتۈرۈۋالغانلىقىنى ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولۇپ، خۇددى ئاشىق–مەشۇقلار بايرىمىدەك، ئىنتايىن قىزىپ كېتىدىكەن.ئەنگلىيەئەنگلىيەدە، 23–ئاپرېلدا، پاسخا بايرىمى دەم ئېلىشىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، مەكتەپنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا قولايسىز ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە 2001–يىلىدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇش كۈنىنى 3–ئاينىڭ بىرىنچى پەيشەنبىسىگە ئۆزگەرتكەن. ئەنگىلىيەنىڭ كىتاب ئوقۇش بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئىنتايىن مول ۋە سەرخىل بولۇپ تەخمىنەن 1000 خىلدىن ئاشىدىكەن. مەسىلەن، پېرسوناژلارنى دوراش مۇسابىقىسى، چۈشلۈك ھېكايە ۋاقتى ۋە ھەرخىل كىتاب بەزمىسى قاتارلىقلار.مېكسىكامېكسىكىدا، ھەر يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان گۇادالاجارا كىتاب كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىغا 20 يىل بولغان بولۇپ، بۇ ئانا تىلى ئىسپان تىلى بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ كىتاب بەزمىسى ئىكەن. ھەر يىلى بۇ كىتاب كۆرگەزمىسى ئېلىپ بېرىلغاندا، كۆپلىگەن نەشرىياتچى، ئەدەبىيات ۋاستىچىسى، تەرجىمان قاتارلىقلار گۇادالاجارا شەھىرىگە كېلىپ، سودا ۋە كەسپىي جەھەتتىن پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن. كۆرگەزمىگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 350 مىڭ كىشىگە يېتىدىكەن.كورىيەكورىيەدە، بۇ كۈنى ‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى›› خاتىرە پوچتا ماركىسى تارقىتىلىدىكەن. بۇ يىل كورىيەدە ‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى›› ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كىتاب تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بالىلارغا نەشر ھوقۇقىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، 23–ئاپرېل نەشرىيات 35 مىڭ پارچە كىتابنى ھەر قايسى مەكتەپلەرگە ھەقسىز ئەۋەتىپ بېرىكەن.ياپونىيەتوكيو ھۆكۈمىتى قانۇن چىقىرىپ، 23–ئاپرېلنى بالىلار كىتاب ئوقۇش بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بالىلارنىڭ تىل، تەپەككۇر ۋە باشقا تەرەپلەردىكى قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.فرانسىيەفرانسىيەدە 2004–يىلى ℅24 ئادەم 12 پارچە كىتاب، ℅55 ئادەم بىردىن 12 پارچىگىچە كىتاب ئوقۇغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئادەم بۇ يىلدا 11 پارچىدىن كىتاب ئوقۇغان.
‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى››نىڭ تەشۋىقات سۆزلىرى
1. پۈتۈن خەلقى كىتاب ئوقۇشقا چاقىرىپ، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇشقا چاقىرايلى.2. كۆپرەك كىتاب ئوقۇپ، ياخشى كىتاب ئوقۇپ، ھاياتىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزەيلى.3. 4–ئاينىڭ 23–كۈنى — ‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى›› بىزنى كىتاب ئوقۇش خۇشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىمان قىلىدۇ.4. بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ، كىتاب ئوقۇش ھاياتنى بېيىتىدۇ.5. ئاخبارات–نەشرىياتچىلىق ئاممىۋى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتايلى.6. تەڭرىتاغ ئېتىكىدە كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى.7. گەر كىشى تاپسا كامال بىلىم بىلەن، كەمتەر بولۇر،نۇر چاچار ئىلمى بىلەن، گويا يورۇق ئەختەر بولۇر.8. كىتاب ئوقۇش تۇرمۇشىمىزغا تېخىمۇ ئىناقلىق ئاتا قىلىدۇ.9. كىتاب ئوقۇشچان جەمئىيەت ۋە ئەل ئارا مەنىۋى ماكان بەرپا قىلايلى.10.كىتاب ئوقۇش پايدىلىق، شىنجاڭدا كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىنى جانلاندۇرايلى.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
يۇمۇر: ئۈندىدارنى مىراس قالدۇرۇش
2015-03-16 23:00:033907نىدائىي: 2011-يىلىدىكى توي نۇتۇقى
2015-03-17 14:53:083843خەلقىمىز نەزەرىدىكى مۇقەددەس سانلار
2015-03-14 21:54:184236ئاجەي دېۋگاننىڭ ئىلگىرىكى بىر قىسىم سۈرەتلىرى
2016-02-14 01:39:395317‹‹ئىقتىسادشۇناسلار›› ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا نەزەر
2015-03-03 12:58:393573مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلاردىكى 13 ئادەت
2015-03-05 22:18:454450كەلگۈسىدە يالتىراق پۇل ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
2015-02-05 11:58:514263دوختۇرخانا باشلىقى ۋە كومپيۇتېر رېمونتچىسى
2015-03-11 14:54:254417
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-