نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلاردىكى 13 ئادەت

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلاردىكى 13 ئادەت

ۋاقتى: 2015-03-05 ئاۋاتلىقى: 4240 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلاردىكى 13 ئادەت
لى جى
   كىشىلەردە ياخشى ئادەتمۇ، يامان ئادەتمۇ بولىدۇ، ياخشى ئادەت سىزنى مۇۋەپپەقىيەت يولىغا باشلايدۇ.

   بىرىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى بىر ئىشتا ئۇنى قىلىشتىكى مەقسىتىنى ئېنىق بىلىدۇ. بۇنداقلار ئىشنىڭ نەتىجىسىگە كۆڭۈل بۆلسىمۇ، ئۇنى قىلىشتىكى مەقسەتكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەقسەتنىڭ ئېنىق بولۇشى ئۇلارنىڭ نەتىجە قازىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئۇلار بۇ جەرياندىن ھۇزۇرلىنىدۇ.
   ئىككىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى كەسكىن قارار چىقىرىدۇ، قارارىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ئېھتىيات بىلەن ئويلىنىپ ئىش كۆرىدۇ.
   ئادەتتىكى كىشىلەر بىر ئىشقا يولۇققاندا ئەزمىلىك بىلەن قارار چىقىرىدۇ ھەم قاراردىن تېزلا يېنىۋالىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ كەسكىن قارار چىقىرىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئىدىيەسى ئېنىق بولىدۇ، ئۇلار ئىشنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىنى، جىددىي ياكى جىددىي ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئىشلارنى ئەتراپلىق بىرتەرەپ قىلالايدۇ.
   ئۈچىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى باشقىلارنىڭ سۆزىنى زەن سېلىپ ئاڭلايدۇ.
   زەن سېلىپ ئاڭلاش باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى باشقىلارنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتۇر. باشقىلارنىڭ سۆزىنى زەن سېلىپ ئاڭلىغاندا، مۇنداق بىر نەچچە ئىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچىدىن، باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلمەسلىك؛ ئىككىنچىدىن، باشقىلارنىڭ سۆزىنى تولۇق ئاڭلاش؛ ئۈچىنچىدىن، باشقىلارنىڭ سۆزىنى خاتىرىلىۋېلىش ھاجەت بولمىسىمۇ، نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش؛ تۆتىنچىدىن، سورىماقچى بولغانلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قارشى تەرەپ سۆزىنى تۈگەتكەندە سوراش.
   تۆتىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ‹‹كۈندىلىك پىلانى›› بولىدۇ.
   مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئالدىنقى كۈنى كەچتە ياكى شۇ كۈنى سەھەردە بۇ بىر كۈنلۈك ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ چىقىدۇ ھەم بۇ ئىشلارنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە رەتكە تۇرغۇزىدۇ. ئۇلار ۋاقىتنى ئەمەس، ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
   بەشىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار كۈندىلىك خاتىرە يازىدۇ.
   كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنىڭ قائىدىسى: بىرىنچىدىن، مەزمۇننى ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، قېلىپقا ئېسىلىۋالماسلىق؛ ئىككىنچىدىن، كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش؛ ئۈچىنچىدىن، كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتلىق قىممىتى ۋە مەركىزىي ئىدىيەسىنى لايىھەلەش؛ تۆتىنچىدىن، ھەر بىر ئىشنىڭ پەرقىنى خاتىرىلەش؛ بەشىنچىدىن، ئالاھىدە ۋاقىت ۋە ئالاھىدە ئىشلارنى خاتىرىلەش؛ ئالتىنچىدىن، مەسىلىنى ھەل قىلىش؛ يەتتىنچىدىن، بىلىملىك كىشىلەردىن سوراپ ئۆگىنىش؛ سەككىزىنچىدىن، خاتىرىسىگە ئۆز بايانىنى يېزىش؛ توققۇزىنچىدىن، كۈندىلىك يېزىلغان مەزمۇنلارنى ئاي ئاخىرىدا كۆرۈپ چىقىش؛ ئونىنچىدىن، ئەستە ساقلاش خاتىرىسى ۋە تەجرىبىسىنى يۈكسەلدۈرۈش.
   ئالتىنچى، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىش.
   يەتتىنچى، ئاساسىي ماھارەتلەرنى داۋاملىق مەشىق قىلىش.
   سەككىزىنچى، ئۆزىگە دائىم ئەسكەرتىش بېرىپ تۇرۇش.
   بۇ، نىشانىنى دائىم ئۆزىگە ئەسكەرتىپ، ئۆز ئېڭىگە سىڭدۈرۈشتۇر.
   توققۇزىنچى، تەسەۋۋۇر قىلىش ماھارىتىدىن پايدىلىنىش.
   نىشانغا يەتكەنلىكىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىڭىزدا، ۋۇجۇدىڭىز ئىختىيارسىز شۇنداق ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىشقا يېتەكلىنىدۇ.
   ئونىنچى، جىسمانىي ۋە زېھنى كۈچنى ساقلاش.
   ئون بىرىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ياشاش نىشانى كۆپىنچە ‹‹ئۆزلۈك›› ىدىن ھالقىشتۇر. ئىرادە تىكلەش كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئۈچۈندۇر.  ئۇلار پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ.
   ئون ئىككىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار سىستېمىلىق ئىش قىلىدۇ.
   ئۇلارنىڭ پىكرى ۋە ھەرىكىتىنى تەرتىپكە سالىدىغان بىر يۈرۈش ئۇسۇللىرى بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ ھەم باشقىلارنى يېتەكلەيدۇ.
   ئون ئۈچىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئۇسۇل – چارە ئىزدەيدۇ، مەغلۇبىيەتچىلەر باھانە ئىزدەيدۇ.
   مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەغلۇبىيەتچىلەر خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشنى خالايدۇ. يۇقىرىقى ئۇسۇللارنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرسىڭىز ھەم ئۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرسىڭىز، بۇ ئادەتلەر سىزنى پۇل ۋە مەنىۋى بايلىققا ئېرىشتۈرىدۇ.
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى