نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئامېرىكىلىق داڭلىق كىنو چولپىنى تام كروس

ئامېرىكىلىق داڭلىق كىنو چولپىنى تام كروس

ۋاقتى: 2015-02-07 ئاۋاتلىقى: 4317 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئامېرىكىلىق داڭلىق كىنو چولپىنى تام كروس

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


   تام كروس دۇنيا كىنو تاماشىبىنلىرى قاتارىدا سانىلىدىغان ئۇيغۇر كىنو تاماشىبىنلىرىغىمۇ خېلىلا تونۇشلۇق. ئۇ رول ئالغان فىلىملەر تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلىقى، ۋەقەلىكىنىڭ تولىمۇ جىددىيلىكى، ئىپادىلىگەن مەزمۇنىنىڭ ماكان، زامان ۋە ئىنسان تەسەۋۋۇردىن ھالقىپ كەتكەنلىكى، فىلىمنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئاجايىپ-غارايىبلىقى، خەتەرلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ كۆپلۈكى، يارىتىلغان بېلەت كىرىمنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرىلىقى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللار ئارقىلىق ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ. تام كروس رول ئالغان فىلىملەرنى كۆرگەن ھەربىر كىنو مەستانىسى بۇ نۇقتىلارنى ھېس قىلماي قالمايدۇ. 
   تام كروس (تولۇق ئىسمى: توماس كروس ماپوزېر) ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولۇپ، 1962-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1986-يىلى ‹‹بۈيۈك مەقسەت›› ناملىق فىلىمدە رول ئالىدۇ، ئۇ، بۇ فىلىمدە بىر ئۇرۇش ئايرۇپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسىنىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن ئامېرىكىدىكى بارلىق ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ چوقۇنغۇچىسىغا ئايلىنىدۇ. 1988-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹يامغۇردىكى ئادەم››، 1989-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹4-ئىيۇل تۇغۇلۇش›› قاتارلىقلار فىلىملەردە رول ئېلىش جەريانىدا فىلىملەردە ئۇنىڭ مۇستەقىل رول ئېلىش تالانتى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىدۇ. 1986-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹بۈيۈك مەقسەت›› ناملىق فىلىمدىن باشلاپ، تام كروس بېلەت كىرىمى جەھەتتە چاقىرىق كۈچىگە ئىگە ئەر ئارتىسقا ئايلىنىدۇ. ياشلارنىڭ قەلبىدىكى چوقۇنغۇچىدىن كىنو مۇنبىرىدىكى گىگانت چولپانغا ئايلانغۇچە ئۇ مەيلى ئېكراننىڭ ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن، ئۇنىڭ گىگانت چولپانلىق ئورنى تەۋرەپ قالمايدۇ.
   تام كروس ھازىرغىچە 1986-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹بۈيۈك مەقسەت (1-قىسىم)››، 1988-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹يامغۇردىكى ئادەم››، 1996-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹مۇمكىن بولماس ۋەزىپە (1-قىسىم)››، 2000-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹مۇمكىن بولماس ۋەزىپە (2-قىسىم)››، 2003-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹ئەڭ ئاخىرقى جەڭچى››، 2005-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹مۇمكىن بولماس ۋەزىپە (3-قىسىم)››، 2008-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹ۋالكيرا››، 2008-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹گىتلېرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش››، 2008-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹تىروپىك بەلباغدىكى گۈلدۈرماما››، 2010-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹بۈيۈك مەقسەت (2-قىسىم)››، 2010-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹خەتەرلىك جاسۇسلۇق ئۇرۇشى››، 2010-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹چىڭقى چۈشتىكى چەۋەنداز››، 2011-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹مۇمكىن بولماس ۋەزىپە (4-قىسىم)››، 2013-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹يوقالغان چېگرا›› قاتارلىق كۆپلىگەن فىلىملەردە باش رول ئالغان.  
   ئۇ باش رول ئالغان فىلىملەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قىزغىن ئالقىشقا سازاۋەر بولۇپ، يۇقىرى بېلەت كىرىمى يارىتىپ كېلىۋاتىدۇ. 

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى