نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بىل گايتسنىڭ ستانفوردتىكى ئېسىل نۇتۇقى

بىل گايتسنىڭ ستانفوردتىكى ئېسىل نۇتۇقى

ۋاقتى: 2015-11-16 ئاۋاتلىقى: 12202 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىل گايتسنىڭ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

بىل گايتس ئەر-خوتۇننىڭ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2014-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

   نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر: بىل گايتس ۋە ئۇنىڭ خانىمى مېلىندا گايتس
   بىل گايتسنىڭ سالاھىيىتى: ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئاساسلىق بەرپاچىسى، باش دىرېكتورى، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، باش يۇمشاق دېتال لايىھەلىگۈچى، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى، ئامېرىكا تەيلا ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، بىل گايتس-مېلىندا گايتس فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، داڭلىق كارخانىچى، خەير-ساخاۋەتچى.
   نۇتۇق سۆزلەنگەن ئورۇن:  ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى
   نۇتۇق سۆزلەنگەن ۋاقىت: شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى
   تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
   تەرجىماننىڭ سالاھىيىتى: شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ تەرجىمانى، مۇخبىر، مۇھەررىر
  سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇ نۇتۇقنى ئىشلەتكۈچىلەر تەرجىمانغا ھۆرمەت قىلساڭلار، تەرجىماننىڭ نامىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ يوللىغۇچىلار ياكى نۇتۇقنىڭ ماۋزۇسى، مەزمۇنى قاتارلىقلارنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ ياكى سۆز-جۈملىلەرنى ئالماشتۇرۇپ، نۇتۇقنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەر بايقىلىپ قالسا، چوقۇمكى قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ۋاقىپلانغايسىلەر!


نۇتۇق تولۇق تېكىستى:


بىل گايتس:
   2014-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار، سىلەرنىڭ ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغىنىڭلارنى مۇبارەكلەيمەن!
   مېلىندا ئىككىمىز تولىمۇ ھاياجانلانغان ھالدا بۇ يەرگە جەم بولۇپ، سىلەرنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەنلىكىڭلارنى تەبرىكلەپ ئولتۇرۇپتىمىز. ستانفورد ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەش شەرىپىگە ئېرىشىش كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر ئىش، بۇنىڭدىن مەن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلماقتىمەن. ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بارغانچە بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ قالدى. ئۇزۇندىن بۇيان، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى مىكروسوفت شىركىتى، بىل گايتس ۋە مېلىندا فوندى جەمئىيىتىنىڭمۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېت ئىدى.
   بىز ئىزچىل ھالدا ئەڭ زېرەك، ئىجادچان كىشىلەر بىلەن ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىپ كەلدۇق. نەتىجە مۇشۇنداق زور بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنىڭ ھەممىسى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن چىققانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
   بۈگۈنكى كۈندە، بىز بۇ يەردە 30 دىن ئارتۇق تەتقىقات تۈرىنى ئىشلەۋاتىمىز. بىز ئېممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ تەتقىقاتى ئارقىلىق دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق كېسەللەرنى داۋالاش ئۇسۇلىنى ئىزدەۋاتىمىز، بۇنىڭدا بىز يەنىلا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتغا مۇھتاج. بىز ئامېرىكىنىڭ  ئالىي مائارىپ تەتقىقاتى ئارقىلىق تۆۋەن كىرىملىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشىغا ياردەم بەرمەكچى بولۇۋاتىمىز، بۇنىڭدا بىز يەنىلا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا مۇھتاج بولىمىز. بۇ جاي ئىختىساسلىقلارنىڭ بۆشۈكى. 
   بۇ جايدا جانلىق تەپەككۇر، ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭى شەيئىلەرگە بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىش بار. بۇ جايدا كىشىلەر يېڭى شەيئىلەرنى بايقاشقا ماھىر ھەمدە بۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپالايدۇ.
مېلىندا گايتس:
   نۆۋەتتە، بىر قىسىم كىشىلەر سىلەرنى كىتاب خالتىسى دېيىشمەكتە، ئەمما بىز باشقىلارنىڭ سىلەرنى مۇشۇنداق ئاتىغىنىدىن ئىپتىخارلىنىمىز. (ئالقىش ساداسى)
بىل گايتىس:
   شۇنداق، بىزمۇ سىلەر بىلەن ئوخشاش.
   مېنىڭ بۇ ئادەتتىكىچە كۆزەينىكىممۇ نېمىدېگەن كۆرۈمسىز ھە! (كۈلكە)
   بۇ مەكتەپتە ھەرزامان قالتىس ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما ناۋادا مەن مېلىندا بىلەن ستانفوردقا بولغان مۇھەببىتىمىزنى سۈپەتلەشكە توغرا كەلسە،ئۇنى <<ئۈمىدۋارلىق>> دېگەن بىرلا سۆزگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن. بۇ بىر خىل تولىمۇ تەسىز كۈچكە ئىگە ئۈمىدۋارلىق روھى، ئۇ بارلىق مەسىلىلەرنى يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا تېز ۋە ئوڭاي ھەل قىلالايدۇ. بۇ مېنىڭ 1975-يىلى بوستوق جەنۇبىي شەھەر رايونىدىلى ئۇنىۋېرسىتېتتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىمنىڭ ھەمدە مەكتەپتىن مەڭگۈلۈك چېكىنگەنلىكىمنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى.
   شۇ چاغدا مەن كومپيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتالنىڭ سېھرىي كۈچىنىڭ پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە كۈچ بېغىشلىيالايدىغانلىقىغا ھەمدە دۇنياغا تېخىمۇ رەڭدارلىق ئاتا قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم.
   ھېسابلاپ باقسام، ھازىر 40 يىلدىن ئېشىپتۇ، مەن مېلىندا بىلەن تۇرمۇش قۇرغىنىمغىمۇ 20 يىلدىن ئېشىپتۇ. بۇ يىللاردا، بىز ئۆتمۈشتىكىدىن تولىمۇ ئۈمىدۋار ۋە ئوچۇق-يورۇق بولۇپ كەتتۇق، ئەمما بۇ ھايات سەپىرىمىزدە بىزنىڭ ئۈمىدۋارلىقىمىزمۇ رېئاللىققا ئۇيغۇنلاشتى.
   بىز بۈگۈن ئۆگەنگەنلىرىمىزنى كۆپچىلىك بىلەن تەڭ بەھىرلەنمەكچىمىز ھەمدە سىلەر بىلەن بىز ۋە سىلەرنىڭ ئۈمىدۋار روھىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە قانداق مۇلازىمەت قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە پاراڭلىشىمىز. دەسلەپتە پائۇل بىلەن مىكروسوفتنى قۇرغاندا، بىزنىڭ نىشانىمىز كومپيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتالنىڭ كۈچىنى ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئومۇملاشتۇرۇش ئىدى، بۇ بىزنىڭ دەسلەپكى كۆزقارىشىمىز ئىدى. دەسلەپكى چاغلاردا بىر كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدا بىر مۇشتۇمنىڭ سۈرىتى بار ئىدى، كىشىلەر ئۇنى <<كومپيۇتېر ئازادلىقى>> دەپ ئاتىغانىدى.
   ئۇ چاغدا پەقەت چوڭ كارخانىلارغىلا كومپيۇتېر سەپلەنگەنىدى. بىز بۇ خىل كومپيۇتېر ئۈسكۈنىلىرىنى ئاۋامغا ئومۇملاشتۇرماقچى ھەمدە كومپيۇتېرنى دېموكراتىيەلەشتۈرمەكچى بولغانىدۇق.
   ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، بىز شەخسىي كومپيۇتېرنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۈنۈمى بارلىقىغا دىققەت قىلدۇق، ئەمما بۇنىڭدا ئۇتۇق قازاىنغىنىمىز بىلەن يەنە يېڭى باش قېتىنچىلىقلىرىمۇ تەڭلا پەيدا بولغانىدى. ناۋادا بايلارنىڭ بالىلىرىنىڭ كومپيۇتېرى بولۇپ، كەمبەغەللەرنىڭ بالىلىرىنىڭ بولمىسا، بۇ پەن-تېخنىكىنىڭ تەڭسىزلىكى بولۇپ قالاتتى. بۇ بىزنىڭ يادرولۇق ئىدىيەمىز بىلەن زىت ئىدى. پەن-تېخنىكا ئاۋامغا ئومۇملىشىشى كېرەك.
   شۇ ۋەجىدىن بىز بۇ خىل پەرقنى كىچىكلىتىشكە تىرىشىشىمىز زۆرۈر ئىدى. مەن ئۇنى مىكروسوفتنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىپ بېكىتتىم، يەنە مېلىندا ئىككىمىزنىڭ فوندى جەمئىيىتىمىزنىڭ دەسلەپكە باش نىشانى قىلدۇق. ئاۋام كۇتۇپخانىسىغا شەخسىي كومپيۇتېر ئىئانە قىلىپ، ھەممەيلەننىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈردۇق.
   مەن 1997-يىلى تۇنجى قېتىم جەنۇبىي ئافرىقىدا زىيارەتتە بولغىنىمدا، <<رەقەم جىلغىسى>>غا دىققەت قىلغانىدىم. ئومۇمنىڭ ئىشى بىلەن زىارەتكە چىققاچقا كۆپ قىسىم ۋاقتىم يۇھاننىسبۇرگدىكى شەھەر رايونىدا يىغىن ئېچىش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. شۇ چاغدا، مەن جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئەڭ باي بىر ئائىلىدە تۇرغانىدىم.
   ئۇ چاغدا نىلسون ماندېلانىڭ تەختكە چىقىپ،ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا خاتىمە بەرگىنىگە پەقەت ئۈچ يىل بولغانىدى. مەن ساھىبخان بىلەن كەچلىك غىزاغا كىرگىنىمدە، ئۇلار قوڭغۇراق بېسىپ غوجىدارنى چاقىراتتىكەن. كەچلىك غىزادىن كېيىن، ئەر-ئاياللار ئايرىلىپ، ئەرلەر سىگار چېكىشكە باشلىدۇق. شۇ چاغدا جېن ئاۋستېننىڭ كىتابىنى ئوقۇمىغان بولسام، شۇ كۈنى نېمە ئىشلارنىڭ بولۇپ كەتكىنىنى بىلمەسكەنمەن. (كۈلكە)
   ئەمما ئىككىنچى كۈنى مەن سوۋېتوغا، يەنى يوھاننىسبۇرگنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر كەمبەغەل بازارغا باردىم، ئۇ يەر ئىلگىرى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى بولغانىدى. يوھاننىسبۇرگدىن سوۋېتوغىچە ئانچە يىراق بولمىسىمۇ، سوۋېتوغا كىرگەن ئاشۇ دەقىقىدە تولىمۇ ھەيران قالغانىدىم.
   مەن بەئەينى باشقا جايلارغا پەقەتلا ئوخشىمايدىغان بىر جايغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالغانىدىم. سوۋېتو سەپىرى ماڭا ئۆزۈمنىڭ يەنىلا تولىمۇ ساددا بىر ئادەم ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدۇرغانىدى. مىكروسوفت شىركىتى ئۇ يەردىكى بىر مەھەللە مەركىزىگە كومپيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتاللارنى تەقدىم قىلغانىدى. بىزنىڭ ئامېرىكىدا قىلغانلىرىمىز بىلەن ئوخشاش قىلدۇق.
ئەمما مەن ناھايىتى تېزلا بۇ يەرنىڭ ئامېرىكا ئەمەسلىكىنى ئېسىمگە ئالدىم. 
   مەن ئىلگىرى نامراتلارنى تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئوقۇغانىدىم، ئەمما نامراتلارغا نەزەر سېلىپ باقماپتىكەنمەن. ئۇ يەدىكى كىشىلەر قاڭالتىرلاردا ياسالغان ئاددىي كەپىلەردە تۇراتتى، توك يوق، تۇرۇبا سۈيىمۇ يوق، ھاجەتخانىمۇ يوق ئىدى. كىشىلەر ئاساسەن ئاياغ كەيمەي، يالىڭاياغ يول ماڭاتتى. يوللارمۇ ئوي-دوڭغۇر، توپىلىق ئىدى.
   مەھەللە مەركىزىدە داۋاملىق تۈردە توك تەمىنلەش ئۈسكۈنىلىرى بولمىغاچقا، كىشىلەر ئۇزۇن سىملىرىنى 200 ئىنگلىز چىسى يىراقلىققا ئۇلىغىلى بولىدىغان دېزېل موتورلۇق گېنېراتور ئورنىتىۋالغانىدى. بۇ ئۈسكۈنىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، مەن مۇخبىرنىڭ بۇ يەردىن كەتكەندىن كېيىن، گېنېراتورنىڭ تېخىمۇ جىددىي ۋەزىپىگە ئىشلىتىلگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەنىدىم. مەھەللە مەركىزىنى ئىشلىتىۋاتقان كىشىلەرمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن كېتىپ، كومپيۇتېر ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەرگە باش قاتۇراۋاتقانىكەن.
   مەن تاراتقۇلارغا خەت تەييارلاۋاتقاندا، سوۋېتودا كۆرگەن-بىلگەنلىرىمنىڭ ماڭا نىسبەتەن بىر كاتتا ئىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدىم، بىز دۇچ كەلگەن ئەڭ زور قارار پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئارقىدا قويامدۇ، دېگەندىن ئىبارەت بولدى. بۇنىڭ پەرقلەرنى كىچىكلىتىشكە پايدىسى تېگەتتى.
   ئەمما مەن بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا، ئۇلارنى بۇنىڭ بىلەن ئالاقىدار ئەمەستەكلا ھېس قىلدىم. مەن بايا دېمەي قاپتىمەن، بىز بۇ چوڭ قىتئەدە ھەر يىلى 500 مىڭ كىشىنىڭ بەزگەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتكە دىققەت قىلماپتىمىز، ئەمما بىز يەنىلا ئۇلارغا كومپيۇتېر ئەكەلگەنلىكىمىزگە چىن پۈتتۇق.
   مەن سوۋېتوغا بېرىشتىن ئىلگىرى، ئۆزۈمنى بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ناھايىتى چۈشىنىمەن دەپتىكەنمەن. بىراق ئۇ چاغدا چۈشەندىمكى، مەن ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرگە سەل قاراپتىمەن، مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن توختىماي: <<سەن يەنە يېڭىلىق يارىتىش دۇنيادىكى كەسكىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ دەمسەن؟>> سوراپ تۇردۇم. مەن ئۆزۈمگە ئافرىقىغا قايتا كېلىشتىن ئىلگىرى كىشىلەرنىڭ نامراتلىشىپ كېتىشىدىكى تېخىمۇ كۆپ سەۋەبلەرنى تېپىپ چىقىشقا ۋەدە قىلدىم.
   نەچچە يىللاردىن بېرى، مېلىندا ئىككىمىز نامراتلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. 
   كېيىنچە مەن بىر قېتىم جەنۇبىي ئافرىقىغا بارغاندا، بىر ئائىلىدە نۇرغۇن دورىغا قارشى تۇرغۇچى ئۆپكە تۇبېركۇليوزىغا گىرىپتار بولغۇچى بىلەن دورىغا ماسلىشىشچان ئۆپكە تۇبېركۇليوزىغا گىرىپتار بولغۇچىلار ياتقان دوختۇرخانىغا باردىم. بۇ بىر خىل داۋالىنىپ ساقيىىش نىسبىتى % 50 كىمۇ يەتمەيدىغان مەرەز كېسەل ئىدى. ئۇ يەرنىڭ بىر ئۈمىدسىزلىككە تولغا جاي ئىكەنلىكى ھېلىمۇ يادىمدا. 
   بىر چوڭ كېسەلخانىدا نۇرغۇن بىمارلار بولۇپ، ئۇلار ئۇخلاش كىيىمى كىيىپ، ماسكا تاقىۋالغانىدى، بەكمۇ ئاستا ھەرىكەت قىلاتتى. بىر قەۋىتى بالىلارغا ئېچىۋېتىلگەنىدى، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە بوۋاقلارمۇ بار ئىدى. دوختۇرخانىدا يېشى توشقان بالىلارغا كىچىك مەكتەپ تەسىس قىلىنغانىدى، ئەمما نۇرغۇن بالىلار كېسەل تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتاتتى، شۇ ۋەجىدىن دوختۇرخانا بۇ كىچىك مەكتەپنى داۋاملىق ئېچىشقا ئىشەنچ قىلالمايۋاتقانىكەن. 
   مەن بىر 30 نەچچە ياشلىق بىمار بىلەن پاراڭلاشتىم ھەمدە ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۆپكە تۇبېركۇليۇز دوختۇرخانىسىدا ئىشچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم، چۈنكى يۆتەلمۇ ئادەمنى يېقىتىپ قويۇۋاتاتتى. ئۇ دوختۇرغا كۆرۈنگەندە، دوختۇر ئۇنىڭغا ماسلىشىشچان ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېيتقان، كېيىن ئۇنىڭغا ئەيدىز دەپ دىياگنوز قويۇلغانىكەن. ئۇ ئۇزاق ياشىيالمىغاچقا، نۇرغۇن دورىغا ماسلىشىشچان ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئۇنىڭ كارۋىتىنىڭ پات يېقىندا بوش قالىدىغانلىقىدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتاتتى. بۇ يەر مۇنداقچە ئېيتقاندا نۇرغۇن بىمارلارنىڭ دوزىخىغا ئايلانغانىدى.
   ئەمما بۇنداق جايلاردىكى كۆڭۈلسىز مەنزىرىلەر مېنىڭ ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇلىرىمغا ئازراقمۇ تەسىر قىلالمىدى، ئەكسىچە ئۇ ئۈمىدۋارلىقىمغا يېتەكچىلىك قىلدى. بىز ئايرىلىدىغاندا، مەن ماشىنىدا بىللە ماڭغان دوختۇرغا مېنىڭ دورىغا ماسلىشىشچان ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ بىر خىل مەرەز كېسەللىك ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىمنى، بۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئاز-تولا ئىش قىلىشىمىز زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتىم. ئەمەلىيەتتە، بۇ يىل بىز يېڭى تۇبېركۇليۇز دورىسى تەتقىقاتىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچىغا كىرگەنىدۇق، ئاشۇ بىمارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەمدى 18 ئايدىكى ساقىيىش نىسبىتى ئاران % 50 كە يېتىدىغان داۋالاش ئۈچۈن 2000 ئامېرىكا دوللىرى خەجلەشكە ئېھتىياجى چۈشمەيتتى، بىزنىڭ يېڭى تۇبېركۇليۇز دورىمىزنىڭ خىراجىتى 100 دوللاردىن ئاشمايدىغان بولۇپ، ئالتە ئايدىن كېيىنكى ساقىيىش نىسبىتى % 80 تىن ئاشىدۇ. (قىزغىن چاۋاك)

   ئۈمىدۋارلىق ھەمىشە خاتالىقنى ئۈمىد دەپ قالىدۇ. ئەمما خاتا ھالدىكى ئۈمىدسىزلىكمۇ دۇنيادا ھامان مەۋجۇت، ئۇ دەل بىز تۈگىتەلمەيۋاتقان نامراتلىق ۋە كېسەللىك ھالىتىدىن ئىبارەت. ئەمما بىز قىلالىشىمىزچە قىلىمىز.


مېلىندا گايتىس:
   بىل ئۆپكە تۇبېركۇليۇز دوختۇرخانىسىغا بارغاندىن كېيىن، ماڭا تېلېفون قىپتۇ. ئادەتتە ئىككىىمىزدىن بىرىمىز چەت ئەلگە چىقساق، بىز ئۆزىمىز يولۇققان ئادەملەر ۋە بارغان جايلار ھەققىدە پاراڭلىشاتتۇق. ئەمما شۇ قېتىمقى تېلېفون ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايتتى. بىل: <<مېلىندا مەن بۈگۈن ئىلگىرى ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان يەرگە باردىم>> دېگەنىدى. ئاندىن ئۇ خۇرسىنىپ گەپ قىلالماي قالغانىدى. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ قايتىپ بارغاندا ھەممىنى ئېيتىپ بېرىدىغانلىقىنى دېگەنىدى. ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنىڭ نېمىلەرنى كۆرگەنلىكىنى بىلگەنىدىم، چۈنكى سىز ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پاتقان كىشىلەرنى كۆرگىنىڭىزدە، ئۇنى ئىنتايىن ئازابلايدىغىنى ئېنىق.
   ئەمما ناۋادا سىز تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلماقچى بولسىڭىز، سىز چوقۇم ئەڭ ناچار ئەھۋاللارنى كۆرۈشىڭىز كېرەك. مەنمۇ شۇنداق كۈنلەرنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ئالاھەزەل 10 يىللار ئىلگىرى، مەن بىر توپ دوستلىرىم بىلەن ھىندىستانغا ساياھەتكە باردىم، قايتىدىغان كۈنى، مەن بىر توپ پاھىشەلەر بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، مەن ئۇلارنىڭ ئەيدىز خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى دېمەكچى بولغىنىمدا، ئۇلار ماڭا پەقەت نومۇس ۋە خورلۇق ھەققىدىلا گەپ قىلىپ تۇرۇۋالغانىدى.
   ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرىنى ئەرلىرى تاشلىۋەتكەنىدى. بۇ ئۇلارنىڭ نېمىشقا تېنىنى ساتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئىدى. ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىپ بالىلىرىنى باقماقچىكەن. ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى تولىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئۇلارغا ھەرقانداق ئادەم، ھەتتا ساقچىلارمۇ نومۇسىغا تېگىۋېرىدىكەن، بۇلاڭچىلىق قىلىدىكەن، ھەتتا تاياق يەيدىكەن، ھېچقانداق كىشى ئۇلارنى نەزىرىگە ئېلىپ قويمايدىكەن. 
   ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى مېنى چوڭقۇر ئويغا سالغانىدى. ئەمما مەندا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن يېقىنلىشىشقا ئىنتىلىشى بولدى. ئۇلار مەن يېقىنلىشىشنى ئۈمىد قىلاتتى، ئۇلار بەلكىم ئۆزلىرىنىڭ تەن جەھەتتىكى ئۇچرىشىشى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك قىلاتتى. شۇڭا مەن مېڭىشتىن ئىلگىرى، بىز مۈرىدەپ، قول تۇتۇشۇپ سۈرەتكە چۈشتۇق.
   شۇ كۈنى مەن يەنە ھىندىستاندىكى بىر سەكراتتا ياتقان كىشىنىڭ ئۆيىگە باردىم. مەن مېھمانخانىسىغا كىرىپلا  رەت-رەت تىزىۋېتىلگەن كارىۋاتلارنى كۆردۈم، بۇلۇڭدىكى بىر كارىۋاتتىن باشقا ھەممە كارىۋاتتىكى بىمارغا قارايدىغان ئادەم بار ئىدى. مەن بېرىپ كۆرۈپ باقماقچى بولدۇم.
   بۇ بىمار بىر 30 ياشلار چامىسىدىكى ئايال ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ھېلىھەم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. ئۇ چوڭ ھەم قوڭۇر رەڭلىك كۆزلىرى مۇڭ ۋە ھەسرەتكە تولغانىدى، شۇ چاغدا ئۇ بەكمۇ ياداپ كەتكەن بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ سەكراتقا چۈشۈپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈچەي يولىدىن ھېچنېمە ماڭمىغاچقا، ئۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭ كارىۋېتىنىڭ ئاستىغا بىر داش قويۇپ قويغانىدى، ئاندىن كارىۋاتنىڭ ئاستىدىن بىر تۆشۈپ ئېچىپ قويغانىدى. بۇنداق بولغاندا بارلىق نەرسىلەر داسقىلا چۈشەتتى. مەن ئۇنىڭ ئەيدىز بولغانلىقىنى بىلدىم. ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتىدىنلا ئەمەس، ئۇ ئولتۇرغان كارىۋاتتىنمۇ بۇنى بىلىش تەس ئەمەس ئىدى.
   ئەيدىز بولۇپ قالغانلار ئېنىقلا يامان ئاتاققا قالىدىغان گەپ، بولۇپمۇ ئاياللار تېخىمۇ شۇنداق. يەنە كېلىپ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇشنىڭ جازاسى تاشلىۋېتىلىش ئىدى. مەن ئۇنىڭ يېنىدىن ماڭىدىغاندا، تۇيۇقسىزلا ئۆزۈمنى تولىمۇ مادارسىز ۋە ھىماتسىز قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. مەن ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە ئىلاجسىز ئىدىم. مەن ئۇنى قۇتقۇزالمايدىغانلىقىمنى بىلسەممۇ، ئۇنى ئۆلۈم يولىغا يالغۇز تاشلاپ قويۇشنى خالىمىدىم. شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ قولۇمنى چىقاردىم، ئۇ قولۇمنى سىلىغاندىن كېيىن چىڭ تۇتۇۋېلىپ، قويۇۋەتمىدى. مەن ئۇلارنىڭ تىلىدا سۆزلىيەلمەيتتىم ھەمدە ئۇنىڭغا نېمە دېيىشمنىمۇ بىلمەيتتىم. ئاخىرىدا پەقەت ئۇنىڭغا <<ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، بۇ سىزنىڭ خاتالىقىڭىز ئەمەس>> دېگەننىلا دېيەلىدىم.
   مەن ئۇنىڭغا بىر ھازا ھەمراھ بولغاندىن كېيىن، ئۇ تورۇس تەرەپنى كۆرسەتتى. ناھايىتى ئېنىقكى ئۇنىڭ ئۆگزىگە چىققۇسى بار ئىدى، ئەمما ئۇ چاغدا كۈن ئولتۇراي دەپ قالغانىدى، شۇڭا ئۇ ئۆگزىگە چىقىپ كۈننىڭ ئولتۇرۇشىنى كۆرمەكچى بولغاندەك قىلاتتى. ئۇ چاغدا ئۆيدىكى خىزمەتچى خادىملار بەكلا ئالدىراش ئىدى، مەن ئۇلاردىن ئۇنى ئۆگزىگە ئېلىپ چىقساق بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىسام، ئۇلار: <<بولمايدۇ، ھازىر دورا تەقسىملەۋاتىمىز>> دېدى. شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ دورا تەقسىملەپ بولۇشنى ساقلىدىم. ئارقىدىنلا مەن يەنە باشقا خىزمەتچى خادىملاردىن سورىسام، ئۆزلىرىنىڭ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، ئېلىپ چىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدىم.
   ئۇ ئورۇقلاپ قۇرۇق قاقشالدەكلا بولۇپ قالغانىدى، مەن ئۇنى قۇچاقلاپ ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، بىر كونا ئورۇندۇقنى تاپتىم. مەن ئۇنى ئورۇندۇققا قويۇپ، ئەدىيال بىلەن پۇتىنى يېپىپ قويدۇم، ئارقىدىنلا  ئۇ غەربكە قاراپ كۈننىڭ ئولتۇرۇشىنى تاماشا قىلدى. خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭ ئۆگزىدە ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، مەن كۈن ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى ئۇنى ئېلىپ چۈشۈۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. مەن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭدىن ئايرىلدىم.
   ئەمما ئۇ ئەزەلدىن مەندىن ئايرىلىپ باقمىدى. مەن ئۆزۈمنى بۇ ئايالنىڭ ئۆلۈمگە يۈزلىنىشىگە مادارسىزدەك ھېس قىلدىم. ئەمما بەزىدە سىز ياردەم بېرەلمەيدىغان كىشىلەر سىزگە غايەت زور ئىلھام بېرىدىكەن.
   مەن ئەتىگەندە يولۇقتۇرغان ئاشۇ جىنسىي خىزمەتچىلەرنىڭ مەن ھېلىقى كۈنى كەچتە قۇچاقلاپ ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ قويغان ئايالدەك ھالغا چۈشۈپ قالدىغانلىقىنى بىلىمەن. پەقەت بىز ئامال-چارە تېپىپ ئۇلارنى ئۆمۈرلۈك خورلۇقتىن قۇتۇلدۇرمىغۇچە ئۇلار ئاشۇ ئايالدەك قىسمەتكە دۇچار بولماي قالمايدۇ.
   ماڭا نىسبەتەن، ئۈمىدۋارلىق ئىشلاردا ياخشى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشنى پاسسىپلىق بىلەن كۈتۈش ئەمەس، بەلكى بىر خىل ئىشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىشىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئېتىقادتىن ئىبارەت. شۇ ۋەجىدىن بىز قانداقلا قىسمەتلەرگە دۇچار بولمايلى، قانداقلا پالاكەتكە يولۇقايلى، ناۋادا ئۈمىدتىن ئىبارەت بۇ گۆھەرنى يوقىتىپ قويساقلا ئىشلار ھەرگىزمۇ ياخشى تەرەپكە ماڭمايدۇ-دە، باشقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا مۇھتاج بولۇپ قالىمىز. (قىزغىن ئالقىش)
بىل گايتس:
   مېلىندا ئىككىمىز بىر نەچچە ئەرنى تەسۋىرلەپ ئۆتتۇق. ئەمما بىز يەنىلا ئۈمىدۋارلىقنىڭ قۇدرىتىنى تەكىتلەيمىز. قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، تېخىمۇ ئۈمىدۋار بولۇپ، ئازابتىن قۇتۇلۇشنىڭ يېڭى چارىلىرىنى تېپىش كېرەك. ئەمما ناۋادا سىز ئەزەلدىن ئاشۇنداق ئازاب چەككەن كىشىلەرنى كۆرمىگىنىڭىزدە ئىدى، ئۈمىدۋارلىقىڭىزنىڭمۇ رولى قالمىغان بولاتتى. سىزمۇ ئۇلارنىڭ دۇنياسىنى ئۆزگەرتەلمىگەن بولاتتىڭىز. بۇ ئىشلار ماڭا بىر خىل قارشىلىق نەزەرىيەسىنى ئەسلەتتى. 
   ھازىرقى جەمئىيەت سان-ساناقسىز يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يادروسىدا تۇرماقتا. سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نۇرغۇنلىغان يېڭى شىركەتلەرنى، تەپەككۇرى ئويغاق مەكتەپلەرنى، مول نەتىجىلىك پىروفېسسورلارنى تەۋەللۇت قىلدى، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سەنئەت، مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى، يېڭىلىق يارىتىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى، دورىلارنى، يەنە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى بارلىققا كەلتۈردى. مەيلى سىز يېڭى كەشپىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئالىم بولسىڭىزمۇ، يەنىلا جەمئىيەتنىڭ ئەڭ چەت جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ تەلىپىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك. 
   شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناۋادا سىز پۈتۈن ئامېرىكىلىقلاردىن كەلگۈسى ئۆتمۈشنى چەتكە قاقامدۇ، دەپ سورىسىڭىز، نۇرغۇنلىرى <<ياق>> دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلار يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۆزى ياكى بالىلىرىنىڭ دۇنياسىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىيالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇنداقتا كىمنىڭ توغرا؟ ئاشۇ يېڭىلىق يارىتىش يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەيدىغان كىشىلەرنىمۇ؟ ياكى ۋەزىيەتكە ئوخشاش قارىمايدىغان، پۇرسەتنى ئاز ياكى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەيدىغان كىشىلەرنىڭمۇ؟
   مېنىڭچە، ئۈمىدسىزلەنگۈچىلەر خاتالاشسىمۇ، ئەمما ساراڭ ئەمەس. ناۋادا يېڭىلىق يارىتىشتا پەقەت بازارغىلا تايىنىۋېلىپ، ناھەق ھادىسىلەرگە دىققەت قىلىپ بولالمىساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ زور كەشپىياتلىرىمىزمۇ دۇنيانىڭ ئىككى قۇتۇپلىشىش ھادىسىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بىز ئومۇمىنىڭ مەكتەپلىرىنى ياخشىلىماي تۇرۇپ، كېسەللەرنى داالاپ ساقايتماي تۇرۇپ، نامراتلىقنى تۈگىتەلمەيمىز. بىز نامراتلارنى كىلىمات ئۆزگىرىشى زىرائەت تېرىيالايدىغان كەشپىياتلارنى تەتقىق قىلىپ چىقالمايمىز.

   ناۋادا بىزنىڭ ئۈمىدۋارلىقىمىز تالايلىغان قېرىنداشلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا قادىر بولالمىسا، ئۇنداقتا بۇ خىل ئۈمىدۋارلىق يەنە ھېسداشلىق ئامىللىرى بىلەن بىرىكىشكە مۇھتاج بولىدۇ. ناۋادا بىز ئۈمىدۋارلىقنى ھېسداشلىق بىلەن بىرلەشتۈرەلىسەك، نامراتلىق، كېسەللىك ۋە مائارىپتا ئارقىدا قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالىشىمىز مۇمكىن ئىدى. بىز ئاشۇ ئۈمىدسىز كىشىلەرنى ئۆز ئىجادچانلىقىمىز بىلەن ھەيران قالدۇرۇشىمىز كېرەك. 


   كېيىنكى ئەۋلادلار، سىلەر، يەنى مۇشۇ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلىرى بىر يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنى قوزغىشىڭلار كېرەك. سىلەرنىڭ ئاشۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىرادەڭلار بارمۇ؟ ناۋادا سىلەرنىڭ قارنى-كۆكسۈڭلار كەڭ بولسىلا، بىزنىڭ غايىمىزدىكى دۇنيانى بەرپا قىلالايسىلەر. ناۋادا قارنى-كۆكسۈڭلار تار بولسا، كەلگۈسىدىن قورقىدىغان بولۇپ قالىسىلەر.
   مېنىڭ سوۋېتودا ئۆگەنگەنلىرىمگە ئوخشاشلا، ناۋادا بىز باشقىلارغا تەسىر كۆرسەتمەكچى بولساق ھەمدە ئۇلار كۈچ ئاتا قىلماقچى بولساق، بىز ئۇلارنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجلىرىنى بىلىشىمىز كېرەك. ناۋادا ئۈمىدۋارلىقىمىزنى ھېسداشلىق بىلەن بىرىكتۈرەلمىسەك، ئۇنداقتا قانچىلىك بىلىملىك بولغان بىلەنمۇ پايدىسى بولمايدۇ.
   بىز دۇنيادىكى نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بولالمايمىز. بىز پەقەت ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ ئويۇن ئويناپلا قويىمىز، خالاس. مېنىڭچە، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى كۆپىنچىڭلارنىڭ نەزەر دائىرىسى ئەينى ۋاقىتتىكى بىل گايتستىن خېلىلا كەڭ. سىلەر ئەينى ۋاقىتتىكى بىل گايتستىن كۆپ قابىلىيەتلىك. ناۋادا سىلەر قابىلىيىتىڭلارنى ئىشقا سالالىساڭلارلا ئۈمىدسىزلىكنى ھەران قالدۇرالايسىلەر. بىز سىلەرنى قوللايمىز. (چاۋاك)
مېلىندا گايتس:
   سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى لەرزىگە سالىمىز. بۇ سىلەرنىڭ ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىشتىكى ئۇسۇلۇڭلارنى ئۆزگەرتىدۇ.
   جەنۇبىي ئاسىيا سەپىرىدە، مەن ھىندىستانلىق نامرات بىر ئايالنى ئۇچراتقانىدىم. ئۇنىڭ يېنىدا ئىككى بالىسى بولۇپ، ئۇ مەندىن ئىككى بالىسىنى ئېلىپ كېتىشىمنى ئۆتۈنگەنىدى. مەن ئۇنىڭدىن مېنى ئەپۇ قىلىشنى ئۆتۈنگىنىمدە، ئۇ بىرسىنى بولسىمۇ ئېلىپ كېتىشىمنى ئۆتۈنۈپ تۇرۇۋالغانىدى. 
   يەنە لوس ئانژېلېسنىڭ جەنۇبىدىكى ساياھىتىمدە، مەن نامراتلار مەھەللىسىدىن كەلگەن بىر توپ ئوقۇغۇچىنى ئۇچراتقانىدىم. بىر قىزچاق مەندىن: سىز بىزنى ئاشۇ مەسئۇلىيەتتىن قاچقان ئاتا-ئانىلار دەپ ئويلامسىز، بىز پەقەت بالىلارنىلا ساقلاپ قالماقچى، دېگەنىدى. بۇ قىزنىڭ گېپى يۈرىكىمنى ئەزگەنىدى. ئۇلار تاكى ھازىرغىچە يۈرىكىمنى ئەزمەكتە. مەن شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، بەلكىم مەنمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىدۇرمەن. سەپىرىمدە ئاتا-ئانىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ شۇنى بايقىدىمكى، بىزنىڭ بالىلارغا ئاتا قىلماقچى بولغانلىرىمىزنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى يوقكەن. ئەمما بىزنىڭ بالىلارغا ئاتا قىلىدىغان ئىقتىدارنىڭ نىسبىتى ئوخشىمايدىكەن. 
   ئۇنداقتا پەرق نەدە؟ مەن، بىل گايتس ئىككىمىز ئىلگىرى بالىلىرىمىز بىلەن تاماق ئۈستىدە مۇشۇ ھەقتە ئورتاق پىكىرلەشكەنىدۇق. بىل گايتس خىزمەتتە تولىمۇ تىرىشچان، نۇرغۇن خېيىم-خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئاز بولمىغان بەدەللەرنى تۆلىگەن. ئەمما ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا يەنە بىر مۇھىم ئامىل بار، ئۇ بولسىمۇ تەلەي. پۈتۈنلەي تەلەيدىن ئىبارەت. سىز نەدە تۇغۇلغان؟ ئاتا-ئانىڭىز كىم؟ نەدە چوڭ بولدىڭىز؟ ھېكىممۇ بۇ نەرسىلەرنى بىرەر يەردىن تېپىۋالىغان ئەمەس، بىزگە بۇ نەرسىلەر ھەدىيە قىلىنغان، خالاس. 
   شۇڭا بىز تەلەي ۋە غەمخورلۇقتىن مەھرۇم قېلىپ، قانداق قىلىشنى ئويلىنىۋاتقاندا، بۇ كىشى ئاشۇ نامراتلارغا تېخىمۇ ئاسان نەزەر سالاتتى ھەمدە ئاشۇ كىشى مەن بولۇشۇم مۇمكىن دەيتتى. بۇ دەل ھېسداشلىق، ھېسداشلىق توسالغۇلارنى يوقىتىپ، ئىشىكلەرنى چوڭ ئاچالايدۇ.
   شۇ ۋەجىدىن بىز ھەممىڭلارغا شۇنداق مۇراجىئەت قىلىمىزكى، سىلەر ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆز تەقدىرىڭلارنى قولۇڭلارغا ئېلىپ، ئۈمىدۋارلىق ۋە ھېسداشلىقتىن ئىبارەت گۆھىرىڭلار بىلەن دۇنيانى ئۆزگەرتىپ، تالايلىغان كىشىلەرگە ئۈمىد ئاتا قىلغايسىلەر. سىلەرنىڭ تۆھپە يارىتىپ، مەنپەئەتكە ئالدىرىشىڭلارنى زۆرۈرىيىتى يوق، سىلەر ئىگىلىك تىكلىشىڭلار، قەرز قايتۇرۇشۇڭلار، ئوبدان بىرەيلەن بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشۇڭلار كېرەك.  ھازىر مۇشۇلار يېتەرلىك، ئەمما ھاياتىڭلاردا، سىلەر خىيال قىلىپمۇ باقمىغان ئىشلارغا يولۇقۇپ، يۈرىكىڭلار قايغۇ-ھەسرەتكە تولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئازابلارغا دۇچار بولغاندا، ھەرگىز كەينىڭلارغا داجىماڭلاركى، ئۆزگىرىشلەرگە دادىل ماسلىشىڭلار. 
   ئاخىرىدا، 2014-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلەيمىز! سىلەرگە ئامەت يار بولسۇن!

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى