نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

نىدائىي: لى جياچېڭنىڭ ئىلھامبەخش سۆزلىرىدىن

نىدائىي: لى جياچېڭنىڭ ئىلھامبەخش سۆزلىرىدىن

ۋاقتى: 2015-11-04 ئاۋاتلىقى: 5384 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

لى جياچېڭنىڭ ئىلھامبەخش سۆزلىرىدىن


دۇنياۋى كاتتا باي، ئاسىيادىكى 1-باي، داڭلىق كارخانىچى لى جياچېڭ 1928-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى چاۋجوۋ شەھىرى چاۋئەن رايونىدا تۇغۇلغان. ھازىر چاڭجياڭ خېجى ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى ۋە چاڭجياڭ ئوقەتچىلىك زېمىن چەكلىك شىركىتىنىڭ رەئىسى. 2015-يىلى لى جياچېڭ 200 مىليارد يۈەنلىك بايلىقى بىلەن دۇنيادىكى جۇڭگولۇق بايلارنىڭ قاتارىدا 2-ئورۇندا تۇرغان.


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى

(شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ تەرجىمانى، مۇخبىر)



چاڭجياڭ ئوقەتچىلىك (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى چاڭجياڭ گۇرۇھى بايرىقى ئاستىدىكى شىركەتلەرنىڭ بىرى. چاڭجياڭ گۇرۇھى شياڭگاڭدا قۇرۇلغان دۆلەت ھالقىغان شىركەت بولۇپ، گۇرۇھنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئەزالىرى ئۈچ چوڭ پېيى بازارغا سېلىغان شىركەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئۈچ شىركەت خېجى خۇاڭپۇ چەكلىك شىركىتى ۋە ئېنېرگىيە ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى، چاڭجياڭ ئۇل قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، چاڭجياڭ ھاياتلىق پەن-تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى ۋە TOM گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، چاڭجياڭ گۇرۇھى بايرىقى ئاستىدىكى شياڭگاڭدا پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي بازار قىممىتى 100 مىليارد شياڭگاڭ پۇلىغا يەتكەن، چاڭجياڭ گۇرۇھىنىڭ كەسپى پۈتۈن دۇنيادىكى 52 دۆلەتكە تارقالغان، ئومۇمىي خادىمى 270 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

لى جياچېڭنىڭ ئىلھامبەخش سۆزلىرىدىن:

بىر نىيەتتە تىرىشىدىغان كوللېكتىپ بەرپا قىلىشتا، ئەڭ مۇھىمى سۈكۈتتىكى ئاۋازلارغا قۇلاق سالالايدىغان دىت بولۇشى كېرەك. ئۆز كولېكتىپىڭىزنىڭ سىز بىلەن قىزىقىدىغان تەرەپلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سوراشتا، سىزنىڭ ئۇلارغا بولغان ئادىللىڭىزغا، كۆكسى-قارنىڭىزنىڭ كەڭلىكىگە قاراش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىرەيلەننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىڭىز كېرەك. بىراق مەن شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، پىرىنسىپ بىلەن نۇقتىنىڭ بولۇشى، سىزنىڭ ھەرگىزمۇ ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ چاپىقىنى ئالىمەن دەپ كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ قويىدىغان كاجلاردىن ئەمەسلىكىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ.
ياخشى پەيلەردە بەك خۇش بوپ كەتمەسلىك، ناچار پەيتلەردە بەك مەيۈسلىنىپ كەتمەسلىك كېرەك. ئەڭ مۇھىمى يىراقنى كۆرۈش كېرەك، كۆز ئالدىدىكى كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ كەلگۈسىدىكى مەنپەئەتنى قۇربان قىلىش ئۇسۇلى نەزەر دائىرىسى تار كىشىلەرنىڭ ئىشى.
ئوڭۇشسىز ئەھۋالدا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ يېتەرلىك شارائىتىڭىز بار-يوقلۇقىغا قاراپ بېقىڭ. مەن ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا، ئۆزۈمنىڭ ئامال تاپالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم. چۈنكى، تىرىشساملا، تېجەشچان بولساملا، ئىرادەمگە تايانساملا بىلىمىمنى ئاشۇرالايمەن ھەمدە ياخشى نام چىقىرالايمەن.
مەن يېڭى پەن-تېخنىكا، يېڭى بىلىملەرگە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇشنى ئەزەلدىن قويمىغانمەن، چۈنكى يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەر بولۇپ تۇرمىغاندا، دەۋرنىڭ كەينىدە قالىدىغان گەپ.
ھەر ۋاقىت ئەتراپتىكىلەرنىڭ سودا قىلغان-قىلمىغانلىقىغا دىققەت قىلغاندىلا، پۇرسەتنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ ئىشقا قانچە تېز تۇتۇنسا شۇنچە ياخشى. پەۋقۇلئاددە ئىشلار يولۇققاندا دەرھال پۇل تېپىشنى ئويلاش سودىگەر ھازىرلاشقا تېگىشلىك ساپالارنىڭ بىرى.
مەن 17 يېشىمدا توپ تارقىتىش خادىمى بولۇپ، پۇل تاپماقنىڭ تەسلىكىنى، تۇرمۇشنىڭ مۇشەققەتلىكلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ يەتكەنىدىم. باشقىلار سەككىز سائەت ئىشلىسە، مەن 16 سائەتلەپ ئىشلەيتتىم.
ئەسلىدە ئازراقلا كۈچەپ قىلىپ بولىدىغان ئىشنى مەن بارلىق كۈچۈم بىلەن قىلاتتىم، ھەرگىزمۇ قۇلۇمنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ قويمايتتىم.
كېڭىيىشتە ئېھتىياتچان بولۇش، ئېھتىياتچان بولغاندا كېڭىيىشنى ئۇنتۇماسلىق. مېنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم مۇقىملىق ۋە ئىلگىرىلەش ئىچىدە تەڭپۇڭلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش. كېمە قانچە تېز ماڭسا شۇنچە ياخشى بولغىنى بىلەن، دولقۇنغا دۇچ كەلگەندە ئۆرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن.
جەمئىيىتىمىزدە ئالىي مەكتەپنى تاماملىمىغان، قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن، ئەمما ئۇتۇق قازانغان كارخانىچىلار ھەقىقەتەن كۆپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار توپى يەنىلا دىققەتنى تارتىدۇ. ئۇلار ئۆز پائالىيەتلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ، جەمئىيەتمۇ ئۇلارغا ئالىي شەرەپ ۋە زور بايلىقلار بىلەن جاۋاب قايتۇرۇۋاتىدۇ.
ئارىسالدى بولۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، رىقابەت دېگەن بەسلىشىشتۇر، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەقىل سىنىشىشتۇر. ھەتتا مۇشۇنچىلىكمۇ دادىللىق بولمىسا، سودىدىكى مەۋقەدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
ناۋادا بۈگۈنكى كۈندە، شۇنچىۋالا نۇرغۇن كىشى ماڭا ئىشلىمىگەن بولسا، مېنىڭ ھەرقانچە كارامىتىم بولسىمۇ، بۇنچىۋالا ئىشلارنى روياپقا چىقىرىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى، شۇڭا ئىشلىرىڭىزنى روياپقا چىقىرىشتىكى مۇھىم ھالقا شۇكى، بەزىلەر سىزگە ياردەم بېرىشى، سىز ئۈچۈن خۇشاللىق بىلەن ئىشلىشى كېرەك، مانا بۇ مېنىڭ پەسەپەم.
ئەقىللىق سودىگەرلەر سودا ئېڭىنى تۇرمۇشتىكى ھەربىر ئىشلارغىچە سىڭدۈرۈپ ماڭىدۇ. سودا ھۈجەيرىسى بار سودىگەرلەر پۇل تاپايلا دېسە نەدىلا بولسا پۇل تاپالايدۇ.
سودىدا چوقۇم توپ ئۇرغاندەك ھېسسىياتتا بولۇش كېرەك، ناۋادا بىرىنچىسىنى ياخشى ئۇرالمىسا، ئىككىنچىسىنى ئۇرىدىغاندا، چوقۇم كۆڭلىدە تەمكىنلىك ۋە پىلان بولۇشى كېرەك، بۇ ھەرگىزمۇ يېڭىلگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەئەينى سودا قىلغانغا ئوخشاش، يۇقىرى-تۆۋەن چاغلىرى بولىدۇ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، سىز ئالدى بىلەن تەمكىن بولۇپ تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئويلانغىنىڭىز تۈزۈك.
مەن قارىماققا كەمتەردەك كۆرۈنگىنىم بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن مەغرۇر، باشقىلار ھەركۈنى ھازىرقى ھالىتىنى ساقلىسا، ئەمما مەن ھەمىشە ھازىرقى ھالىتىمدىن ئېشىپ كېتىشنى ئويلايمەن، شۇڭا مەن سودا قىلغاندا، ئۆزۈمنى سەگەك بولۇشقا ئۈندەيمەن، مۇبادا مەن داۋاملىق مۇشۇنداق بولالىساملا ھامىنى بىر كۈنى غەلىبە قازىنىمەن.
سودىدا ئەمدىلا بىرىنچى باسقۇچقا چىققاندا، ھەرگىز ئاچكۆز بولماسلىق، تېخىمۇ مۇھىمى نەپسانىيەتچى بولماسلىق.
ھەرقانداق بىر كەسىپتە ناۋادا بىر ئوڭۇشسىز ۋەزىيەت كۆرۈلسە، ئۆتكۈنچى تەرەققىيات ئۇ كەسىپنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.
ئەقىللىق سودىگەلەرنىڭ سېزىمى زىيادە ئۆتكۈر بولغاندىلا سودا ئاخباراتىنى يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرالايدۇ، ئۇ خىل تۇيغۇسى قۇلۇپلانغان ياكى كېچىكىپ ئويغانغان كارخانا خوجايىنلىرى ھەمىشە ھېچقاچان ئۇتۇق قازىنالىغان ئەمەس.
ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولسا، كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش قۇرۇق ئارزۇغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەكسىچە، بايلىقى كەمچىل دۆلەتلەردە ئىختىساسلىقلار كۆپ بولسا، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تېجەپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، راۋاج تاپالايدۇ.
ئادەملەرگە سەمىمىي بولۇش، ئىش قىلغاندا مەسئۇلىيەتچان بولۇش، دائىم خەيرلىك ئىشلارنى قىلىش، باشقىلارغا ياردەم قىلىش كېرەك. نام-مەنپەئەت قوغلاشماسلىق، قانائەتچان بولۇش، كەلسە-كەلمەس خىياللاردا بولماسلىق، قەلبىنى ئەمىن تاپقۇزۇپ، رايى يانغان ئىشلاردىن قول ئۈزۈش كېرەك.
ئىختىساسلىقلار ئالغانغا، ئىشلەتكەنگە تۈگەپ كەتمەيدۇ. سىز باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزگە تەبىئىي ھالدا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، دۇنيادا ھەرقانداق كىشى سىزنىڭ يادرولۇق كىشىڭىزگە ئايلىنالايدۇ.
مېنىڭ نەزىرىمدە، سىز قايسى ئىرقتىن بولۇڭ، قايسى دۆلەتتىن بولۇڭ، پەقەت شىركىتىمگە تۆھپە قوشسىڭىزلا، ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلىسىڭىزلا، تەۋەلىك تۇيغۇڭىز بولسىلا ھەمدە ئۇزاق مۇددەت ئىشلەش خىيالىڭىز بولسىلا مەن سىزنىڭ مۇھىم شەخسكە ئايلىنىشىڭىزغا ياردەم قىلىمەن. بۇ شىركىتىمنىڭ ئىزچىل سىياسىتى.
شىركەتنىڭ ‹‹چاڭجياڭ›› دېگەن بۇ نامى ‹‹چاڭجياڭ ئېقىن تاللىمايدۇ›› دېگەندىن كەلگەن، چۈنكى سىز مۇشۇنداق كەڭ قورساق بولسىڭىزلا، قەلبىڭىزگە دۇنيا سىغىدۇ. ناۋادا كىچىك ئېقىنلار بولمىسا، چاڭجياڭ دەرياسى نەدە تۇرۇپتۇ؟
بىر باش قوماندان، بىر گۇرۇپپىۋى ئارمىيەنىڭ قوماندانى پىلموتنى ئېلىۋالغان بىلەن ھەمىشە پىلموتچىدىن غالىب كېلەلمەيدۇ، توپچى قىسىمنىڭ مەشغۇلاتىنىمۇ قىلالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئۇ گۇرۇپپىۋى ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى بولغان كىشى بۇلار بىلەن كارى بولمىسىمۇ بولىدۇ، پەقەت ئىشلىتىش ئىستراتېگىيەسىنى بىلسىلا بولدى، شۇڭا تەشكىللىنىش ئىنتايىن مۇھىم.
سىلەر مېنى ئۇچۇرۇۋەرمەڭلار، مەن قانداقتۇر قالتىس ئادەم ئەمەسمەن، بۇ پەقەت كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، خالاس. يېنىمدا 300 سەركەردە بار، بۇنىڭ 100 ى چەت ئەللىك، 200 ى ئەمەلىي كۈچى زور شياڭگاڭلىقلار.
ئىقتىدارلىقلارنى بايقاشقا ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇشتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ، كەمچىلىكىمۇ بار، قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەش، ئىشلىگىنىگە يارىشا ئېلىش قابىلىيىتىگە قاراپ ئادەم ئىشلىتىشنىڭ پىرىنسىپى.
قىلچە مۇبالىغە قىلماي شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىر چوڭ كارخانا بەئەينى بىر چوڭ جەمەتكە ئوخشايدۇ، ھەربىر خادىم شۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى. ئۇلار شۇ ئائىلىدىكى تۆھپىسىگە يارىشا، ئالىدىغىنىنى ئېلىشى كېرەك، مۇنداقچە ئېيتقاندا، خادىملار پۈتۈن شىركەتنى باققانىكەن، شىركەتمۇ ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىشى كېرەك.
‹‹پۇل بولسا كۆپچىلىك تەڭ خەجلەش، پايدا ئالسا كۆپچىلىك تەڭ بەھرلىنىش›› دەيدىغان كىشى ھەمكارلىشىشقا ئەرزىيدۇ. ناۋادا 10 % لىك پاي ئالغاننى ئادىللىق دېسەك، % 11 لىك پايمۇ بولىدىغان گەپ، ئەمما ناۋادا پەقەت % 9 لىك پاينى ئالسا، پايدا كۆپىيىشى مۇمكىن.
مېنىڭ كارخانامدا، خادىملارنىڭ ئېقىپ كېتىش ۋە يېڭىلىنىش نىسبىتى بەك تۆۋەن ھەمدە ئەزەلدىن ئىشچىلار ماجرا تېرىپ باقمىغان. ئەڭ ئاساسلىقى خادىملارنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى بولۇش، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت.
سالاپىتىنى ساقلىيالايدىغان ئادەملەر ھەممىلا يەردە بار. سىز ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە چېقىلماڭ، ئىززەت-ھۆرمەت ئىنتايىن نازۇك بولىدۇ، ئۇ ھېچقانداق زەرەرنى كۆتۈرەلمەيدۇ.
پۇل تاپقاندا، ئۆزىڭىزگە ئىپتىخارلىنىشقا ئەرزىيدىغان بىر جاينى قالدۇرۇپ قويۇڭ، تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتىدۇ.
ئادەمنىڭ ئۆزلۈكىدىن سودا قىلمىقى تەسرەك، سودا ئۆزى ئىزدەپ كەلگەندە، سىز ئاسانلا سودا قىلالايسىز، ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا سودا ئۆزى سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ؟ بۇنىڭدا سىز دوستلىرىڭىزغا تايىنىڭ.
مەن ھەمىشە شۇنداق بىر گەپنى دەيمەن: ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ھەممىسى يېقىن ۋە ئىشەنچلىك بولۇشى ناتايىن. سىز باشقىلار بىلەن بىللە ئۆتۈشتە، كۈنلەر ئۇزارغانچە ئۇنىڭ ئىدىيەسىنىڭ سىز بىلەن ئوخشاشلىقىنى بايقىسىڭىز ئۇنىڭغا ئىشەنسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭغا تۈرلۈك مۇھىم خىزمەتلەرنى تاپشۇرسىڭىز ئۇ ھەممىنى قىلالايدۇ، بۇ كىشى دەل سىزنىڭ يېقىن ۋە ئىشەنچلىك ئادىمىڭىزگە ئايلىنالايدۇ.
ئىلگىرى مەن مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋاقىتلىرىم بالا تەربىيەلەش بىلەن ئۆتەتتى، ھازىر بەزىدە ئۇلار بىلەن سودا توغرىسىدا پاراڭلىشىمەن، ئەمما ۋاقتىمنىڭ ئۈچتىن بىرىدە ئۇلار بىلەن سودا توغرىسىدا پاراڭلىشىمەن، ئۈچتىن ئىككى قىسمىدا ئۇلارغا ئادەم بولۇش ھەققىدە سۆزلەيمەن.
مېنىڭچە، قارشى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىنى نەزەرگە ئېلىش ئەڭ مۇھىم، نەزىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈستىگە قويۇۋالساقمۇ بولمايدۇ، ئىككىسى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، ئۆزىمىزنىڭ ئازراق مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىپ، قارشى تەرەپنى نەپكەر ئېرىشتۈرەلىسەك، ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىمىز غايەت زور پايدىغا ئېرىشەلەيمىز. كۆزى كىچىكلارنىڭ دوستى بولمايدۇ، بۇ مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام دائىم دەيدىغان گەپ ئىدى، بۇنى سودىغا تەدبىقلىساقمۇ بولۇۋېرىدۇ.
بىزگە يۇشۇرۇن سەمىمىي مەسلىھەت بېرىپ، سەۋەنلىكلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقانلار بىزنىڭ ھەقىقىي دوستىمىز بولالايدۇ.
سودىدىكى ھەمكارلىقتا چوقۇم ئۈچ شەرت بولۇشى كېرەك: بىرى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىشقا بولىدىغان مەنپەئەت بولۇشى كېرەك، ئىككىنچىسى، ھەمكارلىشىش ئارزۇسى بولۇشى كېرەك، ئۈچىنچىسى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق بەھرلىنىپ، ئورتاق گۈللىنىدىغان نىيەت بولۇشى كېرەك. بۇ ئۈچىدىن بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.
ئىنساپسىزلىق قىلىپ ھەرقانچە بېيىساقمۇ، ئۇ توزغاقتەك توزۇپ كېتىدۇ. مېنىڭ پۇلۇملا بولىدىكەن، بىر موچەن پۇلۇم يەرگە چۈشۈپ كەتسىمۇ، مەن ئۇنى تېرىۋالىمەن. مېنىڭ بولمىسا، نەچچە مىليون يۈەن پولنى ئىشىك ئالدىمغا ئاپىرىپ بەرسىمۇ ئالمايمەن. ئۆزۈم تاپقان ھەربىر موچەن پۇل ئاشكارا بولىدۇ، دېمەكچىمەنكى، ئۇ پۇلنى تاپقان يەرنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى