نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھىتلېرنىڭ 100 جۈملە مەشھۇر سۆزى (2)

ھىتلېرنىڭ 100 جۈملە مەشھۇر سۆزى (2)

ۋاقتى: 2015-09-21 ئاۋاتلىقى: 4615 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ھىتلېرنىڭ 100 جۈملە مەشھۇر سۆزى (2)


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى



   51. ئۇلۇغ يالغانچىلار ھەمىشە ئۇلۇغ سېھرىگەرلەردۇر.

   52. ئىتتىپاقلىشالايدىغان كىشىلەردە ئورتاق غايە ۋە ئورتاق جىنايەتتىن ئىبارەت ئىككى خىل نەرسە بولىدۇ. بىزدە گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقىغا نەقىشلەنگەن ئۇلۇغۋار غايەر بار، بىز بۇ ئۇلۇغ غايىمىز ئۈچۈن ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمىز قالغۇچە جەڭ قىلىمىز.
   53. مېنىڭ ئىرادەم ھەممىنى بەلگىلەيدۇ.
   54. بىز دۈشمەننى رەھىمسىزلەرچە يوقىتىش، ھەتتا يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىش ئۈچۈن سىستېمىغا مۇھتاجمىز.
   55. ئۇرۇش قوزغاش ۋە ئۇرۇش قىلىشتا، ھەق-ناھەق مەسىلىسى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى غەلىبە قىلىش.
   56. ناۋادا ئۇلار دۆلەتكە خائىنلىق قىلسا، ئۇلارنىڭ ئەجىلىنىڭ توشقىنى شۇ.
   57. دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ باشقىلارنىڭ ھىممىتىگە تاشلاپ بېرىشكە بولمايدۇ، تارىخ ھەمىشە قورال-ياراغلار بىلەن ئالغا ماڭىدۇ، بۇ دۇنيا كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى ھالاك قىلىدىغان دۇنيا. مەۋجۇت بولۇش، ھۆرمەتلىنىش ئۈچۈن چوقۇم كۈچلۈك ئارمىيە بولۇش كېرەك.
   58. تارىختا ئۇلۇغ دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋال تېپىشى تامامەن ئىرقىي بىرىكىشنىڭ قان سىستېمىسىنى بۇلغاپ قويغانلىقىدىن بولغان. بۇ خىل ئاپەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دۆلەت چوقۇم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك. 
   59. مىللىي دۆلەتنىڭ بەرپا قىلىش ھەرگىزمۇ ئىرادىسى ئاجىز مىللەتچىلىك بىرلەشمىسىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، پەقەت پولاتتەك ئىرادە بىلەن مۇستەقلىل ھەرىكەت قىلغاندىلا، ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
   60. ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى بەئەينى باش-ئايىغى يوق شوتىغا ئوخشايدۇ. يۇقىرىغا چىققاندا چوقۇم تۆۋەندىن بىر نەرسە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ئارىيانلار ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك، بۇ يول ھەرگىزمۇ يېقىنقى زاماندىكى تىنچلىق سۆيەرلەرنىڭ ئارزۇسىدىكى يول ئەمەس.
   61. ئۇرۇش بىر خىل سىرلىق پەنگە ئايلاندى، كىشى ئۇنىڭ تېگى-تەكتىگە يېتەلمەيدۇ. ئەمما ئۇرۇش ئەمەلىيەتتە بىر تەبىئىي نەرسە، شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى مۇقەررەر نەرسە، ئۇرۇش دېمەك ـــ تۇرمۇش دېمەكتۇر.
   62. پەقەت بۈگۈننى بويسۇندۇرالىغان ئادەملا ئەتىگە قوماندانلىق قىلالايدۇ.
   63. بىر داھىي، بىر خىل خەلق، بىر دۆلەت.
   64. ئەسكەرلەر تەپەككۇر قىلمىسىمۇ، باشلىقى ئۇلارنىڭ ئورنىدا تەپەككۇر قىلسىلا بولدى. 
   65. پەيتى كەلدى، شۇڭا پۈتۈن دۇنيادىكى رەزىل يەھۇدىيلارنى ئاز دېگەندىمۇ مىڭ يىل باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋېتىش كېرەك.
   66. تىنچلىقتىن قولغا كەلگەن نەرسىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئۇنى مۇشتىمىزغا تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.
   67. مېنىڭ دۇنياغا كېلىشىم كىشىلەرنى كۈچەيتىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈندۇر.
   68. ئىنسانپەرۋەرلىك ھاماقەتلىك، قورقۇنچاقلىق ۋە مەمەدانلىقنىڭ ئارىلاشمىسى.
   69. ئىنسانلار مەڭگۈلۈك ئۇرۇش ئىچىدە زورىيىدۇ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئىچىدە ۋەيران بولىدۇ.
   70. ئىنسانلار ئۇرۇشتا كۈچىيىدۇ، ئۇ قانداقلا نىشانغا يەتمىسۇن، ھەممىسى ئۇنىڭ رەھىمسىزلىكنى ئىجادچانلىقىنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالغانلىقىدۇر.
   71. ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ئۈچ نۇقتىدىن ئايرىلالمايدۇ:  ئۇرۇش ھەممىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، گۈزەل ئەخلاق قان ئىچىدە يېتىلىدۇ، رەھبەر ھەممىدىن مۇھىم.
   72. تەڭرى ۋە دۇنيانىڭ ئالدىدا، ھەمىشە كۈچلۈكلەر ئۆز ئىرادىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
   73. كۈچلۈكلەر چوقۇم ئاجىزلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، پەقەت تەبىئىتى ئاجىزلار بۇ دۇنيانى شەپقەتسىز دەپ قارايدۇ.
   74. ئىچ ئاغرىتىشنىڭ ئۆزى بىر جىنايەت. ئاجىزلار ئىچ ئاغرىتىش تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر.
   75. كۈللى كائىناتتىكى بارلىق ئىشلار كۈچلۈكلەر بىلەن ئاجىزلار ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۈرەش ـــ كۈچلۈكلەر ئاجىزلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان مەڭگۈلۈك غەلىبە. ناۋادا بۇنداق بولمىسا، پۈتۈن كائىنات زاۋال تاپىدۇ. بۇ خىل ئاساسىي قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلغان دۆلەتمۇ زاۋال تاپىدۇ.
   76. خەلق قاتتىق قول ھۆكۈمراننىمۇ، ھەتتا شەپقەت تىلەيدىغان ئادەملەرنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.
   77. كۆپىنچە ھاللاردا، ھاماقەت ۋە قورقۇنچاق سىياسىي مۇنازىرىچىلەر ھەمىشە ئەخمەقلاردىن بىرەر يۈزى بىر يەرگە توپلانسىمۇ، بىر داناغا تەڭ بولالمايدۇ، شۇڭا بىرەر يۈز قورقۇنچاقتىنمۇ بىر باتۇرچىلىك ھۆكۈم چىقمايدۇ.
   78. سىياسىنى ئىسلاھات ھەرىكىتى نىشانىغا يەتكۈزۈشتە، بىز ھەرگىزمۇ نەسىھەت قىلىپ ئولتۇرمايمىز ياكى دائىرىلەرنىڭ شەكلىدە نىشانغا يېتىشكە ئۆزگەرتىمىز. بۇنىڭدا بىردىنبىر ئۇسۇل سىياسىي ھوقۇقنى تارتىۋېلىش. 
   79. كۈچلۈكلەرنىڭ دىكتاتۇرىسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈندۇر.
   80. شەخس ئۆزىنىڭ ئورتاق گەۋدىدىكى ھاياتلىقتا ئۆز-ئۆزىنى بويسۇندۇرۇشنى تاماملىغانلىق سەۋەبىدىن، شەخس ئۆز-ئۆزىنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرالايدۇ ھەمدە زۆرۈر تېپىلغاندا، ئورتاق گەۋدىدە ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلالايدۇ.
   81. مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن پەقەت بىرلا كىشى ئورنىدىن تۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭدا چوقۇم ھوقۇق ۋە كۈچ بولۇشى كېرەك. خەلقنىڭ تۇراقسىز ئىدىيە دۇنياسىدا، پولاتتەك پىرىنسىپنى بارلىققا كەلتۈرۈش ھەمدە بۇ پىرىنسىپنىڭ توغرىلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، تاكى ئەركىن ئىدىيە دۇنياسىدىكى دولقۇنلاردا بىر پارچە ئېتىقاد ۋە ئىرادىدىن ھاسىل بولغان مۇستەھكەم تاش كۆرۈنگەنگە قەدەر كۈرەش قىلىش كېرەك.
   82. دۇنيادىكى ھەربىر ئۇلۇغ ھەرىكەتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ كۆپىنچىسى داڭلىق ناتىقلارنىڭ بولغانلىقىدىن، ھەرگىزمۇ ئۇلۇغ يازغۇچىلارنىڭ بولغانلىقدىن ئەمەس.
   83. مەن چېگرادىكى كىچىك بازاردا چوڭ بولساممۇ، ئۇلۇغ بۇرچنى زىممەمگە ئالالىدىم.
   84. دۇنيادا كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشتىكى تۇنجى بومبا بەلكىم گېرمانىيە-ئاۋسترىيە-ۋېنگىرىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئارقىسىدىكى گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىدىكى توپ ئېغىزىغا يۇشۇرۇنۇپ تۇرغان بولۇشى مۇمكىن.
   85. مەن ئۆز تەقدىرىم بىلەن بىر مەيدان جەڭ قىلىپ، غەلىبە قىلغاندىن كېيىن دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق شەخسكە ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن؛ ئەمما مەن ئەمەلدار بولۇشنى ئۆمرۈمدىكى ئالىي نىشانىم دەپ قارىمايمەن.
   86. ئۇ كۈچلۈكلەرگە ئىتائەت قىلىشقا رازىكى، ئاجىزلارغا باشچىلىق قىلىشنى خالىمايدۇ، شۇڭا خەلق روھى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ ھەمدە نومۇس قىلمايدۇ، ئەركىنلىكى بۇغۇلغاندەك تۇيۇلمايدۇ، ھەتتا قارشىلىق كۆرسىتىشنى نومۇس دەپ بىلىدۇ، ئۇلار ئېھتىمال يولۇققان ئۇۋالچىلىقلارنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ھۆكۈمرانلارنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى كۆرەلەيدۇ.
   87. بىر ئادەم پارتىيە، دۆلەت، مەمۇرىيەتتىن ئىبارەت بىر نەچچە ۋەزىپىنى ئۆتەش تېزلىكتە رېئالىققا ئايلانغان مىللىي سوتسىيالىزمنىڭ ھۆكۈمرانلىق پىرىنسىپى.
   88. بىر دۆلەتنىڭ چېگرىسىنى بەلگىلەشنىڭ ئۆزگىرىشىنى پۈتۈنلەي ئادەملەر كەلتۈرۈپ چىقارغان.
   89. كەلگۈسىدە بىر كۈنى تۈنۈگۈنكى قېرىنداشلار ئەتىكى رەقپلەرگە ئايلىنىدۇ.
   90. ئومۇمەن مىللەتلا بولىدىكەن، ئۆزلىرى تىرىشماي تۇرۇپ ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەيدۇ، پەقەت قۇربانلىق بەرگەندىلا. ئەركىنلىككە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
   91. مىللىي سوتسىيالىزم شەخسنىمۇ، ئىنسانىيەتنىمۇ مەسىلىنى ئويلاش، پىكىر قىلىش ۋە قارار چىقىرىشنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلمايدۇ. ئۇ ئاڭلىق ھالدا مىللەتنى پۈتۈن ئىدىيەنىڭ مەركىزىگە قويىدۇ. بۇ مىللەت ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر خىل قان سىستېمىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان ھادىسە، ئۇ تەڭرى ئاتا قىلغان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى. شەخس ھامان زاۋال تاپىدۇ، مىللەت ئەبەدىي مەۋجۇت بولىدۇ، ئەركىنلىك ھۆكۈم سۈرگەن دۇنيادا شەخسكە چوقۇنۇش مۇقەررەركى، مىللەتنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىدۇ. ئەكسىچە، مىللىي سوتسىيالىزم مىللەتنى ھىمايە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، زۆرۈر تېپىلسا شەخس قۇربانلىق بېرىدۇ. ھەممەيلەن پەيدىنپەي شۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەككى، ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇقى مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ.
   92. مەن پۈتۈن دۇنيا مېنى مىڭ يىللاپ ياد ئەتكۈدەك ياشايمەن.
   93. يېڭى ئىمپېرىيە يەنە بىر قېتىم قەدىمىي رېتسارلارنىڭ يولىدا ئالغا ئىلگىرىلەپ، گېرمانىيەنىڭ قىلىچلىرى بىلەن گېرمانىيەنىڭ تارتقۇزۇپ قويغان زېمنلىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ، گېرمانلارنىڭ ئەتە يەيدىغان بولكىسىنىڭ غېمىنى قىلىشى قىلىشى كېرەك.
   94. پەقەت پەقەت تۇغما ئاجىزلارغا بۇ دۇنيا شەپقەتسىز دېيىشىدۇ، ئومۇمەن مەۋجۇت بولۇشتا، كۈرەش قىلىش كېرەك، كۈرەش قىلىشنى خالىماسلىق بۇ مەڭگۈلۈك ئۇرۇش دۇنياسىغا ياشاشقا ماسلاشمىغانلىقتۇر. شەپقەتسىزلىك ئوبيېكتىپ رېئاللىقتۇر.
   95. سىلەر ئېھتىمال: ھىتلېر ئەپەندىم، ماڭا خىزمەت، بولكا لازىم، دېيىشىڭلار مۇمكىن. شۇنداق. سىلەرنىڭ قارىشىڭلار ئىنتايىن توغرا، ھاياتلىق ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم. ئەمما مەن سىلەرگە شۇنى دېمەكچىمەنكى، بۇ دۇنيادا ھاياتلىقتىنمۇ مۇھىم شۇنداق بىر نەرسە بار، ئۇ دەل ئەركىنلىك، ئۇ دەل قەدىر-قىممەتتۇر.
   96. بىزگە لازىم بولغىنى بولكا ئەمەس، بەلكى ھاياتلىق بوشلۇقى، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق بوشلۇقى. بۇ مەۋجۇدلۇق بوشلۇقى تىلەمچىلىك ۋە قارشىلىققا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشمايدۇ، بەلكى قورال ۋە قان بەدىلىگە ئەمەلگە ئاشىدۇ. 
   97. ئىتتىپاقلىشالايدىغان كىشىلەردە ئورتاق غايە ۋە ئورتاق جىنايەتتىن ئىبارەت ئىككى خىل نەرسە بولىدۇ. بىزدە گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقىغا نەقىشلەنگەن ئۇلۇغۋار غايەر بار، بىز بۇ ئۇلۇغ غايىمىز ئۈچۈن ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمىز قالغۇچە جەڭ قىلىمىز.
   98. ناۋادا ئاشۇنداق بىر كۈن كەلسە، مەن ئادولف ھىتلېر بېنجامىن مارتىنغا ئوخشاش بىزنىڭ گېرمانىيە فېدېراتپ جۇمھۇرىيىتىمىزگە تەئەللۇق بولغان بايراقنى كۆتۈرۈپ ئالغا چاپقان بولاتتىم. جەڭدە ئۆلگەن تەقدىردىمۇ تەبەسسۇم بىلەن جەننەتكە يولغا ئالاتتىم. مەن ئۇ يەردە گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ شان-شەرىپى دەپ تەرىپلىنىدىغان ئەجدادلىرىمىزنى كۆرىمەن. مەن ئۇلۇغ فرېدېرىك ئىمپېرىيەسىنىڭ ئالدىغا بېشىمنى كۆتۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىپتىخارلانغان ھالدا شۇنداق دەيتتىم: ‹‹مەن سىلىنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلىنىڭ يۈزلىرىنى يەرگە قاراتمىدىم، مەن ئۇلۇغ گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمنىمۇ تەسەددۇق قىلدىم.››
   99. بىز بۈگۈن ياراتقان ھەممە نەرسىلەرنى كېيىنكىلەر ئۇنتۇپ كەتسىمۇ، ئەمما گېرمانىيە مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. 
   100. بىز بۇ دۆلەت ئۈچۈن جەڭ قىلىمىز، گېرمانلار، بىز ئەجدادلارنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن جەڭ قىلىمىز. بىز كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ‹‹بىز دېگەن ئەزەلدىن تىز پۈكمەي ياشىغان گېرمانلار›› دەپ پەخىرلىنىشى ئۈچۈن جەڭ قىلىمىز.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى