نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

نىدائىي: ما يۈننىڭ تولۇق تەرجىمىھالى

نىدائىي: ما يۈننىڭ تولۇق تەرجىمىھالى

ۋاقتى: 2015-08-23 ئاۋاتلىقى: 7021 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

داڭلىق كارخانىچى ما يۈننىڭ تەرجىمىھالى

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى

(تەرجىمان: شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ تەرجىمانى، مۇھەررىر)



   ما يۈن ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق بەرپاچىسى، ئۇ ھازىر ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھى مۇدىرىيەت ئىدارىسىنىڭ رەئىسى، ياپونىيە رۇەنيىن شىركىتىنىڭ مۇدىرى، خەلقئارا تەبىئەتنى قوغداش جەمئىيىتى (TNC) جۇڭگو كېڭىشىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە يەرشارى مۇدىرىيەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، خۇايى قېرىنداشلارنىڭ شىركىتىنىڭ مۇدىرى، ھاياتلىق ئىلمى يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى.
دەسلەپكى مەزگىللەر

   ما يۈن 1964-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىدە تۇغۇلغان، ما يۈننىڭ بوۋىسى ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە تۈتۈن بېگى بولغان، ئازادلىقتىن كېيىن ‹‹بەش قارىلار›› دېگەن ئاتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئوغلىغا ‹‹ما يۈن›› دەپ ئىسىم قويۇپ، ما يۈننىڭ كېيىن چېچەن، ئىش ئۇقىدىغان، جېدەل تېرىمايدىغان ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان. ما يۈن 12 يېشىدا بىر كىچىك رادىيو سېتىۋېلىپ، كۈندە رادىيودىن ئىنگلىزچە پىروگراممىلارنى ئاڭلاشقا باشلايدۇ، 13 يېشىدىن باشلاپ، ما يۈن باشقىلار بىلەن تولا ئۇرۇشقانلىقتىن ئەسلىدىكى مەكتىپىدىن خاڭجوۋ شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن ما يۈن ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئىككى يىلدا ئاران ئادەتتىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قېتىم ماتېماتىكىدا 31 نومۇر ئالىدۇ.


   1982-يىلى، ما يۈن تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، تۇنجى قېتىم ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالىدۇ، چۈنكى ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا ئاران بىرلا نومۇر ئالغانىدى. ما يۈن بۇنىڭدىن چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ، كېيىن ئۇ نەۋرە ئىنىسى بىلەن بىر مېھمانخانىدا مۇلازىمەتچىلىككە ئىمتىھان بېرىدۇ، نەتىجىدە نەۋرە ئىنىسى قوبۇل قىلىنىپ، ئۆزى رەھىمسىزلەرچە رەت قىلىنىدۇ، شۇ چاغدا خوجايىن ئۇنى ‹‹ھەم ئورۇق، ھەم پاكاركەنسەن، تۇرقۇڭمۇ كۆرۈمسىزكەن›› دېگەنىدى. كېيىن ما يۈن كاتىپ، كۆچۈرۈش ئىشچىسى بولىدۇ. ما يۈن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەندىن كېيىن، ئاتىسى ما لەيفا ئوغلىنىڭ روھى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۈچ قېتىم ژۇرنال تەھىرىراتىغا كىتاب ئاپىرىپ بەرگىلى ئەۋەتىدۇ.
   1983-يىلى، ما يۈن 2-قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، يەنە ئۆتەلمەيدۇ، بۇ قېتىم ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا ئاران 19 نومۇر ئالغانىدى. ما يۈننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئىرادىسىدىن يېنىپ، بىرەر ھۈنەر ئۆگىنىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ، كېيىن ما يۈن يەنە ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ۋېلسىپىتىنى مىنىپ، خاڭجوۋنىڭ بارلىق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى كېزىپ بولىدۇ،

   1984-يىلى، ما يۈن ئۆيىدىكىلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا قارىماي 3-قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ، بۇ قېتىم ئۇ ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا 89 نومۇر ئالغانىدى، ئەمما ئومۇمىي نومۇرى تولۇق كۇرس نومۇر سىزىقىدىن بەش نومۇر تۆۋەن ئىدى. ئىنگلىز تىلى كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆرسەتكۈچى توشمىغانلىقتىن، قىسمەن ئىنگىلىز تىلىدا مۇنەۋۋەرلەر بۇ پۇرسەتكە نائىل بولالايتتى، شۇ ۋەجىدىن ما يۈن خاڭجوۋ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى چەت ئەل تىللىرى فاكۇلتېتىنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپىغا دەرىجە ئاتلاپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ما يۈن ئەخلاقتىمۇ، ئۆگىنىشتىمۇ باشقىلارغا ئۈلگە بولىدۇ، ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ئىنگلىز تىلى فاكۇلتېتى بويىچە 5-بولىدۇ. كېيىن ما يۈن ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىدۇ، يەنە ئىككى نۆۋەت خاڭجوۋ شەھەرلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىدۇ.


ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى
   1988-يىلى، ما يۈن خاڭجوۋ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى چەت ئەل تىللىرى فاكۇلتېتىنىڭ ئىنگلىز تىلى كەسپىنى تاماملاپ، ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە باكلاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ، كېيىن خاڭجوۋ ئېلېتىرون سانائەت ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى خاڭجوۋ ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى)غا تەقسىم قىلىنىپ، ئىنگلىز تىلى ۋە خەلقئارا سودا كەسپى ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. ما يۈن كېيىن يەنە خاڭجوۋ شەھىرى بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ياش ئوقۇتقۇچى›› بولۇپ باھالىنىپ، شىخۇ كۆلى بويىدا تۇنجى بولۇپ ‹‹ئىنگلىز تىلى كورنېرى›› تەشكىللەپ، خاڭجوۋنىڭ تەرجىمە ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ.
   1992-يىلى، ما يۈن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەكلىپى بىلەن تەرجىمان بولىدۇ ھەمدە ‹‹خەيبو›› تەرجىمانلىق ئورنىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىستېپا بېرىپ رەسمىي تەرجىمان بولىدۇ. ياشاش ئۈچۈن ما يۈن تاغارلارنى يۈدۈگىنىچە يىۋۇ، گۇاڭجوۋلارغا بېرىپ مال كىرگۈزۈپ، ‹‹خەيبو›› تەرجىمانلىق ئورنىدا گۈل، سوۋغاتلىقلارنى سېتىشقا باشلايدۇ، يەنە بىر يىللىق دورا سېتىش ئارقىلىق، يالىڭاياغ دوختۇرمۇ بولۇپ باقىدۇ.

   1994-يىلى، ‹‹خەيبو›› تەرجىمانلىق ئورنىنىڭ كىرىمى مۇقىم بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ سېئاتلدىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچى بېل بىلەن ما يۈن ئىنتېرنېت ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالىدۇ، ما يۈندە شۇنىڭ بىلەن پۇرسەت ئىزدەپ ئىگىلىك تىكلەش خىيالى تۇغۇلىدۇ.


   1995-يىلىنىڭ بېشىدا، ‹‹خەيبو›› تەرجىمانلىق ئورنى پايدا ئېلىشقا باشلايدۇ. ما يۈن تەرجىمانلىق سالاھىيىتى بىلەن لوس ئانژېلېسقا كېلىپ بىرلىكتە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا مەبلەغ سېلىش ئىشىنى كېڭەشكىلى بارىدۇ، ئەمما نەتىجىلىك بولمايدۇ. ئۇ لوس ئانژېلېستىن سېئاتلغا كېلىپ بېلنى ئىزدەيدۇ، بېل ئۇنى ما يۈننى باشلاپ سېئاتلدىكى تۇنجى ئىنتېرنېت مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ لايىھەلەش ئورنىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرىدۇ.


تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلەش
   1995-يىلى 3-ئايدا، ما يۈن خاڭجوۋ ئېلېكتىرون سانائەت ئىنىستىتۇتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۆزى ئالتە-يەتتە مىڭ يۈەن چىقىرىپ، سىڭلىسىدىن يەنە 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرز ئېلىپ، جەمئىي 20 مىڭ يۈەندەك پۇل توپلاپ ئىگىلىك تىكلەشكە تەييارلىق قىلىدۇ. 
   1995-يىلى 4-ئايدا، جۇڭگودىكى تۇنجى ئېنتېرنېت سودا شىركىتى خاڭجوۋ ‹‹خەيبو›› كومپيۇتېر مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى قۇرۇلىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ ما يۈن، ما يۈننىڭ ئايالى جاڭ يىڭ ۋە خې يىبىڭدىن ئىبارەت ئۈچلا خىزمەتچىسى بار ئىدى.
   1995-يىلى 5-ئايدا، ما يۈن جۇڭگودىكى تۇنجى سودا تور بېتى ـــ ‹‹جۇڭگو سېرىق بېتى››نى رەسمىي قۇرۇپ چىقىدۇ، ما يۈن ئەتراپىدىكى دوستلىرىدىن باشلاپ سودا قىلىشنى باشلايدۇ. بۇ چاغدا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىنتېرنېت بىلەن ئۇچرىشىشىغا پەقەت ئۈچ ئايلا قالىدۇ.
   1995-يىلى 7-ئايدا، ‹‹جۇڭگو سېرىق بېتى›› جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ تور بېتىنى ياساپ بېرىپ، جېجياڭنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى توردا تەشۋىق قىلىدۇ، بۇ ‹‹ئالتۇن كەپتەر قۇرۇلۇشى›› دەپ نام ئالغان.
   1996-يىلى 3-ئايدا، خاڭجوۋ تېلېگراف شىركىتىمۇ بىر ‹‹جۇڭگو سېرىق بېتى›› ياسايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ما يۈن خاڭجوۋ تېلېگراف شىركىتى بىلەن بىرلىشىشنى قارار قىلىدۇ. جۇڭگو سېرىق بېتى 600 مىڭ يۈەن باھا قويۇپ، % 30 پاينى ئىگىلەيدۇ، خاڭجوۋ تېلېگراف شىركىتى 1 مىليون 400 مىڭ يۈەن نەق پۇل مەبلەغ سېلىپ، % 70 پاينى ئىگىلەيدۇ.

   1997-يىلى، تاشقى ئىقتىساد-سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بېيجىڭدا جۇڭگو خەلقئارا ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزى (EDI) قۇرۇش تەكلىپىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ما يۈن ‹‹جۇڭگو سېرىق بېتى››دىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلىدۇ. ئۇ ‹‹جۇڭگو سېرىق بېتى››دىكى ئۆزى ساقلاپ قالغان % 21 لىك پاينىڭ ھەربىرىنى ئىككى، ئۈچ مولۇق باھا بىلەن شىركەتكە سېتىپ، 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ. كېيىن ما يۈن ۋە ئۇنىڭ ئەترىتى بېيجىڭدا ئىقتىساد-سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تورى، جۇڭگو تاۋار سودىسى بازىرى، جۇڭگو تېخنىكا ئىمپورت سودىسى جەمئىيىتى، جۇڭگو سودىگەر چاقىرىش، جۇڭگو تاشقى ئىقتىساد-سودىسى قاتارلىق بىر قاتار تور بەتلەرنى ياساپ چىقىدۇ. 


‹‹ئالى بابا››نى قۇرۇش
   1993-يىلى 3-ئايدا، ما يۈن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن رەسمىي ئىستېپا بېرىپ، 18 كىشىلىك ما يۈن ئەترىتىنى باشلاپ خاڭجوۋغا قايتىپ كېلىپ، 500 مىڭ يۈەن پۇل توپلاپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىگىلىك تىكلەشكە باشلاپ، ‹‹ئالى بابا›› تورىنى قۇرىدۇ.
   1999-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ‹‹ئالى بابا›› تورى رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ، Invest AB نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سەي چوڭشىن ‹‹ئالى بابا››نى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خاڭجوۋغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشنى كېڭىشىدۇ، ئۇ ما يۈن سۆھبەتلىشىپ تۆت كۈندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ‹‹ئالى بابا››غا كىرىشنى قارار قىلىدۇ.
   1999-يىلى 10-ئاي ۋە 2000-يىلى 1-ئايدا، ‹‹ئالى بابا›› ئىككى قېتىم ‹‹رۇەنيىن›› شىركىتى قاتارلىق خەلقئارا مەبلەغ سېلىش ئورگانلىرىدىن جەمئىي 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ يۈرۈشتۈرىدۇ.
   2000-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، ما يۈننىڭ سۈرىتى ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹فوربېس›› ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلىدۇ. 
   2003-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ما يۈن ‹‹تاۋباۋ›› تورىنى قۇرۇپ، eBay››-يىچۈ›› بىلەن C2C بازىرىنى تالىشىدۇ.

   2004-يىلى 12-ئايدا، ما يۈن 3-تەرەپ توردا چىقىم قىلىش سۇپىسى چىقىمدانىنى تەسىس قىلىدۇ.


   2005-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، ‹‹ياخۇ›› شىركىتى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل ۋە ‹‹ياخۇ›› جۇڭگودىكى بارلىق مۈلكىنى بەدەل قىلىش بىلەن بىرگە، بىر مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىپ، ما يۈن قۇرغان ‹‹ئالى بابا››نىڭ % 40 لىك پاي چېكى بىلەن % 35 لىك ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلايدۇ، ما يۈن جۇڭگو ‹‹ياخۇ›› مۇدىرىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 
   2007-يىلى 11-ئايدا، ما يۈن قۇرغان ‹‹ئالى بابا›› تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ شياڭگاڭدىكى بىرلەشمە سودا ئورنى چەكلىك شىركىتى ۋىۋىسكا ئېسىپ بازارغا كىرىدۇ.
   2008-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ‹‹ئالى بابا›› چەكلىك شىركىتى بىلەن خاڭجوۋ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ھامكارلىشىپ خاڭجوۋ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹ئالى بابا›› سودا ئىنىستىتۇتىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىدۇ، ما يۈن باش مۇدىرلىققا تەيىنلىنىدۇ.
   2009-يىلى، ما يۈن خەلقئارا تەبىئەتنى قوغداش جەمئىيىتى (TNC) جۇڭگو كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ كىرىدۇ.
  2009-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) سودا-سانائەت مەسلىھەتچىلىك كومىتېتى (ABAC) ما يۈننى 2010-يىللىق سودا-سانائەت مەسلىھەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ھەرىكەت پىلانى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بايلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەيدۇ.
   2010-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، ما يۈن تەبىئەتنى قوغداش جەمئىيىتى يەرشارى كېڭىشىگە كىرىدۇ.
   2013-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ما يۈن ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇسىنىڭ باش دىرېكتورلۇقىدىن رەسمىي ئىستېپا بېرىدۇ، لۇ جاۋشى ئۇنىڭ چىقىپ، ما يۈننى ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەيدۇ.
   2013-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، ما يۈن خەلقئارا تەبىئەتنى قوغداش جەمئىيىتى (TNC) جۇڭگو كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىدۇ.
   2013-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھى يىنتەي گۇرۇسى، فۇشىڭ گۇرۇھى، فۇچۈن گۇرۇھى، شۈنفېڭ گۇرۇھى، جۇڭتۇڭ گۇرۇھى، يۈەنتۇڭ گۇرۇھى، يۈندا گۇرۇھى قاتارلىق نۇرغۇن خەلق ئىگىلىكىدىكى تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە سەينياۋ تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ ھەمدە جۇڭگو ئاقىللار تايانچ تورى (CSN) تۈر قۇرۇلۇشىنى باشلايدۇ، ما يۈن سەينياۋ تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بولىدۇ.
   2013-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى، UC يوۋشىنىڭ توققۇز يىللىق ھارپىسىدا، UC يوۋشىنىڭ باش دىرېكتورى يۈ يوڭفۇ بىلەن شىركىتىدىكى بارلىق خادىملارغا پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىپ، ما يۈننىڭ UC يوۋشىنىڭ شىركەت مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ.
   2013-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھىنىڭ بەرپاچىسى ما يۈن ۋە ئۇنىڭ خانىم جاڭ يىڭ ياردەم بەرگۈچى سالاھىيىتىدە ھاياتلىق ئىلمى يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى فوندى جەمئىيىتىگە رەسمىي ئەزا بولۇپ كىرىدۇ، ئىككىيلەن ھەر يىلى ھاياتلىق ئىلمىي يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى فوندى جەمئىيىتىگە 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىدۇ، ما يۈن يەرشارى ھاياتلىق ئىلمى يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى فوندى جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولىدۇ.
   2014-يىلى 4-ئايدا، ما يۈن ئۆزىنىڭ ئانا مەكتىپى خاڭجوۋ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا 100 مىليون يۈەن ئىئانە قىلىپ، خاڭجوۋ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ما يۈن مائارىپ فوندى جەمئىيىتى قۇرىدۇ. 
   2014-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھىنىڭ نيويوركتىكى ئاكسىيە سودا ئورنىغا رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلىپ بازارغا كىرگەن. 
   2015-يىلى 1-ئايدا، ما يۈن ئاسىيا ۋە ئوكئانىيە رايونىدىكى بىردىنبىر خۇسۇسىي تىجارەت تارمىقىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە، يەرشارى ئىنتېرنېت تەرتىپكە سېلىش ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.
   2015-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، يەرشارى ئىنتېرنېت تەرتىپكە سېلىش ئىتتىپاقى بىرازىلىيەنىڭ سانپاۋلودا ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى ئېچىپ، بىرلەشمىنىڭ ئۈچ نەپەر رەئىسىنى سايلاپ چىقىدۇ. ‹‹ئالى بابا›› مۇدىرىيەت ئىدارىسىنىڭ رەئىسى ما يۈن كېڭەشنىڭ بىرلەشمە رەئىسلىكىگە سايلىنىدۇ.

   2015-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ‹‹سۇنىڭ›› پاي كونترول گۇرۇھى ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئىنتېرنېت + پارچە سېتىش›› زىجىن ئۇچرىشىشى نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھى ‹‹سۇنىڭ›› گۇرۇھىغا 28 مىليارد 300 مىليون يۈەن خەلق پۇلى ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىپ، ‹‹سۇنىڭ›› گۇرۇھىنىڭ 2-چوڭ پايچېكى بولۇپ قالدى. 


ما يۈننىڭ تۇرمۇشى
   ما يۈننىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى جاڭ يىڭ بولۇپ، ئىككىيلەن ئالىي مەكتەپتە ساۋاقداشلاردىن ئىدى، ئۇلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنلا توي قىلغان. ما يۈن ئىگىلىك تىكلىگەندە جاڭ يىڭ شىركەتتە ياردەملىشىدۇ، 2004-يىلى جاڭ يىڭ ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھى جۇڭگو ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، باشقۇرۇش قاتلىمىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئائىلە ئايالى بولىدۇ. 

   ما يۈننىڭ ما يۈەنكۈن ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، 1992-يىلى تۇغۇلغان. ئۇ ھازىر ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركېلېي تارماق مەكتىپىدا ئوقۇۋاتىدۇ. 


ما يۈننىڭ ئۇتۇقلىرى
   2000-يىلى، ما يۈن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى تەرىپىدىن 2011-يىللىق يەرشارى بويىچە ‹‹كەلگۈسىدىكى 100 نەپەر داھىي››لارنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 
   2004-يىلى، ما يۈن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن ‹‹ئىقتىسادىي ساھەدىكى 10 چوڭ شەخس››نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
   2008-يىلى، ما يۈن ياپونىيە جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ‹‹10-نۆۋەتلىك كارخانىچىلار مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن.
   2008-يىلى، ما يۈن ئامېرىكا ‹‹سودا ھەپتىلىك ژۇرنىلى›› تەرىپىدىن ‹‹ئىنتېرنېت كەسپىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچگە ئىگە 25 نەپەر شەخس››نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 
   2009-يىلى، ما يۈن ئامېرىكا ‹‹سودا ھەپتىلىك ژۇرنىلى›› تەرىپىدىن ‹‹2009-يىللىق ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 40 كىشى››نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
   2009-يىلى، ما يۈن 21-ئەسىر جۇڭگو ئىقتىسادى يىللىق يىغىنىدا، ‹‹2009-يىللىق جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىقتىسادىي داھىيسى›› بولۇپ باھالانغان.
   2009-يىلى، ما يۈن ئامېرىكا ‹‹دەۋر›› ژۇرنىلى تەرىپىدىن ‹‹2009-يىللىق ئەڭ تەسىر كۈچگە ئىگە 100 شەخس››نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
   2009-يىلى، ما يۈن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن ‹‹جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 10 يىللىق سودىسىدىكى 10 چوڭ داھىي››نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 
   2012-يىلى، ما يۈن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن ‹‹جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى يىللىق شەخس›› بولۇپ باھالانغان.
   2012-يىلى، ما يۈن ئامېرىكا ‹‹بايلىق›› ژۇرنىلى تەرىپىدىن ‹‹جۇڭگودىكى ئەڭ تەسىر كۈچگە ئىگە 50 نەپەر سودا داھىيسىنىڭ بىرى›› بولۇپ باھالانغان. 
   2012-يىلى، ما يۈن جۇڭگو كارخانىچىلار گېزىتى باھالاش كومىتېتى تەرىپىدىن ‹‹2012-يىللىق جۇڭگو كارخانىلىرىدىكى 10 چوڭ خەۋەر ـــ خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئاخباراتىدىكى شەخس›› بولۇپ باھالانغان.
   2013-يىلى، ما يۈن ئەنگلىيە ‹‹پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى›› تەرىپىدىن ‹‹2013-يىللىق ئاتاقلىق ئەرباب›› بولۇپ باھالانغان.
   2013-يىلى، ما يۈن جۇڭگو خەير-ساخاۋەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ‹‹2013-يىللىق خەير-ساخاۋەتنى ئىلگىرى سۈرگۈچى›› بولۇپ باھالانغان.
   2013-يىلى، ما يۈن ‹‹جۇڭگو سودا-سانائەت›› ژۇرنىلى تەرىپىدىن ‹‹مىللىي ئىگىلىككە تۆھپە قوشقان تۆھپىكار كارخانىچى›› بولۇپ باھالانغان. 
   2014-يىلى، ما يۈن ‹‹فوربېس›› ژۇرنىلى خەنزۇچە نەشرى تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن ‹‹فوربېس يىللىق سودا ئەربابى›› بولۇپ باھالانغان.
   2014-يىلى، ما يۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئۆزگىرىش ياسىغۇچى›› تىزىملىكىنىڭ بېشىغا تىزىلغان.
   2014-يىلى، ما يۈن ئامېرىكا ‹‹بايلىق›› ژۇرنىلى تەرىپىدىن ‹‹يەرشارىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ 50 نەپەر داھىي››نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
   2015-يىلى، ما يۈن خەلق تورى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە ‹‹2014-يىللىق جۇڭگو ئىنتېرنېتىدىكى يىللىق شەخس›› بولۇپ باھالانغان.

   2015-يىلى، ما يۈن شىنلاڭ شىركىتى تەرىپىدىن ‹‹2014-يىللىق ئاتاقلىق ئەربابلار تىزىملىكى››گە كىرگەن.


باشقىلارنىڭ ما يۈنگە بەرگەن باھاسى
   جۇڭگولۇقلار ما يۈننى بىر رىۋايەتسىمان شەخس، ئۇنى جۇڭگولۇقلارنىڭ پەخرى دەپ قارايدۇ. چەت ئەللىكلەر ما يۈننى ۋاررېن باففىتقا ئوخشاش ئەقىللىق كىشى دېيىشىدۇ.
   گوۋۇيۈەننىڭ سابىق زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ مۇنداق دەيدۇ: ما يۈن بىر غايىلىك كىشى، ئۇنىڭدا ئېگىلمەس-سۇنماس روھ بار.
   داڭلىق كارخانىچى لى جياچېڭ مۇنداق دەيدۇ: جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ما يۈندەك بىر ياشنىڭ چىققانلىقىدىن بەكمۇ خۇش بولدۇم.
   داڭلىق ئىقتىسادشۇناس لاڭ شيەنپىڭ مۇنداق دەيدۇ: ما يۈن ئىنتايىن مۇنەۋۋەر دىرېكتور، ئۇ جۇڭگونىڭ ئىنتېرنېت كەسپىدىكى بىر رىۋايەت. 

   ئامېرىكا ‹‹فوربېس›› ژۇرنىلى مۇنداق باھا بەرگەن: ياڭاق سۆڭىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، چېچىنىڭ تايىنى يوق، كەپسىز بالىلاردەك ھىجىيىپ كۈلىدىغان، ئېگىزلىكى 1.53 مېتىر، ئېغىرلىقى ئاران 45 كىلوگىرام كېلىدىغان، تەقى-تۇرقى غەيرىي كۆرۈنىدىغان بۇ كىشى بەئەينى ناپالېئونغا ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇنىڭدا يەنە ناپالېئون كەبى ئۇلۇغ ئىرادە بار. 


تەرجىماندىن تەسىرات
   ما يۈننىڭ ھاياتى پائالىيىتى، سەرگۈزەشتىلىرى، قازانغان ئۇتۇقلىرى، ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى ئىنتايىن كۆپ، يۇقىرىدىكى تەرجىمىھالدا ھەممىنى تىلغا ئالمىساقمۇ، بۇ نۇقتىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس. ما يۈن يەنە بىر قالتىس ناتىق، ئۇ مېنىڭ بىلىشىمچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە بىمالال نۇتۇق سۆزلىيەلەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ما يۈن مېنىڭ نەزىرىمدە دېگىنىنى قىلالايدىغان، قىلغىنىنى سۆزلىيەلەيدىغان كىشى. ئۇ ھازىرغىچە دۇنيادىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئىقتىساد كۇلۇبلىرىدا تالاي قېتىملاپ نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ئىنتېرنېت كەسپىگە قەدەم بېسىش جەريانى، جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ ئىنتېرنېت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان كۆزقاراشلىرىنى شەرھىيەلەپ كەلدى، ئۆز ئەمەلىيىتى، تىرىشچانلىقى ئارقىلىق دۇنيادىكى سانسىزلىغان كىشىلەرگە مىسىلسىز تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. ئۇ ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت بۇ ۋاسىتىنى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا شۇنچىلىك دەرىجىدە سىڭدۈرۈۋەتتىكى، ئىنتېرنېتسىز دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. 
   ماڭا ھازىر ئاتا-ئانامدىن باشقا، ھىندىستاننىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى شاھرۇھخان، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ بەرپاچىسى بىل گايتىس، ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھى مۇدىرىيەت ئىدارىسىنىڭ رەئىسى ما يۈن قاتارلىق تۆت كىشى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇلار ھەققىدە يېزىلغان نۇرغۇن خەنزۇچە كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ئوقۇۋاتىمەن. بۇ مېنىڭ چىن سۆزۈم. بىز ئۈلگە ئالىدىغان كىشىلەرگە بولغان تونۇشىمىز مىللەت، دۆلەت چېگرىسىدىن ھالقىشى كېرەك، بۇ كىشىلەر بىر مىللەتنىڭ، بىر دۆلەتنىڭ تىرىك بايلىقلىرى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەربىر تىنىقىدا، ھەربىر ھەرىكىتىدە دۇنيادىكى تالايلىغان كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. مەن تەرجىمىگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياق، ما يۈنگە بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۇنىڭ 10 نەچچە پارچە نۇتۇقىنى تەرجىمە قىلدىم، بىر قىسىم نۇتۇقلىرىنى ھەرقايسى تور بېكەتلەردە ئېلان قىلدىم. قالغانلىرىمۇ پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ. 
   ھازىرغىچە ما يۈننىڭ ھاياتىي پائالىيىتى، ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھىنىڭ تەرەققىياتى، ما يۈننىڭ ئۇتۇقلىرى ۋە تەجرىبىلىرى، ما يۈننىڭ ئىقتىساد ۋە سودا ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرى ھەققىدە 100 پارچىدە كىتاب نەشر قىلىنغان. بىر ماتېرىيالدىن كۆرۈشۈمچە، ما يۈن ئۆزى توغرىلىق ئاشۇنداق كۆپ كىتابلارنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكىنمۇ بىلمەيدىكەن. ما يۈن مۇنداق دېگەن: ‹‹مەن ۋە ‹ئالى بابا›نىڭ ئۇتۇقلىرى ھەققىدە نۇرغۇن كىتابلار نەشر قىلىنىپتۇ، ئەمەلىيەتتە مەن ئۇلاردىن خەۋەرسىزكەنمەن، بىر كۈنلەردە مەن قولۇمغا قەلەم ئالسام، ‹ئالى بابانىڭ مىڭبىر سەۋەنلىكى› ناملىق ئەسەر يېزىشىم مۇمكىن.››

   مۇنداقچە ئېيتقاندا، ما يۈن يېڭى بىر دەۋر ياراتقان شەخس، دەۋر قەھرىمانى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇر دەۋرىدىكى قابىل ئاتامان. 

ما يۈننىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرى


ما يۈن ئوغلى ما يۈەنكۈن بىلەن بىللە


بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى