نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

قەبرىستانلىق ـــ گېرمانىيەلىكلەرنىڭ قەلب ئۆتىڭى

قەبرىستانلىق ـــ گېرمانىيەلىكلەرنىڭ قەلب ئۆتىڭى

ۋاقتى: 2015-02-09 ئاۋاتلىقى: 3829 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قەبرىستانلىق ـــ گېرمانىيەلىكلەرنىڭ قەلب ئۆتىڭى

بىبىنۇر ئوسمان تەرجىمىسى

    قەبرىستانلىق دېسە ، دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە قاراڭغۇلۇق ، قورقۇنۇچلۇق ، خەيرسىز ياكى چۆلدەرەپ قالغان جايلارغا باغلىۋالىدۇ ، شۇڭىمۇ زاراتگاھلىققا قارىغۇچىدىن باشقىلار قەبرىستانلىققا قوشنا بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ. ئەمما گېرمانىيە بۇنىڭ سىرتىدا .
    گېرمانىيەلىكلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدەك قەبرىستانلىقنى چەت، گۈل-گىياھسىز يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرماستىن ، شەھەر ياكى كىچىك يېزا-كەنتلەر بولسۇن، قايناق مەركىزىي رايونلارغا قۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ . گېرمانىيەدە 30 مىڭدىن ئارتۇق قەبرىستانلىق بار، بۇنىڭ كۆپرەكى «پانىي شەھەر»دىن يىراق بولمىغان، ئادەملەرنىڭ ئاۋازلىرى ، ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى ، ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان يەرلەرگە جايلاشقان ، بەزى جايلىرىغا ھەتتا ئاپتوموبىل بىلەن 10 مىنوتتا بارغىلى بولىدۇ . ئەتراپىغا ئائىلىلىكلەر، ئېگىز ئىمارەتلەر ، سودا-سارايلار زىچ جايلاشقان . گېرمانىيەلىكلەر ۋاپات بولغانلارنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن ، ئۆزلىرىدىن يىراق، چەت جايلارغا تاشلىۋېتىپ كارىمىز بولمىسا بولمايدۇ ، دەپ قارايدۇ .
    گېرمانىيەدە ھەر بىر قەبرىستانلىقنى كەسپىي خادىملار كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەيدۇ ، قانداق رەڭدىكى گۈل-گىياھلارنى تىكىشتىن تارتىپ ، قايسى خىلدىكى چۆپلۈكنى ئۆستۈرۈش ، قايسى پاسوندىكى ئابىدە تېشىنى ئورنىتىشقىچە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ . كۆپلىگەن شەھەر مەركىزىدىكى قەبرىستانلىقلارنىڭ ئىچىلىرى بۈك-باراقسان دەرەخ سايىلىرى چۈشۈپ تۇرغان، گۈل-گىياھلار ئېچىلىپ كەتكەن ، قۇشلار ئابىدە تاشلىرى ئۈستىدە سايرىشۋاتقان، ھەسەل ھەرىسى گۈللەر ئارىسىدا بوزچىنىڭ موكىسىدەك ئۇياقتىن-بۇياققا ئۇچۇپ يۈرگەن ، مۇنداقلا قاراشقا كوچا گۈللۈكى ياكى باغچىغا بەكرەك ئوخشايدۇ. ھەتتا پىيادە ياكى ۋېلسىپىتلىك مېڭىشقا بولىدىغان قىسقىغىنە يول بۆلەكلىرى بۈك-باراقسان دەرەخلىق ئارىسىدا تۇرۇپ كۆرۈنۈپ تۇرۇپ كۆرۈنمەي قالىدۇ .
   قەبرىستانلىققا كىرگەندە كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى يەنىلا ھەر خىل-ھەر ياڭزا تاش ئابىدىلەر بولۇپ ، شەكلى ئوخشاش چىقىپ قالىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز. بۇ قەبرە تاشلار ھۈنەرۋەن ئۇستىلارنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن يۇنۇپ-تاراشلىشى ئاستىدا ئېسىل سەنئەت بۇيۇملىرىغا بەكرەك ئوخشايدۇ. بەزىلىرى يېرىم ياي شەكلىدە، بەزىلىرى رەسىم-قائىدە بويىچە تۆت چاسا، يەنە بەزىلىرى دەرەخسىمان، گۈلسىمان ياكى ئۆيسىمان لايىھەلەنگەن بولۇپ ، يەنە بەزىلىرى ئاددىي كىرست بەلگىسىنىلا قويۇپ قويغان. 
    تاش ئابىدە ئويمىچىلىقى قەبرىستانلىقنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ تۇرىدىغان سەنئەت بۇيۇمىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ماتېرىيالى مەرمەر تاشمۇ، گرانت تاشمۇ بار. سەنئەت ماھارىتى ئادەم، ھايۋان، گۈل-گىياھ، كىتاب، مۇزىكا ئەسۋابلىرى قاتارلىق رېئال ۋە ھازىرقى زامان ئابىستراكت تەسۋىرلەرنىمۇ ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بويان مۇھىت ئاسراش ئېڭى قوزغىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر يىللىق ھالقا، دولقۇن، دېڭىز يۇسۇنى، قۇياش نۇرى قاتارلىق تەبىئەتنىڭ تەبىئىي كۆرۈنۈشلىرىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولدى.

    16-ئەسىردە، گېرمانىيە قەبرىستانلىقى ئەمەلىيەتتە پەقەت جەسەت ساندۇقىنى كۆمىدىغان چوڭ زاراتگاھلىق ئىدى، ھازىرقىدەك باغۋەنچىلىك، داۋالاش تېخنىكىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ كىشىلەر قەبرىستانلىققا گۈل-گىياھلارنى تىكىشكە ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئاندىن قەبرىستانلىق مەدەنىيىتى تېخىمۇ راۋاجلىنىپ، قەبرىستانلىق، قەبرە، ئابىدە لايىھەلەش ئۇستىلىرى، گۈل-گىياھلارنى ماسلاشتۇرغۇچى كەسپىي ئۇستىلار ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى. ئادەتتە، مىيىتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى قەبرە لايىھەلىگۈچى، گۈل-گىياھ ئۇستىسى بىلەن ئالدىن كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ بولىدۇ. يەنى ئۇلارغا ۋاپات بولغۇچىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئالاھىدە قىزىقىشىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدىغانلارغا تولىمۇ نەپىس مۇزىكا ئەسۋابىنىڭ مودېلىنى، پۇتبول مەستانىسى بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن يېشىل زەمبۇرۇغ مەيدان ياساپ قويىدۇ.
   گېرمانىيەلىكلەر قەبرىستانلىقنى شەھەردىكى ئەڭ يېشىل، ئەڭ جىمجىت جاي دەپ قارىغاچقا، ئەتراپتا خىزمەت قىلىدىغانلار دائىم چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا بۇ يەرگە سەيلە قىلغىلى، چېنىققىلى ، خىيال سۈرگىلى، ئاپتاپسىنغىلى، ھەتتا ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغىلى كېلىدۇ. بەزى يېڭى قۇرۇلغان قەبرىستانلىقلاردا ۋېلسىپىت يولى ياسىلىپ، ۋېلسىپىتلىك چېنىقىشقىمۇ قولايلىق. ھەپتە ئاخىرىسى ياكى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، نۇرغۇن قەبرىستانلىقتا شوخ، ئوماق بالىلار كېلىپ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ، شېئىر-قوشاق ئېيتىشىپ بۇ يەرنىڭ ئەسلى جىمجىتلىقىنى پۈتۈنلەي بۇزۇۋېتىدۇ.
   گېرمانىيەلىكلەرنىڭ قەبرە ئابىدىسىگە ئادەتتە ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى يېزىپ قويۇلىدۇ، ھەرگىزمۇ جۇڭگودىكى بەزى قەبرە تېشىغا ئوخشاش رەسىمى، جۆرىسى ۋە تاش تىكلىگۈچىنىڭ ئىسمى، ئۆلگۈچىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش-ئىزلىرى، ۋەزىپىسى، شانلىق نەتىجىلىرىمۇ يېزىلمايدۇ. بۇ بەلكىم گېرمانىيەلىكلەرنىڭ ياشىغاندىمۇ باراۋەر، ئۆلگەندىمۇ باراۋەر بولۇشتەك باراۋەرلىك ئېڭىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى بولسا كېرەك. ئۇلار نام-ئاتاق، ھوقوق-مەنسەپكە ھايات ۋاقتىدا ئېرىشكەن، ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنى داۋراڭ سېلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ. بەزى قەبرىستانلىقلارنىڭ تارىخى تېخىمۇ ئۇزۇن، ھەتتا 19-ئەسىردىكى قەبرە ئابىدىلىرىمۇ ساقلانغان. ئۇزۇن يىللار مابەينىدىكى بوران چاپقۇنلاردىن كېيىن، قەبرە تېشىغا يېزىلغان خەتلەرنى ئېنىق كۆرگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بۇ قەبرە تاشلىرىنى قايتا رېمونت قىلمايدۇ. قەبرە ئىنسان ھاياتىغا ئوخشايدۇ، ئوخشاشلا بوران-چاپقۇن، ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرايدۇ. ھەممە زامانغا بېقىپ بولغىنى ياخشى، مانا بۇ ئەڭ ياخشى تاللاش.
     قەبرە تېشىغا يېزىلغان خەتلەرمۇ قىزىقارلىق، نەپىس ۋە پەلسەپىلىككە ئىگە بولۇپ، كۆرگۈچىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. بەزىلەر ياش تۆكىدۇ ۋە ياكى ئۇھسىنىپ، ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. بۇ گېرمانىيەلىكلەرنىڭ «ھايات ۋە ئۆلۈم ئوخشاشلا مۇقەددەس» دەپ قارايدىغان ھايات ماماتقا نىسبەتەن ئوچۇق-يورۇق مەرد مىجەزىنى ئەكس ئەتتۈرسە كېرەك. قەبرە تېشىغا يېزىلغان سۆزلەرنى ئاساسەن ۋاپات بولغۇچى ياكى تونۇش-بىلىش، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە ياكى ئالاھىدە تەكلىپلىك داڭلىق شەخسلەر يېزىپ بېرىدۇ. مەسىلەن، «بۇ يەردە سائەت رېمونت ئۇستىسى تام ھىدنىڭ تېنى ياتىدۇ. ئۇنىڭ سائىتى مېڭىشتىن توختىدى. ئۇ ياراتقۇچىسىنىڭ دەرگاھىغا كەتتى، ئەمدى ئۇ يەردە پاك-پاكىز تازىلىنىپ، پۇرژىنىلار قايتا سېلىنغاندىن كېيىن، باقىي ئالەمدە ئالدىرماي مېڭىشقا باشلايدۇ». « موزدوز يان توم، پۈتكۈل ھاياتىدا چوڭ ئىشلارنى قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما نەچچە ئون مىڭلىغان ھەر خىل پاسوندىكى ئاياغلارنى تىكىپ چىققان، ئۇنىڭ قوللىرى جەننەتلەردىمۇ بىكار تۇرمايدۇ، ئۇ يەردە بارلىق مەۋجۇداتلار ئۈچۈن ھەقسىز ئاياغ تىكىپ، رېمونت قىلىپ بېرىدۇ». «ھايات ۋاقتىدا ئۇلار باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغان ئاددىي ئادەملەر ئىدى، دۇنيادىن ئايرىلغاندىمۇ يەنىلا ئاۋام ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى تاللىدى». بۇ ئابىدىلەرگە پۈتۈلگىنى گېرمانىيە خەلقىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى دىلكەش، كەڭ قورساقلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
    «بۇ يەردە ئارام تاپقۇچى تام مومان پويىز شوپۇرى بولۇپ، تېخنىكىسى يامان ئەمەس ئىدى. ئەمما بىر قېتىم سەيلە قىلىۋاتقىنىدا غالجىرلاشقان كالا ئۈسۈۋېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. ئەگەر ئەينى چېغىدا ئۇ پويىز ھەيدەۋاتقان بولسا ئىدى، غالجىر كالا ئۇنى ئۈسۈشكە پېتىنالارمىدى». بۇ بىر نەچچە ئېغىز سۆز ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبىنى ئېنىق ئىپادىلەپلا قالماي، ھەممە نەرسىگە بىپەرۋا قارايدىغانلىقىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
   «ئۇنىڭ يۇرتى چېخ، بۇ يەردە تۇرغىنىغا 10 يىلدىن ئاشتى، ئۇ ھاراق ئىچىۋالسا چېخ تىلىدىلا سۆزلەيدۇ، ئەمما باشقىلارنى تىللىسا راۋان نېمىس تىلىدا تىللايدۇ. بىراق ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن كىشىلىرى تىللىغان كىشىلىرىدىن 10 ھەسسە كۆپ. بىز ئۇنى ياخشى كۆرىمىز، ئۇ بىزنى ياخشى كۆرەمدۇ-يوق بىلمەيمىز». بۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭ تۇغقانلىرى قەبرە تېشىغا يازدۇرغان، بىراق ھەر بىر قۇر خەتتە ئۇنىڭغا بولغان رازىمەنلىك تۇيغۇسى چىقىپ تۇرىدۇ.

    ئاز بىر قىسىم قەبرە تېشىغا ۋاپات بولغۇچى ئۆزى قالدۇرغان سۆزلەر يېزىلغان. «مەن جەننەتكە كىرەلمەيمەن، چۈنكى ئۇ يەردە ماڭا غەمخورلۇق قىلىدىغانلار يوق». «مەن كالىدەك جىق تاماق يەيمەن، جەننەتتە مەن يېگۈدەك كۆپ بۇغداي تەردىمۇ-يوق بىلمەيمەن». «مەن ماڭدىم، مېنى سېغىنىدىغان ئادەمنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلمەيمەن». 
    قىزىقارلىق، شۇنداقمۇ؟ بۇ سۆزلەرگە ئامالسىزلىق ۋە مىسكىنلىك يوشۇرۇنغان بولغاچقا ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىدۇ، ۋاپات بولغۇچىنىڭ پانى ئالەمدە تازا ياخشى ئۆتەلمىگەنلىكىنى بىر ئوقۇپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. 
     كىشى كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغىنى ئاتا-ئانىنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتكەن پەرزەنتى ئۈچۈن يازغان « قەبرە ئىچىدە بىزنىڭ كىچىك پەرىشتىمىز ياتىدۇ. ئۇ يا يىغلىمايدۇ، يا غەلۋە قىلمايدۇ. ئۇ پانىي دۇنيادا ئارانلا 21 كۈن ياشىدى، ئارانلا 40 دوللار پۇلىمىزنى خەجلىيەلىدى. بىز ئۇنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز».
    « ئۇ بۇ دۇنياغا كېلىپ تۆت ئەتراپقا قارىۋەتكەندىن كېيىن، تازا رازى بولمىدى ۋە ئالدىراپ قايتىپ كەتتى. ئۇ ئاران ئۈچ ياش ياشىيالىدى».
    كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغىنى يەنىلا ئەر خوتۇنلارنى بىر يەرگە قويغان قەبرە ئابىدىلىرىدۇر.
    «بىز بىر ئۆمۈر بىر بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ خۇددى مىھمانلاردەك ئۆتكەن ئىدۇق. باقىي ئالەمدىمۇ بىر بىرىمىزنى سۆيۈپ ئۆتىمىز، بىزگە ھەۋەس قىلىۋاتقانسىلەر»
     « مانا بۇ ئەڭ چوڭ بەخت: كۈمۈشتەك ئاقارغان چاچ، قورۇق باسقان يۈز، ئەمما مۇھەببىتىمىز خۇددى قۇياشتەك ئوتلۇق».
    گېرمانىيەدىمۇ قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى بولۇپ، ئۇنى «خاتىرجەملىك كۈنى» دېيىشىدۇ. ھەر يىلى 11-ئاينىڭ ئۈچىنچى يەكشەنبە كۈنى خاتىرىلىنىدۇ. بۇ كۈنى كىشىلەر ئورۇنلىرىدىن سەھەر تۇرۇپ، ماتەم كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ئالدى بىلەن چېركاۋغا بېرىپ ئىبادەت قىلغاندىن كېيىن، قارىغاي شېخى، شام ۋە گۈللەرنى كۆتۈرۈپ ئۇرۇق–تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ قەبرىسىنى يوقلايدۇ.

    «خاتىرجەملىك كۈنى» دەل گېرمانىيەنىڭ كۈز پەسلى ئاخىرلىشىپ قىش پەسلى باشلانغان پەيتىگە ئۇدۇل كەلگەچكە، يىراقتىن قارىسا ھەممە يەرنى خازان قاپلىغان بولۇپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق قەبرە سۈپۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. قەبرە يوقلىغۇچىلار ئالدى بىلەن قەبرىنى پاك-پاكىزە سۈپۈرگەندىن كېيىن، قەبرە ئۈستىگە گۈللەرنى تىزىپ، شام يېقىپ، جىمجىت تۇرۇپ دۇئا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قەبرە ئۈستىگە قارىغاي شېخىنى قويۇپ قويغىنى ئۆلۈپ كەتكۈچىنى سوقتانمىسۇن دەپ يوتقان يېپىپ قويغىنى بولۇپ، ئۇزۇن قىش پەسلىدە قاراڭغۇلۇقتا قالمىسۇن دەپ شام ياقىدۇ. دىنىي تەسىر تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك، گېرمانىيەلىكلەر ئۆلگۈچى روھىنىڭ خاتىرجەم ۋە روھنىڭ جەننەتكە كىرىشىنى بەك مۇھىم دەپ بىلىدۇ. شۇڭا قەبرە يوقلىغاندا بەكرەك جىمجىت تۇرۇپ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىدۇ، يىغا-زارە قىلىدىغانلار بەكمۇ ئاز. گېرمانىيە قانۇنىدا ئېنىق قىلىپ بۇ كۈنى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى پىروگراممىلارنى توختىتىش ياكى ئازايتىش، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا رېتىمى تېز مۇزىكىلارنى چالماسلىق، ھەتتە ھەپتە ئاخىرىدىكى قايناق بازارنىمۇ ۋاقىتلىق تاقاش دېگەن بەلگىلىمىنى چىقارغان.
   گېرمانىيە قەبرىستانلىقىدا يەنە تاماقخانا، ساتىراچخانا، قەھۋەخانا ئېچىلغان بولۇپ، ئۇلار ھەتتا شۇ قەبرىستانلىقنىڭ نامىنى قويۇۋالىدۇ. گېرمانىيەلىكلەر ساتىراچخانىدا چاچ، ساقاللىرىنى پاكىز ياسىتىپ يېڭى قىياپەت بىلەن روھلارنى يوقلاشمۇ ئۇلارغا بىلدۈرگەن چوڭقۇر ھۆرمەت دەپ قارايدۇ. قەلبىدە ئۆلۈپ كەتكۈچىنى چوڭقۇر ئەسلىگەن ھالدا مەززىلىك تاماقنى ھۇزۇرلىنىپ يېگەچ، خۇشپۇراق چىقىرىپ تۇرغان قەھۋەنى ھۇزۇرلىنىپ ئىچىشنى ناھايىتى گۈزەل ئىش دەپ بىلىدۇ.
   كەسپىي خادىملارنى ياللاپ ئىشلىتىشكە بولسىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن كىشىلەر يەنىلا ئۆزلىرى قەبرە بېشىغا چىقىپ گۈللەرنى سۇغىرىش، ھاشارەتلەرنى يوقىتىش، ئوغۇت بېرىش، شاخلارنى پۇتاش ۋە سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ھەمدە غازاڭلارنى تازىلاش ياكى ھېيت-بايراملاردا قىزىل شام يېقىش ئىشلىرىنى قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ چىقىمدىن قېچىپ ئەمەس بەلكى قەبرىستانلىقنى چېركاۋغا ئوخشاش « مەنىۋى باغچا» دەپ قارايدۇ. 66 ياشلىق پېنسىيەگە چىققان ئىنژېنېر ئوس ھەر ھەپتىسى ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئايالىنىڭ قەبرىسىنى يوقلايدۇ. ھەر قېتىمدا رەپىقىسىنى چوڭقۇر سېغىنىش ھېسسىياتى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ مەنىۋى كۈچكە ئېرىشكەندەك بولۇپ قالىدۇ. يەنە بەزىلەر يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كېلىپ دەردىنى تۆكىدۇ، تۆۋبە قىلىدۇ ۋە ياكى خۇشخەۋەر يەتكۈزىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۆلگۈچىنىڭ روھى بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىشىدۇ .
   قويۇق مەدەنىيەت پۇرىقى، ياپيېشىل، تىنچ، ئازادە مۇھىتقا ئىگە قەبرىستانلىق گىرمانىيەلىكلەرنىڭ «قەلب باغچىسى». بۇ يەردە پانىي ئالەم بىلەن باقىي ئالەمنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان پەرقى يوق، ھايات بىلەن ئۆلۈم ناھايىتى گۈزەل بىر تۈستە بىرلىشىپ كەتكەن. يەر ئاستىدا خاتىرجەملىكتە يېتىۋاتقانلار بىلەن ئۈنسىز دۇئا قىلغۇچى، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئابىدە سۆزىنى ئوقۇغۇچى، قەبرىستانلىق سەنئىتىدىن ھۇزۇر ئالغۇچى، چېنىققۇچى، قىزغىن مۇھەببەتلەشكۈچىلەرگە قوشۇلۇپ ئىللىق نۇرىنى چېچىۋاتقان قۇياش، كۆپكۆك ئاسمان، ساپ ھاۋا، گۈل-گىياھلارنىڭ خۇشپۇرىقى، ياۋا كەپتەرنىڭ ئۈنلەشلىرى بىرلىشىپ گېرمانىيە قەبرىستانلىقىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ.
مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى


Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى