نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ما يۈننىڭ CEO لۇقتىن ئىستېپا بېرىش نۇتۇقى

ما يۈننىڭ CEO لۇقتىن ئىستېپا بېرىش نۇتۇقى

ۋاقتى: 2015-11-03 ئاۋاتلىقى: 9523 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ما يۈننىڭ CEO لۇقتىن ئىستېپا بېرىش نۇتۇقى


ما يۈننىڭ <<ئەلى بابا>> گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO)لىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش نۇتۇقى


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
(شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ تەرجىمانى، مۇخبىرى)

   ما يۈن 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، تاۋباۋ تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە 14 يىلدىن بۇيان زىممىسىگە ئېلىپ كەلگەن <<ئەلى بابا>> گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO)لىق ۋەزىپىسىدىن رەسمىي ئىستېپا بەرگەن ھەمدە بۇ ھەقتە مەخسۇس نۇتۇق سۆزلىگەن.




نۇتۇق تولۇق تېكىستى:
  كۆپچىلىك كەچلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن! ھەممىڭلارغا رەھمەت، كۆپچىلىكنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەنلىكىگە رەھمەت، مەن ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ھىندىستاندىن كەلگەن خىزمەتداشلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىمەن، كۆپچىلىكىنىڭ خاڭجوۋغا كەلگەنلىكىڭلارغا تەشەككۈر! كۆپچىلىكنىڭ <<تاۋباۋ>> تورىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقىلى كەلگەنلىكىڭلارغا تەشەككۈر!
  بۈگۈن بىر تولىمۇ ئالاھىدە كۈن، ئەلۋەتتە ماڭا نىسبەتەن بۇ مەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۈتكەن كۈن. مەن بۇ يىغىندا بارلىق خىزمەتداشلار، دوست-بۇرادەرلەر، تور سودىگەرلىرى، بارلىق ھەمكارلاشقۇچى شېرىكلەرگە نېمىلەرنى دېيىشىم كېرەكلىكىنى يېقىندىن بۇيان ئىزچىل ئويلاپ كېلىۋاتاتتىم. كۆپچىلىك ئەجەپلىنىۋاتقانسىلەر! بۇ بەئەينى قىزچاق توي كۈنىگە ئىنتىزار بولغاندەك، كېلىنچەك توي كۈنى كەلگەندە مۇغەمبەرلەرچە كۈلۈشتىن باشقا، نېمە قىلارىنى بىلمەيلا قالغاندەكلا بىر ئىش. 
  بىز ئىنتايىن تەلەيلىك كىشىلەرمىز، مەن ئەمەلىيەتتە 10 يىللار ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، يەنى <<سارس كېسىلى>> جۇڭگونى خەتەردە قويغاندا پەيتلەردە، ھەممەيلەننىڭ ئىشەنچى قالمىغانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ كەلگۈسىگە نائۈمىدتە بولۇۋاتقانلىقىنى ئويلاۋاتاتتىم. <<ئەلى بابا>> 10 نەچچە ياش بىلەن بىرلىكتە ئىش باشلىغاندا 10 يىلدىن كېيىنكى جۇڭگونىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا، 10 يىلدىن كېيىن ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ جۇڭگودا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە ئېلىنىدىغانلىقىغا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشلىتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتۇق.
  ئەمما مەن 10 يىلدىن كېيىن بىزنىڭ مۇشۇنداق ھالەتكە يېتىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. بۇ 10 يىلدا سانسىزلىغان كىشىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن غايەت زور بەدەللەرنى تۆلىدۇق، بۇ غايە ئۈچۈن، بۇ ئىرادە ئۈچۈن بىز 10 يىللىق مۇساپىنى تاماملىدۇق. مەن ئىزچىل ھالدا بۇ يىل <<ئەلى بابا>> گۇرۇھىنىڭ % 99 نەرسىسىدىن قۇرۇق قالساقمۇ بىزنىڭ يەنىلا قىممىتىمىزنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئۆكۈنمەيدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ كەلدىم، تېخىمۇ مۇھىمى بىزنىڭ بۈگۈن شۇنچىۋالا كۆپ دوستلىرىمىز، شۇنچىۋالا كۆپ ئىشەنچلىك كىشىلىرىمىز، شۇنچىۋالا كۆپ ئىرادىلىك كىشىلىرىمىز بار. 
  ئەمەلىيەتتە ئۆزۈم نېمىلەرنىڭ بىزنى بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى، نېمىلەرنىڭ ما يۈننى بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى ئويلاپ كەلدىم، مېنىڭ ئۇتۇق قازىنىشقا سەۋەبىم يوق، <<ئەلى بابا>>نىڭمۇ ئۇتۇق قازىنىشقا سەۋەبى يوق، <<تاۋباۋ>>نىڭ ئۇتۇق قازىنىشقا تېخىمۇ سەۋەبى يوق، ئەمما بىز بۈگۈن دەرۋەقە شۇنچە كۆپ يىللىق مۇساپىنى تاماملاپ، كەلگۈسىگە تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئولتۇرۇپتىمىز. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئويلىغىنىم بىر خىل ئىشەنچتىن ئىبارەت، ھەممەيلەن بۇ دۇنياغا ئىشەنمىگەندە، ھەممەيلەن كەلگۈسىگە ئىشەنمىگەندە، بارلىق كىشىلەر ئۆزئارا بىر-بىرىگە ئىشەنمىگەندە، بىز ئىشەنچنى تاللىدۇق، بىز ئىشىنىشنى تاللىدۇق، بىز 10 يىلدىن كېيىنكى جۇڭگونىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى تاللىدۇق، بىز خىزمەتداشلارنىڭ مەندىن ياخشى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشنى تاللىدۇق، مەن جۇڭگودىكى ياشلارنىڭ بىزدىنمۇ ياخشى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەندىم. 
  20 يىل ئىلگىرى ياكى 10 يىل ئىلگىرى بولسۇن، مەن ھەتتا ئۆزۈمنىڭمۇ ئۆزۈمگە ئىشىنەلمەيدىغانلىقىنىمۇ ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، مەن خىزمەتداشلىرىمنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن، باش ئىجرائىيە ئەمەلدار (CEO) بولۇش تولىمۇ تەس، ئەمما باش ئىجرائىيە ئەمەلدار (CEO)نىڭ خادىمى بولۇش تېخىمۇ تەس. مەن جۇڭگودا، كۆپچىلىك ئىشەنچ تۇيغۇسى قالمىغان دەۋاتقان دەۋردە، سىزمۇ ئۆمرىڭىزدە ئاڭلاپ باقمىغان ئىسىملار، تۈرلۈك-تۈمەن ئادەملەردىن ئۇنىڭغا پۇل تۆلەپ، سىز ئېھتىمال كۆرۈپمۇ باقمىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدىغانلىقىڭىزنى، ئۇ نەرسىنىڭ نەچچە مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ، سىز تونۇمايدىغان ئادەملەر ئارقىلىق قولىڭىزغا تېگىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. بۈگۈنكى جۇڭگودا  ئىشەنچمۇ، ئىشىنىشمۇ بار بولدى، ھەر كۈنى <<تاۋباۋ>> تورىدا 24 مىليون يۈەنلىك سودىنىڭ بولۇشى جۇڭگودا 24 مىليون ئىشەنچلىك يۈرەكنىڭ سوقۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
  بۇ يەردە ئولتۇرغان بارلىق <<ئەلى بابا>>لىقلار، تاۋباۋلىقلار، تۆۋەن كىرىملىكلەر، مەن سىلەردىن ئىپتىخارلىنىمەن، بۇ ئۆمرۈمدە كۆپچىلىك بىلەن خىزمەتداش بولدۇم، كېيىنكى ئۆمرىمىزدىمۇ بىز يەنىلا خىزمەتداش. چۈنكى سىلەر بۇ دەۋرگە ئۈمىد ئاتا قىلدىڭلار، بۇ يەردە ئولتۇرغانلىرىڭلار بەئەينى جۇڭگونىڭ بارلىق 80-، 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلىرىغا ئوخشاش بىر خىل يېڭى ئىشەنچ ئېلىپ كەلدىڭلار، بۇ خىل ئىشەنچ سەۋەبىدىن دۇنيا تېخىمۇ ئېچىۋېتىلدى، تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا بولدى، تېخىمۇ تەڭ ھۇزۇرلىنىدىغان بولدى، مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان بولدى، مەن سىلەردىن ئىپتىخارلىنىمەن.
  بۈگۈنكى دۇنيا __ بىر خىل ئۆزگىرىشچان دۇنيا، 30 يىللار ئىلگىرى، ھېچكىممۇ بۇنچىلىك بولۇپ كېتىشىنى ئويلاپ يەتمىگەنىدى، ھېچكىممۇ جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنىشنى ئويلاپ يەتمىگەنىدى، ھېچكىممۇ كومپيۇتېرنىڭ بۇنچىۋالا ئومۇملىشىپ كېتىشىنى ئويلاپ يەتمىگەنىدى، ھېچكىممۇ ئىنتېرنېتنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنىڭ بۇنچىۋالا ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتمىگەنىدى. ھېچكىممۇ <<تاۋباۋ>>نىڭ قۇرۇلۇشىنى، <<ياخۇ>>نىڭ بۈگۈنىنى ئويلاپ يەتمىگەنىدى. بۇ بىر ئۆزگىرىشچان دۇنيا، ھېچكىممۇ بىزنىڭ بۈگۈن بۇ يەرگە جەم بولۇپ كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىزنى ئويلاپ يەتمىگەنىدى.
  بىز كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى تېز بولسا، ئىنتېرنېتمۇ تېز بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايمىز، نۇرغۇنلىرىمىز تېخى نېمىنىڭ PC ئىنتېرنېت، كۆچمە ئىنتېرنېت ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالمىدۇق؛ بىز كۆچمە ئىنتېرنېتنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالمايۋاتقان چاغدا، چوڭ رەقەملەشكەن دەۋر يېتىپ كەلدى. ئۆزگىرىشچان دەۋر __ ياشلارنىڭ دەۋرى، بۈگۈن يەنە نۇرغۇن ياشلار گۇگېل، بەيدۇ، تېڭشۈن، ئەلى باباغا ئوخشاش شىركەتلەرنىڭ بارلىق پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەتكەندەك ھېس قىلىشىدۇ. 
  10 يىل ئىلگىرى بىز سانسىزلىغان شىركەتلەرنى چوڭ شىركەتلەرنى كۆرگەندە، بىزگە يەنە پۇرسەت قالغانمىدۇ دەپ، بىزمۇ گاڭگىراپ قالغان. ئەمما 10 يىل قەتئىي چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق بىز بۈگۈنگە ئۇلاشتۇق، ناۋادا بۇ ئۆزگىرىشچان دەۋر بولمىغان بولسا، نۆۋەت بۇ يەردە ئولتۇرغان ياشلارغا كەلمىگەن بولاتتى، سانائەت دەۋرىدە بايلىقىغا قاراپ رەتكە تۇرغۇزىدىغان بولۇپ، مەڭگۈ بىر <<باي دادا>>غا مۇھتاج بولىدۇ. ئەمما بىزدە يوق، بىز بارى قەتئىي ئىرادە بىلەن غايىدىن ئىبارەت. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزگىرىشتىن بىزار، ئەمما بىز بارلىق ئۆزگىرىشلەرنى چىڭ تۇتالىغانلىقىمىزدىن كەلگۈسىنى كۆرەلىدۇق، كەلگۈسى 30 يىلدا بۇ دۇنيا، بۇ جۇڭگودا تېخىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر ھەممەيلەنگە پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ پۇرسەتنى تۇتۇش كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن، 30 يىل ئىلگىرىكى مەسىلىلەردىن زارلايدۇ، جۇڭگونىڭ بۈگۈنگىچە بولغان تەرەققىياتىنى ھېچكىممۇ بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان، دۇنيانىڭ بۈگۈنگىچە بولغان تەرەققىياتىنى ھېچكىممۇ بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان، بىزنىڭ تۈنۈگۈننى ئۆزگەرتىشكە قۇربىمىز يەتمەيدۇ، ئەمما 30 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئۆزىمىزنى ئاز-ئازدىن ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدۇق. 10 يىل چىڭ تۇرۇش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. 
  مەن ئۆزگىرىشچان دەۋرگە رەھمەت ئېيتىمەن، مەن سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ئاغرىنىشلىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن، چۈنكى باشقىلار ئاغرىنغاندىلا سىزگە پۇرسەت كېلىدۇ، پەقەت دەۋر ئۆزگەرگەندىلا ھەممەيلەن ئۆزلىرىنىڭ نېمىلىرىنىڭ بارلىقىنى، نېمىلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، نېمىلەردىن ۋاز كېچىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. 
  <<ئەلى بابا>>نىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان 14 يىلدا، مەن ئۆزۈمنىڭ بىر سودىگەر ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىپ كەلدىم، بۈگۈن ئىنسانىيەت سودا جەمئىيىتىگە قەدەم قويدى، ئەمما ناھايىتى ئەپسۇسكى، بۇ دۇنيادا سودىگەرلەر ئۆزلىرى ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھۆرمەتكە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ، سودىگەرلەر بۇ دەۋردە نۇقۇل ھالدا پايدىنىلا كۆزلىمەيدىغان بولدى، مەن بىز ھەرقانداق كەسىپ، ھەرقانداق سەنئەتكار، مائارىپچى، سىياسىيونلارغا ئوخشاشلا ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىز بىلەن بۇ جەمئىيەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈۋاتىمىز. 14 يىللىق سودىگەرلىك قىلىش ماڭا كىشىلىك تۇرمۇشنى، نېمىنىڭ جاپا-مۇشەققەت، نېمىنىڭ ئىرادە، نېمىنىڭ مەسئۇلىيەت، نېمىنىڭ باشقىلار ئۇتۇق قازانغاندىلا ئۆزىمىزنىڭ ئۇتۇق قازانغانلىقى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. بىزنىڭ ئەڭ بەك كۆرۈشنى خالايدىغىنىمىز خادىملىرىمىزنىڭ تەبەسسۇمىدىن ئىبارەت.
  بۈگۈن كەچ سائەت 12:00 دىن كېيىن، مەن ئىجرائىيە باش ئەمەلدار (CEO) ئەمەس، ئەتىدىن باشلاپ سودا مېنىڭ ئىشتىن سىرتقى كەسپىم بولۇپ قالىدۇ، مەن ئۆزۈمنىڭ 14 يىللىق سودىگەرلىك ھاياتىمدىن ئىپتىخارلىنىمەن. 
  سىلەرنى، جۇڭگونىڭ ياشلىرىنى كۆرۈپ، مەن ھامان بىر كۈنى بىزنىڭ كەلمەسكە كەتكەن ئوتتۇرا ياش مەزگىلىمىز بولۇپ قېلىشىنى خالىمىدىم. بۇ دۇنيادا ھېچكىممۇ سىزنى مەغلۇب بولمايدۇ، قېرىمايدۇ، گاڭگىرىمايدۇ دېيەلمەيدۇ. مەغلۇب بولماسلىقنىڭ، قېرىماسلىقنىڭ، گاڭگىراپ قالماسلىقنىڭ بىردىنبىر ئامالى ياشلارغا ئىشىنىشتىن ئىبارەت. چۈنكى ياشلارغا ئىشەنگەنلىك ___ كەلگۈسىگە ئىشەنگەنلىك. شۇڭا مەن ئەمدى <<ئەلى بابا>> گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىنى قىلسام بولمايدۇ. 
  مېنى قايتىپ كەل دېسىمۇ قايتىپ كەلمەيمەن، چۈنكى قايتىپ كەلسەممۇ پايدىسى يوق، سىلەر تېخىمۇ ياخشى قىلالايسىلەر.
  شىركەت قۇرۇپ مۇشۇ ھالەتكە يەتكەندە كىچىككىنە ھۆرمەتتىنمۇ ئالەمچە ئىپتىخارلانماقتىمەن. ئەمما جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشى ئەمدى تۈزۈك باشلىنىدۇ، بارلىق <<ئەلى بابا>> لىقلار تولىمۇ تىرىشچان، تولىمۇ جۇشقۇن، تولىمۇ ئىشچان، ئەمما بىز ئىنتايىن ئادەتتىكىچە ئادەملەر، ئىخلاس بىلەن ياشايمىز، خۇشال ئىشلەيمىز. بىزنىڭ بۈگۈن ئېرىشكەنلىرىمىز بىز تۆلىگەن بەدەللەردىن ئېشىپ كەتتى، بۇ جەمئىيەت بۇ ئەسىردە بۇ شىركەتنىڭ تېخىمۇ ئۇزاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇ دەل ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ، بۈگۈنكى جەمئىيەتتە شۇنچىۋالا كۆپ مەسىلىلەرنىڭ بولۇشى ئولتۇرغانلارغا بېرىلگەن پۇرسەتتۇر. ناۋادا مەسىلە بولمىسا، ئولتۇرغانلارنىڭ لازىمى قالمىغان بولاتتى.
  <<ئەلى بابا>>لىقلار كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، چۈنكى كىچىك كارخانىلار جۇڭگودىكى ئارزۇ-ئۈمىد ئەڭ كۆپ جايلاردۇر. بۇ يەردە 14 يىللار ئىلگىرى بىز <<دۇنيادا قىلماق تەس سودا بولماسلىق>>نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بەرگەنىدۇق. بۈگۈن، بۇ بۇرچ سىلەرنىڭ زىممەڭلەردە روياپقا چىقتى. مەن يەنە كىچىك كارخانىلار ئۈچۈن سۆزلىمەكچىمەن، كىشىلەر ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئىنتېرنېتنى ئادالەتسىز دېيىشىدۇ، ئەمما مېنىڭ چۈشەنچەمدە ئىنتېرنېت ھەقىقىي ئادىللىق بەرپا قىلدى. سوراپ باقاي، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەر، رايونلىرىدا، قايسى بىر جايدا كىچىك كارخانىلار، دەسلەپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە باجدا ئېتىبار قىلىندى؟ ئىنتېرنېت كىچىك كارخانىلارغا بۇ پۇرسەتنى بەردى. بەزى كارخانىلارنىڭ ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بەش-ئالتە يۈز مىليون ئابونتى بار بولدى، ئۇلار كىچىك كارخانىلار بىلەن باراۋەرلىكنى ئورتاق قوغلىشىشقا چاقىرىق قىلدى، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى 500 يۈەنلىك باج ئېتىبارىدىن ئىبارەت، بارلىق <<ئەلى بابا>>لىقلار ئۇلارنى قوللايدۇ، ئۇلار چوقۇم كەلگۈسىدە جۇڭگودىكى چوڭ باج تاپشۇرغۇچىلارغا ئايلىنىدۇ.
  كۆپچىلىككە رەھمەت، مەن ئۆزۈم قىزىقىدىغان ئىشلار بىلەن، يەنى مائارىپ، مۇھىت ئاسراش دېگەندەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماقچىمەن. بايىقى <> دېگەن ناخشىدا دېيىلگەندەك، بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىشلارنى بىز قىلالمايمىز، بۇ دۇنيادا ئوبامادىن پەقەت بىرىلا بار، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى ئوبامادەك چاغلايدۇ.  بۇ دۇنيادا ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلسا، ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشلارنى قىلالىسا تولىمۇ قالتىس ئىش بولىدۇ. بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، خىزمەتتىن باشقا جۇڭگونىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش، سۈيىنى پاكىزلاش، ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇش، يېمەكلىكنى خەۋپسىزلەشتۈرۈشنى سىلەرگە ھاۋالە قىلىمەن. 
  مەن تولىمۇ ئىپتىخالانغان ھالدا <<ئەلى بابا>>نىڭ كەلگۈسىدىكى كوللېكتىپىنى تونۇشتۇرىمەن، ئۇلار مەن بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن يىللار خىزمەت قىلغان، ئۇلار ئۆزلىرىنى مەندىنمۇ بەك چۈشىنىدۇ. لۇ جاۋشى خىزمەت قىلغىلى 13 يىلدىن ئاشتى، <<ئەلى بابا>>نىڭ ئىچكى قىسمىدا نۇرغۇن ئورۇنلاردا ئىشلەپ، نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، ئۇنىڭ 13 يىللىق قان-تەرى ۋە خۇشاللىقلىرى ئوخشاشلا كۆپ، ما يۈننىڭ بۇ ئورنىنى ئېلىش تولىمۇ مۈشكۈل، مېنىڭ بۈگۈنگىچە كېلەلىشىم كۆپچىلىكنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىدىن بولغان، ئىشەنچ شۇنچىلىك ئاددىي. 
  مەن ھەممەيلەننىڭ مېنى قوللىغاندەكلا يېڭى كوللېكتىپنى، لۇ جاۋشىنى قوللايدىغانلىقىڭلارغا، ماڭا ئىشەنگەندەكلا يېڭى كوللېكتىپقا، لۇ جاۋشىغا ئىشىنىدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنچىم كامىل. كۆپچىلىككە رەھمەت. ئەتىدىن باشلاپ، مەن ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشۇمغا قايتىمەن، مەن تولىمۇ بەختلىك، 48 يېشىمدا خىزمىتىمدىن ئايرىلىدىغان بولدۇم، كۆپچىلىك 48 ياشتىن ئىلگىرى <<خىزمەت مېنىڭ تۇرمۇشۇم>> ئىدى، ئەتىدىن باشلاپ تۇرمۇش مېنىڭ خىزمىتىم بولىدۇ، لۇ جاۋشىنى قارشى ئالايلى.
  سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇ نۇتۇقنى تەرجىماننىڭ نامىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ ئىشلەتكۈچىلەر بايقالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى