شىنجاڭ خەلق تىياتىرىنىڭ تارىخى
-
شىنجاڭ خەلق تىياتىرىنىڭ تارىخى
ۋاقتى: 2015-03-05 ئاۋاتلىقى: 5196 قېتىميانفوندا كۆرۈش
شىنجاڭ خەلق تىياتىرىبۇمەريەم شېرىپ خۇشتار
1957 – يىلى 12 – يانۋار ئەتىگەن. شىۋىرغانلىق سوغۇق ھاۋاغا قارىماي، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ‹‹نەنمېن›› (ئاققوۋۇق) مەيدانى كىشىلەر بىلەن تولغانىدى. ئۇلار بۇ مەيدانغا ئالاھىدە ھۆسن بەرگەن ئايلانما گۈللۈك ئالدىدا قەد كۆتۈرگەن يېڭى زامانىۋى بىناغا تىكىلەتتى. بىنانىڭ كۈمۈش رەڭ گۈمبىزى قۇياش نۇرىدا پارقىرايتتى. نەپىس نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن بىنا ئىشىكىنىڭ ئوڭ – سول تەرىپىگە ئورنىتىلغان راۋابچى يىگىت بىلەن ئۇسسۇلچى قىزنىڭ ھەيكىلى گويا كىشىلەرنى قارشى ئېلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. بۇ، تېخى تۈنۈگۈنلا پاكار – پاكار كونا ئۆيلەر، خارابە سېپىل ئورنىغا سېلىنغان، ئەينى يىللاردا مەملىكەت بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك زامانىۋى قۇرۇلۇشلار قاتارىغا كىرىدىغان شىنجاڭ خەلق تىياتىرى بىناسى ئىدى.شۇ كۈنى مىڭلىغان كىشى بۇ جايغا زامانىۋى خەلق تىياتىرىنىڭ پۈتكەنلىكىنى تەنتەنە قىلىش ئۈچۈن يىغىلىشقانىدى. 1956 – يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرىدا پۈتكەن، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 18 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىر، تىياتىرخانا كۆلىمى 9500 كىۋادرات مېتىرلىق بۇ بىنا ئۈچ قەۋەتلىك بولۇپ، ئۇ ئالدىنقى بۆلۈملەرنى، ئىككى قەۋەتلىك كۇلۇبنى ۋە بەش قەۋەتلىك سەھنە قىسمىنى؛ ئالدىنقى بۆلۈملىرى كۇلۇب ئىشخانىلىرى، دەم ئېلىش ئۆيلىرى، بوفىتخانا، قوبۇلخانا، يېشىنىش – كىيىنىش ئۆيلىرى ۋە ئازادە ياسالغان تانسىخانىلارنى؛ كۇلۇب قىسمى 1200 كىشى سىغىدىغان يۇمشاق ئورۇندۇقلۇق ئىككى قەۋەتلىك زال، كىنو قويۇش (ئاپپارات تۇرىدىغان) ئىشخانىسى؛ سەھنە قىسمى ھەر بىر سەنئەتكار ئۈچۈن مەخسۇس قۇرۇلغان پەردازخانا، رەپىتىسخانا، مۇنچا، كىچىك تىپتىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسى، كۇلۇب ھاۋاسىنى ۋە تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدىغان ئاپپارات ئۆيىنى ۋە بىر قېتىمدىلا 300 سەنئەتكارنىڭ ئويۇن كۆرسىتىشىگە، 800 كىشىلىك خور ئورۇنداشقا تولۇق مۇمكىنچىلىك بېرىدىغان سەھنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.بىنانىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇشى ۋە ئىچكى بېزەكلىرىدە قويۇق مىللىي تۈس ئەكس ئەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مېمارچىلىق ۋە مىللىي نەقىش – ئويمىكارلىقى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن. قەشقەرلىق ئاتاقلىق نەققاشلاردىن قادىر ئاخۇن ئاكا بىلەن ئابدۇللا ئاخۇن ئاكا قاتارلىق پېشقەدەم ئۇستىلار تىياتىرخانىنىڭ نەقىش ۋە ئويمىكارلىقىغا بىر يىلدىن ئارتۇق يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇيغۇر ئويمىكارلىق سەنئىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن.خەلق تىياتىرى ئەينى چاغدىكى زامانىۋى ئەسلىھە – ئۈسكۈنىلەر بىلەن تولۇق جابدۇلغان. تىياتىرخانا ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسىگە، سەنئەتكارلارنىڭ پەردازخانىلىرىغا ۋە باشقا ئىشخانىلارغا مەخسۇس تېلېفونلار، سەھنىدىكى ئەھۋالنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان مەخسۇس ئاپپاراتلار ۋە ئەكس سادانى يىغىشتۇرىدىغان ئۈسكۈنىلەر ئورنىتىلغان. ئويۇن ۋاقتىدا ھەر بىر سەنئەتكار تەييارلىنىپ، ئۆز بۆلۈمىدە نۆۋىتى كەلگەن – كەلمىگەنلىكىنى مەخسۇس ئاپپاراتتىن بىلەلەيدىغان، رېژىسسور بىلەنمۇ بۆلۈمدە ئولتۇرۇپ تېلېفون ئارقىلىق سۆزلىشەلەيدىغان شارائىت ھازىرلانغان.سەھنىدىكى دېكىراتسىيە كۆتۈرگۈچنىڭ ئۆزى 20 توننا بولۇپ، ئۇ 60 توننا ئېغىرلىقتىكى دېكىراتسىيەسىنى بىمالال كۆتۈرەلەيدىغان قىلىنغان. سەھنىگە يامغۇر ۋە قار ياغدۇرۇش، بوران چىقىرىش، چاقماق چېقىلدۇرۇش ۋە باشقا تەبىئەت ھادىسىلىرىنى كۆرسىتىشكە ئىمكانىيەت بېرىدىغان ئاپپاراتلار ئورنىتىلغان. سەھنىدە كىلاسسىك، مۇرەككەپ سەھنە ئەسەرلىرىنى ئويناشقا تولۇق ئىمكانىيەت يارىتىلغان. پەردە ئالماشتۇرۇشقا ئۈچ مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتمەيدىغان قىلىنغان. تىياتىرخانا زالىنى ۋە باشقا بۆلۈملىرىنى ئىسسىتىش ۋە سالقىنلىتىش ھەم ئۇنىڭ ئادەتتىكى ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە ماشىنىلاشتۇرۇلغان. چىراغلار شۇنچىلىك ئېسىلكى، پەقەت چوڭ زالنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان بىر توپ چىراغنىڭ ئېغىرلىقىلا بىر توننا بولغان. سەھنىدىكى ئاۋازنىڭ تاماشىبىنلارغا ئېنىق ئاڭلىنىشى ئۈچۈن كۇلۇبنىڭ ئىچكى تېمى ئاۋاز قايتۇرمايدىغان قىلىپ ياسالغان.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە مۇشۇنداق بىر كاتتا تىياتىرخانىنى سېلىش 1954 – يىلى خەلق تەلىپىگە ئاساسەن سەيپىدىن ئەزىزى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ تەكلىپ ئەينى چاغدىكى ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ ئورۇن، ئىقتىساد، بىنا شەكلى ۋە قۇرۇلۇش مەسىلىلىرىنى تەكرار ئويلىشىپ بېكىتىشى بىلەن روياپقا چىققان.بۇىڭدىن 50 نەچچە يىل ئىلگىرى قەد كۆتۈرگەن بۇ زامانىۋى تىياتىرخانا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىدا، جۈملىدىن ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىش ئىدى. ئۇ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز رولى ۋە جەزبىدارلىقىنى نامايان قىلماقتا.تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىيمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
يېڭى ئىملا لۇغىتى ھەققىدىكى پىكىرلىرىم
2015-03-30 11:45:004439ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن (2)
2015-02-07 15:31:484100‹‹دانالار خەزىنىسى››دىن دۇردانىلەر (3)
2015-07-22 10:52:045163ئەلگەككە سېلىنمىغان ھەجۋى رەسىملەر
2015-04-29 18:07:554959ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سېۋەت توقۇش ھۈنىرى
2015-03-06 13:04:144662دۇنيادىكى غەلىتە ‹‹سۇ قۇيۇنى›› ھادىسىلىرى
2015-11-23 23:22:384131يۇمۇر: مۇئەللىمنىڭ دوختۇرنى داۋالىشى
2015-03-26 18:59:064301لى جياچېڭ نېمىشقا دائىم قارا چاسا رامكىلىق كۆزەي
2016-05-23 12:21:453420
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-