دۇنيادىكى غەلىتە ‹‹سۇ قۇيۇنى›› ھادىسىلىرى
-
دۇنيادىكى غەلىتە ‹‹سۇ قۇيۇنى›› ھادىسىلىرى
ۋاقتى: 2015-11-23 ئاۋاتلىقى: 3820 قېتىميانفوندا كۆرۈش
دۇنيادا كەم كۆرۈلىدىغان <<سۇ قۇيۇنى>> ھادىسىلىرى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
سۇ قۇيۇنى ھادىسىسى ئادەتتە ئىسسىق سۇ يۈزىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدا بولىدىغان بىر خىل قارا قۇيۇن ھادىسىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى چېتى گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر بۇلۇتى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئاستىنقى چېتى بىۋاسىتە سۇ يۈزىگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ، بىر تەەرپتىن ئايلىنىپ، بىر تەرەپتىن يۆتكىلىدۇ. تۇيۇنغان سۇ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئايلىنىدىغان سۇ قۇيۇنىغا ئايلىنىدۇ، خەتەرلىكلىك دەرىجىسى قارا قۇيۇندىن قېلىشمايدۇ، قۇيۇننىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ سۈرئىتى ھەر سائىتىگە 200 كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ.
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى پورت شەھىرى گېنوۋانىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە غايەت زور <<سۇ قۇيۇنى>> ھادىسىسى كۆرۈلدى. نەق مەيداندىكى كۆرۈنۈش شۇنچىلىك ھەيۋەتلىك بولۇپ، كىشىنىڭ قورققۇسى كېلىدۇ.
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئامېرىكا مىچىگان كۆلىنىڭ سۇ يۈزىدە قۇيۇن كۆتۈرۈلگەن. شۇ جايدىكى بىر فوتوگراف بۇ كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتىۋالغان.
2013-يىلى 8-ئايدا، فوتوگرا روبېرتو گيۇدىسى گرېتسىيەنىڭ لونىيان دېڭىزىدا ئىنتايىن كەم كۆرۈلىدىغان مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى. بۇ خىل مەنزىرە بەلكىم ئەمدى قايتا كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن.
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىتالىيەلىك فوتوگراف نىكولا فېرراېېس سان بارتولومو ئەل مار شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا تۇيۇقسىز ئىككى غايەت زور تۈۋرۈكسىمان شەكىللىك سۇ قۇيۇنىنى كۆرۈپ قالىدۇ-دە، دەرھال سۈرەتكە تارتىۋالىدۇ.
شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئامېرىكا ۋېسكۇنسىن ئىشتاتىنىڭ كېنوشا دېگەن يېرىدىكى مىچىگان كۆلىنىڭ سۇ يۈزىدە <<قوش سۇ قۇيۇنى>> پەيدا بولغان، مەنزىرىسى شۇ قەدەر ھەيۋەتلىك بولغان.
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئىتالىيەنىڭ كورسىكا ئارىلىدا دەم ئېلىۋاتقان ئىسابېل فىلىپىنى ئىسىملىك بىر فوتوگراف كىشىنى چۆچۈتىدىغان دېڭىز قۇيۇنىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان.
شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ھىندونېزىيەنىڭ باتام ئارىلى ھاۋا بوشلۇقىدا كەم كۆرۈلىدىغان دېڭىز قۇيۇنى ھادىسىسى كۆرۈلگەن.
2013-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئامېرىكا دائىم قارا قۇيۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، بىراق نۇرغۇن قارا قۇيۇنلار ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا پەيدا بولىدۇ. يېقىندا غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ئىستراھەت ئورنى فلورىدادا تۇيۇقسىز سۇ قۇيۇنى ھادىسىسى پەيدا بولغان.
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كاپدېل دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىدا سۇ قۇيۇنى ھادىسىسى كۆرۈلگەن.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:50 لەردە، ئامېرىكىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە قارا قۇيۇن پەيدا بولغان ھەمدە ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كۆتۈرمە يول تەرەپكە يۆتكەلگەن.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
سۈن جىنلوڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن
2016-02-28 01:26:373798ئامېرىكىدىكى پاراخوت قەبرىستانلىقىغا نەزەر
2015-11-10 16:59:274673نىدائىي: ما يۈننىڭ بۇ گېپى ماڭا بەك ياقىدۇ
2015-06-18 17:08:583722دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ‹‹100 كىتاب›› (2)
2015-02-05 17:36:5442612000 يىل بۇرۇن مودا بولغان قاتلاق يوپكا
2015-04-24 17:59:393516ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ 10 چوڭ خاتالىقى
8769سائەت ئىلگىرى3739ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇشنى قولدىن بەرمەڭ
2015-03-03 13:05:453568دۇنيادىكى 10 يېڭى گۈزەل مەنزىرىلىك جاي
2015-11-26 17:38:233002
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-