دۇنيادىكى 10 يېڭى گۈزەل مەنزىرىلىك جاي
-
دۇنيادىكى 10 يېڭى گۈزەل مەنزىرىلىك جاي
ۋاقتى: 2015-11-26 ئاۋاتلىقى: 3049 قېتىميانفوندا كۆرۈش
‹‹تەنھا يۇلتۇز›› ژۇرنىلى ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلىك جايلارنى ئېلان قىلدى
ئاگېنتىنادىكى يىگۇاسۇ شارقىراتمىسى، بۇ شارقىراتما ئارگېنتىنا-بىرازىلىيە چېگرىسىدا بولۇپ، 300 مۇستەقىل شارقىراتمىدىن تەركىب تاپقان.
جۇڭگو تورى، 26-نويابىر خەۋىرى: ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، دۇنياغا داڭلىق ساياھەت كۆرسەتكۈچى ژۇرنىلى ‹‹تەنھا يۇلتۇز›› پۈتۈن دۇنيادىكى ئادىمىزات ئاياغ باسمىغان ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، كىشىلەرگە بۇ ئورۇنلارنىڭ كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايان قىلغان.دۇنيا نوپۇسى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئادەملەر بېرىپ باقمىغان بىرەر مەنزىرىلىك جاينى تاپماق بەسى مۈشكۈل بولۇپ قالدى، بەختكە يارىشا ھېلىھەم بىر قىسىم جايلار كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چەتتە تۇرماقتا. ساياھەتچىلەر بۇ جايلارنى ساياھەت قىلسا، جەزمەن دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى قايتىدىن ھېس قىلىشى مۇمكىن.
گېرمانىيەدىكى تۇرىنگېن ئورمانلىقى، بۇ ئورمانلىقنىڭ ‹‹گېرمانىيەنىڭ يېشىل يۈرىكى›› دېگەن نامى بار.
ئانتىراكتىكادىكى ۋىلخېلمىنا قولتۇقى
شىۋېيتسىيەنىڭ لاپلاند شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىدىكى كىچىك بازاردا چېپىپ كېتىۋاتقان شىمال بۇغىسى.
كانادانىڭ پېجى قولتۇقى
ئىتالىيەنىڭ دولومىتى تېغى ‹‹ھەسەن-ھۈسەن كۆلى›› ياقىسى، بۇ يەرنى ياپيېشىل دەرەخلەر ئوراپ تۇرىدۇ.
لىۋىيەنىڭ گابېرون بوستانلىقى، بۇ سەھرايى كەبىر چۆللۈكىدىكى بىر پارچە ئۈمىد بوستانلىقى.
يېڭى زېلاندىيەدىكى كۇك تېغى.
جەنۇبىي جورجىيە ئارىلى، بۇ ئارالدا سانسىزلىغان پىنگىۋىنلار سىزنى كۈتۈۋالىدۇ.
تايلاندتىكى پاڭگا دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان باغچىسى.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئېرتىش دەرياسىنىڭ قىشتىكى مەنزىرىسى
2015-11-26 01:18:193046توقسۇ ناھىيە تۈزتۇرا خارابىسى
2015-02-11 18:12:503328ھىندىستان فىلىملىرىدىكى مەڭگۈلۈك چولپان __ ئامرى
2015-12-25 15:11:476909داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (27)
2015-03-01 23:04:303505دۇنيانى ئايلىنىپ ياشايدىغان سىرلىق مىللەت __ روم
2016-05-26 12:56:251865سەلتەنەتلىك ئەبۇزەبى چوڭ مەسچىتى
2015-04-22 18:21:153674دۇنيادىكى نادىر مىكروھېكايىلەر (2)
2015-02-05 17:16:454154دۇنيا تارىخىدىكى زور يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى
2015-04-30 13:05:253951
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-