نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

دۇنيا تارىخىدىكى زور يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى

دۇنيا تارىخىدىكى زور يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى

ۋاقتى: 2015-04-30 ئاۋاتلىقى: 4170 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىنسانىيەت تارىخىدىكى پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش بالايىئاپەتلىرىگە نەزەر

مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

   2015-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، نېپالدا 8.1 بال يەر تەۋرەپ پايتەخت كاتماندودىكى كۆپ قىسىم ئۆيلەر ۋەيران بولدى، بىر قىسىم يوللار توسۇلۇپ قالدى، ھازىرغىچە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى، قازاغا يولۇققانلار يەنە كۆپەيمەكتە. بۇ قېتىمقى چوڭ يەر تەۋرەشتىكى ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى بەك ئېغىر ئەمەس، قېنى ئۇنداقتا بىز ئىنسانىيەت تارىخىدىكى قازا قىلغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغان ئون چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىنى كۆرۈپ باقايلى!

   1556-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو شەنشى ئۆلكىسى، يەر تەۋرەشتە 830000 ئادەم قازاغا يولۇققان.
جياچىڭنىڭ 34-يىلى (1556-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى) ، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش مەركىزى شەنشى ئۆلكىسى خۇاشىيەن ناھىيىسىدە بولۇپ، تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، يەر تەۋرەش دەرىجىسى 8 بالدىن 8.3 بالغىچە بولغان، يېرىم كېچىدە تەۋرىگەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئادەم ئۇخلاۋاتقان بولغاچقا قېچىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە 830000 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ، جۇڭگو تارىخى ھەتتاكى دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ ئادەم قازاغا يولۇققان يەر تەۋرەش ئاپىتى.
   1737-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، ھىندىستان كالكۇتتا، 300000 ئادەم قازاغا يولۇققان.
   ھىندىستاننىڭ كالكۇتتا شەھىرىدە 1737-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى قاتتىق يەر تەۋرىگەن. ھۆكۈمەت تەرەپ 300000 ئادەم قازاغا يولۇقتى دەپ ئېلان قىلغان، بىراق تارىخچىلار بۇ سانلىق-مەلۇماتتا ساختىلىق بار دەپ قارايدۇ.
   2004-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندونېزىيە، 292206 ئادەم قازا يولۇققان.
   2004-يىلى روژدېستۋو بايرىمىنىڭ ئەتىسى ھىندى ئوكياننىڭ تېگىدە 9.2 بال يەر تەۋرىگەن، بۇ 23000 دانە ئاتوم بومبىسى پارتلىغاندا چىقارغان ئېنېرگىيە بىلەن تەڭداش بولۇپ، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش تەسىرىدە ھىندى ئوكياندا دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىپ 50 ئىنگلىزچىسى ئېگىزلىكتىكى دېڭىز دولقۇنى جەمئىي 11 دۆلەتكە ھۇجۇم قىلغان، بۇ جايلار تازا قىزىيدىغان ساياھەت نۇقتىلىرى بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ روژدېستۋو بايرىمىلىق دەم ئېلىش پەيتى  بولغاچقا بۇ قېتىمقى ئاپەتتە قازاغا يولۇققانلار كۆپىيىپ كەتكەن بولۇپ، ئاخىرىدىكى ستاستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، جەمئىي 292206 ئادەم قازا يولۇققان.
   2010-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ھايتى، 270000 ئادەم قازاغا يولۇققان.
   2010-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ھايتىدا 7.0 بال يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ پايتەخت پورت- ئوپرىنس ۋە باشقا جايلار ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، 1-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە بولغان 15 كۈن جەريانىدا 222500 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، 196000 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى مەلۇم بولغان، ئاخىرىدا قازا قىلغانلار سانى 270000 غا يەتكەن.
   1920-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو نىڭشيا خەييۈەن، 270000 ئادەم قازاغا يولۇققان
   1920-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچ سائەت سەككىزدىن بەش مىنۇت ئۆتكەندە جۇڭگو نىڭشيا خەييۈەن ناھىيەسىدە 8.5 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە قويۇپ بېرىلگەن ئېنېرگىيە تاڭشەندىكى چوڭ يەر تەۋرەشتە قويۇپ بېرىلگەن ئېنېرگىيىنىڭ 11.2 ھەسسىگە تەڭ، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش جۇڭگو شۇنداقلا دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك يەر تەۋرەشنىڭ بىرى. دۇنيادىكى 96 يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئورنى بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنى خاتىرىلىگەن. بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە 270000 ئادەم قازاغا يولۇققان. تۆت شەھەر، ئون نەچچە ناھىيە ئاپەتكە ئۇچرىغان.
   526-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، سۈرىيە ئەنتاكىيە، 250000 ئادەم قازاغا يولۇققان.
   ئەنتاكىيە قەدىمكى دەۋرلەردە غەربى ئاسىيادىكى ئەڭ گۈللەنگەن شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇھىم دىنى مەدەنىيەت مەركىزى بولغان، ئەينى ۋاقىتتىكى مىسىردىكى ئالىكساندىر ۋە ئىتالىيىدىكى رىم بىلەن تەڭ تۇرىدىغان شەھەر بولۇپ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش (7.0 بال) تە پۈتكۈل شەھەر خارابىلىككە ئايلانغان بولۇپ، 250000 ئادەم قازا قىلغان، بۇ شەھەرنىڭ سەلتەنەتلىك تارىخىمۇ ئاياغلاشقان.
   1976-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى، جۇڭگو تاڭشەن، 242000 ئادەم قازاغا يولۇققان.
   1976-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ خېبېي ئۆلكىسى تاڭشەن شەھىرىدە 7.8 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەركىزى تاڭشەن شەھىرى دائىرىسىدە بولۇپ، 242419 ئادەم قازا قىلغان، 160000 ئادەم ئېغىر يارىلانغان، بىر ئېغىر سانائەت شەھىرى ۋەيران بولغان، بىۋاسىتە ئىقتىسادى زىيان 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، 20-ئەسىردە جۇڭگودا يۈز بەرگەن ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەڭ ئېغىر بولغان يەر تەۋرەش ئاپىتى، يەر تەۋرىگەندە شەھەردىكى %80 دىن ئارتۇق ئادەم ئىنكاس قايتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي كۆمۈلۈپ كەتكەن.
   1908-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىتالىيە مېسسىنا، 160000 ئادەم قازاغا يولۇققان.
   1908-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى يەر تەۋرەش تەسىرىدە پەيدا بولغان دېڭىز تاشقىنىدا نۇرغۇن ئادەم قازا قىلغان بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 300000 ئادەم قازا قىلغان، ئەڭ ئاز بولغاندا 70000 ئادەم قازا قىلغان دەپ ستاتىستىكا قىلىنغان بولۇپ، ھازىر ئومۇميۈزلۈك  قازا قىلغان ئادەم سانى 160000 دەپ قارالماقتا.

   1923-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، ياپونىيە يوكوخاما، 142000 ئادەم قازا قىلغان.

   1923-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ياپونىيە يوكوخاما رايونىدا 7.9 بال يەر تەۋرەپ 142000 ئادەم قازا قىلغان، ئىككى مىليون ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالغان، ئالتە مىليارد 500 مىليون يىن ئىقتىسادى زىيان بولغان.

   1730-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، ياپونىيە خوككايدو، 137000 ئادەم قازاغا يولۇققان.

1730-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى خوككايدودا 7 بال (يەتتە بالدىن تۆۋەن ئەمەس) يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تاغ گۈمۈرۈلۈپ كەتكەن، 137000 ئادەم قازاغا ئۇچرىغان.

 

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى