لى جياچېڭنىڭ ئىشخانىسىدىكى توققۇز جۈملە
-
لى جياچېڭنىڭ ئىشخانىسىدىكى توققۇز جۈملە
ۋاقتى: 2015-10-24 ئاۋاتلىقى: 4582 قېتىميانفوندا كۆرۈش
دۇنياۋى كاتتا باي، داڭلىق كارخانىچى لى جياچېڭنىڭ ئىشخانىسىدىكى توققۇز جۈملە
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
بىرىنچى، نائېنىق كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ يۈرمەي، ھازىرقى رېئاللىق ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.
ئىككىنچى، ئۆزىمىزنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتسەكلا، ھاياتلىقنىڭ پەللىسىنى ئۆزگەرتەلەيمىز.
ئۈچىنچى، ئۆزىمىزنىڭ پۇلنى ئاز تېپىۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنىشتىن بۇرۇن، تىرىشىپ ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
تۆتىنچى، ئوقۇش تارىخى ئۆتمۈشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۆگىنىش ۋە ئىقتىدار كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
بەشىنچى، يالغۇزلۇققا بەرداشلىق بەرگەندىلا راۋاج تاپقىلى بولىدۇ، تىرىشىدىغان يېشىمىزدا تەسەللىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك.
ئالتىنچى، بەزى ئىشلاردا ئۈمىدنى كۆرگەندىلا چىڭ تۇرساق بولمايدۇ، قەتئىي چىڭ تۇرغاندىلا ئۈمىدنى كۆرگىلى بولىدۇ.
يەتتىنچى، بېسىم بەزىلەرنىڭ سىزدىن تىرىشچانلىقى ئەمەس، بەلكى سىزدىنمۇ قالتىس كىشىلەرنىڭ يەنىلا تىرىشىۋاتقانلىقىدۇر.
سەككىزىنچى، قىلغان ئىشلىرىڭىزدا ۋاقتىنچە ئۇتۇق قازىنالمىسىڭىزمۇ، مەيۈسلەنمەڭ، بۇ سىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلمىگىنىڭىز ئەمەس، بەلكى يىلتىز تارتىۋاتقىنىڭىز.
توققۇزىنچى، غايە بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا ئۆزگەرمەيدىغىنى مەنزىلنى تاماملاش، مەۋھۇملۇق بىلەن روشەنلىك ئوتتۇرىسىدا ئۆزگەرمەيدىغىنى سەپەرنى باشلاش.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئوقۇپ قويۇڭ: ‹‹ئەركىنلىك›› تەجرىبىسى
2015-03-11 15:09:304079نىدائىي: ئوبامانىڭ قۇلاققا ياقىدىغان سۆزلىرىدىن
2015-06-16 17:41:074972داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (2)
2015-02-28 17:58:193452دۇنيادىكى ھەشەمەتلىك 10 ساياھەت شەھىرى
2015-11-27 02:25:024285موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇرلار (2)
2015-05-01 13:45:174965ما يۈننىڭ نامراتلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرى
2015-09-22 17:28:035937ھىندىستاندىكى «يوگا ئاستانىسى» ___ رىشىكېش
2016-07-26 20:19:25438شى جىنپىڭنىڭ ۋىيېتنام زىيارىتىدىكى سۈرەتلىرى
2015-11-06 13:10:204959
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-