دۇنيادىكى ھەشەمەتلىك 10 ساياھەت شەھىرى
-
دۇنيادىكى ھەشەمەتلىك 10 ساياھەت شەھىرى
ۋاقتى: 2015-11-27 ئاۋاتلىقى: 4635 قېتىميانفوندا كۆرۈش
دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك 10 ساياھەت شەھىرى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك ساياھەت ئورۇنلىرىدا گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغىڭىز بار؟ بىز زور ساندىكى نوپۇزلۇق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى دوكلاتى ئارقىلىق، سىلەرگە دۇنيادىكى بىر قىسىم داڭلىق ھەشەمەتلىك ساياھەت شەھەرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە يەنە بىر قىسىم پۇل تېجەش ئۇسۇللىرىغا ئائىت قىسقا ئىزاھاتلارمۇ بار. قېنى كۆرۈپ بېقىڭلار، قايسى شەھەرنى ياقتۇرۇپ قالىسىلەركىن؟نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىئوسلو دۇنيادىكى مال باھاسى بىلەن ئىش ھەققى ئەڭ يۇقىرى شەھەر، ئۇنىڭ مال باھاسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىنمۇ % 70 يۇقىرى. ئۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن شەھەرلەر بىلەن ئوخشايدىغان بىر تەرىپى شۇكى، ئۇمۇ نېفىت ئىشلەپچىقىرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق غايەت زور بايلىق يارىتىدۇ. ناۋادا سىز ئوسلوغا بارماقچى بولسىڭىز، خىراجەتنى ئوبدان تەييارلىمىسىڭىز بولمايدۇ. ئۇ يەردىكى كۆڭۈل ئاچىدىغان يەرلەر باشقا جايلاردىن بەكلا قىممەت. شىمالىي ياۋروپادىكى شەھەرلەر بەلكىم نۇرغۇن ساياھەتچلەر تەلپۈنىدىغان جاي بولۇشى مۇمكىن، سىز شىمالىي ياۋروپاغا بارسىڭىز بەئەينى جاھاننىڭ چېتىگە كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز.پۇل تېجەش ئۇسۇلى: VisitOslo.com تورىغا تىزىملاتسىڭىز، سىزنى تېجەشلىك تۇرالغۇ ۋە يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا بۇ شەھەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.شىۋېيتسارىيەنىڭ سيۇرىخ شەھىرى
سيۇرىخنىڭ ھەپتە ئاخىردىكى ساياھىتىنىڭ خىراجىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى، ئۇنىڭ تاكسىلىرىمۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت. ئەمما سيۇرىختا نۇرغۇن ياخشى جايلار بار. مەيلى ساپ، پاكىز تەبىئىي مەنزىرىلەر بولسۇن، مەيلى ئادىمىيەت كەيپىياتىنىڭ قويۇقلۇقى جەھەتتىن بولسۇن، ھەممىسى بىر بېرىپ كۆرۈپ كېلىشكە ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سيۇرىخ كىشىلىرى ئىنتايىن مېھماندوست، ناۋادا سىز سيۇرىخقا بارماقچى بولسىڭىز، چوقۇم بۇ شەھەرنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ھېس قىلالايسىز.پۇل تېجەش ئۇسۇلى: سيۇرىخنىڭ تاكسىلىرى ھەقىقەتەن قىممەت، بىراق 5-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا سىز ۋېلسىپىتنى ھەقسىز ئىجارىگە ئالالايسىز. سىز پەقەت ئۈنۈملىك كىملىكىڭىزنى ھەمدە زاكالەت پۇلى تاپشۇرسىڭىزلا بولىدۇ.ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرى
نيۇيورك ئامېرىكىدىكى ھەپتە ئاخىر ساياھەت ھەققى ئەڭ قىممەت شەھەر، بۇ جەھەتتە توكيو بىلەن ئوخشاش، نيۇيوركتىكى ھەشەمەتلىك ۋە ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى مېھمانخانىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ياتاق ھەققىمۇ ئەڭ يۇقىرى. ھەشەمەتلىك مېھمانخانىلارنىڭ بىر كېچىلىكى 730 ئامېرىكا دوللىرى، ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى مېھمانخانىلارنىڭ كېچىلىك ياتاق ھەققى 340 دوللار. بۇنىڭدىن باشقا، نيۇيوركتا يەنە يەككە باھاسى 350 دوللارلىق قېلىن توغرالانغا كالا گۆشى بىلەن 1000 دوللارلىق ماروژنى بار، سىز تەمىنى تېتىپ باقسىڭىز بولىدۇ، بۇ يەردىكى نەرسىلەرنىڭ قىممەتلىكىگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ.
پۇل تېجەش ئۇسۇلى: نيۇيوركتىكى ھەقسىز چۈشلۈك تاماقنى تېتىپ باقسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، برونكس ھايۋانات باغچىسى، ئامېرىكا قىستۇرما رەسىم مۇزېيى ۋە نيۇيورك ئۆسۈملۈك باغچىسى قاتارلىق جايلارنى ھەقسىز زىيارەت قىلالايسىز.فىرانسىيەگە قاراشلىق پولىنېزىيەدىكى بورابورا ئارىلى
بورابورا ئارىلى جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئىسسىق بەلباغ ئارىلى بولۇپ، بۇ ئارالدا بىر خىل دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشىمايدىغان سېھرىي كۈچ بار بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ «ئامېرىكا خەۋەرلىرى ۋە دۇنيا خەۋەرلىرى» تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئارال بولۇپ باھالانغان. ئەمما يەنە ئۇن خىراجىتى يۇقىرى جاي ھېسابلىنىدۇ. بورابورا ئارىلىدىكى داڭلىق سۇ ئۈستى ئۆيىنىڭ ھەر كەچلىكىنىڭ ھەققى 1000 دوللار ئەتراپىدا. سان فىرانسىسىكودىن بورابوراغا ئۇچىدىغان ياشلىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى 2500 دوللاردىن باشلىنىدۇ.پۇل تېجەش ئۇسۇلى: 11-ئايدىن 3-ئايغىچە ئوينىغىلى بارسىڭىز بولىدۇ، ئۇ چاغدا ياتاق ھەققى ئەرزانراق بولىدۇ، يەنە داڭلىق سۇ ئۈستى ئۆيلىرىدىن ھۇزۇرلىنالايسىز.ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرى
شەھەرنىڭ تۇرمۇش كۆرسەتكۈچى ۋە گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ بانكىسىنىڭ ئانالىزىدىن ئايان بولۇشىچە، سىدنېيدىن ئىبارەت بۇ قۇياش شەھىرى ھازىر دۇنيا بويىچە مال باھاسى ئەڭ يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان بولۇپ، سىدنېيدىكى ھەپتە ئاخىردىكى ساياھەت ھەققى نيۇيوركتىن ئېشىپ كەتكەن. 2009-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، سىدنېي پۇلىنىڭ قىممىتى % 50 ئۆرلىگەن، گەرچە 2013-يىلى يەنە ئازراق تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ساياھەت ھەققى بۇ سەۋەبلىك تۆۋەنلەپ كەتمىگەن. سىدنېي دۇنيا بويىچە ساياھەت ھەققى ئەڭ قىممەت جايلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.پۇل تېجەش ئۇسۇلى: ئۈزۈم ھارىقى، پىۋا ۋە كوكتېل ھارىقىنىڭ ھەققى ھەممىلا يەردە ياتاق ھەققىڭىزنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرى
توكيو دۇنيا بويىچە مال باھا سەۋىيەسى جەھەتتە ئالدىنقى 3-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاسىيادىكى نۇرغۇن شەھەرلەردىكى مال باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا %50 يۇقىرى. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئىچىملىك ۋە مال سېتىۋېلىش جەھەتتە، توكيودىكى مال باھا سەۋىيەسى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نيۇيورك بىلەن ئوخشاشلا، ھەشەمەتلىك ۋە ئوتتۇراھال دەرىجىلىك مېھمانخانىلار ياتاق ھەققى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى. شۇڭا، ناۋادا توكيودىن خاتىرە بۇيۇملىرىنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، چىقىممۇ كۆپ بولىدۇ.پۇل تېجەش ئۇسۇلى: ئېغىزىڭىزغا تېتىغۇدەك بىرەر نەرسە يېمەكچى بولسىڭىز، ئۇدۇللا ئۆرە تۇرۇپ تاماق يەيدىغان دۇكانغا بارسىڭىز بولىدۇ. ئۇ يەردە سىز شۇ يەرلىك كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۈگرە ئىچەلەيسىز.ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرى
لوندون يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان جاي بولۇپ، ھەشەمەتلىك مۇزېيلار، تىياتىخانىلار، ئېسىل تاماقخانىلار بار. بۇ خىل مۇھىت دۇنيادا كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ. ئەمما بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنىلا دۇنيا ئىستېمال سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يولوچىلارغا نىسبەتەن بۇ ئانچە ياخشى خەۋەر ئەمەس. ئادەتتە، بىر تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانساراينىڭ بىر كېچىلىك ياتاق ھەققى 400 دوللاردىن يۇقىرى، ئۈچ يۇلتۇزلۇق مېھمانساراينىڭمۇ 200 دوللارغا يېتىدۇ. ھەممىلا يەر بىر خىل قىممەتچىلىك، لوندوننىڭ قەھۋەسىنىڭ باھاسى رىمنىڭ قەھۋەسىدىن % 60 قىممەت، ئىككەيلەن بىرلىكتە كىنو كۆرسە 36 دوللار. ھەتتا لوندوندىن كېتىدىغاندىمۇ پۇل جىق كېتىدۇ، چۈنكى لوندوننىڭ پويىز بېلىتى ئۆزىنىڭ قىممەتلىكى بىلەن دۇنياغا داڭلىق.پۇل تېجەش ئۇسۇلى: لوندوندەك مۇشۇنداق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان جايدا ئارتۇق چىقىم قىلمايمۇ، خېلى ئىشلارنى قىلالايسىز، VisitLondon.com دېگەن تورغا كىرسىڭىز، نۇرغۇن ئېتىبارلىق پائالىيەتلەردىن بەھرىمەن بولالايسىز.ئامېرىكا نېۋادا ئىشتاتىنىڭ لاسۋېگاس شەھىرى
لاسۋېگاسلىقلار خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشقا ئامراق، باھا جەھەتتىمۇ ئوخشاش. سىز ھەممىلا يەردە پۇل خەجلەشنى ياخشى كۆرەمسىز؟ ئۇنداقتا لاسۋېگاس سىزگە ئەڭ ماس كېلىدۇ. بىر كېچىلىكى 40000 دوللارلىق ياتاق قانداقراقتۇ؟ ناۋادا بۇنداق يۇقىرى خىراجەت سىزنى ھەيران قالدۇرغان بولسا، 5000 دوللارغا ھامبۇرگ بولكىسىدىن بىرنى يەپ بېقىڭ. بۇ بىر ئەسەبىي شەھەر، تىياتىرخانىنىڭ بېلىتى 250 دوللاردىن يۇقىرى. سىز قىمار شىرەلىرىدە بىر تىكىپلا 5000 دوللارنى ئۇتتۇرۇۋەتكەنلەرنى كۆرەلەيسىز.پۇل تېجەش ئۇسۇلى: لاسۋېگاستا گەرچە مال باھاسى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما سودىگەرلەرگە نىسبەتەن بىر ياخشى جاي. ناۋادا ياتاق ھەققىنى تېجەيمەن دېسىڭىز، يىراقراق يەرلەردىكى سودا كوچىلىرىدىكى جايلاردىكى مېھمانخانىلارنى ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ. ھەر چارشەنبە كۈنى ياتاق زاكاز قىلىشقا بولىدۇ.موناكونىڭ مونتى كارلو شەھىرى
مونتى كارلودا ھەممەيلەن ئاقسۆڭەكلەردەك ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما ئۇ يەردىكى يۇقىرى باھا ئۆلچىمىدىن سىز چۆچۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. مەلۇم بىر تور بەتنىڭ 2013-يىلى چىقارغان مېھمانخانا باھا كۆرسەتكۈچىدە ئايان بولۇشىچە، مونتى كارلودىكى مېھمانخانىلارنىڭ ياتاق باھاى دۇنيادا ئەڭ قىممەت بولۇپ، بىر كېچىلىك ئوتتۇرىچە باھاسى 308 دوللار ئىكەن. باھانىڭ يۇقىرىلىقى پەقەت ياتاق باھاسى بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ، ھەتتا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدىمۇ باھا بەكلا يۇقىرى. مونتى كارلونىڭ گولف توپ مەيدانىنىڭ ئىشلىتىش ھەققى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 176 دوللار. مونتى كارلونىڭ چوڭقۇر دېڭىز ئاستى سۇ بىلەن داۋالاش ساغلاملىق مەركىزىنىڭ بىر كۈنلۈك ھەققى 130 دوللار. سىز مونتى كارلو دېڭىز ساھىلى كۇلۇبىنى ئايلانماقچى بولسىڭىز، 100 دوللاردىن كۆپرەك پۇل ئېلىۋالسىڭىزلا بولىدۇ.پۇل تېجەش ئۇسۇلى: مونتى كارلونىڭ مېھمانخانىلىرىنىڭ ياتاقلىرى ھەقىقەتەن قىممەت، بىراق نىستا نۇرغۇن ئەرزان مېھمانخانىلار بار. نىس بىلەن مونتى كارلونىڭ ئارىلىقى پەقەت 20 مىنۇتلۇقلا يول، كۈندۈزى مونتى كارلودا ساياھەت قىلىپ، كەچتە نىسقا قايتىپ كەلسىڭىز بولىدۇ.سىنگاپورنىڭ سىنگاپور شەھىرى
نەچچە يىل ئىلگىرى، سىنگاپور يەنىلا تۆۋەن باھالىق جاي ئىدى. ئەمما كۈزلۈك قوشۇلما قىممەتلىك پۇل ۋە بىر تۈركۈم كۆچمەن بايلارنىڭ كۆچۈپ كىرىشى بىلەن سىنگاپور دۇنيادىكى مال باھاسى ئەڭ يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، سىنگاپور بۇلتۇرقى مېھمانخانىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ياتاق ھەققى 260 دوللار ئەتراپىدا بولغان.پۇل تېجەش ئۇسۇلى: سىنگاپوردا يېمەك-ئىچمەك يەنىلا سەل ئەرزان، بولۇپمۇ تاماقخانا ۋە ئۇششاق يېمەكلىكلەر ئەرزان ھەم يېيىشلىك. بۇنىڭدىن باشقا سىز شەھەردىكى مۇئەللەق بىنانىڭ يەر ئاستىدىكى تاماقلارغا ئېغىز تېگىپ باقسىڭىز بولىدۇ.Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
دۇنيادىكى 10 يېڭى گۈزەل مەنزىرىلىك جاي
2015-11-26 17:38:233260كەمبەغەللەر بىلەن بايلارنىڭ 48 خىل پەرقى
2016-02-04 18:05:255323موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇرلار (5)
2015-05-01 15:47:364190‹‹مۇقام›› ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
2015-04-25 20:44:295871كۇماراجىۋانىڭ مىس ھەيكىلى
2015-02-11 18:46:023709دۇنيادىكى ھاقارەت مەنىسىدىكى 10 خىل قول ئىشارىسى
2015-11-27 02:03:026762نىدائىي: ئوبامانىڭ قۇلاققا ياقىدىغان سۆزلىرىدىن
2015-06-16 17:41:075320يەرشارىغا ئوخشايدىغان پېلانېتا بايقالدى
2015-07-24 12:13:444322
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-