موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇرلار (5)
-
موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇرلار (5)
ۋاقتى: 2015-05-01 ئاۋاتلىقى: 4176 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەسلى تېمىسى: موڭغۇلىيەدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار (5)ئابدۇراخمان ئەبەي(شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتىنىڭ باشلىقى)
ھەر ئۈچ كۈندە ئۇلانباتوردىن بېيجىڭغا بىر قېتىم ئايروپىلان قاتنايتتى . شۇنداق قىلىپ تۇنجى تۈركۈمدە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىر ئۇيغۇرلار ئىلگىرى - كېيىن ئون نەچچە كۈندە ببيجىڭغا كېلىپ بولدى . دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇھاجىرلارنى مەخسۇس ئاپتوبۇسلار بىلەن بېيجىڭدىكى تيەنتەن باغچىسى ، گۇگۇڭ خان سارىيى ، ھايۋاناتلار باغچىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى 7 - ئاي مەزگىلى بېيجىڭ ناھايىتى ئىسسىق بولغاچقا ، موڭغۇلىيەنىڭ سالقىن تاغلىرىدىن كەلگەن بۇ مۇھاجىرلارنىڭ ياشقا چوڭلىرى ئاغرىپ كەتتى . چوڭلاردىن بىر نەچچىسى دوختۇرخانىدا بىرنەچچە كۈن? داۋالىنىىپ ئاران ساقايدى . شۇنىڭ بىلەن ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان باشقا ئورۇنلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ئىيۇلنىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىقتى . ئۇلار شىئەندە ئالتە كۈن تۇرۇپ يەنە بىر قىسىم يەرنى ساياھەت قىلدى .9- ئاۋغۇست پويىز بىلدن لەنجۇغا يېتىپ كەلدى . ئۇ چاغدا تۆمۈر يول تېخى لەنجۇدىن ئۆتمىگەنىدى . لەنجۇ بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدا ئاپتوموبىل قاتنىشى ناھايىتى قىس بولغاچقا ، مۇھاجىرلار لەنجۇدا بىر ھەپتە تۇرۇپ قالدى . چوڭلار ئىسىىققا چىدىماي يەنە ئاغرىپ كەتتى . شۇ كۈنلەردە سەيپىدىن ئەزىزى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ئېلىپ بېيجىڭدىن ئايروپىلان بىلەن لەنجۇغا يېتپ كەلدى . (ئۇ چاغدا بېيجىڭدىن ئۇچقان ئايروپىلان شىئەندە بىر ، لەنجۇدا بىر قونۇپ ئۈچىنچى كۈنى ئۈرۈمچىكە كېلەتتى) . مۇھەممەت سامساق بىر قىسم مۇھاجىر ۋەكىل بىلەن سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ياتىقىغا كىرىپ ، بىر ھەپتىدىن بۇيان قاتناشنىڭ ھەل بولمىغانلىقى ، چوڭلارنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى دوكلات قىلدى . سەيپىدىن ئەزىزى ئاغرىپ قالغانلارنى ئەتە ۋەكىللەر ئولتۇرغان ئايروپىلاندا ئۆزى ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، شىنجاڭنىڭ لەنجۇدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن جىددىي سۆزلەشكەندىن كېيىن ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدىن ئولجا قالغان "دوتكى" ماركىلىق ئۈچ چوڭ ماشىنىدىكى شىنجاڭغا ئېلىپ ماڭغان يۈكلەرنى چۈشۈرگۈزۈۋېتىپ ، قالغانلارنى يۈك - تاقلىرى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى . شۇنداق قىلىپ موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىر ئۇيغۇرلار 1955- يىلى 5- مايدا موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى خۇبدا شەھىرىدىن يولغا چىقىپ ، 21- ئاۋغۇست ، يەنى 109 كۈندە ساق - سالامەت ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى . ئۈرۈمچىدە بۇ مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋېلش ھەم ئۆز يۇرتلىرىغا ئۇزىتىش خىزمىتىگە شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى مەسئۇل بولدى ھەمدە پالتاخۇنباي سارىيىنىڭ ئارقىسىدىكى خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ بىر قەۋەتلىك مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتۇردى . خەلق ئىشلار نازارىتى ئۇلارنى ئۈرۈمچىدە بىرنەچچە كۈن دەم ئېلىپ شەھەرنى كۆرۈشكە ھەمدە يۇرتلىرىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا قويۇپ بەردى . ئۇلارنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ھەربىر چوڭ ئادەمگە كۈنىگە ئىككى يۇەن ، بالىلارغا بىر يۇەندىن تۇرمۇش پۇلى تارقاتتى . ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىدە بىر گرام ئالتۇن 2.68 يۇەن ئىدى . بىر ئادەم بىر كۈندە ئاشپۇزۇلدىن ئۈچ ۋاخ تاماق يېسىمۇ بىر يۇەننى خەجلەپ بولالمايتتى . شۇ كۈنلەردە يەنە سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك كادىرلار نازارىتى موڭغۇلىيەدىن كەلگەن مۇھاجىر ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەرنى تىزىملاپ ، ئۇلارنى ئۈرۈمچىدە ياكى ئۆر يۇرتلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاتتۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى . كورلىلىق ئابدۇراخمان سابىت دېگەن كىشى ئوتتۇرا تېخنىكوم سەۋىيەسىدىكى ئادەم بولغاچقا ، كورلىدىكى موڭغۇل مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسم قىلدى . باي ئىبراي دېگدن كىشىنىڭ تىللا ، سارا دېگەن ئىككى قىزى موڭغۇلچە ئوقۇغان ، موڭغۇلىيەدە خوبدا ئۆلكىلىك سەنئەت ئۇمەكتە ئارتىس بولغان بولغاچقا ، كورلىدىكى سەنئەت ئۆمەككە ئورۇنلاشتۇردى . ئىككىنچى تۈركۈمدە ئالتاي ئارقىلىق كەلگەن مۇھاجىرلاردىن ھېيتاخۇن روزىنى ئالتاي شەھەرلىك سودا كوپىراتىپىغا مۇئاۋىن دېرىكتورلۇققا ، غاپپار دېگەن كىشىنى ئۆلكىلىك موڭغۇل مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ، بۇسارە بەكرىنى "شىنجاڭ گېزىتى "نىڭ موڭغۇل تەھرىر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلدى . مۇھاجىر ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدە بىر ھەپتە تۇرغاندىن كېيىن ھەرقايسىسىنى ئۆز يۇرتلىرىغا يولغا سالدى ھەمدە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى تەلەپ قىلىندى . بۇ مۇھاجىر ئۇيغۇرلار ئاساسەن قۇمۇل ، تۇرپان ، گۇچۇڭ ، غۇلجا ، كورلا ، كۇچا ، ئاقسۇ ، ئاتۇش ، قەشقەر ، خوتەنلىك ئادەملەر ئىدى .
دادامنىڭ ئەسلىى يۇرتى ئاتۇش كاتايلاق بولغاچقا ، 1955- يىلى سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ھۆكۈمەت كىرا قىلىپ بەرگەن بىر گاز ماشىنا بىلەن ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ 12 كۈندە كاتايلاققا يېتىپ بارغانىدۇق . موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئىككىنچى تۈركۈم ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى ئالتاي چېەراسىدىن بىۋاسىتە شىنجاڭغا ئۇزىتىپ قويدى .1956- يىلى 28- سېنتەبىردە تاشقى موڭغۇلىيە خوبدا شەھىرىدىن 50 ئائىلە ، 357 كىشى يولغا چىقىپ ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ بۇلغۇن (تايكەسكەن) دېگەن ئېغىزىدىن شىنجاڭغا كىردى . بۇلار ئىچىدە بەش نەپەر خەنزۇ مۇھاجىر بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى موڭغۇل ئىدى . بۇ مۇھاجىرلارغا موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى بىر نوپۇسقا ئۆزىنىڭ بىر ئات ، بىر تۆگىسى بىلەن چىقىپ كېتىشگە يول قويغان . قالغان قورۇ - جاي ، مال - ۋارانلىرىنى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى باھالاپ ئالغان ياكى ئۆزلىرى ساتقان . ئۇلار ئېلىپ مېڭىشقا بولىدىغان بارلىق مۈلكىنى ئات - تۆگىلەرگە ئارتىپ يېنىپ چىققانىدى . ئۈچىنچى تۈركۈمدە موڭغۇلىيە ئۆلگەي شەھىرىدىن يولغا چىققان يەتتە مۇھاجىر ئائىلە ماشىنا بىلەن ئالتاي شەھىرىگە ئۆتتى .1957- يىلى ئۇلانباتور ، خوبدا شەھەرلىرىدىن تۇرسۇن دارغا ، ياسىن ئارتس دېگدن كىشىلەرمۇ گۇچۇڭ ئارقىلىق ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى .شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق خەلق كومىتېتى تۇرسۇن دارغىنىڭ موڭغۇلىيىدىكى خىزمەت دەرىجىسىنى ئۇققاندىن كېيىن ئۇنى ليۇداۋان كۆمۈر كاننىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ئورۇنلاشتۇرغانىدى . ئەمما تۇرسۇن دارغا ، ياسىن ئارتىس ، قەشقەر بەشكېرەمگە قايتقان لېتىپاخۇن ،خوتەنگە قايتقان ياقۇپ ، بايلىق مۇھەممەت قوشماق قاتارلىق كىشىلەر 1958 –يىلى چىڭگىل ناھىيەسى ئارقىلىق موڭغۇلىيەگە قايتىپ كەتتى . موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى يەنە قىزغىن قارشى ئېلىپ ئورۇنلاشتۇردى .موڭغۇلىيەدە قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى 1962-يىلى ئۆزبېكىستانغا ، يەنە بىر قىسمى 1998-يىلىدىن 2002 –يىلىغا قەدەر قازاقىستانغا كۆچۈپ كەتتى . موڭغۇلىيەدە ھازىر يەنە بىرنەچچە يۈز ئۆيلۈك ئۇيغۇر ئەۋلادى ياشاۋاتىدۇ . ئۇلار ئاساسەن خوبدا ، ئۈلگەي ، ئۇلانباتور قاتارلىق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشقان . مەن 1991- يىلى مايدا تۇغقان يوقلاپ ، تۇغۇلغان يۇرتۇم موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىگە باردىم . بۇ چاغدا ، ئۇيغۇرلار موڭغۇلىيەدىن كۆچۈپ 36 يىلدىن بۇيان ئىككى ئارىدا مۇناسىۋەت ئۈزۈلۈپ ، مەن جۇڭگودىن تۇنجى بولۇپ موڭغۇلىيەگە بارغان ئۇيغۇر ئىدىم . مېنى ئۇلانباتوردا ئۈچ ئۆيلۈك ئۇيغۇر پويىز ئىستانسىسىغا چىقىىپ كۈتۈۋالدى . ئۇلانباتوردىن خوبدا تەھىرىگە بارغان چېغىمدا ئايرودرومغا مېنى قارشى ئالغىلى 100 دىن ئارتۇق ئادەم چىقىپتۇ ، ئۇلارنىڭ كۆپى ئۇيغۇرلار ئىدى . تاغام (ئاپامنىڭ ئىنىسى) بوينۇمغا چىڭ ئېسىلىپ ئۇزاق يىغلاپ كەتتى . قالغانلارمۇ ماڭا ئېسىلاتتى ، سۆيەتتى . ئەمما مەن ئۇلارنى تونۇمايمەن . شۇنى ھېس قىلدىمكى ، ئۇلار مېنى ئەمەس ۋەتەننى ، ئۇيغۇرلارنى قۇچاقلاپ سۆيۈۋاتاتتى . مەن بېرىپ ئەتىسى تاغام مېنى كەلدى دەپ ئۇرۇق - تۇغقان ، قۇلۇم - قوشنا ، دوستلىرىغا چوڭ چاي بەردى . تاغامنىڭ خوبدا دەرياسى بويىدىكى كەڭرى قورۇسى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى . چوڭ بىر قازاندا پولۇ ئېتىلدى ، بىر قازانغا لىق گۆش سېلىندى . داستىخانغا بولكا ، بوغۇرساق ، قۇرۇت ، سۈزمە ، سېرىق مايدىن باشقا ، مەن ئۈرۈمچىدىن ئاپارغان ھەرخىل كەمپۇت ، پېچىنە پىرەنىك تىزىلغانىدى . مېھمانلار ئۈرۈمچىنىڭ كەمپۇت - پىرەنىكلىرىنى ئاجايىپ مەززە بىلەن يەپ ، مەندىن توختىماي گەپ سورايتتى . ئۇلار دادامنى (دادام 1981- يىلى بورتالادا ۋاپات بولغانىدى) ، ئاپامنى ، ئۈچ ھەدەمنى ، ئۇلارنىڭ قانچە بالىسى بارلىقىنى ، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورايتتى . ئۇلار يەنە موڭغۇلىيەدىن جۇڭگوغا قايتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى شەھەرلەردە تۇرۇۋاتقانلىقى ، بالىلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى ، جۇڭگودا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ، مائارىپى ، ئۆرپ - ئادىتى ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدە توختىماي سوئال سورايتتى . بىر چاغدا ئۆيگە ئاپئاق كەيمە لىچەك - چىلاۋۇش كىيگەن ئىككى قازاق موماي كىرىب كەلدى . ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈردۇق . ئۇلار : "قوناق قايسى؟" دەپ سورىۋىدى ، تاغام مېنى كۆرسەتتى . مەنمۇ ئالدىغا ئىتتىك باردىم . ئۇلار مېنى نۇۋەت بىلەن باغرىغا چىڭ بېسىپە : " ئورپاغم . . . ئورپاغىم" (پەرزەنتىم . . . پەرزەنتىم) دەپ سۆيدى ، پۇرىدى . ئاندىن : "تۇقاننىڭ (ئاپامنى دەيدۇ) يىئىسى چىقىپتۇر ( تۇخاننىڭ ھىدى پۇراۋاتىدۇ)" دېيىشتى ، ئۇزاق كۆز يېشى قىلىشتى . كېيىن ئۇلارنىڭ گەپلىرىدىن ئۇقسام ، ئاپام بىلەن بىر مەھەللىدە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلىرى ئىكەن . مەن ئۇلارغا ئاپامنىڭ نامىدا سوۋغات تەقدىم قىلدىم . . . يەنە بىر كۈنى تاغامنىڭ ئۆيىگە ئىككى موڭغۇل بوۋاي كىرىپ كەلدى .تاغام ئۇلارنى ماڭا تونۇشتۇردى ھەم بىزگە تەرجىمانلىق قىلدى . بۇ بوۋايلار دادامنىڭ دوستلىرى ئىكەندۇق . دادامنىڭ ۋاپاتىنى ئاڭلاپ كۆز يېشى قىلدى . ئۇلار ماڭا دادامنىڭ موڭغۇل تىلىغا ناھايىتى ئۇستىلىقىنى ، مېھماندوست ، ئەمگەكچان ، جاپاكەش ئادەم ئىكەنلىكىنى ، موڭغۇلىيەدە تۇنجى بولۇپ قوغۇن تېرىپ موڭغۇللارنى بەك خۇش قىلىۋەتكەنلىكىنى ھېكايە ئېيتقاندەك سۆزلەپ بەردى . ئۇلار يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مانتا ، پولۇ ، سامسا ، لەڭمەن ، نان دېگەن تاماقلىرىنى تامشىىپ تۇرۇپ ماختاپ ، ھاياجانلىنىپ كەتتى بولغاي : "قېنى شۇ ئۇيغۇرلار؟ نېمىشقا كەتتى شۇ ئۇيغۇرلار؟ ئۇيغۇرلار كەتتى ، ئۇلارنىڭ مەززىلىك پولۇ ، مانتا ، لەڭمەن ، سامسىلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كەتتى . . ." دەپ ۋارقىرىۋەتتى . مەن تاغامدىن موڭغۇلىيەدە ھازىر بار ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىشقا ئاشخانا ئاچمايدىغانلىقىنى سورىسام ، تاغام تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا : "بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار ساپ ئۇيغۇرلار ئىكەندۇق . ئۇلار ھەرقانداق يەرگە بارسا ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىسىنى تاشلىمايدىكەندۇق ، ئۇنتۇمايدىكەندۇق ، ھەرقانداق جاپاغىمۇ چىدايدىكەندۇق . بۇ يەردىكى ھازىرقى ئۇيغۇرلار 3- ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ، باشقىلار بسلەن چاڭلاشقان تالغۇت ئۇيغۇرلار ، ئۇلار رۇسلارنىڭ ، موڭغۇللارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە كۆنۈپ كەتتى ، ئېتىقادىمۇ شالغۇتلىشىپ كەتتى . ئۇلار ھەر كۈنى بىر قېتىم بوتكىلاردىن بولكا ، بوغۇرساق ، تەرخەمەك ، سېرىق ماي ، ۋودكا سېتىۋېلىپ ئۈچ ۋاق يەيدۇ ، ئىچىدۇ - يۇ ، ئۇنداق پولۇ ، لەڭمەن ، مانتا دېگەنلەرنى ئەسلەپمۇ قويمايدۇ ھەم ئېتەلمەيدۇ ، ھۇرۇنلىشىپ كەتتى . . ." دېدى ھەسرەتلىنىپ .مەنبەسى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تورى
داۋامى بارTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
پوۋېست: قارا يۈرەك - 1 (داۋامى بار)
2015-03-02 13:05:324494مىنگونىڭ دەسلىپىدە شىنجاڭدا ئوبوروت قىلىنغان چەت
2015-02-11 18:53:035249ئۇيغۇرلار توقۇغان سېۋەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى
2015-03-06 13:00:194277ئۇيغۇرلاردىكى ئاق قاشتېشى ئېتىقادچىلىقى
2015-03-15 01:33:344804ھىندىستاننىڭ مەشھۇر كىنو ئارتىسى __ سانجاي دۇت
2016-07-15 13:27:158228ئوباما بۇلتۇر 477 مىڭ دوللار كىرىم قىلدى
2015-04-16 11:02:114124ھەر يىلى 22-ئاپرېل دۇنيا يەرشارى كۈنى
2015-04-22 16:15:3044202000 يىل بۇرۇن مودا بولغان قاتلاق يوپكا
2015-04-24 17:59:393948
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-