2000 يىل بۇرۇن مودا بولغان قاتلاق يوپكا
-
2000 يىل بۇرۇن مودا بولغان قاتلاق يوپكا
ۋاقتى: 2015-04-24 ئاۋاتلىقى: 3519 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەسلى تېمىسى: قاتلاق يوپكا بىلەن كەڭ ئېتەكلىك كۆڭلەك 2000 يىل بۇرۇنلا مودا بولغان ئىكەن
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
2500 يىللار ئىلگىرى قوڭۇر، قىزىل ۋە سېرىق رەڭ ئارىلاشتۇرۇلغان كۆڭلەك تارىم ئويمانلىقىدا بىر مەھەل مودا بولغان. بۇنىڭدىن 3000 يىللار ئىلگىرىلا غەربىي يۇرتتا ياشىغانلار چەكمەن-ماتالارنى بوياپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇسخا بېسىشقا ماھىر ئىكەن. 16-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن خەن دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت ئارخېئولوگىيەسى ۋە خەنزۇ مەدەنىيىتى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىملار تەپسىلىي ۋە ئېنىق ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللار ئارقىلىق خەن ۋە جىن سۇلالىلىرى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە مەنسۇپ غەربىي يۇرت كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ مودا دولقۇنىنى نامايان قىلدى. رەڭگارەڭ، نەپىس نۇسخىلار بېسىلغان توقۇلما بۇيۇملىرى ۋاقىت تونېلىدىن ئۆتۈپ يېتىپ كەلگەندەك ھازىرقى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. ئەسلىدە ھازىرقى مودا ئاياللار ياقتۇرۇپ كىيىۋاتقان قاتلاق يوپكا بىلەن كەڭ ئېتەكلىك كۆڭلەك 2000 يىل بۇرۇنلا مودا بولغان ئىكەن.
كىروراندىن تېپىلغان خەن-جىن دەۋرى ئۇسلۇبىدىكى كىيىم ـــ قاتلاق يوپكا
يىغىندا شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئىدىرىس ئابدۇرۇسۇل جۇڭگو-فىرانسىيە كېرىيە دەرياسى بويىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى. تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، 2000 نەچچە يىل ئاۋۋالقى يۇمىلاق قۇملۇقلار يۇڭ توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىنى پۇختا ئىگىلىگەن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئۇلار پەقەت قوي ۋە تۆگە يۇڭلىرىدىن پايدىلىنىشنى بىلىپلا قالماي، ئات قۇيرۇقىنى پىششىقلاش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن. رەڭ ۋە نۇسخا تاللاشتىمۇ قەدىمكى يۇمىلاق قۇملۇقلارنىڭ مول تەسەۋۋۇرىنى كۆرۈۋالغىلى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ بۇيۇملار ئەينى ۋاقىتتىكى توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەڭ بۇرۇنقى ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللاردىن ئايان بولۇشىچە، بۇنىڭدىن 3000 نەچچە يىل ئىلگىرى غەربىي يۇرتتا ياشىغانلار ئاساسلىقى، ھايۋان تېرىسى ۋە يۇڭىنى كىيىم-كېچەكنىڭ ماتېرىيالى قىلغان. ئۇلار ھەر خىل رەڭلىك ماتا-چەكمەن توقۇشقا يەنە رەڭلىك بوياقلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نۇسخا بېسىشقا ماھىر بولۇپلا قالماي، يەنە قۇشلارنىڭ پەيلىرىنى قاداپ زىننەت قوشقان. كىيىم-كېچەك نۇسخىلىرى ئاجايىپ، بېزەكلىرى سىدام، ئسسىق ۋە كۆركەم بولۇشتەك كىيىم-كېچەك ئۇسلۇبىنى ياراتقان.
يۇقىرىقى قاتلاق يوپكىغا ئاساسەن ئەسلىگە كەلتۈرگەن سۈرەت
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىي
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرى
2015-03-09 12:23:114858بالىلارنىڭ دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن كەشپىياتلىرى
2016-01-20 21:10:504288ئوتتۇرا ئافرىقا مۇساپىرلىرىنىڭ مۇشەققەتلىك تۇرمۇ
2015-04-07 11:21:534158‹‹تۆمۈر ئايال›› ساچىر خانىمنى بىلەمسىز؟
2015-02-08 16:50:534039ئاپپارات كۆزىدىكى ھەقىقىي چاۋشيەن مەنزىرىلىرى
2015-08-07 16:03:573845ئامېرىكىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى (2-ھۆججەت)
2015-04-12 12:48:183870دۇنيادىكى 10 پارچە نادىر سۈرەتكە نەزەر
2015-05-06 10:23:063895بىلىشكە تېگىشلىك دوستلۇق مىزانلىرى
2015-07-21 13:18:483760
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-