بالىلارنىڭ دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن كەشپىياتلىرى
-
بالىلارنىڭ دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن كەشپىياتلىرى
ۋاقتى: 2016-01-20 ئاۋاتلىقى: 4249 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بالىلارنىڭ دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن كەشپىياتلىرى
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى، توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى: كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كەشپىياتلارنى ئەمەلىيەتتە بالىلار ئىجاد قىلغان. بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ۋە لايىھە ئىقتىدارى چوڭلاردىن ھەرگىز قېلىشمايدۇ. ھەر يىلى 17-يانۋار <<بالا كەشپىياتچىلار بايرىمى>> بولۇپ، ئامېرىكا قىزىقارلىق خەۋەرلەر تورى تارىختىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكەن 12 نەپەر بالا كەشپىياتچى ۋە ئۇلارنىڭ كەشپىياتلىرىنى رەتلەپ چىققان. بۇ بالىلار ئۆز كەشپىياتلىرى ئارقىلىق بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى ھەرگىزمۇ تۆۋەن چاغلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.
بۇ فىلو فارنسۋورز كەسىپ قىلغان تېلېۋىزۇر. فىلو 14 يېشىدا تەسۋىرنى بىر ئەينەككە چۈشۈرۈش ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئۇقۇم شۇقەدەر مۇرەككەپ بولغاچقا، ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ئالىملارمۇ گاڭگىراپ قالغان.
بۇ مارگارېت كىنايت كەشىپ قىلغان تۈز تەگلىك خالتا. <<ئايال ئېدىسون>> دەپ نام ئالغان مارگارېت 12 يېشىدا، تۈز تەگلىك خالتا ئىشلەپچىقىرىدىغان ماشىنا كەشىپ قىلغان. ئۇ كېيىن يەنە 90 غا يېقىن ئوخشىمىغا مەھسۇلاتنى كەشىپ قىلغان ھەمدە 26 تۈردە پاتېنت ھۇقۇقىغا ئېرىشكەن.
لوئى برايلې ئىجاد قىلغان ئەمالار يېزىقى. لوئى 15 يېشىدا ئەمالار ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە كەڭ تۈردە ئىشلىتىلىۋاتقان ئەمەلارنىڭ چەكمە خەت ئوقۇش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغان.
بۇ چېستېر گرىنۋود قۇلاقنى سوغۇقتىن ساقلىغۇچنى كەشىپ قىلغان. ئۇ 15 يېشىدا قىشتا كېتىۋاتقاندا، قۇلىقى توڭلاپ قىزىرىپ كەتكەن، شارپىلار بىلەن ئورۇۋالسىمۇ پايدىسى بولمىغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ قۇلاقنى سوغۇقتىن ساقلىغۇچنى كەشىپ قىلغان.
پارام جاگگى قالدۇق گازنى تازىلىغۇچنى كەشىپ قىلغان. 2008-يىلى، ئۇ 15 يېشىدا بۇ خىل گاز تازىلىغۇچنى كەشىپ قىلغان،بۇنىڭدا ماشىنا گاز چىقارغاندا قويۇپ بەرگەن كاربون تۆت ئوكسېدنى تازىلىغىلى بولىدۇ.
بۇ ئالتە ياشلىق پېھ يوڭ كەشىپ قىلغان سوغۇقتىن دالدىلىنىدىغان كۈنلۈك.
بۇ 13 ياشلىق بېننى بېنسون لايىھەلىگەن ئالياسكا ئىشتاتىنىڭ بايرىقى. ئالياسكا ئىشتاتىنىڭ بايراق لايىھەلەش مۇسابىقىسىدە، 13 ياشلىق بېننى غەلىبە قىلغان.
بۇ 11 ياشلىق فرانك ئېپپېرسون كەشىپ قىلغان چوكامۇز.
بۇ 18 ياشلىق بلايس پاسكال كەشىپ قىلغان ئېلېكتىرونلۇق ھېسابلىغۇچ. 1642-يىلى، 18 ياشلىق بلايس باجگىر ئاتىسىغا دۇنيادىكى تۇنجى ئېلېكترونلۇق ھېسابلىغۇچنى كەشىپ قىلىپ بەرگەن.
بۇ 18 ياشلىق رالف سامۇئېلسون كەشىپ قىلغان سۇ چانىسى. ئۇ 1922-يىلى، خىرۇم، ياغاچ قاتارلىقلار بىلەن سۇ چانىسى كەشىپ قىلغان.
16 ياشلىق جورجى نىسسون تىرامپولىننى كەشىپ قىلغان. گىمناستىكا تەنھەرىكەتچىسى جورجى 16 يېشىدا تىرامپولىننى كەشىپ قىلىپ، بارلىق سېرىك ئارتىسلىرىنىڭ مۇداپىئە تورى ئىشلىتىشىگە سەۋەب بولغان.
جېررى سيېگېل بىلەن جوئې شۇستېر ئىككىيلەن 18 يېشىدا تا بۈگۈنگىچە ئەڭ قالتىس خاسىيەتلىك ئادەمنى ئىجاد قىلغان.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
تۈرمىدە يېتىشكەن ناتىق
2015-03-02 12:46:494354ئامېرىكىدا نېمىشقا پارات كۆپ ئۆتكۈزۈلمەيدۇ؟
2015-04-14 23:57:373967داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (32)
2015-03-01 23:16:513593مېكسىكىلىقلار نېمىشقا ئۆلگەن ئىلاھەگە چوقۇنىدۇ؟
2016-05-25 12:18:371357مۇسابىقىدىكى قىزىقارلىق كىيىنىۋالغانلار
2015-04-28 15:46:433842داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (31)
2015-03-01 23:14:303480داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (12)
2015-03-01 21:08:414037نورۇز بايرىمى ھەققىدە چۈشەنچە
2015-03-15 23:06:365147
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-