نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (31)

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (31)

ۋاقتى: 2015-03-01 ئاۋاتلىقى: 3494 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گۆھەر ئارىلى (رومان ــ 31)
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى 
روبېرت لوئىس ستىۋېنسون (ئەنگلىيە)
Robert Louis Stevenson
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان
مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي   
يەتتىنچى بۆلۈم، سىلۋېرنىڭ ۋاستىسى    
تۆتىنچى باب غەلىتە ئىسكىلىت

    دوختۇر كەتكەندىن كېيىن سىلۋېر ماڭا قاراپ دېدى:
    ـــ جىم، سەن ئىشەنچلىك بالا ئىكەنسەن. بايا دوختۇر سېنى قاچايلى دېگەندە مەن ئاڭلاپ قالدىم، سېنىڭ رەت قىلغىنىڭنىمۇ ئاڭلىدىم. ئەمدى بىز ئۆزئارا ماسلىشىپ ھەر ۋاقىت ئېھتىيات قىلايلى، شۇنداق قىلساقلا ئاندىن ھايات قالالايمىز.
    بۇ چاغدا بىرسى ۋارقىراپ تاماق تەييار بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بىز قۇمدا ئولتۇرۇپ قۇرغاق بولكا ۋە سۈرلەنگەن پىششىق گۆش يېدۇق. قاراقچىلار يېمەكلىك تېجەشنى بىرئازمۇ بىلمەيتتى، ئۇلار قولىغا كۆپ مىقداردىكى يېمەكلىكنى ئىلۋىلىپ يەپ بولالمىغانلىرىنى ئوتقا تاشلايتتى. ئوتۇننىمۇ ئىسراپ قىلاتتى، زۆرۈر بولمىسىمۇ گۈلخاننى يوغان يېقىۋېلىپ ئوتۇننى بولۇشىغا قالايتتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق نابۇت قىلىشىغا قاراپ ئۇزاق بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
    سىلۋېر يالغۇز ئولتۇرۇپ تامىقىنى ياۋاتاتتى. ‹‹فلىنت كاپىتان››نىڭ شاتۇتى مۈرىسىگە قونۇۋالغان ئىدى. ئۇ ئادەملىرىنى قايتا ئەيىبلىمىدى. بۇمۇ ئۇنىڭ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئىش قىلىۋاتقانلىقى بولۇپ ھېسابلىناتتى.
    ـــ بۇرادەرلەر، ئاڭلاپ تۇرۇڭلار، ـــ دېدى ئۇ، ـــ مەن ئەھۋالنى ئېنىقلىدىم، كېمە ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قولىدا ئىكەن. بايلىقلارنى تاپقاندىن كېيىن پۈتۈن ئارالنى ئاختۇرۇپ كېمىنى چوقۇم تاپىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا قولىمىزدا يەنە ئىككى قولۋاق بار، بىز يېڭىمىز.
    ئۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ھەمراھلىرىغا غەيرەت قوشۇپ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغاندەك قىلاتتى.
    ـــ بۇ كىچىك شۇمتەككە كەلسەك، ـــ دېدى ئۇ داۋاملىق، ـــ مېنىڭچە بۇ ئۇنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سۆزلىشىشى. بىز بايلىقلارنى قازغۇچە ئۇنى باغلاپ قويىمىز. بايلىقلارنى تېپىپ كېمىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىراقلا ھېسابلىشىمىز. ئۇ قىلغانلىرىغا بەدەل تۆلەيدۇ.
    ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تېگى يوق قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك بولدۇم. قاراقچىلار بولسا زىيادە قىزىپ كەتتى. سىلۋېر، سەن ئىككى يۈزلىمىچى، ئالدامچى. ئېنىقكى، ئۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى تېپىۋېلىپ بۇ يەردىن كېتەلىسە مېنىڭ ئۆلۈك-تىرىكىم بىلەن كارى بولمايتتى. سىلۋېر مېنى قوغدايدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ، باشقىلار يۈز ئۆرىدىغانلا بولسا، ئۇ بىر چولاق بىلەن مەن قانداقمۇ ئۇلارغا تەڭ تۇرالايمىز؟
    يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەر مېنى قىينايتتى. ھەمراھلىرىم نېمىشقا ياغاچ ئۆيدىن ۋاز كېچىدۇ؟ نېمىشقا خەرىتىنى تاپشۇرىدۇ؟ دوختۇرنىڭ سىلۋېرنى ئاگاھلاندۇرۇشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ ئىشلار كاللامنى قوچۇپ تاماق يېيىشكە زادىلا رايىم بارمىدى.
    دېڭىز قاراقچىلىرى ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپ بولۇپ بايلىقلارنى قىزىشقا ماڭدى. ئۇلار تولۇق قوراللانغان ئىدى: سىلۋېر مۈرىسىگە ئىككى تال مىلتىق ئاسقان، بېلىگە چوڭ بىر ئەگمۈچ پىچاق قىستۇرۇۋالغان، چاپىنىنىڭ ئىككى يانچۇقىغا بىردىن تاپانچا سېلىۋالغان ئىدى. شاتوت ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئىلگىرىكىدەكلا قونۇۋالغان بولۇپ گاھىدا باشقىلارنىڭ گەپلىرىنى دوراپ قوياتتى. باشقىلارنىڭ ئېلىۋالغانلىرى ھەرخىل بولۇپ بەزىلىرى گۈرجەك-جوتو، بەزىلىرى چوشقا گۆشى، قۇرۇتۇلغان بولكا ۋە بىراندى كۆتۈرۈۋالغان ئىدى. مېنىڭ بېلىمگە بولسا ئارغامچا باغلىنىپ خوددى سېرىك ئۆمىكىدىكى ئېيىقنى يېتىلىگەندەك سىلۋېر يېتىلەپ كېتىۋاتاتتى.
    خېلى بىر ۋاق ماڭغاندىن كىيىن بىز ھىلقى ئىككى قېيىق توختىتىلغان دېڭىز قىرغىقىغا يېتىپ كەلدۇق. قىيىقلارغا پاتقاق چاپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بىر قېيىقنىڭ ئورۇندۇقى سۇنۇپ كەتكەن ئىدى. قارىغاندا ئۇلار ئىلگىرى قېيىق ئىچىدە ئۇرۇشۇپ قالغاندەك قىلاتتى. ئارقىدىنلا بىز قېيىققا چىقىپ مەنزىلگە قاراپ يول ئالدۇق.
    قېيىق ھەيدەش داۋامىدا ئۇلار بايلىق يوشۇرۇنغان يەر توغرۇلۇق سۆزلەشتى. خەرىتىگە سىزىلغان كىرىست بەلگىسى بەك چوڭ، شۇنداقلا كەينىگە يېزىلغان چۈشەندۈرۈش مۈجمەل بولغاچقا كونكرېت ئورۇننى جەزم قىلىشقا مۇمكىن بولمايۋاتاتتى. بۇ خەتلەر مۇنداق يېزىلغان ئىدى:
    چوڭ دەرەخ، سىپىي-گىلاس تاغ باغرى. ئىسكىلىت ئارىلى، شەرقىي جەنۇبتىن شەرققە قىيپاش. ئون فوت.
    چوڭ دەرەخ ئەڭ ئېنىق بەلگە بولغاچقا ئالدى بىلەن چوڭ دەرەخنى تېپىشىمىز كېرەك. بىز قېيىقتا ئولتۇرۇپ تاغ باغرىغا نەزەر تاشلىدۇق. تاغ باغرىدا چوڭ دەرەخ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، قېيىقتىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ بىلگىنى بويىچە چوڭ دەرەخنى قىياس قىلىشاتتى. سىلۋېر گەجگىسىنى قاشلاپ قويۇپ ئالدى بىلەن تاغ باغرىغا بارغاندىن كېيىن بىر نەرسە دېيىشنى قارار قىلدى.
    بىز بىر كىچىك دەريانىڭ قويۇلۇش ئېغىزىدىن قىرغاققا چىقىپ تاغ باغرىغا قاراپ راۋان بولدۇق. ئەڭ دەسلەپكى بىر بۆلەك يول پاتقاقلىق بولۇپ، خېلى ئۇزۇن ھەپىلىشىپ ئاندىن بۇ يەردىن ئۆتتۇق. كېيىن بىز تاغ ئېتىكىگە كەلدۇق. بۇ يەردە تاش ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئېگىز ئۆسكەن دەرەخلەر ئەتراپقا يۇلتۇزلاردەك تارقالغان ئىدى.
    دېڭىز قاراقچىلىرى ۋارقىرىشىپ - سەكرىشىپ ئالدىغا يۈگرەيتتى، سىلۋېر ئىككىمىز سەپنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قالدۇق. تۇيۇقسىز بىر كىشى غەلىتە چىرقىرىدى. قالغانلار شۇ تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈشتى.
    ـــ بايلىق يوشۇرۇنغان يەرگە كەلمىدۇققۇ دەيمەن، ـــ دېدى مورگان، ـــ تېخى تاغ چوققىسىغا چىقمىغان تۇرساق.
    بىز يېقىن بېرىپ ئېگىز بىر تۈپ دەرەخنىڭ يېنىدا بىر ئىسكىلىتنىڭ ياتقانلىقىنى كۆردۇق. ئەتراپىدا رەخت پارچىلىرى چېچىلىپ ياتاتتى.
    ـــ قارىغاندا بىر دېڭىزچىدەك قىلىدۇ، ـــ دېدى گىئورگى مېررىي كىيىم پارچىلىرىنى بىر قۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن، ـــ چۈنكى ئۇنىڭ كىيگىنى ماتروسلار كىيىمىكەن.
    ـــ چوقۇم دېڭىزچى، ـــ دېدى سىلۋېر، ـــ شۇنىسى بۇ ئىسكىلىتنىڭ تۇرقى ناھايىتى غەلىتە، تەبىئىي ئەمەس.
    ھەقىقەتەن بۇ ئىسكىلىتنىڭ ھالىتى ئۆزگىچە ئىدى. ئۇ تۈپتۈز ياتقان بولۇپ، پۇتى بىر يۆلىنىشنى كۆرسەتكەن، قولى بولسا سۇغا سەكرىمەكچى بولغان كىشىدەك بېشىدىن ئۆتۈپ يەنە بىر يۆلىنىشكە سوزۇلغان ئىدى.
    ـــ مېنىڭ ئامالىم بار، ـــ دېدى سىلۋېر، ـــ كومپاسنى ئەكېلىڭلار، ئاۋۇ تەرەپ ئىسكىلىت ئارىلى، كومپاسنى ئىسكىلىت بىلەن ئىسكىلىت ئارىلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ يۆلىنىشنى ئۆلچەپ باقايلى.
    دەرۋەقە، كومپاسنىڭ ئىسترېلكىسى شەرقىي جەنۇبتىن شەرققە قىيپاش يۆلىنىشنى كۆرسەتتى.
    ـــ راستىنىلا شۇنداقكەن، ـــ دېدى سىلۋېر توۋلاپ، ـــ بۇ ئىسكىلىت بىر بەلگە. بۇنى چوقۇم فلىنت قىلغان، ئەينى چاغدا ئۇ ئالتە ئادەم باشلاپ قىرغاققا چىقىپ ئۇلارنىڭ ھەممىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، ئارقىدىن بۇ ئادەمنى بۇ يەرگە ئەكېلىپ بەلگە قىلغان. قارا، ئىسكىلىت ئۇزۇن، سېرىق چاچ، بۇ چوقۇم ئالادىس. ئالادىس ئېسىڭدىمۇ مورگان؟
    ـــ نېمىشقا ئۇنتۇپ قالاي، ـــ دەپ جاۋاب بەردى مورگان، ـــ ئۇ قىرغاققا چىققاندا مېنىڭ پىچىقىمنى ئىلىپ كەتكەن، ئۇ يەنە ماڭا بىرمۇنچە پۇلغا قەرزدار.
    ـــ پىچاق؟ ـــ دەپ ۋارقىرىدى بىر دېڭىز قاراقچىسى، ـــ بۇ يەردە پىچاق يوقكەن! فلىنت ئۇنىڭ يېنىنى ئاقتۇرمايدۇ، ئۇ بۇنداق قىلىدىغانلاردىن ئەمەس. ئەجەبا قۇشلار چىشلەپ ئىلىپ كەتكەنمىدۇ؟
    ـــ بۇ گەپنىڭ خېلى جېنى بار! ـــ دېدى سىلۋېر.
    ـــ ئۇنىڭ يېنىدا ھېچنېمە يوقكەن، ـــ دېدى مېررىي ئىسكىلىتنىڭ يېنىدا بىرھازا ھەيەل بولغاندىن كىيىن، ـــ ھەتتا بىر مىس تاختايمۇ، تاماكا قۇتىسىمۇ يوق. قارىغاندا مەسىلە باردەك قىلىدۇ.
    ـــ راستىنىلا مەسىلە بار، ـــ دېدى سىلۋېر قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ـــ ئالتە ئادەم فلىنتغا ئەگىشىپ قىرغاققا چىققان، بىرىمۇ قايتىپ كەلمىدى. بىزمۇ ھازىر ئالتە ئادەم. ناۋادا ئۇ ھايات بولسا بىزنىڭمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئىسكىلىتىمىزلا قالىدۇ.
    ـــ ئۇ ئۆلدى، مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ـــ دېدى مورگان، ـــ بىل مېنى باشلاپ كىرگەن، ئۇ جايىدا قىمىر قىلماي يىتىپتۇ. بىراق ئۇنىڭ ئەرۋاھىنىڭ بۇ يەرگە كىلىش-كەلمەسلىكىنى بىلمەيمەن.
    ـــ ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا ئادەمنى ناھايىتى بىزار قىلدى، ـــ دېدى يەنە بىرى، ـــ ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوقلا ئاچچىقلايتتى، بىردەم تۇرۇپ رۇم ھارىقى دېسە بىردەم ناخشا ئېيتىدۇ، ئۇ بىر ئۆمۈر ھېلقى ‹‹ئون بەش ئەزىمەت›› دېگەن ناخشىنى ئېيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن بۇ ناخشىنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ قالدىم.
    ـــ بولدى، ـــ دېدى سىلۋېر، ـــ كونا خاماننى سورىماڭلار. فلىنت راستىنىلا ئۆلدى. ئەرۋاھى بولغان تەقدىردىمۇ بۇنداق كۈپكۈندۈزدە ئايلىنىپ يۈرەلمەيدۇ. گۇمانخورلۇق قىلماڭلار، ۋاقتنى چىڭ تۇتايلى. ماڭايلى، بايلىقلارنى قازغىلى بارايلى!
    ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ دېڭىز قاراقچىلىرى قايتىدىن يولغا چىقتى. بىراق، بۇ قېتىم ئۇلار قالايمىقان ۋارقىراپ يۈگۈرىشمىدى، بەلكى توپلىشىپ ئالدىغا قاراپ ماڭدى. گەپ-سۆزىمۇ ئازلاپ كەتتى. دېمەك، ئۇلار ھىلقى فلىنت كاپىتاندىن بەك قورقىدىغاندەك قىلاتتى، ئۇنىڭ نامى چىقىشىغىلا شۈك بولۇشۇپ قىلىشاتتى.
داۋامى بار
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
    ئەسكەرتىش: مەزكۇر روماننى تەرجىماننىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى