نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

پوۋېست: قارا يۈرەك - 4 (داۋامى بار)

پوۋېست: قارا يۈرەك - 4 (داۋامى بار)

ۋاقتى: 2015-03-03 ئاۋاتلىقى: 3997 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قارا يۈرەك (4) 
( پوۋېست )
ئاپتورى: سەمەت مۇھەممەد رامىزان
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
4
   ئۈلۈشكۈنكى كۈتۈلمىگەن پېشكەللىكتىن ساۋۇت ساختىنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن غەش بولدى، ئېغىزىغا تاماقمۇ تېتىمىدى، ئورۇن - كۆرپىسىگە يانتاق قىستۇرۇپ قويغاندەك ئۇياققا ئۆرۈلۈپ، بۇياققا ئۆرۈلۈپ كېچىلىرى كىرپىك قاقمىدى. ئايالىنىڭ تەسەللىلىرىمۇ قۇلىقىغا كىرمىدى. بۇ كېلىشمەسلىكنى قانداق قىلىپ مۇۋاپىق ئوڭشىۋېلىشنىڭ ئامال - چارىلىرى ئۈستىدە كۆپ باش قاتتۇردى. ئاخىرى يەنە يېزا باشلىقى دولقۇننى ئىزدەپ، شۇ ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنى ئەڭ مۇۋاپىق كۆردى. ئۇ بۈگۈن ئەتىگەندىن بېرى سائەتكە تولا قاراپ ئىش ۋاقتىنىڭ بالدۇرراق توشۇشىغا تەقەززا بولدى. ۋاقىت توشمىغانچە كۆڭلى ئارامسىزلىنىپ بىر مىنۇتمۇ گويا بىر يىلدەك بىلىنىپ كەتتى. نىھايەت، ئىش ۋاقتىمۇ ئاخىرى توشتى. ئۇ يېزىلىق ھۆكۈمەت ئورگىنىغا تېزراق بېرىپ، دولقۇن ئىشخانىسىدىن چىقىپ كەتمەستە كۆرۈشۈۋېلىشنى خىيال قىلىپ، ناشتىغىمۇ رايى تارتماي ئالدىراپ ئۆيدىن چىقتى. ئۇ ‹‹ئىت قوغلىغان گاچا›› دەك ھاسىراپ – ھۆمۈدەپ يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىغا كىرگەندە، دولقۇن نەگىدۇر بىر يەرگە بېرىشنىڭ تەرەددۇتىنى قىلىپ، سومكىسىنى قولتۇقلاپ ئىشخانىسىدىن چىقىپ تۇرغان ئىدى.
   — ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يېزا باشلىقى، بىر يەرگە ماڭغانلىرى چېغى؟... - ‹‹مانا تاسلا قاپتىمەن ئۈلگۈرەلمىگىلى›› دېدى كۆڭلىدە ساۋۇت ساختا، - ئۆزلىرى بىلەن مەسلىھەت قىلىشىدىغان زۆرۈر بىر ئىش بىلەن يانلىرىغا كېلىۋىدىم، مالال قىلىپ قويارمەنمۇ؟
   — ياقەي، ئۇنداق بولامدىغان. مەنمۇ كەنتلەرنى ئايلىنىپ ‹‹بەشتە كاپالەتلىك›› ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى باشقىدىن بىر ئىگىلەپ كېلەي دەپ تۇرۇۋېدىم، سىلى شۇنچە سوغۇقتا ئىسسىق دۇكانلىرىنى ئېچىپ پۇللىرىنى تاپماي، جانىجان مەنپەئەتنىڭ مېھرىدىن كېچىپ، مېنى ئىزدەپ كەلگەنلىرىدە ‹‹ئالدىراش ئىدىم، تاختا قوياي، نوغۇچ قوياي...›› دېسەممۇ قاملاشماس؟ - شۇ تاپتا دولقۇن چاندۇرمىغان بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئويلاپ تاپقان چارە – ئاماللىرىنىڭ شۇنچە تېز ئەمەلىيلىشىپ كۆڭلىدىكىدەك بولۇۋاتقانلىقىدىن بەكلا خۇشال ئىدى، – قېنى ماڭسىلا، تالا بەك سوغۇق، قانداق گەپ بولسا ئىشخانىغا كىرىپ ئالدىرىماي پاراڭلىشايلى.
   ساۋۇت ساختا ئالدىغا قويۇلغان قايناق سۇنى پۈۋلەپ تۇرۇپ بىرنەچچە ئوتلام ئوتلىۋېتىپ ، ئېغىر بىر ئۇھسىنغاندىن كېيىن يېزا باشلىقىغا يۈزلىنىپ ئېغىز ئاچتى:
   — نەچچە يىللاردىن بېرى دۇكان ئېچىپ ھالال تىجارەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىمدىن ئۆزلىرىنىڭمۇ خەۋىرى بار، ئۆزلىرىنىڭ سايىلىرىدا تىجارىتىم روناق تېپىپ كۈنلىرىمىز خېلى ئوبدان ئۆتۈۋاتاتتى، سىلى قانات ئاستىلىرىغا ئالغانلىقلىرى ئۈچۈنلا تۈرلۈك توساق، ئەلگەكلەردىنمۇ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەلگەن، لېكىن ئۈلۈشكۈن چۈشتىن كېيىن كۈتۈلمىگەن بىر پېشكەللىككە يولۇقۇپ قالدىم: دۇكانغا خېلى رەتلىك كىيىنگەن، بىر قارىسا كادىردەك، يەنە بىر قارىسا دېھقاندەكلا بىر كىشى كىردى، ئاياغ ئالىدىغان چېغى، دەپ قىزغىن كۈتۈۋالدىم. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ كىشى ئۆزىنىڭمۇ بىر ئاياغ دۇكىنى بارلىقىنى، لېكىن سودىسىنىڭ تايىنى يوقلىقىنى، شۇڭا مەندىن ئاز - تولا مەسلىھەت سورىغاچ، ئەرزانراق ئاياغلاردىن توپ باھاسىدا 20 – 30 جۈپ سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. 20 – 30 جۈپ ئاياغ سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ خۇشلۇقۇمدىن ھەممىنى ئۇنتۇپ ئىچ - باغرىمنى تۆكۈپ بېرىپتىمەن، ‹‹ئەڭ ئەرزان ئاياغدىن 20 جۈپ قاچىلاپ بېرىڭ›› دېدى، ئۇنىمۇ تەييار قىلىپ بەردىم، شۇندىن كېيىن ئۇ كىشى دۇكان ئىشىكىدىن بېشىنى چىقىرىپ بىر كىملەرگە شەرەت قىلىۋېدى، تولۇق خىزمەت فورمىسى كىيگەن قاسقان شەپكىلىكلەردىن ئىككىسى كىرىپ كەلدى، يۈرىكىم ‹‹جىغ››لا قىلدى، ھېلىقى پەرۇخ دېگىنىنى تونىغاندىن كېيىنلا بازار باشقۇرۇشنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ھېلىقى سودىگەر سىياقتىكىسى يېڭى كەلگەن پونكىت باشلىقى دىلشات ئىكەن، ‹‹بىز سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش پونكىتىدىن، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن دۇكىنىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ كۆردۇق، ماۋۇ 20 جۈپ ساختا ئايىغىڭىزنى بىز پاكىت ئۈچۈن ئېلىپ كېتىمىز، ساختا مال ساتقانلىق قىلمىشىڭىز بىر تەرەپ قىلىنغۇچە دۇكاننى ئاچمايسىز، ئەتە پونكىتقا بېرىپ ئىشىڭىزنى بىر تەرەپ قىلىشىمىزغا ماسلىشىڭ، باياتىندىن بېرى قىلىشقان بارلىق سۆھبەتنى مۇنۇ ئۈنئالغۇغا ئېلىۋالدۇق، ئەتە ئىشخانىغا بارغاندا قايتا ئاڭلايسىز›› دېدى ئۇ قەلەمگە ئوخشاش بىر نەرسىنى كۆرسىتىپ. ئاندىن قولۇمغا مال تۇتۇپ قېلىش تىزىملىكىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، دۇكانغا ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن ئاتنىڭ كاللىسىدەك قارا قۇلۇپدىن بىرنى سېلىپ قويۇپلا كېتىپ قېلىشتى، مەن دۇكان ئالدىدا داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم . شۇ كۈنى كەچتە سومكىنى ئېغىر قىلىپ پونكىت باشلىقى دىلشاتنى ئىزدەپ باردىم، لېكىن ئۇ يېقىن تۇرىدىغاندەك ئەمەس، چىرايىنىمۇ ئاچماي ئىشىك ئالدىدىنلا يولغا سېلىپ قويدى. ئىلگىرىكى پونكىت باشلىقى قەيسەرجان بولغان بولسىغۇ، بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا بولدى قىلىۋېتەتتى. تۈنۈگۈن ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىغا باردىم، يېلىنىپ - يالۋۇردۇم، لېكىن ھېلىقى دىلشات دېگىنى زادىلا گەپ يەيدىغاندەك ئەمەس. قانۇن - نىزاملاردىن بىرمۇنچە ئېزىپ ئىچۈرۈپ، ئاخىرىدا ‹‹5000 يۈەن جەرىمانە تۆلەيسىز›› دېمەسمۇ، مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. بىزدەك كىچىككىنە دېھقان سودىگەر ئۈچۈن ئاز پۇلمۇ ئۇ؟ بېشىمنىڭ ئىچى - تېشى قېتىپ يېرىلغۇدەك بولدى. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ يەنىلا سىلىنى پاناھ تارتىپ كەلدىم. بېشىمنى ئۆزلىرى ئوڭشىمىسىلا، باشقا ئادەم ئوڭشىيالمىغۇدەك، مەنمۇ سىلىنىڭ قىلغانلىرىغا قاراپ تۇرماسمەن... - ساۋۇت ساختا ئارقا - ئارقىدىن ‹‹ئۇھ›› تارتىپ شۇنداق بىر خىل بىچارە قىياپەتتە دولقۇنغا تەلمۈردى. نەچچە يىللاردىن بېرى ھېچكىمگە قۇيرۇق تۇتقۇزماي كەلگەن ساۋۇت ساختا مانا ئەمدى تۇمشىقىدىن ئىلىنىپ، پۇت – قولىنىڭ مەھكەم چۈشۈلۈپ قالغانلىقىغا ھەقىقىي تەن بەرگەندەك قىلاتتى. شۇ تاپتا دولقۇننىڭ كۆزىگە ئۇنىڭ ئىلگىرىكى سامان تىققان تاغاردەك بودەككىنە تۇرقى گويا يېلى قاچقان بالونغا ئوخشاش ماكچىيىپلا قالغاندەك كۆرۈندى. مانا ئەمدى سۇ راسا لېيىپ ھىيلىگەر ئاچكۆز بېلىققا تور يېيىشنىڭ تازا پەيتى كەلگەن ئىدى.
   — بولىدىغان ئىش بولۇپ بوپتۇ، ئاڭلىسام يېڭى كەلگەن پونكىت باشلىقى قانۇن - قائىدىلەرگە بەكرەك ئېسىلىۋالىدىغان پرىنسىپچى، جاھىل، ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغان ئادەممىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى رەھبەرلىك بازار باشقۇرۇش، باج پونكىتلىرىنىڭ كەسپىي ئىشلىرىغا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىۋالماسلىقىنى بەكرەك تەكىتلەۋاتىدۇ، شۇنداقتىمۇ سىلىنىڭ يۈزلىرىنى قىلىپ مەن بىر ئامالىنى قىلىپ كۆرەي، لېكىن ھازىر ئەمەس. ئاڭلىغانلا مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە يېزىمىزدا نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى بولىدۇ، شۇڭا مەن ھازىر سەل ئالدىراش، سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر نېمە دېيىشسەك بولارمۇ؟ - دېدى دولقۇن بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا قورقاق سېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن گەپ تېمىسىنى ئۆز مۇددىئايىغا بۇراپ. ئۇ كۆڭلىدە ساۋۇت ساختىنىڭ ئىپادىسىنى سىناپ كۆرۈۋاتاتتى، - ناۋادا بۇ نۆۋەت سايلىنالماي قالسام ئۇ چاغدا ھېلىقى ئاداش گېپىمنى ئاڭلامدۇ – يوق؟ بۇمۇ بىر مەسىلە...
   — نېمە دەپ سايلىنالمىغىدەكلا، كىممۇ سىلىدەك ئادىل سورىيالىغان بۇ يۇرتنى؟ يېزا بويىچە ئابرويلىرى تاغدەك تۇرسا، ھەممە ئادەم سىلىنى قوللايدۇ - دە!
   — شۇنداق بولسىغۇ ياخشى بولاتتى، ئويلاپ كۆرسەم مەنمۇ بىر كىمگە يامانلىق قىلغىنىمنى بىلمەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن پىلانلىرىممۇ بار ئىدى، كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم ئىلگىرى سىلىگە نەچچە دەي، دەپ پۇرسەت بولماي دېيەلمەي كېلىۋاتقان بىر ياخشى مەسلىھەتىممۇ بار ئىدى، مانا ئەمدى... - دولقۇن سىناش نەزەرىدە ساۋۇت ساختىغا قارىدى. 
   — سىلى ئاتا، بىز بالا، يېزا باشلىقى. قانداق ‹‹نەسىھەت›› لىرى بولسا قۇلىقىم سىلىدە، قېنى دەپ باقسىلا، - دېدى ساۋۇت ساختا ئالدىراپ. دولقۇن ئۇنىڭ ‹‹قانداق ياخشى مەسلىھەت بولغىيدى›› دەپ تەقەززا بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.
   — بۇغۇ سىلىگىمۇ، ماڭىمۇ خۇشياقىدىغان ياخشى پىلان ئىدى، بىلمىدىم نېسىپ بولامدۇ – يوق؟ سىلى ئۇقتىلىمىكىن، يېقىندىن بېرى ھەر قايسى يېزىلاردا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش تەكىتلىنىپ، بىر قىسىم شارائىتى بار يېزىلاردا قۇرۇلۇپ ياخشى ئۈنۈم بېرىۋاتىدۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىم يېزىلارنىڭ دېھقانلىرى نامرات، يېزا - كەنت مەبلىغى كەمچىل بولغاچقا ، كوپىراتىپ قۇرالماي كېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ قۇمدۆۋە يېزىمىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. شۇڭا مەن كۆڭلۈمدە سىلىنى ئاشۇ تايىنى يوق ئاياغ دۇكىنىنى تاقاپ مەبلەغ غەملىسە ، بىر قىسىم كەنت كومىتېتلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، يەنە بىر قىسىم مەبلەغنى ھەل قىلساق، مەنمۇ قاراپ تۇرماي يېزا مالىيەسىدىن بىر قىسىم مەبلەغنى ئاجرىتىپ بەرسەم، ھەر تەرەپتىن ھەمكارلىشىپ مەبلەغ جۇغلاپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرساق، كوپىراتىپ ئاستىدا بىر قانچە كەنتكە دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى دۇكىنى ئېچىپ، دېھقانلىرىمىز دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان بارلىق ماددىي ئەشيالارنى مۇشۇ دۇكانلاردىن ئېلىشنى مۇنتىزىم بېكىتسەك، بىر قۇرۇلۇش ئەترىتى تەشكىللەپ، تەۋەيىمىزدە ئېلىپ بېرىلىدىغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىنىمۇ ئۆزىمىزنىڭ قۇرۇلۇش ئەترىتىگە قىلدۇرساق، سىرتتىن ماددىي ئەشيا سېتىۋالىدىغان، سىرتتىن قۇرۇلۇش ئەترىتى ئىزدەپ قۇرۇلۇش قىلدۇرىدىغان ئىشنى بىر يولىلا چەكلىسەك، ئويلاپ باقسىلا، ‹‹قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونجۇڭغا›› دېگەن گەپ بارغۇ؟ ئۇ چاغدا پۇل دېگەن ئىشىكتىنمۇ، تۈڭلۈكتىنمۇ كىرىۋېرەتتى ئەمەسمۇ؟ سېلىنىڭمۇ، مېنىڭمۇ كۆڭلۈم سۆيۈنگۈدەك، ھۆكۈمەتنىمۇ رازى قىلغۇدەك ئىش بولاتتى. لېكىنزە، بۇ قېتىمقى سايلامدا ‹‹ساندۇق›› تىن چىقالماي قالسام، ئارمانلىرىم ئارمان پېتى كېتىدۇ - دە!
   — دېگەنلىرى كەلسۇن ئىلاھىم، يېزا باشلىقى. نېمىلا دېگەن بىلەن سىلىدە ئەمەلدارلىق تەدبىرلىرى، ياق، ياق، تەدبىرلىرىلا ئەمەس تەجرىبىلىرى مول، ئەڭ مۇھىمى يۇقىرى - تۆۋەندە يۆلەنچۈكلىرى كۈچلۈك، مانا بىزلەرمۇ قاراپ تۇرمايمىز، ئىشىنىمەنكى سىلى چوقۇم يەنىلا يېزا باشلىقى بولىلا ...
   — شۇنداقلا بولسا پىلانلىرىمىزمۇ بىر - بىرلەپ ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى، سىلىمۇ ئەبجەق دۇكاندىن قۇتۇلۇپ، چوڭ - چوڭ ئىشلارنى قوللىرىغا ئېلىپ ھەقىقىي خوجايىن بولۇپ، مەيدىلىرىنى كېرىپ ياشايتتىلە ئەمەسمۇ.
   — پىلانلىرىغۇ بەكلا بەلەن پىلان ئىكەندۇق، كۆكيۆتەلگە ئەركەك قوينىڭ بۆرەك يېغى ياققاندەكلا كۆڭلۈمگە ياققان، دۇكاننى تاقاشقۇ ئاسان، لېكىنزە 5000 يۈەن جەرىمانە بىلەن دۇكاندىكى 300 جۈپكە يېقىن ئاياغنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلىسام يۈرىكىم ئېچىشىدۇ دېسىلە.
   — ئەگەر بىز ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ ماسلىشىدىغانلا بولساق، بۇ ئىشنىمۇ مۇۋاپىق ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز، سىلىگە قوش پايدا تەگسە تېگىدۇكى، ھەرگىز زىيان بولمايدۇ.
   — ئىلاھىم سىلىگە دەرت كەلمىسۇن، يېزا باشلىقى. قېنى، يەنە قانداق دانا كۆرسەتمىلىرى باركىن؟ – ساۋۇت ساختىنىڭ كۆڭلىدە تۇيۇقسىزلا قاراڭغۇ تۈندە كۆرۈنگەن چىراغ نۇرىدەك كىچىككىنە ئۈمىد پەيدا بولدى. ‹‹قوش پايدا›› نىڭ گېپى چىقىۋېدى، سەرسانلىقتا تەمتىرەپ يۈرگەندە، تەقدىرنىڭ قىسمىتى بىلەن غايىپتىن تۈگىمەس خەزىنە ئۇچراپ قالغاندەك خۇش بولۇپ، يۈرەكلىرى ئويناپ كەتتى. ھاياجاندىن ئۆپكىسى ئۆرلەپ بۇقۇلداپ يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدى. ئادەم بىرەر كۈتۈلمىگەن پېشكەللىككە دۇچ كەلگەن چېغىدا، ئۇنىڭغا ئانچىكى ھېسداشلىق نەزىرى بىلەن قارىغان كىشىمۇ خۇددى پەرىشتىدەكلا كۆرۈنۈپ كېتىدۇ. شۇ تاپتا دولقۇنمۇ ساۋۇت ساختىنىڭ كۆزىگە بىردىنبىر قۇتقۇزغۇچىسىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. لېكىن، پايدا - مەنپەئەت كۆزلەپ قىلىنغان ھېسداشلىقنىڭ تېگىدە ئاللا قانداق ھىيلە - مىكىرنىڭ بارلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمەيتتى.
   — كۆز ئالدىمىزدىكى گەپنى قىلسام، ھازىر يېزىمىز تەۋەسىدە 200 دىن ئارتۇق ‹‹بەشتە كاپالەتلىك›› ئائىلە بار، يار - يۆلەك مەبلىغىدىن ئازراق ئاجرىتىپ ھەر بىر ئائىلىگە بىر ، ئىككى جۈپتىن قىشلىق ئاياغ ئېلىپ بەرسەك ، سىلىنىڭ دۇكاندىكى 300 جۈپكە يېقىن قىشلىق ئاياغ بىردەمدىلا پاك – پاكىز نەق پۇلغا ئايلىنىدىغان گەپ، كېيىن دۇكاننى ئاچمىغاندىكىن بازار باشقۇرۇشتىكىلەرمۇ 5000 يۈەن جەرىمانىنى ئالالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن قولىمىزدىكى نەق پۇلنى دەسمايە قىلىپ كوپىراتىپمۇ قۇرۇۋالالايمىز. لېكىن ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ‹‹ئالتۇن تاج›› نى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى. سايلام ۋاقتى قىستاپ كەلدى، پەقەت مەن مۇشۇ يېزىدا باش كۆتۈرۈپ تۇرالىساملا، ئاندىن ئاشۇ پىلانلىرىمىزنى بىر - بىرلەپ ئىشقا ئاشۇرالايمىز. ئەمما مەن سەل ئەنسىرەۋاتىمەن، ئىگىلىشىمچە بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئىچىدە سىلىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزلىرى نۇسرەتقىز، سىلىنىڭ خانىمنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېرى، ئاغىنە باجىلىرى جۈمە سادىق، جانجىگەر ئۈلپەتداشلىرى بارات چوڭ، كەسىپداش شاگىرتلىرىدىن رېھىم چۇخەي قاتارلىق خاس سىلىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست – يارەنلىرىدىنلا تۆت نەپىرى بار ئىكەن. لېكىن، ئەڭ خەتەرلىك يېرى نۇسرەتقىز بىزنىڭ رىقابەتچىمىز يارمۇھەممەدنىڭ ئىنىسىنىڭ خانىمى، باجىلىرى جۈمە سادىقمۇ شىرەم تۇغقىنى، بارات چوڭ، رېھىم چۇخەيلەرمۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك قوللىغۇچىلىرىدىن ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ھازىرقى مۇھىم ئىش ھەرقانداق بەدەل تۆلىسەكمۇ، بارلىق چارە - ئاماللار بىلەن مانا شۇلارغا ياخشى - ياماننى، پايدا - زىياننى ئېنىق بىلدۈرۈپ بىز تەرەپكە مايىل قىلساق بولاتتى، بولمىسا پىلانلىرىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ناتايىن بولۇپ قالىدۇ. قانداق، ئۆزلىرى مۇشۇ ئىشتا...
   — خاتىرجەم بولسىلا يېزا باشلىقى، ئۇلار دېگەن پېقىرنىڭ ئالىقىنىدىكى كىشىلەر، ئىككى تۆت ئېغىز گېپىمنى يېگۈزەلىگۈچىلىكىم بار، بۇ تەرەپنى ماڭا قويۇپ بەرسىلە، بۈيۈك پىلانلىرىمىز ئەمەلگە ئاشىدىغانلا بولسا، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە رازىمەن. سىلى مەن ئۈچۈنلا يارالغاندەك ئىزچىل ئاتىدارچىلىق قىلىپ كەلدىلە، مەنمۇ بۈگۈندىن باشلاپلا ئۇلارغا راۋۇرۇس ‹‹ئىدىيىۋى خىزمەت›› ئىشلەپ، دېگەنلىرىنى جېنىم بىلەن بەجا كەلتۈرۈپ، ھىممەتلىرىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، - دېدى ساۋۇت ساختا پۈتكۈل خۇشاللىقىنى دەبدەبىلىك ۋەدىسىگە مۇجەسسەملەپ. ئۇنىڭ قىسماق كۆزلىرى سەھەر ئاسمىنىدىكى چولپاندەك پارقىراپ كەتتى.
   — ئۆزلىرىگە ئىشەنگەچكە كۆڭلۈمدىكىنى ئوچۇق ئېيتتىم، ۋاقىت قىس، پۇرسەت قولدىن كەتمىسۇن، ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن ئوبدان ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلايلى، بوش تۇرمايلى جۇمۇ؟! ھە راست، دۇكانلىرىدىكى ئاياغلارنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىش ئىشىنى بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا خەلق ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىمەن، - دېدى دولقۇن كۆڭلىدە بىر خىل ئۈمىد پەيدا بولغاندەك ھېسسىياتتا يۈزلىرىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ.
   مۇددىئا ئېنىق بولدى، مەسلىھەت پىشتى. ساۋۇت ساختا ئاللىقانداقتۇر بىر خىل شېرىن خىيالنىڭ غىدىقلىشى بىلەن ئۆزىنى شۇنچىلىك يەڭگىل ھېس قىلغان ھالدا دولقۇن بىلەن خوشلاشتى.
(داۋامى بار)
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
   ئەسكەرتىش: مەزكۇر پوۋېستنى ئاپتورنىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى