ئاسىيادىكى ئەڭ بەختلىك دۆلەت ــ بۇتان
-
ئاسىيادىكى ئەڭ بەختلىك دۆلەت ــ بۇتان
ۋاقتى: 2015-07-22 ئاۋاتلىقى: 3706 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئاسىيادىكى ئەڭ بەختلىك دۆلەت ـــ بۇتانمەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ۋاڭ داچېڭ
بۇتاندا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ياپيېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ ۋە كۆپكۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت بولغاندىن سىرت، ئەر-ئايال قېرى-ياشلارنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇشى كىشىلەرگە ئەڭ تەسىر قىلىدۇ. مەيلى ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقان دېھقانلار بولسۇن، مەيلى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلار بولسۇن، مەيلى يولدا كېتىۋاتقان ياش ئەر-ئاياللار بولسۇن، ئۇلارنىڭ چېھرىدىن كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئالامەتلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.بۇتاندا ئومۇمى خەلق تاماكا تاشلاپلا قالماستىن، بەلكى تاماكا سېتىش مەنئىي قىلىنىدۇ. ئەگەر بىرەر كىشى تاماكىدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى ساتقان بولسا ئەتكەسچىلىك جىنايىتى بىلەن جازالىنىپ تۈرمىگە قامىلىدۇ. ئورمان بايلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئېنىق ھۆججەت چىقىرىپ ياغاچ ماتېرىياللىرىنى ئېكىسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. ئوغۇرلۇقچە ئوۋ ئوۋلىغانلار ۋە ياغاچلارنى قالايمىقان كەسكەنلەر جازالىنىپ تۈرمىگە قامالغاندىن سىرت، يەنە بارلىق خەلقنىڭ تۈكۈرۈشىگە ئۇچرايدۇ.بۇتاندا پۇقرالارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك. بۇتاننىڭ كوچا بويلىرىدىكى ئەخلەتلەر ھەر كۈنى سەھەردە ئەخلەت ماشىنىسى ئارقىلىق توشۇلىدۇ. ئاھالىلەر ئەخلەتنى قەغەزگە قاچىلىماي، بەلكى تۆمۈر چېلەكلەرگە قاچىلايدۇ. ئۇلاردا يالتىراق خالتىلارغا ئەخلەت قاچىلايدىغان ئادەت يوق. كونسىرۋا قۇتىسى ۋە ئەينەك قۇتا قاتارلىق يىغىۋېلىشقا بولىدىغان ئەخلەتلەر تۈرلەرگە ئايرىلىپ، ماشىنىغا بېسىلغان توقۇلما تاغارلارغا قاچىلىنىدۇ. سودا ساراي ۋە مۇلازىمەت سورۇنلىرىدا يالتىراق خالتا ئىشلىتىش مەنئىي قىلىنغان. سودا دۇكانلاردا مال سېتىۋالغاندا قەغەز خالتا ياكى رەخت خالتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر قايسى سودا دۇكىنىدا يالتىراق خالتا ئىشلەتكەنلىكى بايقالسا ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلىدۇ. كۈچلۈك مۇھىت ئاسراش ئېڭى بۇتانلىقلارنى پاكىزە دۇنيانى ساقلاپ قېلىشقا ئۈندىگەن.بۇتاندا 10 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ يولغا قويۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى دۆلەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە بولغان ئوقۇش ھەققىنى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىمتاھانغا قاتنىشىپ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغىچە دۆلەت تەمىنلىگەن ھەقسىز مائارىپتىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدۇ. مۇشۇنداق مائارىپ كاپالىتى ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان نۇرغۇن دۆلەتلەردىمۇ مەۋجۇت ئەمەس.قۇلۇپ بىلەن ئاچقۇچ بۇتانلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېرەكسىز نەرسە ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى بۇتاننىڭ ئىجتىمائىي ئامانلىقى ناھايىتى ياخشى، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، كىشىلەر سىرتقا چىققاندا ئىشىكلەرگە قۇلۇپ سېلىشقا ئادەتلەنمىگەن. «يول ماڭغاندا تېپىۋالغان بىرەر نەرسىنىمۇ ئالمايدىغان ۋە كېچىسى ئۆينى تاقىمايدىغان» بۇ خىل سەمىمىي ئادەتكە كىشىلەر ئىنتىلىپ كەلمەكتە.بۇتان دۇنيادىكى ئەڭ ئارقىدا قالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، «سودا ھەپتىلىك ژورنىلى» تەرىپىدىن «ئاسىيادىكى ئەڭ بەختلىك دۆلەت» دەپ باھالانغان. 2005-يىلى بۇتان خەلقنىڭ بەختلىك بولۇش دەرىجىسىنى تەكشۈرگەندە، %97 خەلق «ناھايىتى بەختلىك تۇرىۋاتىمىز»، دەپ جاۋاب بەرگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا بۇتاننىڭ سابىق پادىشاھى «بەختلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ھەمدە بەختلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىش كېرەك، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئاساسلىق مەسىلە ماددىي تۇرمۇش بىلەن مەنىۋىي تۇرمۇش ئوتتۇرسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش»تىن ئىبارەت دەپ ئوتتۇرغا قويغان. خەلقنىڭ بەخت ئومۇمىي قىممەت كۆزقارىشىدا ماددى بايلىق بەخت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە زامانىۋىيلاشتۇرۇش بىلەن خەلقنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى قىممەتلىك مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى قۇربان قىلىشنى بەدەل قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.بۇ ئەسەر «خەلق گېزىتىنىڭ چەت ئەللەرگە تارقىتىلىدىغان نۇسخىسى» نىڭ 2013-يىل 5-يانۋاردىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
شىركەت مۇدىرىيىتىدە ئاياللارنىڭ بولۇشى بەلگىلەند
2015-04-02 11:30:514403نەسرىدىن ئەپەندىگە دائىر قانچە فىلىم ئىشلەنگەن؟
2015-02-09 12:52:284503دۇنيادىكى نادىر مىكروھېكايىلەر (1)
2015-02-05 17:12:533706جۇڭگو ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى گىگانت شەخس __ ما خۇا
2016-07-04 10:57:332268جىن شىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى
2015-08-05 15:31:454512‹‹مۇقام›› ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
2015-04-25 20:44:295832پوۋېست: قارا يۈرەك - 1 (داۋامى بار)
2015-03-02 13:05:324498ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن (1)
2015-02-07 14:57:014059
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-