شىركەت مۇدىرىيىتىدە ئاياللارنىڭ بولۇشى بەلگىلەندى
-
شىركەت مۇدىرىيىتىدە ئاياللارنىڭ بولۇشى بەلگىلەندى
ۋاقتى: 2015-04-02 ئاۋاتلىقى: 4118 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ھىندىستاندا شىركەتلەرنىڭ مۇدىرىيىتىدە چوقۇم ئاياللارنىڭ بولۇشى بەلگىلەندى
ھىندىستان ئاكسىيە سودىسى كومىتېتى ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ مۇدىرىيىتىدە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر ئايال بولۇشنى تەلەپ قىلدى، شىركەت خوجايىنلىرى ئۆزلىرىنىڭ خوتۇنلىرىنى شىركەتكە كىرگۈزۈپ سان توشقۇزدى (ماتېرىيال سۈرەت)خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 1-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جىنسىي باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھىندىستان پاي بازىرى نازارەتچىلىك ئورگىنى ـــ ھىندىستان ئاكسىيە سودىسى كومىتېتى 13 ئاي ئىگىلرى ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ مۇدىرىيىتىدە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر ئايال بولۇشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە 31-مارتتىن بۇرۇن ئىجرا قىلىشنى بەلگىلىگەن.لېكىن ھىندىستاندىكى 5000 دىن ئارتۇق پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر تېخى بۇ تەلەپكە يەتمىگەن. نۇرغۇن خوجايىنلار ئامالسىز ھالدا خوتۇنلىرىنى شىركەتكە كىرگۈزۈپ سان توشقۇزغان. ھىنىدىستاندىكى 2-باي مۇكېش ئامبانى خوتۇنى نىتانى ئۆزىنىڭ رۇلەيس ئوقەتچىلىك شىركىتىگە كىرگۈزگەن؛ ئوقەتچىلىك ماگناتى گائۇتام سىڭھانىيامۇ خوتۇنى ناۋازنى توقۇمىچىلىق شىركىتى رايموند گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورلۇقىغا تەيىنلىگەن.ھىندىستان ئاكسىيە سودىسى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىنىڭ دېيىشىچە، ھىندىستاندا مۇدىرىيىتىدە ئاياللار بولغان شىركەتلەر ھەقىقەتەن ئاز، بۇ كىشىنى خىجىل قىلىدىكەن.توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
پاكىستاندىكى كېۋرا تۇز كېنى مەنزىرىگاھى
2015-04-09 18:37:144401مۇسابىقىدىكى قىزىقارلىق كىيىنىۋالغانلار
2015-04-28 15:46:433836داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (34)
2015-03-01 23:22:213539دۇنيادىكى داڭلىق قورشاۋ تام شەھەرلىرىگە نەزەر
2016-01-12 22:22:454285خەلقئارا جامائەتچىلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا كۆڭۈل بۆ
2015-03-03 16:58:474025دالتۇ قەدىمكى شەھىرى خارابىسى
2015-03-06 12:51:313975100 گىرادۇسلۇق يۇمۇرلار
2015-03-11 19:58:353707شىركەت مۇدىرىيىتىدە ئاياللارنىڭ بولۇشى بەلگىلەند
2015-04-02 11:30:514118
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-